搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئەسكەرلەرگە مائاش بېرىش ھەقسىز ئەسكەر قوبۇل قىلىشتىن ئەرزان
>
ئەسكەرلەرگە مائاش بېرىش ھەقسىز ئەسكەر قوبۇل قىلىشتىن ئەرزان
Nepkar
2020-10-11
1
导读:پۇلغىلا تىكىلىۋالماڭئومۇمىي تەننەرخ بىلەن پۇل تەننەرخى
پۇلغىلا تىكىلىۋالماڭ
ئومۇمىي تەننەرخ بىلەن پۇل تەننەرخى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىش تەننەرخ ئۇقۇمىنى توغرا چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم.
نۇرغۇن كىشى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت پۇللا بار دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە، ياخشى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە چوقۇم پەقەت پۇللا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرگىنى پۇلدىن سىرت، يەنە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەردۇر.
پۇل تەننەرخى ئومۇمىي تەننەرختىن پەرقلىنىدۇ
پۇل تەننەرخى ئومۇمىي تەننەرخ ئەمەس.
قارار چىقارغاندا، بىز ئومۇمىي تەننەرخكە دىققەت قىلىشىمىز، پۇلغىلا ئېسىلىۋالماسلىقىمىز كېرەك. مەسىلەن، بىز كونا ماللارنى تاللاپ، ئەرزان نەرسىلەرنى سېتىۋالساق، پۇل تەننەرخى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. لېكىن پۇل تەننەرخى پەقەت ئومۇمىي تەننەرخنىڭ بىر قىسمى خالاس. گەرچە پۇلنى ئازراق تۆلىگەن بولساقمۇ، لېكىن بىز تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلدۇق، ساختا مال، ناچار مال سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقىمۇ ئاشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كونا ماللارنى سېتىۋېلىش تەننەرخىدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشقاندا، ئاندىن كونا ماللارنى سېتىۋېلىشنىڭ ئومۇمىي تەننەرخى بولىدۇ.
يەنە مەسىلەن، بىز تۇرۇۋاتقان جاي شەھەر مەركىزىدىكى شىركەتتىن يىراقراق بولسا، ئۆي ئىجارىسى تۆۋەنرەك بولىدۇ، لېكىن بىز شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىمىز، بۇنى تەننەرخكە كىرگۈزۈش كېرەك؛
بىز 7-11 قولايلىق دۇكاندىن نەرسە سېتىۋالساق، پۇل تەننەرخى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، لېكىن ئۇ يەردىن نەرسە سېتىۋالغاندا، نۇرغۇن ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بۇ چاغدا ئومۇمىي تەننەرخ تېخىمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن؛
بىز پۇل تۆلەپ دېداۋ APP (ئەپ)تە بىر مەخسۇس سەھىپە زاكاز قىلساق، پۇل تەننەرخى ئەلۋەتتە تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، لېكىن ئاشۇ ھەقسىز ئۆگىنىش بايلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ قىممىتى بار ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقىمىز كۆپ چوڭ بولىدۇ، بۇ چاغدا ئومۇمىي تەننەرخ ئەكسىچە تۆۋەنلەيدۇ.
ئەسكەرلەرگە مائاش بېرىش ھەقسىز ئەسكەر قوبۇل قىلىشتىن ئەرزان
يەنە بىر مىسال ئالايلى: ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمى.
ئامېرىكىدا ھۆكۈمەت چىقىمىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر قىسمى دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر قىسمى ئەسكەرلەرنىڭ ئىش ھەققىدۇر.
