大数跨境

ئالاھىدە دىققەت: ئالدىراپ خوش بولۇپ كەتمەڭ

ئالاھىدە دىققەت: ئالدىراپ خوش بولۇپ كەتمەڭ Nepkar
2020-09-22
2
导读:جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ

جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش
ئالدامچىلىق گۇماندارى رەھبەرنىڭ سۈرىتىنى ئۈندىدار ياكى QQ نىڭ باش سۈرىتى قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى دوست قىلىپ قوشۇپ، ساختا رەھبەر سالاھىيىتى بىلەن قول ئاستىدىكىلەرگە «كۆڭۈل بۆلۈپ»، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، جىددىي ئېھتىياجلىق مەبلەغ ئوبوروتى، مەخپىي سوۋغا بېرىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن بانكا كارتىسى ھېساباتى تەمىنلەپ بېرىشنى، ئاندىن ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك سالاھىيىتى بىلەن باشقىلارغا پۇل يۆتكەش قولايسىز دېگەننى باھانە قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن ئۆزى تەمىنلىگەن ھېسابات نومۇرىغا پۇل يۆتكەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. 
بۇ خىل ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىنىڭ قاراتمىلىقى ناھايىتى توغرا بولۇپ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ باشلىقىدىن ئەيمىنىش، ئەدەپسىزلىك قىلىپ رەھبەرلەردىن ئۇچۇر تەكشۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماسلىق پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىگە يېتىدۇ.

نورمالسىز ئۈندىدار نومۇرىغا قارىتا، سىستېما ئۈندىدارنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنى ئاپتوماتىك قوزغىتىدۇ، ئەگەر تورداشلار «سالاھىيىتىڭىزنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا دىققەت قىلىڭ، پۇل پېرېۋوت قىلىش، مېمورىئال قىلىش قاتارلىقلارغا چېتىلسا چوقۇم تېلېفوندا جەزملەشتۈرۈڭ، ئالدامچىلىقتىن ئېھتىيات قىلىڭ!»، «قارشى تەرەپ باشقا جايدا بولسا، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا دىققەت قىلىڭ!» دېگەندەك ئەسكەرتمىلەرگە يولۇقسا، چوقۇم ئالدى بىلەن سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش كېرەك، ئالدىراپ پۇل پېرېۋوت قىلماسلىق، مېمورىئال قىلماسلىق كېرەك.

ساقچى تەرەپنىڭ ئەسكەرتىشى:
ئومۇمەن «رەھبەر»لەر تېلېفون، QQ، ئۈندىدار قاتارلىقلار ئارقىلىق بانكىغا پۇل يۆتكەشنى تەلەپ قىلسا، بۇ ئەھۋالغا يولۇققاندا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتى ۋە يوللىغان ئۇچۇرلىرىنىڭ چىنلىقىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، راست يالغانلىقىنى بېكىتمىگەن ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك، ئاسانلىقچە پۇل يۆتكىمەسلىك كېرەك.
ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتى، ئۇچۇرى گۇمانلىق بولسا، ۋاقتىدا 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ، مەسلىھەت سوراڭ.


ساقچى تەرەپنىڭ ئەسكەرتىشى:

1. جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت ئورگانلىرى تېلېفوندا دېلو بېجىرمەيدۇ، تېلېفوننى ئۆزئارا ئۇلاپ بەرمەيدۇ؛

2. جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا تورغا چىقىپ «تۇتۇش بۇيرۇقى»، «قولغا ئېلىش بۇيرۇقى»نى سۈرۈشتۈرۈشنى ھەرگىز تەلەپ قىلمايدۇ؛

3. جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا «بىخەتەر ھېسابات» ياكى «تەكشۈرۈش ھېساباتى» مەۋجۇت ئەمەس، سىزدىن مېمورىئال پېرېۋوت قىلىشنى تېخىمۇ تەلەپ قىلمايدۇ؛

4. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالدىنىپ قالسىڭىز ياكى گۇمانلىق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، دەلىل-ئىسپاتلارنى قوغداشقا دىققەت قىلىڭ، دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى 7654321-0991 گە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.

ئەسكەرتىش:

ئەگەر سىز باشقا رايوندا بولسا، شۇ رايوندىكى دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى شۇ رايوننىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.


مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: ئىلقۇت


تور ئالدامچىلىقىدىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى!

مەزكۇر يازما گەرچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئۈندىدار ئورگان سالونىدىن ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشىنىمىزكى، يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى پۈتۈن رايونىمىز، ھەتتا پۈتۈن دۆلىتىمىز تەۋسىدە ئورتاقلىققا ئىگە، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر يازمىنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىپ قويۇشىنى، باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408