搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
شياۋمىنىڭ ئۆتمۈشى: ئۆتكەنلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددىمىدۇر
>
شياۋمىنىڭ ئۆتمۈشى: ئۆتكەنلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددىمىدۇر
Nepkar
2020-10-20
2
导读:چۈنكى ئاددىي ھەم ساپ، شۇڭا ھېچنېمىدىن قورقمايمىز؛ چۈنكى ھېچنېمىدىن قورقمايمىز، شۇڭا توختىماي ئالغا ئ
تەۋسىيە كىرىش سۆزى
ئۆتكەنلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددىمىدۇر
شياۋمىنىڭ 10 يىلدىن كېيىنكى قايتا ئاتلىنىشى
لېي جۈن
شياۋمىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى
بۇ يىل (2020-يىلى) 4-ئاينىڭ 6-كۈنى، شياۋمىنىڭ 10 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە، مەن شياۋمىنىڭ بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قايتا ئاتلاندىم: ئۆتكەن 10 يىللىق مۇساپىمىز بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۈن باۋفۇ ئىبادەتخانىسى كۆۋرۈكىدىكى يىنگۇ سارىيىدىن باشلىنىپ، ۋاڭجىڭدىكى يۆگىمە تاش زېمىنىغا، ئاندىن چىڭخېدىكى ۋۇسەي شەھەرچىسىگە، ئاخىرىدا ئۆزىمىز قۇرغان شياۋمى پەن-تېخنىكا باغچىسىغا تۇتاشتى. باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئاخىرلىشىش نۇقتىسىغىچە، خەرىتىدىن ھېسابلىغاندا، تۈز سىزىق ئارىلىقى 6.9 كىلومېتىردىن ئاشمىسىمۇ، بىراق بىز بۇ مۇساپىنى 10 يىل ماڭدۇق.
«ئەڭ ياخشى يانفون ياساپ، يېرىم باھادا سېتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك!»
10 يىلنىڭ ئالدىدا، بىز ئون نەچچە ئادەم ناھايىتى كىچىك بىر ئىشخانىدا ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغاندا، ھەقىقەتەن «نادان» ئىدۇق. قىلچە تەجرىبىمىز يوق، قۇرۇق قول بىلەن پەشۋا ئاتقان بولساقمۇ، ئويلىمىغان يەردىن يەنە شۇنچە كۆپ ئادەم بىزگە ئىشىنىپتۇ ھەم بىللە ئىشلەشنى خالايدىكەن، ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ.
ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئەڭ تەسىرلىك قىسمى دەل مۇشۇ يەردە.
ئۇ چاغدا بىز ھېچنېمىدىن قورقمايتتۇق، ئەڭ داڭلىق دۇنياۋى ماگناتلارغا يۈزلەنسەكمۇ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ نۇرغۇن قېتىم رەت قىلىشىغا يولۇققان بولساقمۇ، سانسىزلىغان كىشىلەر گۇمانلىنىپ قالغان بولسىمۇ، قىلچە ئىككىلەنمەي، قەتئىيلىك بىلەن دۇنياۋى رىقابەت ئەڭ كەسكىن سەھنىگە چىقتۇق.
ئۇ چاغلاردا بىز كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئىدۇق، ئالاقە تورى تەپەككۇرى ئارقىلىق جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلاتتۇق. جۇڭگو ماركىسىنى يەر شارىدا قەد كۆتۈرگۈزۈشكە ئاتلانغان ئىدۇق. بىز شۇنىڭغا ئىشىنەتتۇقكى، مەۋقەنى جۇڭگونىڭ كۈچلۈك ياسىمىچىلىق ئەمەلىي كۈچىگە قويغاندا، جۇڭگو ماركىسىنى چوقۇم ياخشى ياراتقىلى بولىدۇ.
ئۇ چاغدا بىز كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، سودىگەرلەر بىلەن ئىشلەتكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنى پەن-تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلىشنى ئۈمىد قىلاتتۇق. بىز شۇنىڭغا قاتتىق ئىشىنەتتۇقكى، پەقەت سىجىللىقنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرىدىغان، باھاسى يۈرەكنى تىپىرلىتىدىغان» ياخشى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارساق، ئىشلەتكۈچىلەر ھامان بىزنىڭ بۇ «كۆڭلىمىز»نى يەردە قويمايدۇ.