بەزىلەر: «ئەگەر پارلامېنت بىر قانۇن ماقۇللاپ، ئوقۇش يېشىدىكى ياشلار بولسىلا، ئەسكەر بولۇش مەجبۇرىيىتى بار، دەپ بەلگىلىسىلا، نۇرغۇن تەننەرخنى تېجەپ، دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى ئازايتقىلى بولمامدۇ؟» دەپ قارايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئويدا مەسىلە بار، چۈنكى ئۇ پۇلنىلا مەركەز قىلىۋالغان. مەجبۇرىي ئەسكەر قوبۇل قىلغاندا، ھۆكۈمەت تۆلەيدىغان پۇلنىڭ تەننەرخى ھەقىقەتەن بىر قەدەر تۆۋەن، لېكىن ئۇ يەنە بىر مۇھىم تەننەرخنى كۆرۈپ يەتمىگەن، ئۇ بولسىمۇ ۋاز كەچكەن ئەڭ چوڭ بەدەل.
بىر ياش ئەسكەرلىككە ئېلىنغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنالمايدۇ. بۇ چاغدا ئەرزان باھالىق بىر ئەسكەر كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر خىمىيە ئالىمى، بىر ئىسكىرىپكىچى ياكى بىر كارخانىچى ئازلىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، مەجبۇرىي ھەربىي تۈزۈمنىڭ تەننەرخى ئىنتايىن يۇقىرى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاز كەچكەن بەدىلى مۆلچەرلىگۈسىز.
بەزىلەر: «ئۇنداقتا، ئەسكەر مەنبەسى مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟» دەيدۇ.
بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى پىدائىي ئەسكەرلىك تۈزۈمىنى قوللىنىش، ھۆكۈمەت پۇل چىقىرىپ ئەسكەر تەكلىپ قىلىش.
ھۆكۈمەت: «مەن بىر يۈەن چىقىرىپ ئەسكەر قوبۇل قىلىمەن.» دېسە، ئەلۋەتتە ھېچكىم ئەسكەر بولۇشنى خالىمايدۇ، ئىككى يۈەن چىقارسىمۇ ھېچكىم خالىمايدۇ، 100 يۈەن، 1000 يۈەن چىقارسىچۇ؟
ئەڭ ئاخىرىدا 2000 يۈەنگە چىقىشى مۇمكىن بولغاندا، باشقىلار قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ. تۇنجى بولۇپ 2000 يۈەننى قوبۇل قىلىپ ئەسكەر بولۇشنى خالايدىغان ئادەم، باشقا جايدا پۇرسىتى ئەڭ ئاز ئادەم، شۇنداقلا «ئەسكەر بولۇش ئۆزىگە ئەڭ چوڭ قانائەت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلەلەيدۇ.» دەپ قارايدىغان ئادەم، بۇنداق ئادەم ئەسكەر بولۇشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ.
دېمەك، ھۆكۈمەت ئەڭ تۆۋەن بەدەل بىلەن ئەڭ مۇۋاپىق ئەسكەر قوبۇل قىلالايدۇ، مانا بۇ بىزنىڭ ئەسكەر مەنبەسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىزنىڭ ياخشى چارىسى.
ئىقتىسادشۇناس مىلتون فرېدمان ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە نۇرغۇن تەكلىپلەرنى بەرگەن بولۇپ، كۆپىنچىسى قوبۇل قىلىنمىغان. لېكىن مۇشۇ ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىنى پىدائىي ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش تەكلىپى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئومۇمىي تەننەرخىنى ئازايتىش، ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئەسكەرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە زور ياردىمى بار.
ۋاسىتىچى سودىگەرلەر باھا پەرقىدىن پايدا ئېلىپ، تاۋار باھاسىنى تېخىمۇ ئەرزانلىتىپ بېرىدۇ
يەنە بىر مىسال كەلتۈرەيلى.
نۇرغۇن كىشىلەر ۋاستىچى سودىگەرلەرنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز سېتىۋالغان نەرسىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنچە قىممەتكى، ۋاستىچى سودىگەرلەر ئارىدىن نۇرغۇن پۇل تاپىدۇ؛ ئەگەر بىز بىۋاسىتە تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، بىۋاستە ئۇ يەردىن مال كىرگۈزسەك، كۆپ ئەرزان بولىدۇ.» دەيدۇ.
