搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئىقتىساد تەپەككۇرى: تاش قېزىش مەيدانىنىڭ ھېكايىسى
>
ئىقتىساد تەپەككۇرى: تاش قېزىش مەيدانىنىڭ ھېكايىسى
Nepkar
2020-10-10
2
导读:چاي تۇخۇمىنى سېتىش تەننەرخى پەقەت بىرلا ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇ بولسىمۇ ۋاز كەچكەن ئەڭ چوڭ كىرى
ئىككىنچى باب: تەننەرخ
پۇلغىلا ئېسىلىۋالماڭ
تەننەرخ ئۇقۇمىنى تەتقىق قىلىش ۋە قوللىنىش پۈتكۈل ئىقتىسادشۇناسلىق سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناسلىق پىرلىرى ئىلگىرى تەننەرخ ئۇقۇمىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، مەڭگۈلۈك زور تۆھپە قوشقان، بەزىلىرى ھەتتا نوبېل مۇكاپاتى ئالغان.
تەننەرخ ئۇقۇمىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان، ئۆزگىرىشچان بولۇشىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، ئۇنى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلىپ چىققان.
كونكرېت تەسۋىردىن ئابستراكسىيەگىچە، يەككىدىن توپقىچە، تۇرغۇن ھالەتتىن ھەرىكەت ھالىتىگىچە، ئىقتىسادشۇناسلىقتا ئوخشاش بولمىغان بىر قاتار تەننەرخ ئۇقۇملىرى شەكىللەنگەن.
تۆتىنچى بۆلۈم: مايىللىقنى تاللاش | ۋاز كېچىشنىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتى
بىر جۈملە سۆز ئارقىلىق تەننەرخكە ئېنىقلىما بېرىش
تەننەرخ ئۇقۇمى ئىقتىسادشۇناسلىقتا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەگەر بىز تەننەرخ ئۇقۇمىنى چوڭقۇر چۈشەنسەك، ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ يېرىمىنى چۈشەندۇق دېيىشكە بولىدۇ.
شۇڭا، مەن ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ تەننەرخ ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىمەن.
مەن ئاۋۋال بىر ھەقىقىي ھېكايىدىن باشلاي.
تاش قېزىش مەيدانىنىڭ ھېكايىسى
مېنىڭ بىر دوستۇم بىر تاش قېزىش مەيدانى ئاچقان بولۇپ، مەخسۇس تاش كولايدۇ. بىر كۈنى ئۇ بىزنى تاش قېزىش مەيدانىغا تەكلىپ قىلدى، بىز ئۇنىڭ تاش قېزىش مەيدانىنىڭ يېنىدىن بىر پارچە بوش يەرنى سېتىۋالغانلىقىنى بايقىدۇق.
بوش يەردە بېلىق كۆلچىكى، يەنە كىچىك ئورمانلىق بار ئىكەن، ئۇنىڭدىن: «بۇ يەرنى سېتىۋېلىپ بېلىق باقامسىز ياكى ئۆي-زېمىن ئېچىشقا ئىشلىتەمسىز؟» دەپ سورىغىنىمدا.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بېلىق بېقىشنىمۇ، ئۆي-زېمىن ئېچىشنىمۇ ئويلاشمىدىم، بۇ يەرنى سېتىۋېلىش پەقەت ئۇنى بوش قويۇش ئۈچۈن.» دەپ جاۋاب بەردى.
نېمىشقا بىر پارچە يەرنى سېتىۋېلىپ بىكار قويىمىز؟ چۈنكى بۇ دوستۇم شۇنى بىلىدۇكى، ئۇنىڭ شۇغۇللىنىدىغىنى تاش قېزىش سودىسى، ئەگەر ياندىكى بۇ بوش يەر ئىزچىل سېتىلمىسا، ھامان بىر قىسىم يەر-مۈلۈك سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلاتتى.
ئەگەر يەر-زېمىن ئېچىش سودىگىرى بۇ يەرنى سېتىۋېلىپ، تۇرالغۇ سېلىپ، ئاھالىلەر كۆچۈپ كىرسە، چوقۇم تاش قېزىش مەيدانى چىقارغان شاۋقۇندىن ئاغرىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ تاش قېزىش مەيدانىنىڭ سودىسىغا تەسىر يېتىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ ئىش ئەگەر سوتقا ئەرز قىلىنسا، بۇ دوستۇمنىڭ دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويۇشى ناتايىن، چۈنكى قانداقلا بولمىسۇن ئاھالىلەر ئۆزى كۆچۈپ كېلىپ، بۇ خىل شاۋقۇننى ئۆزلىرى خالاپ قوبۇل قىلغان.
