大数跨境

روكفېللېر: ھازىرلا قىلىش

روكفېللېر: ھازىرلا قىلىش Nepkar
2020-10-21
0
导读:ئوغلۇم، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۆزى بىر ئۇلۇغ جەڭ، غەلىبە ئۈچۈن، سەن ھەرىكەتكە كەل، يەنە ھەرىكەتكە كەك، مە
1-پارچە
كىرىش سۆز 2 كىرىش سۆز 1

3-پارچە
2-پارچە
ھازىرلا قىلىش
(تۆتىنچى پارچە)
مەن ئىزچىل پۇرسەتنىڭ كەلتۈرۈش ئارقىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھەرقانچە ياخشى تەسەۋۋۇردىمۇ نۇقسان بولىدۇ، ھەرقانچە ئاددىي پىلان بولسىمۇ، ھەقىقەتەن ئىجرا قىلىپ ھەمدە داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈم، يېرىم يولدا توختاپ قالغان ياخشى پىلاندىن كۆپ ياخشىدۇر، چۈنكى ئالدىنقىسى باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، كېيىنكىسىنىڭ بولسا قىلغان ئەجىرى بىكارغا كېتىدۇ. شۇڭا دەيمەن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى يوق، كىشىلىك ھاياتتا ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشىشتە، ئەقىل-پاراسىتى ۋە بىرەر ئارتۇقچىلىقى بولسا بۇ بىر ئىش، ھەر ئىككىلىسى بولمىسىمۇ ئۈمىدسىزلىنىش بىھاجەت، پەقەت ئاكتىپ ھەرىكەتكە كەلسىڭىزلا، مۇۋەپپەقىيەتكە بارغانسېرى يېقىنلىشىسىز.
1897-يىلى 24-دېكابىر
قەدىرلىك جون:
ئەقىللىك ئادەمنىڭ سۆزىنى ھەمىشە ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن. بىر ئەقىللىك ئادەم: مائارىپ نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن ئۇ ھېچقانداق بىر تەرەپنى ئۆگەتمەيدۇ، دەپ ياخشى ئېيتقان، بۇ ئەقىللىك ئادەم بىزگە مۇنداق بىر ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بەردى: ئەگەر ھەرىكەتكە كەلمىسەڭ، دۇنيادىكى ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ گۈزەل، ئەڭ يولغا قويۇشقا بولىدىغان پەلسەپەنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.
مەن ئىزچىل پۇرسەتنىڭ كەلتۈرۈش ئارقىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھەرقانچە ياخشى تەسەۋۋۇردىمۇ نۇقسان بولىدۇ، ھەرقانچە ئاددىي پىلان بولسىمۇ، ھەقىقەتەن ئىجرا قىلىپ ھەمدە داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈم، يېرىم يولدا توختاپ قالغان ياخشى پىلاندىن كۆپ ياخشىدۇر، چۈنكى ئالدىنقىسى باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، كېيىنكىسىنىڭ بولسا قىلغان ئەجىرى بىكارغا كېتىدۇ. شۇڭا دەيمەن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى يوق، كىشىلىك ھاياتتا ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشىشتە، ئەقىل-پاراسىتى ۋە بىرەر ئارتۇقچىلىقى بولسا بۇ بىر ئىش، ھەر ئىككىلىسى بولمىسىمۇ ئۈمىدسىزلىنىش بىھاجەت، پەقەت ئاكتىپ ھەرىكەتكە كەلسىڭىزلا، مۇۋەپپەقىيەتكە بارغانسېرى يېقىنلىشىسىز.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئەڭ چوڭ ساۋاقنى قوبۇل قىلمىدى، نەتىجىدە ئۆزىنى ئادەتتىكى ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئاشۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قاراپ باق، ئۇلارنىڭ پاسسىپ ھالدا ياشاۋاتقانلىقىنى بايقايسەن، ئۇلارنىڭ دېگىنى قىلغىنىدىن كۆپ، ھەتتا دېگىنىنى قىلمايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك باھانە ئىزدەشتە كەسىپ ئەھلىلىرى بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل باھانە سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ كەينىگە سۆرەيدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار بۇ ئىشنىڭ قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى، قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى ياكى ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
بۇ خىلدىكى كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەن ئەقىللىك ، ھىيلىگەر ئىكەنمەن. گايتىس ئەپەندى مېنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىدىغان، ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتلىنىدىغان ئادەم دەپ ماختايدۇ. مەن بۇنداق ماختىنىشنى خالايمەن، چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدىم. ئاكتىپ ھەرىكەتلىنىش مەندىكى يەنە بىر بەلگە، مەن ئەزەلدىن قۇرۇق گەپ سېتىشنى ياخشى كۆرمەيمەن. چۈنكى مەن بىلىمەن، ھەرىكەت بولمىسا نەتىجە بولمايدۇ، دۇنيادا ھېچقانداق بىر نەرسە بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشقان ئەمەس. ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن، چوقۇم ھەرىكەت قىلىشنى ئويلىشىشى كېرەك.
