搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى
>
جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى
Nepkar
2021-08-13
2
导读:تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن بىر ھەسسە، ھەتتا ئۈچ ھەسسە ئېشىش
ئىككىنچى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى
1978-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %9.2 كە يېتىپ، ئىنسانىيەت ئىقتىساد تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان مۆجىزە بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قارىتا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىلىم ساھەسىدە نۇرغۇن ئۈمىدسىز سەپسەتىلەر بار.
بىر خىل قاراش: خەلقئارادا تەسىر كۈچى ئىنتايىن زور بولغان لارى ساموس (Larry Summers) ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى بولغان، خەلقئارادا تەسىرى ئىنتايىن زور بولغان ئىجتىمائىيەت زىيالىيسىدۇر. 2014-يىلى سومېرس «Back the Normal (نورمال ھالەتكە قايتىش)» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يازغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيادىكى ھەر بىر دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نورمال ھالىتى %3 تىن %3.5 كىچە بولىدۇ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر شۇنداق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كۆپ بولغاندىمۇ شۇنداق، ئەمەلىيەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ پەرقى زورىيىۋاتىدۇ، شۇڭا ئېشىش سۈرئىتى ئادەتتە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن يۇقىرى ئەمەس.» ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «جۇڭگودا ئىقتىسادنىڭ ھەر يىلى %9، ھەتتا تېخىمۇ يۇقىرى ئېشىش نورمال ھالەت ئەمەس، مۇقەررەر ھالدا نورمال ھالەتكە قايتىپ كېلىدۇ، بۇ يەردە دېمەكچى بولغان يوشۇرۇن مەنە بولسا جۇڭگو ئىلگىرىكى %9، %10 لىك ئېشىشتىن %4~%3 كە چۈشۈپ قالىدۇ.» دېگەندىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ماقالىسى 2014-يىلى يېزىلغان، ئۇ خەلقئارادا ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە بولغاچقا، جۇڭگودا 2010-يىلىدىن كېيىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ھەقىقەتەن تۆۋەنلەپ كەتتى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىنى «ئالدىن مۆلچەرلەش كۈچى، تارىخىي ۋە خەلقئارا تەجرىبىلەرگە ئىگە.» دەپ قارايدۇ. شۇڭا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نورمال ئېشىش سۈرئىتى ٪3 تىن ٪3.5 گە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.
يەنە بىر خىل قاراش، جۇڭگونىڭ ئىلگىرىكى تېز تەرەققىياتى كېيىنكىلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىدۇ، لېكىن جۇڭگو كېيىنكىلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىۋاتقىنىغا 40 نەچچە يىل بولدى، يوشۇرۇن كۈچى تۈگىدى.
قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟ چۈنكى 2019-يىلى، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈزگەن دۇنيا جەدۋىلى (Penn World Table) بويىچە، 2017-يىلىدىكى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى، جۇڭگونىڭ 2019-يىلىدىكى سېتىۋېلىش كۈچى تەكسى باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچەGDP سى 14128 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بەزى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئالىملار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «دۇنيادىكى تەرەققىياتى بىر قەدەر ياخشى بولغان باشقا دۆلەتلەر مۇشۇنداق كىرىم سەۋىيەسىگە يەتكەندىن كېيىن، مەسىلەن، گېرمانىيەنىڭ 1971-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سى ئوخشاش سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، 1971-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە بولغان 16 يىلدا ئېشىش سۈرئىتى يىلىغا ئاران %2.3 بولدى. ياپونىيە دۇنيادىكى تەرەققىياتى بىر قەدەر ياخشى بولغان يەنە بىر دۆلەت، 1975-يىلى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP ئوخشاش سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 16 يىلدا، يەنى 1975-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە، ئوتتۇرىچە يىللىق ئېشىش سۈرئىتى ئاران %4.4 بولدى. گېرمانىيە، ياپونىيە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلار بۇ سەۋىيەگە يەتكەندىن كېيىن ئېشىش سۈرئىتى %2~%4 كە چۈشۈپ قالغان. شۇڭا بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ %4 ئەتراپىدا بولۇپ، ساموس ئېيتقان نورمال ھالەتكە ئىنتايىن يېقىنلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگودا ياشانغانلار كۆپىيىش مەسىلىسى پەيدا بولدى، دۇنيادا ياشانغانلار كۆپىيىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېخىمۇ ئاستا بولغان. مەسىلەن، ياپونىيە ئەزەلدىن ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلىپ كەلگەن، مۇشۇ يىللاردا نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى سەۋەبلىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %2 كىمۇ يەتمىدى. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تارىخىي تەجرىبىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىپ «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىراقلا تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.» دەپ قارىماقتا. ئەگەر ئۇدا تۆۋەنلەپ كەتسە، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش سەۋىيەگە چۈشۈپ قالسا، ئۇنداقتا جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقنى مەڭگۈ كىچىكلىتەلمەيدۇ؛ ئەگەر ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقنى كىچىكلىتەلمىسە، 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ خىرىسى مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ.
