大数跨境

يېڭى قۇرۇلما ئىقتىسادشۇناسلىقى

يېڭى قۇرۇلما ئىقتىسادشۇناسلىقى Nepkar
2021-08-13
1
导读:كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە باغلىق.


3. يېڭى قۇرۇلما ئىقتىسادشۇناسلىقىدىكى مۇستەقىل نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىش 
ئىقتىساد ئىلمىنى تەتقىق قىلىدىغان، يېڭى قۇرۇلما ئىقتىسادشۇناسلىقىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان ساۋاقداشلار، 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى زادى قانداق مەنىگە ئىگە؟ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ پۈتكۈل 20-ئەسىردە دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران %3.4 ئاشقان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى تېز كۆپەيگەنلىكتىن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسى بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئەمەلىيەتتە كېڭەيگەن. بىراق، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كېيىن تەرەققىي قىلغانلار ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىنكى جۇڭگوغا ئوخشاش، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئىككى ھەسسە، ئۈچ ھەسسىدىن يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىشى كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن بۇ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقالمايدۇ؟ جۇڭگودا «پىكىر يولى چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ» دەيدىغان گەپ بار، تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرى خاتا. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر جۇڭگوغا ئوخشاش غەربتىن نوم ئەكىلىشتەك روھىي ھالەتنى ئومۇميۈزلۈك ساقلاپ، «تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ چوقۇم ئاساسى بار، بۇ قائىدىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۆز دۆلىتىمىزنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.» دەپ قارايدۇ. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇنداق روھىي ھالەت بار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىيەسى ئارقىلىق باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى ئويلايدۇ.

تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇستەملىكە، يېرىم مۇستەملىكە ئورنىدىن ئارقا-ئارقىدىن قۇتۇلۇپ، زامانىۋىلىشىشقا ئىنتىلىشكە باشلىدى. ئۇ چاغدا ئاساسىي ئېقىم ئىقتىسادشۇناسلىقىدىن تەرەققىيات ئىقتىسادشۇناسلىقى دەپ ئاتىلىدىغان بىر تارماق پەن ئايرىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى. بىرىنچى ئەۋلاد تەرەققىيات ئىقتىسادشۇناسلىقى ھازىر قۇرۇلمىچىلىق دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆز قارىشى مۇنداق: «تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە نېمە ئۈچۈن تۇرمۇش سەۋىيەسى يۇقىرى بولىدۇ؟ چۈنكى، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى بولىدۇ؛ ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ سەۋىيەسى نېمە ئۈچۈن يۇقىرى بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلغار كەسپى بار.» شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئىلغار كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسى بار ئىدى. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىلغار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بازارغا تايىنىپ تەرەققىي قىلالمايۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئەينى چاغدىكى تەرەققىيات ئىقتىسادشۇناسلىرى مۇنداق دەپ قارىغان: «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە مەدەنىيەت، ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەتكە ئوخشاش بەزى قۇرۇلما خاراكتېرلىك توسالغۇلار بولغاچقا، بازار بايلىق تەقسىملەشكە سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق ئىلغار كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان.» 

بازار كاردىن چىققان ئىكەن، دۆلەت ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بايلىقنى سەپەرۋەر قىلىش، بايلىقنى تەقسىملەش ئارقىلىق ئىلغار كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىلگىرى ئىلغار كەسىپلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىناتتى، ھازىر ئۇلار دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ بۇنداق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ ئىمپورت قىلمايدىغان بولدى، شۇڭا بۇ ئىمپورت سەپلىمە ئىستىراتېگىيەسى دەپ ئاتالدى. بۇ خىل نەزەرىيەنىڭ چىقىش نۇقتىسى ناھايىتى ياخشى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بۇ خىل نەزەرىيە بويىچە سىياسەت يۈرگۈزسە، ئادەتتە بەش يىل، ئون يىل ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىدۇ، ئەمما بۇ خىل كەسىپ بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، ئىقتىساد توختاپ قېلىپ، تۈرلۈك كرىزىس يۈز بېرىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرق چوڭىيىپ كېتىدۇ. 