لېكىن بىزگە مەلۇمكى، ئومۇمەن دەۋانىڭ نەتىجىسى ئېنىقسىزلىققا تولغان بولىدۇ، بۇ دوستىمىزغا كېرىكى بىر خىل ئېنىقلىق. ئۇ ئۆزىنىڭ تىجارىتىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن بۇ بوش يەرنى سېتىۋېلىپ، ھېچ ئىش قىلماي بوش قويۇپ قويغان.
كارخانىچى بايلىق تەقسىملەشتىكى ۋاستىچىدۇر
مەن بۇ ھېكايىنى تۇنجى قېتىم دەرسخانىدا سۆزلىگەندە، بىر ساۋاقداش: «شۆ مۇئەللىم، سىزنىڭ بۇ دوستىڭىز بىر پارچە يەرنى سېتىۋالسىمۇ ئىشلەتمەيدىكەن، ئۇ بەك شەخسىيەتچىلىك قىلغاندەك قىلىدۇ، بېيجىڭدا ئۆي باھاسى خېلى ئۆسۈپ قالدى، ئەگەر ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئوخشاش، يەرنى سېتىۋېلىپ يەنە ئىشلەتمىسە، ئۆي باھاسى يەنىمۇ ئۆرلەپ كېتىدۇ.» دېگەن ئىدى.
مېنىڭ ھېلىقى دوستۇم راستىنلا شەخسىيەتچى ئادەممۇ؟ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئېيتقاندا، بۇ يەرنى راستىنلا دوستۇم پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغانمۇ؟
قارىماققا، ئۇ بۇ يەرنى سېتىۋېلىشتا ئۇ ئۆزى پۇل تۆلىگەندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ بۇ پۇلنى تۆلەشكە رازى بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پۇل تۆلەپ بېرىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ، پۇل تۆلەشنى خالايدىغان ئادەم دەل تاش سېتىۋالىدىغان ئادەمدۇر.
يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئېيتساق، تاش سېتىۋالىدىغانلارمۇ سەۋەبسىز پۇل چىقارمايدۇ، ئۇ تاش سېتىۋالسا بىر مۇزېي سېلىشى مۇمكىن؛ مۇزېينى سېلىشتىكى سەۋەب، ئۇ بەزىلەرنىڭ پۇل چىقىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
مۇشۇنداق قەدەممۇ قەدەم ئىچكىرىلەپ تەھلىل قىلغىلى تۇرساق، شۇنى بايقايمىزكى، بىزنىڭ كۆرەلىگىنىمىز، دوستۇمنىڭ ھەقىقىي ئىقتىساد چىقىرىپ بۇ يەرنى سېتىۋالغانلىقى، كۆرەلمىگىنىمىز، ئەڭ ئاخىرىدا ئىستېمالچىلار بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل تۆلەشنى خالايدىغانلىقىدۇر.
ئەمەلىيەتتە، بۇ يەرنى ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان، دوستۇم پەقەت بىر ۋاستىچى خالاس. ئۇ ئەتراپلىق قىياس قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا «ھامان بىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ھەق تۆلەشنى خالايدۇ.» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەرنى سېتىۋالغان.
ئەمەلىيەتتە، بارلىق كارخانىچىلار ۋاستىچىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇنىڭ تىجارەت پائالىيىتى ئۈچۈن پۇل تۆلەشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى قىياس قىلىدۇ، ئەگەر توغرا پەرەز قىلالىسا، ئۇ پۇل تاپىدۇ؛ ئەگەر خاتا پەرەز قىلغان بولسا، زىيان تارتىدۇ.
تەننەرخ ۋاز كەچكەن ئەڭ چوڭ بەدەلدۇر
دوستۇمنىڭ بۇ يەرنى سېتىۋېلىشى، ئەسلىدە پەقەت تاش قېزىش مەيدانىنىڭ داۋاملىق مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىدى، چۈنكى ئۇ تاش قېزىش مەيدانىنىڭ پايدىسىنىڭ بىر قەدەر مول بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
لېكىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر پۇقرالار تۇرالغۇسىنىڭ باھاسى يېتەرلىك ئۆرلەپ، تاش قېزىش مەيدانىنىڭ پايدىسىدىن ئېشىپ كەتسە، دوستۇم تاش قېزىش مەيدانىنى تاقاپ، بۇ يەرگە تۇرالغۇ سالىدۇ.
