大数跨境

نېمە ئۈچۈن «ئىقتىساد تەپەككۇرى» ناملىق كىتابنى ئوقۇيمىز

نېمە ئۈچۈن «ئىقتىساد تەپەككۇرى» ناملىق كىتابنى ئوقۇيمىز Nepkar
2020-09-16
1
导读:«ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتنېمە
«ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىرات


نېمە ئۈچۈن ئىقتىساد ئىلمىنى ئۆگىنىش كېرەك؟

ئىقتىساد ئىلمى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىقتىساد ئىلمى «سېزىمى ئېنىق بولمىغان» پەن بولۇپ، خۇددى ياد كەسىپتىكىلەرگە نىسبەتەن IT ۋە كودچى (مەخسۇس پىروگرامما كودى يازغۇچى)لار ئوخشاش ھېسابلانغانغا ئوخشاش چۈشەنچىدە ئىكەن.

نېمە ئۈچۈن ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۆگىنىش كېرەك، ياكى بولمىسا،

ئىقتىسادشۇناسلىق ماڭا نېمە ئېلىپ كېلىدۇ؟

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز، بۇ دۇنيانىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئەقىل ئىگىسى بولغان ھەر بىرىمىزگە نىسبەتەن ئەقەللىي ئىش بولسا كېرەك، ئەگەر ئۆزىمىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانى، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى چۈشەنمىسەك، سەل ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمامدۇ؟ بۇ دۇنياغا ئىقتىسادشۇناسلىق نەزىرى بىلەن قارىغاندا، تەبىئىي ئىقتىدارىمىز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن ئېسىل نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

ئىقتىسادشۇناسلىق تەربىيەسى كۆرگەن ۋە قىلچە ئىقتىسادشۇناسلىق ئاساسى بولمىغان ئىككى توپ كىشىلەرنىڭ بۇ دۇنياغا بولغان قارىشىدىكى پەرق ئۇلارنىڭ ئىرقى، كەسپى، سالاھىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقىدىن خېلىلا ئېشىپ چۈشىدۇ.

يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشتىكى بىر پارادوكس شۇكى، پەقەت يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن شۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن يېڭى نەزەر دائىرە ۋە خۇشاللىقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، بىزنىڭ يېڭى شەيئىلەرنى چۈشەنمەسلىكىمىز بىزنىڭ ئۇنى چۈشىنىشكە قىزىقماسلىقىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۆ جاۋفېڭ كىتابتا ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۆگىنىشنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:

ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ بۇنداق سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلغان ئىلىم.

ئادەمنىڭ بىلىشى ۋە ھۆكۈم قىلىشى ھازىرغا قەدەر ئاساسلىقى يەنىلا بىۋاسىتە سېزىمى ۋە قىسقا ئارىلىقتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تايىنىپ داۋام قىلىۋاتىدۇ، لېكىن ئادەمنىڭ بەدىنى ۋە كەچۈرمىشلىرى ئاللىقاچان چوڭ كۆلەمدىكى ناتونۇش كىشىلەرنىڭ نەپىس ھەمكارلىقى ئۈستىگە قويۇلغان.

بۇ ئىككىسىنىڭ غايەت زور تەتۈر پەرقى نۇرغۇن ئەقىللىق، ئەڭ قالتىس تالانت ئىگىلىرىنىڭ مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە ئىقتىسادىي ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى يەنىلا گۆدەكلىك باسقۇچىدا قالدۇرماقتا. 

بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدە ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى مۇمكىن، لېكىن ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، يەنە باشقا بىر خىل ئەقىل-پاراسەتنى ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ.


نېمە ئۈچۈن بۇ كىتاب، تېخىمۇ توغرىسى بۇ «ئىقتىساد تەپەككۇرى» ناملىق كىتابنى ئوقۇيمىز؟

ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۆگەنمەكچى بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قېلىن ئىقتىسادشۇناسلىق دەرسلىكىدىن بىر نەچچىنى سېتىۋېلىپ باققان بولۇشى ئېنىق، سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ بولغىنى مانكۇننىڭ «ئىقتىسادشۇناسلىق» ناملىق كىتابى بولسا كېرەك، لېكىن كىتابنى ھەقىقىي كۆرۈپ بولالايدىغانلار يوق دېيەرلىك، مېنىڭ سېتىۋالغان ئۈچىنچى نۇسخىدىكى نەپىس بېزەلگەن «ئىقتىسادشۇناسلىق» ناملىق كىتابىممۇ كىتاب جازىسىدا ياتقىنىغا 10 نەچچە يىل بولدى، ماكرو قىسمىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىدىم.

نېمە ئۈچۈن؟ ئۆگىنىش تىلغا ئېلىنسا، بىر ئاچچىق كەچمىش كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كىتاب بەك قېلىن، مەزمۇنى بەك مۇرەككەپ، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن بىرەر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق پايدىسى يوق ياكى پايدىلىنالمايمىز.

شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىسادشۇناسلىقنى كەسىپ قىلمىسىمۇ، ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ئىگە قىلىش.» پىرىنسىپىدا تۈزۈپ چىققان بۇ كىتاب ئاممىبابلىقى، چۈشىنىشلىك، ئوقۇشچانلىققا ئىگە بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوقۇرمەندە باشقىچە قىزغىنلىق ۋە يېڭى تەپەككۇر دولقۇنى پەيدا قىلىدۇ.

مەزكۇر كىتابتا ئەگىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ئىقتىسادشۇناسلىق يادرولۇق ئۇقۇملارنى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەر قانداق بىر دەرسلىكتىن تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ تەپسىلىي، تېخىمۇ ئەمەلىي ۋە تېخىمۇ قىزىقارلىق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن.

مەزكۇر كىتاب سىزگە باشقىلار كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، كارخانا، جەمئىيەت، ئائىلە، ھۆكۈمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىي لوگىكىسىنى چۈشىنىپ يېتىشىڭىزگە ياردەم قىلىپ، شۇ ئارقىلىق سىزنى ئوخشاش تەپەككۇرنى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؛

مەزكۇر كىتاب سىزنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، ئىقتىسادشۇناسلىقنى چۈشىنىش تەس ئەمەس، يادلاش تەسمۇ ئەمەس، ئەمما ئۇنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇماي قوللىنىش تەس؛

ئاپتور كىتابتا نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق، ھەتتا بىز ئويلاپ باقمىغان سورۇنلاردا ئىقتىسادشۇناسلىق ئېڭى ئارقىلىق تەھلىل قىلىش تەپەككۇر يۆنىلىشىنى تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت بىزنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، نەپەس ئېلىش، يول مېڭىش، سۇ ئۈزۈش ۋە ۋېلىسىپىت مىنىشكە ئوخشاش تەبىئىي ھالدا ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇر ئېڭى يېتىلدۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق دۇنياغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ؛

مەزكۇر كىتاب بىزنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىكىر يۆنىلىشى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ: بىر خىل قاراشنى دەڭسەپ كۆرۈشتە، بولۇپمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشتىن ئۆتكەن قاراش، ئۇنىڭ ئۆلچىمى كۆپ ھاللاردا توغرا ياكى خاتا ئەمەس، بەلكى يۇقىرى ياكى تۆۋەن، يېنىك ياكى ئېغىر بولىدۇ؛

مەزكۇر كىتاب بىزنىڭ كەسىپ ماھىرلىرىنىڭ ماھارىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈش، ئۇلارنىڭ قاتلىمىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدىن ھۇزۇرلىنىش سەۋىيەرىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ؛

مەزكۇر كىتاب بىزنىڭ ئاقىلانە، خۇشال بولۇشىمىزغا ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ، پۈتۈن كىتابتا بىز ئارزۇ بىلەن نەتىجىنى ئايرىپ باھالاشنى (ئىدراك) ئۆگىنەلەيمىز؛

بۇ كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق، بىز ئالدى بىلەن ھادىسىنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبنى تەتقىق قىلىشنى ئۆگىنىمىز، ھەرگىزمۇ ھە دېسىلا ئاغرىنىش ۋە ئەيىبلەش ئەمەس؛

مەزكۇر كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق، بىز ئىقتىسادشۇناسلار زوق-شوق بىلەن تىلغا ئالغان تەڭپۇڭ دۇنيانى ئۇنتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش روھى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ماڭغان تەڭپۇڭسىز ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتكە مەپتۇن بولۇپ قالىمىز (ئالغا ئىنتىلىسىز).

گەپنى ئۇزارتىۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن تېمىلار ھەققىدە بۇ يەردە توختالمىدىم. مەسىلەن، بېلىقچىلىق كەنتى ئىقتىسادشۇناسلىقى، ئىقتىسادشۇناسلىق ئۇستازىنىڭ تونۇشتۇرۇشى، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار.


مەزكۇر كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا، مەن ئېرىشكەن يەنە بىر مۇھىم نەتىجە شۇكى: بىلىم خۇددى قارغىشقا ئۇچرىغانغا ئوخشاش، پەقەت بەھرىمەن بولغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھەزىم قىلغىلى بولىدۇ. تەڭ بەھرىمەن بولۇش بەھرىمەن بولغۇچىلار بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىدىغان ئىشتۇر.


يۇقىرىقىلارنى ئوقۇپ، سىزنىڭمۇ مەزكۇر «ئىقتىساد تەپەككۇرى» ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئوقۇشقا قىزىقىشىڭىز قوزغالدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408