70-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى باشلىدى، ئاساسىي جەھەتتىن دۇنيادىكى بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، مەيلى سوتسىيالىزم بولسۇن ياكى كاپىتالىزم بولسۇن، ھەممىسى ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىسلاھات ۋە تىپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. ئەينى چاغدىكى ئاساسىي ئېقىم بولغان يېڭى لىبېرالىزم نەزەرىيەسىدە «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلالماسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ بەك كۆپ ئارىلىشىۋالغانلىقىدىن بولغان، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بازار يوق.» دەپ قارالغان. ھۆكۈمەت ئارىلاشسا بايلىقنى خاتا تەقسىملەش، تاپاۋەت قوغلىشىش چىرىكلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە بايلىقنى خاتا تەقسىملەش ۋە تاپاۋەت قوغلىشىش چىرىكلىكى مەۋجۇت، شۇڭا بۇ نەزەرىيەمۇ ئىنتايىن قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە. ئەينى چاغدىكى تەكلىپ يېڭى لىبېرالىزملىق ۋاشىنگتون ئورتاق تونۇشى بويىچە بازارلاشتۇرۇش، خۇسۇسىيلاشتۇرۇش، ماكرولۇق تۇراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇكەممەل بىر بازار قۇرۇش ئىدى. نەزەرىيە جەھەتتىمۇ قايىل قىلىش كۈچى ناھايىتى زور، شۇڭا تەرەققىي قىلىۋاتقان كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر بۇ نەزەرىيەگە ئەمەل قىلىۋاتىدۇ، نەتىجىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق، كىرىزىس ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرق يەنىمۇ چوڭىيىۋاتىدۇ.

ئاساسىي ئېقىمدىكى تەرەققىيات تەپەككۈرى ۋە تىپ ئۆزگەرتىش تەپەككۈرى بويىچە سىياسەت يۈرگۈزىدىغان دۆلەتلەر ئاساسەن مەغلۇپ بولدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، پەقەت ئاز ساندىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرلا قالدى، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شەرقىي ئاسىيادا بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئىنتايىن ياخشى بولدى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرق كىچىكلىدى، ھەتتا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە يېتىشىۋالدى. ئۇلار يولغا قويغان سىياسەتلەر ئەينى چاغدىكى ئاساسىي ئېقىم نەزەرىيەسىدىن قارىغاندا ئاساسىي جەھەتتىن خاتا ئىدى. مەسىلەن، 20-ئەسىرنىڭ 50-، 60-يىللىرىدىكى «شەرقىي ئاسىيادىكى تۆت كىچىك ئەجدىھا» ئىمپورت سەپلىمە ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ئىلغار كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرماستىن، بەلكى ئېكسپورت يۆنىلىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەنئەنىۋى، كىچىك كۆلەملىك ئېكسپورت قىلالايدىغان ياسىمىچىلىق كەسپىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرغان. ئەينى چاغدا بۇ سىياسەت خاتا دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە يېتىشىۋالغان بىردىنبىر ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىدى. 

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-~90-يىللىرىدا ئېلىمىز تىپ ئۆزگەرتكەندە، ئەينى چاغدىكى ئاساسىي ئېقىم يېڭى لىبېرالىزم بولۇپ، شوكنى داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ۋاشىنگتوندىكى ئورتاق تونۇش--بازارلاشتۇرۇش، خۇسۇسىيلاشتۇرۇش، ماكرولۇق مۇقىملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. جۇڭگو، ۋېيتنام، كامبودژا قاتارلىق تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى، مۇقىم ۋە تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قوللانغان سىياسىتى شۈكنى داۋالاش ئۇسۇلى بولماستىن، بەلكى جۇڭگوغا ئوخشاش تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدىغان، قوش رېلىسلىق، «ياشانغانلار كونا چارىسى، يېڭى كىشىلەر يېڭى چارىسى»دىن ئىبارەت تەدرىجىي تىپ ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى قوللاندى. 80-يىللاردا بۇ ئەڭ ناچار تىپ ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى دەپ قارالغان ئىدى، لېكىن ھازىر ئۇلار تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى تىپ ئۆزگەرتىۋاتقان دۆلەتلەردۇر.

نېمە ئۈچۈن ئاساسىي ئېقىم نەزەرىيەسى بويىچە سىياسەت يۈرگۈزسەك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايمىز، نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسىي ئېقىم نەزەرىيەسى ئەمەس؟ بىز ھازىرقى زامان ئىقتىساد ئىلمى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشىمىز كېرەك. 

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408