ھەتتا بەزىلەر يەنە بەزى تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ، تاللا بازىرىدا بىر يۈەنگە سېتىۋالغان بىر بوتۇلكا سۇنىڭ ئەمەلىيەتتە زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنىڭ ئاران بىر مو ئىكەنلىكىنى، بىز سېتىۋالغان بەرەڭگە (ياڭيۇ)نىڭ بىرى بىر مو، سودا سارايغا بارغاندىن كېيىن بىر يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ۋاستىچى سودىگەرلەر تاپقان پۇل ئادەتتە تاۋار باھاسىنىڭ %70~%80 نى، ھەتتا %90 نى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر ۋاستىچى سودىگەرلەر بولمىغان بولسا، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز كۆپ بەختلىك بولاتتى...
بۇ خىل قاراش، ئەمەلىيەتتە ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلغان، يەنى پۇل تەننەرخىگە زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي تەننەرخنى كۆرمىگەن.
ئەگەر بىز ۋاسىتىچى سودىگەرلەرگە تايانماي، ئۆزىمىز بەرەڭگە ئېتىزىغا بېرىپ بەرەڭگە، ئاندىن كۆكتاتلىققا بېرىپ كەرەپشە، ئاندىن قۇشخانىغا بېرىپ گۆش سېتىۋالساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ تۆلىگەن بەدىلىمىز تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە يۇقىرى بولىدۇ.
ئىقتىسادشۇناسلىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار ھەقىقەتەن توغرا بولغان تەقدىردىمۇ، يەنى بىر يۈەنلىك تاۋارلار ئىچىدە، ۋاستىچى سودىگەرلەر تاپقان پۇل %80~%90 نى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن بۇ %80~%90 پايدا ۋاستىچى سودىگەرلەر تاپقان ئەڭ تۆۋەن نىسبەت بولۇپ قالىدۇ.
ۋاسىتىچى سودىگەرلەر بىلەن ۋاسىتىچى سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدىمۇ رىقابەت بولغاچقا، ئېتىزدا ئاران بىر موغا يارايدىغان يازلىق يېسىۋىلەكنى كىشىلەر يەنە توققۇز مو تۆلىسىلا، ئۆيىنىڭ يېنىدىكى تاللا بازىرىدىن سېتىۋالالايدۇ، بۇ ھازىرقى چەكلىمە شەرتى ئاستىدا، كىشىلەر تۆلەيدىغان ئەڭ تۆۋەن تەننەرخ بولۇشى مۇمكىن.
ھەتتا چىرىكلىكنىمۇ ئىنچىكە ھېسابلاش كېرەك
يۇقىرىدىكى قائىدىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، يەنە بىر خىل ئالاھىدە ۋاستىچى سودىگەرلەر ھادىسىسى -- دورىنىڭ باھاسىغا قاراپ باقايلى. ئىلگىرى بىز نۇرغۇن خەۋەرلەرنى كۆردۇق، خەۋەردە دورا ساتىدىغان ۋاستىچى سودىگەرلەر قانداق چىرىكلىشىدىغانلىقى، قانداق يەپ-ئىچىپ، گولف توپ ئوينايدىغانلىقى سۆزلەنگەن؛
ئەڭ ئاخىرىدا پۇل تۆلەيدىغىنى دورا سېتىۋالىدىغانلار بولغاچقا، ۋاستىچى سودىگەرلەرنىڭ ئارىلىقتىكى تەننەرخنى ئاشۇرۇش قىلمىشىنى تەپ تارتماي، خالىغىنىنى قىلغانلىق دېيىشكە بولىدۇ.
لېكىن مەسىلە شۇكى، ئەگەر ئارىلىقتىكى سودىگەرلەر راستىنلا خالىغىنىنى قىلسا، ئۇنداقتا
ئۇلار نېمىشقا ھەددىدىن ئېشىپ، بارلىق ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش قاتارىغا كىرگۈزمەيدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، چىرىكلەشكۈچى بولغان تەقدىردىمۇ، ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ، تەننەرخنى تېجەپ، چەكلىك خام چوت ئاستىدا ئىشنى ياخشى قىلسىلا، ئوتتۇرىدىكى يولنىڭ تەننەرخى يەنىلا نۆۋەتتىكى بارلىق ئېھتىماللىقلار ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ.