ئەقىل-پاراسەتنى ئاساس قىلمىغان بىلىمنىڭ پايدىسى يوقلۇقىنى، نۇرغۇن كىشىلەر ئېتىراپ قىلدى، لېكىن كىشىنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغىنى شۇكى، بىلىم ۋە ئەقىل-پاراسەت بولۇپ، ھەرىكەت بولمىسا ھەممىسى يەنىلا قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. ھەرىكەت بىلەن تولۇق تەييارلىقنى ئەمەلىيەتتە جىسىمنىڭ ئىككى تەرىپى دەپ قاراشقا بولىدۇ. كىشىلىك ھايات چوقۇم لايىقىدا بولۇشى كېرەك. بەك كۆپ تەييارلىق قىلىپ قويۇپ ھەرىكەت قىلمىسا، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت بىكاردىن-بىكار ۋاقتى ئىسراپ بولىدۇ خالاس. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەممە ئىشتا چەكلىمە بولۇشى كېرەك، بىز ئۈزلۈكسىز مانېۋىر، پىلاننىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتسەك بولمايدۇ، بەلكى رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك: پىلان قانچىلىك تەپسىلىي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش لايىھەسىنى يەنىلا توغرا مۆلچەرلىيەلمەيمىز.
پىلاننىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەلۋەتتە ئىنكار قىلمايمەن، پىلان پايدىلىق نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمى، لېكىن پىلان ھەرىكەت ئەمەس، ھەرگىزمۇ ھەرىكەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. خۇددى گولف توپ ئوينىغانغا ئوخشاش، ئەگەر بىرىنچى تۆشۈككە كىرگۈزەلمىسە، ئىككىنچى تۆشۈك ئېچىلمايدۇ. ھەرىكەت ھەممىنى ھەل قىلىدۇ. ھەرىكەت بولمىسا، ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ. بىز ھەرقانداق قىلىپمۇ نۇقسانسىز سۇغۇرتا سېتىۋالالمايمىز، لېكىن بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز پىلانىمىزنى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
ھەرىكىتى كەمچىل كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇنداق بىر يامان ئادىتى بار: ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆزگەرتىشنى رەت قىلىدۇ. مېنىڭچە بۇ بىر خىل ئالدامچىلىق ۋە ئۆزىنى ۋەيران قىلىش ئۈنۈمىگە ئىگە يامان ئادەت، چۈنكى ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، خۇددى ئادەم ھايات-ماماتقا ئوخشاش، ئۆزگەرمەيدىغان شەيئى يوق. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر قەلبىدىكى ۋەھىمە، نامەلۇم ۋەھىمىدىن قورقۇپ ئۆزگىرىشكە قارشىلىق كۆرسىتىپ، ھازىرقى ھالىتىدىن ھەرقانچە نارازى بولمىسىمۇ، ئالدىغا قەدەم ئېلىشنى خالىمايدۇ. ئەسلىدە كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان قاراپ، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلماسلىققا ئامالسىز قالىسىز.
شۇنداق، ھەر بىر ئادەم بىرەر چوڭ ئىشنى قارار قىلغاندا، كۆڭلىدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئەندىشە، ۋەھىمە بولىدۇ، زادى قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدىكى قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كېلىدۇ. ئەمما ھەرىكەت تەرەپدارلىرى ئىرادە ئارقىلىق قەلب ئۇچقۇنلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئاماللارنى تېپىپ چىقىپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە تېخىمۇ جۈرئەت قىلىدۇ.
نۇرغۇن ھەرىكىتى كەمچىل كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ناھايىتى ساددا بولۇپ، ئىشلارنىڭ تەبىئىي يۈز بېرىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلار ساددىلىق بىلەن «باشقىلارنى ئۆزىنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆزىدىن باشقا، باشقىلار ئۇلارغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ، كىشىلەر پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشىغىلا قىزىقىدۇ. مەسىلەن، بىر سودىدا بىز قانچە كۆپ پايدا ئالساق، شۇنچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەت قوللىنىمىز، چۈنكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چوڭ ئەمەس، ئۇلار بۇنىڭغا  پەرۋا قىلمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئىتتىرىپ قويۇشىمىز كېرەك، ئەگەر بىز ھۇرۇنلۇق قىلىپ، چېكىنىپ، باشقىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى كۈتۈپ ئولتۇرساق، نەتىجىسى چوقۇم كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.
