大数跨境

سېتىش | يېڭى خېرىدارنىڭ مالنى نېسى قىلىش مەسىلىسى

سېتىش | يېڭى خېرىدارنىڭ مالنى نېسى قىلىش مەسىلىسى Nepkar
2020-07-09
1
导读:يېڭى خېرىدارىم نېسى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، مېنىڭ بۇ خېرىدارنى ساقلاپ قالغۇم بار، قانداق قىل


سېتىش | يېڭى خېرىدارنىڭ مالنى نېسى قىلىش مەسىلىسى

يېڭى خېرىدارىم نېسى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ،  مېنىڭ بۇ خېرىدارنى قەتئىي قولدىن چىقىرىپ قويغۇم يوق،  قانداق قىلىشىم كېرەك؟  

1. يېڭى خېرىدارلار ئەگەر نەق پۇل سودىسى قىلالىسا، ئامال بار نېسىگە مال سېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. قانداقلا بولمىسۇن ئۇلار بىلەن ئىلگىرى ھەمكارلىشىپ باقمىغان، ئۇلارنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىنىمۇ تېخى تولۇق چۈشەنمىگەن ئەھۋالدا، بۇنىڭ ھەقىقەتەن خەتىرى بار. شۇڭا ئامال بار نېسى سېتىشتىن ساقلىنىش بىر قەدەر ئاقىلانىلىكتۇر. 

2. لېكىن ئەگەر قارشى تەرەپ شۇ ساھەدىكى چوڭ خېرىدار بولسا، شۇنداقلا سىز ئامال قىلىپ بۇ خېرىدارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولسىڭىز، بەلگىلىك دەرىجىدە نېسى مال سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى سىز رىقابەتچىڭىزدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن، نېسىگە مال سېتىپ بېرىشىڭىز سىزنى ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىدۇ، خېرىدار سىزدىن ئېرىشكەن ھەقىقىي نەپنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن سىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاللىشى مۇمكىن.

3. دىققەت قىلىش كېرەككى، شۇ ساھەدىكى چوڭ خېرىدارلار بولغان تەقدىردىمۇ، نېسىگە مال سېتىشتىن بۇرۇن خېرىدارلارنىڭ ئىناۋىتىنى ياخشى باھالاش، قارىغۇلارچە نېسى مال سېتىپ بەرمەسلىك كېرەك. ئىناۋەتنى باھالاش مۇداپىيەلىنىش دېمەكتۇر، خېرىدارنىڭ ئىناۋىتىدە مەسىلە بارلىقى بايقالغان ھامان، نەق پۇل سودىسى قىلىپ، نېسىگە مال سېتىشنى رەت قىلىش كېرەك.

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408