چىرىكلىكمۇ بىر خىل تۈزۈم تەننەرخى، ئۇمۇ دورا باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ھالبۇكى، چىرىكلىك قىلمىشى بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. چىرىكلىكنىڭ يىلتىزى نامۇۋاپىق تۈزۈم يوچۇقىدا بولۇپ، بۇ يوچۇقلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، چىرىكلەشكەنلەرمۇ ئىنچىكە ھېسابات قىلىشقا موھتاج.
ئۇنداقتا دورا باھاسىنى ئازراق چۈشۈرۈشكە ئامال بارمۇ؟
ئەلۋەتتە بار، مۇھىمى تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىپ، تۈزۈمنىڭ قويۇۋېتىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، دورا بىلەن تەمىنلەش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك، ئەكسىچە يالغۇز مەمۇرىي بۇيرۇققا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ.
تەمىنلەش كۆپەيسە، باھاسى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، پەقەت ۋاسىتىچى سودىگەرلەر بىلەنلا قېلىپ، مەجبۇرىي ھالدا تەبئىي پەيدا بولغان ئوتتۇرا ھالقىلارنى قاتتىق ئازايتقاندا، ئۈنۈمى ئەكسىچە بولۇپ، دورا باھاسى تۆۋەنلىمەي ئەكسىچە ئۆرلەپ كېتىشى مۇمكىن.
كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا، ۋاستىچى سودىگەرلەر بىزنىڭ ئومۇمىي تەننەرخنى ئازايتىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ ئومۇمىي تەننەرخنى ئاشۇرمايدۇ، ۋاستىچى سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت بولسا، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئومۇمىي تەننەرخىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ.
بىز بۈگۈن بەھرىمەن بولۇۋاتقان نۇرغۇن پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى بارغانسېرى تۆۋەنلىدى، مەسىلەن، كومپيۇتېر، تېلېفون، ياڭراتقۇ، فوتو ئاپپارات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما دورا باھاسى ئىزچىل قىممەت بولۇپ كەلدى، بۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى قايسىلار؟
بەشىنچى بۆلۈم: بايلىقنىڭ قىممىتى | پايدا ۋە زىياننى قايتىدىن چۈشىنىش
تەننەرخ نۇقتىسىدىن پايدا ۋە زىياننى چۈشىنىش
ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ پايدا ۋە زىيان توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى پەۋقۇلاددە بولۇپ، تەننەرخنىڭ مەنىسىنى ئىگىلىگەندىلا، پايدا بىلەن زىياننى توغرا چۈشىنەلەيمىز.
ئومۇمەن پايدىنىڭ ھەممىسى تاسادىپىيلىق
تەننەرخ ۋاز كەچكەن ئەڭ چوڭ بەدەل، ۋاز كەچكەن نەرسە قانچە كۆپ بولسا، بەدەل شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ؛ ۋاز كەچكەن نەرسە قانچە ئاز بولسا، بەدەل شۇنچە ئاز بولىدۇ؛ ئەگەر ۋاز كەچمىسە، تەننەرخ بولمايدۇ.
مىسال ئالساق، ئەگەر بىز پوچتىخانىغا بېرىپ بىر يۈەنگە بىر پوچتا ماركىسى سېتىۋالساق، سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئەگەر بىز خالىغان ۋاقىتتا ئۇنى ئېلىپ پوچتىخانىغا بېرىپ پۇلغا ئالماشتۇرساق بولىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، پوچتىخانىغا بېرىپ پۇلغا ئالماشتۇرۇش جەريانىغا سەل قارىساق بولىدۇ، ئۇنداقتا
بىزنىڭ بىر يۈەنگە بىر پوچتا ماركىسى سېتىۋېلىشىمىزنىڭ تەننەرخى قانچىلىك؟
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408