10 يىل ئۆتۈپ كەتتى، شياۋمى يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈزلۈكسىز چوڭ بولۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ چۈشىمىزمۇ تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلانماقتا. دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئالتە يانفون ماركىسىنىڭ تۆتى جۇڭگودىن كەلگەن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شياۋمىنىڭ مەستانىلىرى بار. نۇرغۇن كىشىلەر بىزنىڭ سەۋەبىمىزدىن جۇڭگو ياسىمىچىلىقى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنىڭ شان-شەرىپىنى كۆردى.
ئېكولوگىيە زەنجىرى ئەندىزىسى ئارقىلىق، بىز نۇرغۇن مەسلەكداش (ئوخشاش ئىدىيەدىكى) ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن بىللە، نۇرغۇن كەسىپلەرنى ئۆزگەرتتۇق، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتتۇق.
لېكىن بىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز، يەنىلا بارلىق ئىشلار ئەمدىلا باشلانغاندا، ھېلىقى كىچىك «ئاشخانا»نىڭ چۈشى ئىدى. ئۇنى بەك چوڭ قىلىپ كېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، لېكىن ئىشىك ئالدىدا دائىم كىشىلەر ئۆچرەتتە تۇرىدۇ، ھەر بىر مېھماننىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كونا دوستلار، بىزنىڭ ھەقىقىي راسچىللىقىمىز، سەمىمىي، كەڭ قورساق ئىكەنلىكىمىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدۇ. شياۋمى مۇشۇنداق كىچىك ئاشخانىغا ئوخشاش باشتىن-ئاخىر ئىشىنىپ، ياقتۇرۇشقا ئېرىشتى.
شىياۋمى دېگەن نېمە؟
بۇ 10 يىلدىن بۇيان، مەن ئەڭ كۆپ سورالغان ۋە ئۆزۈم ئەڭ كۆپ سورىغان سوئال.
شياۋمى ئىنژېنېرلارنىڭ ئارزۇسى، تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتقا تايىنىپ دۇنيانى ئۆز قولى بىلەن ئۆزگەرتىپ، دۇنيادىكى ھەر بىر كىشىلىك ئەستايىدىللىق بىلەن كىرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئادىل جاۋابقا ئېرىشەلەيدۇ.
شياۋمى بولسا ئىنژېنېرلار قوغلىشىدىغان ئىشەنچ. ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ ياخشى باھادا سېتىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، خېرىدارلارنى «كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ سېتىۋېلىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
چۈنكى بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، «نەرسە تېخىمۇ ياخشى، باھا تېخىمۇ تەكشى بولۇش» ھەممە ئادەمنىڭ ئىنتىلىشىدۇر؛ كىشىلەر يەنىلا كىشىلەرگە كەڭ قورساق بولۇشقا، دۇنيانىڭ ئادىللىقىغا ئىنتىلىدۇ.
شياۋمىنىڭ 10 يىلى بىر توپ ئەڭ ئاددىي، جاھىل ئىنژېنېرلارنىڭ ئەڭ ئاددىي، ساپ خىياللار بىلەن ئەڭ ئاددىي كۆڭۈل قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئەڭ ئاددىي سەمىمىي ئىشەنچنى قوغلاشقان 10 يىلدۇر.
چۈنكى ئاددىي ھەم ساپ، شۇڭا ھېچنېمىدىن قورقمايمىز؛ چۈنكى ھېچنېمىدىن قورقمايمىز، شۇڭا توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيمىز!