بىر ئادەم ئۆز-ئۆزىگە تايانغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى كونترول قىلىش پۇرسىتىنى ئاشۇرالايدۇ. ئەقىللىك كىشىلەر پەقەت ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
كىشىلىك ھاياتتا ئادەمنى ئەڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىتىدىغىنى قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشىدىن ئارتۇق بولمايدۇ، نەتىجىدە قىلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ھەر بىر ئىشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، قىلالمايدىغان كەيپىياتتىن قورقۇپ، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، ۋاقىت چەكلىك، ھەرقانداق ئادەم بارلىق ئىشلارنى قىلىپ بولالمايدۇ. ئەقىللىك كىشىلەرگە مەلۇمكى، بارلىق ھەرىكەتنىڭ ياخشى نەتىجە بېرىشى ناتايىن، پەقەت ئاقىلانە ھەرىكەتلا ئەھمىيەتلىك نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئەقىللىك كىشىلەر كېيىن ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغان، ئەڭ چوڭ نىشاننى ئورۇنداشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قىلىدۇ ھەم پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىشلەيدۇ. شۇڭا ئەقىللىك كىشىلەر ھامان ئەڭ قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشالايدۇ ھەم نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.
پىلنى يېيىش ئۈچۈن بىر چىشلەم بىر چىشلەمدىن يېيىشكە توغرا كېلىدۇ، ئىش قىلىشمۇ ئوخشاش، ھەممە ئىشنى تاماملىماقچى بولسا، پەقەت پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويىدۇ. مېنىڭ ھېكمەتلىك سۆزۈم: روكفېللېر جىددىي ئىشلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلمايدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى ئۆزى پاسسىپ ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، ئۇلار بارلىق شارائىتلار ھازىرلىنىپ، يەنى پۇرسەت تولۇق كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ھەرىكەت قىلىشنى ئويلايدۇ. كىشىلىك ھاياتتا پۇرسەت ھەر ۋاقىت مەۋجۇت، لېكىن نۇقسانسىز دېگۈدەك پۇرسەتلەر يوق. ئاشۇ پاسسىپ ئادەملەر بىر ئۆمۈر ئاددىي-ساددا ياشايدۇ، چۈنكى ئۇلار چوقۇم ھەر بىر ئىشنى يۈزدە يۈز پايدىلىق، نۇقسانسىز بولغاندىن كېيىن ئاندىن قىلىدۇ. بۇ بىر ئەخمەقلىق. بىز چوقۇم ھاياتلىق بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، قولىمىزدىكى دەل ھازىرقى ئېھتىياجلىق پۇرسەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەندىلا، ئاندىن ئۆزىمىزنى ھەرىكەتكە كېلىشتىن بۇرۇن مەڭگۈ ساقلاپ تۇرىدىغان پاتقاقنىڭ سىرتىدا توسۇپ قالالايدىغانلىقىمىز.
بىز مۇكەممەللىكنى قوغلىشىمىز، ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئىشىدا مۇتلەق مۇكەممەللىك بولمايدۇ، پەقەت مۇكەممەللىككە يېقىنلىشىدۇ. بارلىق شارائىتلار مۇكەممەل بولغاندىن كېيىن قىلىشنى كۈتۈپ تۇرسا، مەڭگۈ ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ ھەمدە پۇرسەتنى باشقىلارغا قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندە ئاندىن يولغا چىقىدىغان كىشىلەر مەڭگۈ ئۆيدىن ئايرىلالمايدۇ. «ھازىرلا قىلىدىغان» ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئۇخلىماي چۈش كۆرۈشنى توختىتىپ، ھەر ۋاقىت ھازىرنى ئويلاپ، ھازىردىن باشلاپ قىلىش كېرەك. مەسىلەن، ئەتە، كېلەر ھەپتە، كەلگۈسى دېگەندەك جۈملىلەرنىڭ مەنىسى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ دېگەنگە ئوخشاش.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويىدىغان، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئوڭۇشسىز شارائىتتا قالغان ۋاقىتلىرىدا تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما، ھەرىكەت سەنئىتىنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان كىشىلەر كۈچلۈك ئىرادە بىلەن ئۇنى يېڭەلەيدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ مەغلۇپ بولىدىغان ۋاقتى بولىدىغانلىقىنى، ناھايىتى ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولىدىغان ۋاقتى بولىدىغانلىقىنى، ئىشتىن بۇرۇن قانچىلىك تەييارلىق، قانچىلىك تەپەككۇر قىلغان بىلەن، ھەقىقىي قول سېلىپ ئىشلىگەندە خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما، پاسسىپ ئادەم مەغلۇبىيەتنى ئۆگىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتى دەپ قارىمايدۇ، بەلكى ھەمىشە ئۆزى «بەلكىم مەن راستتىنلا قىلالمىغاچقا، كەلگۈسىدىكى ھەرىكەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشتىن ئايرىلىپ قېلىشىم مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر كۆڭلىدىكى ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ئىشىنىدۇ، لېكىن مەن ئۇنى يالغان گەپ دەپ قارايمەن. بىر موغا بىر تاغار ياخشى ئامال سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئەڭ دەسلەپكى ئوي پەقەت بىر قاتار ھەرىكەتلەرنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئەمدى ئىككىنچى باسقۇچتىكى تەييارلىق، پىلان ۋە ئۈچىنچى باسقۇچتىكى ھەرىكەتكە توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن ئوي-پىكىرلىك ۋە تەدبىرلىك كىشىلەر كەم ئەمەس، لېكىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر ياخشى ئامالنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان ئادەملەر ئاز.
كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارىڭىزغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ھەقىقىي ئاساسى، كاللىڭىزغا قانچىلىك نەرسە قاچىلىغانلىقىڭىزدا ئەمەس، بەلكى ھەرىكىتىڭىزدە. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەستايىدىل كىشىلەرگە ئىشىنىدۇ، ئۇلار «بۇ ئادەم سۆزلەشكە، قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ، قانداق قىلغاندا ئەڭ ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى چوقۇم بىلىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. مەن تېخى بەزىلەرنىڭ باشقىلارنى ئاۋارە قىلمىغانلىقى، ھەرىكەت قوللانمىغانلىقى ياكى باشقىلار بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ماختاشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. سودا-سانائەت ساھەسىدىكى، ھۆكۈمەتتىكى، ئارمىيەدىكى يولباشچىلارنىڭ ھەممىسى قولىدىن ئىش كېلىدىغان ھەم ئىشلەشنى خالايدىغان، يۈزدە-يۈز تەشەببۇسكار كىشىلەردۇر. مەيدان سىرتىدا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرغان كىشىلەر مەڭگۈ رەھبەر بولالمايدۇ.
مەيلى ئۆزلۈكىدىن تەشەببۇسكار ئادەملەر بولسۇن ياكى پاسسىپ ئادەملەر بولسۇن، بۇنىڭ ھەممىسى ئادەت. ئادەت خۇددى ئارغامچىغا ئوخشايدۇ، بىز ھەر كۈنى بىر تال ئارغامچا توقۇساق، ئاخىرىدا ئۇ توم بولۇپ ئۈزۈلۈپ كەتمەيدۇ. ئادەت ئارغامچىسى بىزنى يۇقىرى پەللىگە ئەمەس، تۆۋەن پەللىگە باشلايدۇ، بۇ ئادەتنىڭ يامان ئادەت ياكى ياخشى ئادەتلىكىگە باغلىق. يامان ئادەت بىزنى ئىدارە قىلىپ، غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتنى بەلگىلىيەلەيدۇ، ئۇنى يېتىلدۈرۈش ناھايىتى ئوڭاي، لېكىن تاقابىل تۇرۇش قىيىن. ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش بەك تەس، لېكىن ناھايىتى ئاسان داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
ھازىرلا قىلىدىغان ئادەت بولۇشى، ئەڭ مۇھىمى ئاكتىپ، تەشەببۇسكار روھ بولۇشى، روھى چېچىلاڭغۇ ئادەتنى تاشلىشى، تەشەببۇسكار بولۇشقا بەل باغلىشى، دادىل ئىش قىلىشى كېرەك، ھەممە ئىش پۈتكەندىن كېيىن ئاندىن قىلىشنى ساقلاپ تۇرماسلىقى كېرەك، مۇتلەق مۇكەممەل ئىش بۇ دۇنيادا مەۋجۇت ئەمەس. ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە، ئالاھىدە ئەقىل پاراسەت ياكى مەخسۇس ماھارەت كەتمەيدۇ، پەقەت تىرىشىپ ياخشى ئادەتنى تۇرمۇشتا چېچەكلەپ مېۋە بەرگۈزسىلا بولىدۇ.
ئوغلۇم، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۆزى بىر ئۇلۇغ جەڭ، غەلىبە ئۈچۈن، سەن ھەرىكەتكە كەل، يەنە ھەرىكەتكە كەك، مەڭگۈ ھەرىكەتكە كەل! بۇنداق بولغاندا، بىخەتەرلىكىڭىز كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.
روژدېستۋا بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن! مېنىڭچە مىلاد بايرىمىدا بۇ خېتىمدىنمۇ ياخشى مىلاد بايرىمىلىق سوۋغات بولمىسا كېرەك.
سىزنى سۆيىدىغان دادىڭىزدىن.
مەنبە: «روكفېللېرنىڭ ئوغلىغا يازغان 38 پارچە خېتى» ناملىق كىتاب
ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408