搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ماركا جىدىلى: بۈگۈنكى باشخەۋەر بۈگۈنكى پىلتە قۇيماقنى ئەرز قىلدى
>
ماركا جىدىلى: بۈگۈنكى باشخەۋەر بۈگۈنكى پىلتە قۇيماقنى ئەرز قىلدى
Nepkar
2020-10-18
1
导读:«بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق»نىڭ مەسئۇلى: «مەن "بۈگۈنكى باشخەۋەر"نىڭ سادىق ئابونتى نېمە ئۈچۈن ئەرز قىلىنغان
بۈگۈنكى باشخەۋەر بۈگۈنكى پىلتە قۇيماقنى ئەرز قىلدى
«بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق (今日油条)» تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ قارالغاچقا، «بۈگۈنكى باشخەۋەر (今日头条)»نىڭ ئىگىدارى بېيجىڭ بايتلىق سەكرەش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى خېنەن بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى. خەۋەر چىقىشى بىلەنلا، تېزلا مىكرو بىلوگنىڭ قىزىق ئىزدەش تىزىملىكىگە كىردى.
«بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق»نىڭ مەسئۇلى: «مەن "بۈگۈنكى باشخەۋەر"نىڭ سادىق ئابونتى نېمە ئۈچۈن ئەرز قىلىنغانلىقىمنى چۈشەنمىدىم»
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ بايتلىق سەكرەش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماركا ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دېگەننى سەۋەب قىلىپ، خېنەن بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى، خېنەن كاۋاپچى يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ۋە جېڭجۇ شەھىرى جىنشۈي رايونى بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق ناشتىلىق دۇكىنى قاتارلىق ئۈچ شىركەتنى ئەرز قىلغان. بۇ دېلو 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى گۇاڭجۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىدە قاراپ چىقىلدى.
ئاشكارا ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، خېنەن بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى يەنە «ئەتىكى پىلتە قۇيماق (明日油条)»، «تېز قول قوتۇرماچ تۇتۇش (快手抓饼)»، «قاتلىما كۆپ (饼多多)»، «بۈگۈنكى چۆپ (今日面条)» ۋە «بۈگۈنكى دۇفۇ قېتىقى (今日豆花)» قاتارلىق تاۋار ماركىلىرىنى ئىلتىماس قىلغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىدىكى ھالەتتە تۇرماقتا. نەندۇ مۇخبىرى شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق ئورگان تورىغىمۇ «بۈگۈنكى دۇفۇ قېتىقى»، «بۈگۈنكى پۇرچاق سۈتى»، «بۈگۈنكى چاي تۇخۇمى» قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈرىتى قويۇلغان.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈنكى پىلتە قۇيماقنىڭ دۇكاندارلىرى بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «"بۈگۈنكى (今日)"نى ئىشلەتكىلى بولمامدۇ ياكى "پىلتە قۇيماق (油条)"نى ئىشلەتكىلى بولمامدۇ؟ بىزنىڭ تاۋار ماركىمىز «پىلتە قۇيماق (油条)»، ئۇلار «باشخەۋەر (头条)»، ئەجەبا بۇنىمۇ ئىشلەتكىلى بولمامدۇ؟»
ئاخبارات زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۈگۈن پىلتە قۇيماقنىڭ قانۇنى ۋەكىلى جاڭ شىنيا: يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا بەش يىل بولغانلىقىنى، نۆۋەتتە جېڭجۇ شەھەر رايونىدا ئۈچ دۇكان بارلىقىنى، ئاساسلىقى پۇرچاق، پۇرچاق سۈتى ۋە پىلتە قۇيماق ساتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نېمىشقا بۇنداق ئىسىم قويىدۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى باشخەۋەر App نىڭ سادىق ئابونتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. چۈنكى بۈگۈنكى باشخەۋەرنىڭ ئۇسلۇبىنى ياخشى كۆرگەچكە، پىلتە قۇيماق دۇكىنى ئاچقاندا، ئادەم تېپىپ مۇشۇنداق لايىھەلەتكەن ئىكەن.
بۈگۈنكى باشخەۋەرنىڭ ئەرزگە يولۇققاندىن كېيىن، ئۇ چۈشەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى، لېكىن ئاكتىپلىق بىلەن ئەرزگە ئىپادە بىلدۈردى. بۇ ئىشقا قارىتا، نەندۇ مۇخبىرى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى بۈگۈنكى باشخەۋەرگە ئالاقىدار مەسئۇل كىشى بىلەن ئالاقىلاشتى، قارشى تەرەپ ھازىر دېلونىڭ دەۋا باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى، ۋاقتىنچە جاۋاب قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تورداشلار يوللىغان بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق دۇكىنىنىڭ سۈرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دۇكاننىڭ ئىسمى، دۇكان بېزىلىشى بۈگۈنكى باشخەۋەرنى ئۆرنەك قىلىپلا قالماي، يەنە كېيىنكىسىنىڭ شۇئارى «سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزلا، ئاندىن باشخەۋەر بولىدۇ!» دېگەننى «سىزگە كۆڭۈل بۆلگىنىلا، ئاندىن ياخشى پىلتە قۇيماق بولىدۇ!» دەپ ئۆزگەرتىپ، دۇكاننىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئورناتقان.
سۈرەتتە: بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق دۇكىنى
بۇ دۇكاننىڭ تاماق تىزىملىكىمۇ بۈگۈنكى باشخەۋەر ئىشلىتىلىدىغان كۆرۈنمە يۈزنىڭ شەكلىدە لايىھەلەنگەن.
سۈرەتتە: بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق تىزىملىكى
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0