بۇ يەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىككى خىل ئۆزئارا يەكلەش خاراكتېرىدىكى ئىشلىتىلىش ئورنى بار: بىر بولسا تاش قېزىش مەيدانى ياساش، ياكى بىر بولسا ئاھالىلەر رايونى سېلىش.
ئەڭ ئاخىرىدا قايسى خىل ئىشلىتىش ئورنىنىڭ غەلىبە قىلىشى بۇ ئىككى خىل ئىشلىتىش ئورنىنى ئىشلەتكۈچىنىڭ، يەنى كىمنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى باھا قويۇشىغا باغلىق.
بۇ ئىككى خىل ئىشلىتىش ئورنىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بىرى تاش سېتىۋالىدىغانلار، يەنە بىرى ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئاھالىلەر. بۇ يەرگە ئەگەر تاش قېزىش مەيدانى قۇرۇلسا، ئولتۇراق رايوندىن ۋاز كېچىش كېرەك، تاش قېزىش مەيدانى قۇرۇشنىڭ تەننەرخى دەل ئاشۇ پۈتمىگەن ئولتۇراق رايوننىڭ قىممىتىدۇر؛ ئەكسىچە، ئەگەر بۇ يەر تۇرالغۇ رايونى سېلىشقا ئىشلىتىلسە، تاش قېزىش مەيدانىنى سالغىلى بولمايدۇ، تۇرالغۇ رايونى سېلىشنىڭ تەننەرخى ۋاز كەچكەن تاش قېزىش مەيدانىنىڭ قىممىتىدۇر.
ئەلۋەتتە، بىر پارچە يەرنى تاش قېزىش مەيدانى قۇرۇش ياكى ئولتۇراق ئۆي رايونى سېلىشقا ئىشلىتىپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن باشقا ئىشلىتىش ئورۇنلىرى بار: A، B، C، D، E ...... بىر بايلىقتا بىر قانچە تاللاش تۈرى بولغاندا، تاللانغان شۇ تاللاش تۈرى، ئۇنىڭ تەننەرخى، يەنى ۋاز كەچكەن بارلىق تاللاش تۈرلىرى ئىچىدىكى قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان تاللاش تۈرىدۇر.
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، تەننەرخ ۋاز كەچكەن ئەڭ چوڭ بەدەلدۇر (Cost is the best opportunity foregone).
چۆكمە تەننەرخ تەننەرخ ئەمەس
تۇرمۇشتا، بىز دائىم «تەننەرخ»نى قالپاق قىلغان ئۇقۇملارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، مەسىلەن، چۆكمە تەننەرخ دېگەندەك. لېكىن چۆكمە تەننەرخ تەننەرخمۇ؟
بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، چۆكمە تەننەرخ تەننەرخ ئەمەس.
بىز «تەننەرخ ۋاز كەچكەن ئەڭ چوڭ بەدەل» دېدۇق، ئەگەر ۋاز كەچكۈدەك ئىش بولمىسا، تەننەرخمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. چۆكمە تەننەرخ دېگىنىمىز ئاشۇ تۆلەنگەن، ئەمما يىغىۋالغىلى بولمايدىغان چىقىمنى كۆرسىتىدۇ. بىز يەنە قايتۇرۇۋېلىشقا، يەنە ۋاز كېچىشكە ئامالسىز قالغاندا، تەننەرخ مەۋجۇت بولمايدۇ.
ئومۇمەن تەننەرخنى تىلغا ئالغاندا، بىز چوقۇم ئالدىغا (كەلگۈسىگە) قارايمىز، كەينىگە (ئۆتمۈشكە) قارىمايمىز. شۇڭا چۆكمە تەننەرخ تەننەرخ ئەمەس.
بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەقىقىي قىيىن بولغىنى بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش بولۇپلا قالماي، يەنە تۇرمۇشتا بىزنىڭ دەرھال قارار چىقىرىپ، ئۇنى ھەقىقىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزەلمەسلىكىمىزدۇر.
مەسىلەن، بىز كىنو كۆرگەندە، كىنوخانىدا 15 مىنۇت، 20 مىنۇت ئولتۇرغاندىن كېيىن، بۇ كىنونىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلەلەيمىز. گەرچە كىنو بېلىتىنى ئېلىپ بولغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ كىنو ياخشى بولمىسا، ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل دەرھال كېتىش. چۈنكى كىنو بېلىتى سېتىۋالىدىغان پۇل چۆكۈپ كەتتى، ئۇ ئەمدى تەننەرخ ئەمەس.