10 يىللىق مۇساپىمىز ناھايىتى رەڭدار بولۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتلەرمۇ كۆپ بولدى. شياۋمىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان بۇ كىتاب، بۇ شىركەتنى قۇرۇشقا قاتناشقان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ؛ ھازىر ۋە كەلگۈسىدىكى شىياۋمىلىقلار ئۈچۈن تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان شىياۋمىنىڭ مۇقەددىمىلىك خۇلاسىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئىگىلىك تىكلەش يولىدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنى پايدىلىنىشقا بولىدىغان پايدا-زىيان ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ شۇنداقلا 10 يىلدىن بۇيان شىياۋمىغا كۆڭۈل بۆلگەن، كۆڭۈل بۆلىۋاتقان، قوللىغان ياكى گۇمان قىلغان بارلىق دوستلارغا سەمىمىي كۆڭۈل ئىزھار قىلىدۇ.
ھەقىقەت، بىزنىڭ بۇ كىتابقا بولغان ئەڭ چوڭ ھەم بىردىنبىر ئۈمىدىمىز.
بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى فەن خەيتاۋ خانىمغا رەھمەت، ئۇنىڭ نۇرغۇن جاپالىق خىزمەت قىلغانلىقىغا رەھمەت، ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىي نۇقتىدىن بۇ كىچىك شىركەتنىڭ 10 يىلدىن بۇيانقى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، ئۇزۇن مۇساپىنىڭ تەرتىپىنى ئوبيېكتىپ خاتىرىلىگەنلىكىگە رەھمەت.
شياۋمىنىڭ 10 يىللىق مۇقەددىمىسى پەقەت كۆچمە ئالاقە تورى ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىدىكى بىر تال دولقۇن خالاس، لېكىن بىز ئۇنىڭ ئاخىرىدا دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەمگە مەنسۇپ بولغان تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
چۈنكى كەلگۈسىگە قارىتىلغان، شۇڭا يۇقىرى-تۆۋەن ئىزدىنىش كېرەك. بېيجىڭ جىچۈن يولى ياكى جۇڭگۇەنسۈن ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىدا، شاڭخەي ساۋخېجىڭ يولى ياكى جاڭجياڭ يولىدا، خاڭجۇ بىنجياڭ يولىدا، شېنجېندىكى شېنجېن جەنۇبىي چوڭ يولى ياكى خۇاچياڭ شىمالىي يولىدا، ئامېرىكىنىڭ كىرىمنىي جىلغىسىدا، ھىندىستاننىڭ بانگالور شەھىرىدە ...... ئوخشاشلا يېرىم كېچىدە كۆيۈۋاتقان كۆزلەر بار ياكى تاڭ نۇرىدا چىن ئىخلاسى بىلەن ئېتىلىپ چىققان چىرايلار قاتتىق ھۆركىرەپ، كەلكۈن سۈيى كەبى ئۆركەشلەپ ئاقماقتا.
چۈنكى گۈزەل، چۈنكى ھەر بىر ئادەمگە مەنسۇپ بولغاندىلا، ئاندىن ئىنتىلىشكە ئەرزىيدۇ.
ھەممە ئادەم، ئۇنىڭ تېرە رەڭگىنىڭ قانداق بولۇشىدىن، ئەقىدىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن، قەيەردىن كەلگەنلىكىدىن، قانداق تەربىيە كۆرگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئوخشاشلا پەن-تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ، مانا بۇ بىز بېكىتكەن يۇلتۇزلار دېڭىزى سەپىرى.
ئومۇمەن ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددىمىلىك خۇلاسىدۇر.
تېخىمۇ چوڭقۇر دېڭىز، تېخىمۇ كۈچلۈك دولقۇن، دولقۇن ئاۋازى ھامان ئالدىنقى سەپتە ياڭرايدۇ.
ئىشىنىش ئەقىدىسى، ئىشىنىش كۈچى، ئىشىنىش يۆنىلىشى، مەيلى ھاۋا ئوچۇق بولسۇن ياكى بوران چاپقۇن بولسۇن، بىز چوقۇم جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز!
كۈندە بىر مەھسۇلات تەۋسىيە!
تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۇمكىن (تېمىنى چەكسىڭىز بەت ئاتلايدۇ!):
1. ئەڭ پۇلغا يارايدىغان ئىستېمال ئېلېكتىرون ماركىسى—شياۋمى
2. كۈندە بىر مەھسۇلات: شياۋمى ئىقتىسادچىل قەلىمى ئاران 0.99 يۈەن
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0