ئەمما قانچىلىك ئادەم كىنو قويۇلۇپ 20 مىنۇت بولغاندا، ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ قالىدۇ؟
تاماق ئۈستىلىدە، نۇرغۇن كىشىلەر «چوكا تەككۈزۈپ قويغان تاماقنى يەۋەتكەندە ئاندىن ئىسراپچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.» دەپ قارايدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئۈستەلدىكى تاماقنىڭ ياسىلىش تەننەرخى ئاللىبۇرۇن چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، ھەقىقىي دەڭسەپ بېقىشقا ئەرزىيدىغىنى تاماقنىڭ ياسىلىش تەننەرخى بولماستىن، بەلكى يېيىش ۋە يېمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى.
ئۇلار سىزنىڭ نەق مەيداندا يەپ بولالىشىڭىزغا ئەرزىمدۇ؟
مۇھەببەتلىشىشمۇ ئوخشاشلا مۇشۇ قائىدىدۇر. كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇھەببەتلىشىپ، يېرىم يىلدىن كېيىن مۇھەببەتلىشىشنىڭ قارىغۇ مەزگىلى (ھېسسىيات ئەقلىيدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، نائىدراك مەزگىلى)دىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا بۇ ھېسسىيات راستىنلا ماس كېلەمدۇ-يوق؟ ئەقلىي ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما يەنە قانچىلىك ئادەم كەسكىن ھالدا ئايرىلىپ كېتىشنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ؟
تەننەرخ ئۇقۇمىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولمايدۇ
چۆكمە تەننەرخنىڭ تەننەرخ ئەمەسلىكىنى چۈشىنىشتىن باشقا، تەننەرخنى ئۆگەنگەندە يەنە دىققەت قىلىش كېرەككى، تەننەرخ ئۇقۇمى قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تېگىگە يەتكىلى بولمايدۇ.
بىز «تەننەرخ ۋاز كەچكەن ئەڭ چوڭ بەدەل» دېدۇق، ئەگەر ۋاز كەچكەن بارلىق تاللاش تۈرلىرى ئىچىدە قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى، ۋاز كەچكەن بارلىق تاللاشلار ئەمەلگە ئاشمىغان ئەھۋالدا، ئەمەلگە ئاشمىغان ئىكەن، بىز ئۆزىمىزنىڭ نېمىدىن ۋاز كەچكەنلىكىمىزنى قانداق بىلىمىز؟
نېمىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ۋە بۇ نەرسىلەرنىڭ زادى قانچىلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن تەسەۋۋۇرغىلا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ تەسەۋۋۇر بوشلۇقى نۇرغۇن چوڭ ئىقتىسادشۇناسلارنى تەننەرخ ئۇقۇمى ئۈستىدە زور كۈچ سەرپ قىلىشقا مەجبۇرى قىلغان بولۇپ، فرانك نايت (Frank Knight) ۋە رونالد كوس (Ronald H.Coase)نىڭ ئىجتىمائىي تەننەرخ تەھلىلى، ئالچىننىڭ «ئىجتىمائىي پەنلەر قامۇسى (Encyclopedia of Social Sciences)» ئۈچۈن يازغان كىلاسسىك «تەننەرخ» تۈرى، جامېس بۇكانان (James M.Buchanan)نىڭ ياقۇتقا ئوخشاش نادىر كىچىك كىتابى «تەننەرخ ۋە تاللاش (Cost and Choice)»، يەنە گوردون تۇلوك (Gordon Tullock)نىڭ رىقابەتنىڭ ئۆزى ئېلىپ كەلگەن تەننەرخكە بولغان تەھلىلى قاتارلىقلار بار.
ئۇلار تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنى تولۇق قېزىپ، جامائەت بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش تەننەرخى، تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىش تەننەرخى، جەمئىيەتنىڭ تەننەرخى، رىقابەتنىڭ ئۆزى ئېلىپ كەلگەن تەننەرخنى تەھلىل قىلىپ، بىزنىڭ دۇنياغا بولغان چۈشەنچىمىزنى مىسلى كۆرۈلمىگەن ساھەلەرگە كېڭەيتتى.
ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ كۆزىتىشىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرىمىز.
جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ ئىككى تاللىشى بار، بىر بولسا پايپاق ياسايدۇ، يا بولمىسا ئايروپىلان ياسايدۇ. پايپاق ياساشنىڭ تەننەرخى، ۋاز كەچكەن ئايروپىلان؛ ئايروپىلان ياساشنىڭ تەننەرخى، ۋاز كەچكەن پايپاقتۇر.
سوراپ باقسام، جۇڭگولۇق ئىشچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پايپاق ياساشنىڭ تەننەرخى يۇقىرىمۇ ياكى ئايروپىلان ياساشنىڭ تەننەرخى يۇقىرىمۇ؟
سىزنىڭ تەننەرخىڭىزنى باشقىلار بەلگىلەيدۇ
بىز «تەننەرخ ۋاز كەچكەن ئەڭ چوڭ بەدەل» دېدۇق.
بۇ ئۇقۇمنى چۈشىنىش ئۈچۈن، يەنە شۇنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇكى: بىرىنچى، سەلبىي تەسىرات تەننەرخ ئەمەس؛ ئىككىنچى، سىزنىڭ تەننەرخىڭىزنى باشقىلار بەلگىلەيدۇ.
سەلبىي تەسىرات تەننەرخ ئەمەس
سەلبىي تەسىراتنى تەننەرخ دەپ بىلىۋېلىش، نۇرغۇن كىشىلەر ئاسان سادىر قىلىدىغان خاتالىق. مەسىلەن، بىز ھويلىمىزدا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياسىماقچى بولساق، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياساش جەريانىدا نۇرغۇن سەلبىي تەسىراتقا ئىگە بولىمىز: جاپا تارتىش، چارچاش، بىر مەزگىللىك مەينەتچىلىك، قالايمىقانچىلىق، ناچار بولۇش قاتارلىقلار، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياساشنىڭ تەننەرخى ئەمەس، چۈنكى بىرەر نەرسىدىن ۋاز كەچمىدۇق.
سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياسالغاندىن كېيىن، بۇ يەرگە چېدىر تىككىلى بولمايدۇ، ئاشۇ ۋاز كەچكەن چېدىر بىزنىڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياساشتىكى تەننەرخىمىزدۇر.
بىز بىر قانچە ئاددىي سان بىلەن بۇ ئۇقۇمنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرسەك: ئەگەر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئىجابىي تەسىراتى 100 نومۇر، سەلبىي تەسىراتى 70 نومۇر بولسا، ئۇنداقتا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ئېلىپ كەلگەن ساپ بەخت قىممىتى 30 نومۇر بولىدۇ؛ بىر چېدىر قۇرۇشتا، بىز ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئىجابىي تەسىراتىنى 50 نومۇر، سەلبىي تەسىراتىنى 10 نومۇر دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا چېدىرنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن ساپ بەخت قىممىتى 40 نومۇر بولىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ سېلىشتۇرىدىغىنىمىز شۇكى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياساشتىكى ساپ بەخت قىممىتى 30 نومۇر بىلەن چېدىر سېلىشتىكى ساپ بەخت قىممىتى 40 نومۇرنى سېلىشتۇرۇشتۇر.
دېمەك، بىر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياساشتا، بىز ۋاز كەچكەن بەدەل 40 نومۇرلۇق چېدىرنىڭ ساپ بەخت قىممىتى، ھەرگىزمۇ 70 نومۇرلۇق سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ سەلبىي تەسىراتى ئەمەس.
ئوخشاشلا، بىز بىر چېدىر تىكسەك، ئۇنىڭ تەننەرخى بىز ۋاز كەچكەن سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ ساپ بەخت قىممىتى 30 نومۇر، ھەرگىزمۇ چېدىر تىككەندىكى سەلبىي تەسىرات 10 نومۇر ئەمەس.
قىسقىسى، سۇ ئۈزۈش كۆلى بىلەن چېدىر ياساش بىر-بىرىگە تەننەرخ بولىدۇ، بىز سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياساشنىڭ جاپاسىنى ياكى چېدىر تىكىشنىڭ جاپاسىنى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياساشنىڭ تەننەرخى ياكى چېدىر تىكىشنىڭ تەننەرخى دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك.
سەلبىي تەسىرات بىزنىڭ تەننەرخىمىز ئەمەس، پەقەت بىز ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك ئەڭ چوڭ بەدەل تەننەرختۇر.
ئۇنداقتا،
بۇ تەننەرخ قانچىلىك، بۇنى نېمە بەلگىلەيدۇ؟
سىزنىڭ تەننەرخىڭىزنى باشقىلار بەلگىلەيدۇ
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408