مەن ئالدىدىكى تەھلىلگە قوشۇلمايمەن. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىر قىسمى ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئېشىشى، ئىككىنچى قىسمى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ئېلىپ كەلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئېشىشى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ھازىرغىچە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھەر يىللىق ئوتتۇرىچە ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئېشىشى خېلى مۇقىم بولدى، تەخمىنەن %2، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ ئېشىشى ئادەتتە %1 ئەتراپىدا، GDP نىڭ ئېشىشى %3 ئەتراپىغا يەتتى. مەسىلەن، ئامېرىكا زور مىقداردا چەتئەلدىن كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلسا، نوپۇس ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، %1.5 كە يېتىشى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %3.5 كە يېتىشى مۇمكىن.
تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن بىر ھەسسە، ئىككى ھەسسە، ھەتتا ئۈچ ھەسسە ئېشىشى مۇمكىن؟ ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆسۈشى تېخنىكا يېڭىلاش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە باغلىق، چۈنكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تېخنىكا ۋە كەسىپ جەھەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغانلىقتىن، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى كەسىپلەرنى ئۆزى كەشىپ قىلىش ئارقىلىقلا ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرەلەيدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوخشاشلا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە موھتاج، لېكىن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكىسى ۋە كەسپى بىلەن بولغان پەرقتىن پايدىلىنىپ، «كىرگۈزۈش، ئۆزلەشتۈرۈش، قوبۇل قىلىش، يەنە بەرپاچىلىق» ئۇسۇلى ئارقىلىق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، تەننەرخ ۋە خەۋپ-خەتەر تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ، بۇ كېيىنكىلەرنىڭ ئەۋزەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭكىدىن كۆپ تېز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆپىيىش نىسبىتىمۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭكىدىن تېز بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى تۈرنى قوشقاندا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭكىدىن ئىككى، ئۈچ ھەسسە تېز بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە نوپۇسنىڭ ئېشىشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە تېزرەك بولسا بولىدۇ، لېكىن ھېچقانچە تېز بولمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان كەسىپ، تېخنىكا سەۋىيەسىدىكى پەرق ئاتا قىلغان كېيىنكىلەرنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىش، بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.
جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، ئەڭ مۇھىمى مۇتلەق كىرىم سەۋىيەسىگە قاراش ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP سەۋىيەسىنىڭ پەرقىگە قاراش كېرەك. چۈنكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP ئوتتۇرىچە ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ سەۋىيەسىگە، ئوتتۇرىچە كەسىپ-تېخنىكا سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، گېرمانىيە 1971-يىلى، ياپونىيە 1975-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP بىلەن جۇڭگونىڭ 2019-يىلى 14100 ئامېرىكا دوللىرى ئوخشاش سەۋىيەدە، ئەمما گېرمانىيەنىڭ 1971-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سى ئامېرىكىنىڭ %72.4 كە يېتىپ، ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، شۇڭا كەسىپ ۋە تېخنىكا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھېچقانچە پەرق قالمىدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن پەقەت ئۆزى تېخنىكا كەشىپ قىلىشى ۋە كەسىپ يارىتىشى كېرەك. ئوخشاشلا، ياپونىيەنىڭ 1975-يىلىدىكى GDP سى 14100 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سى ئامېرىكىنىڭ %69.7 كە يېتىپ، 2/3 قىسمىدىن ئېشىپ كەتتى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ كەسىپ تېخنىكىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ، شۇڭا كېيىنكىلەرنىڭ ئەۋزەللىكىمۇ يوق. لېكىن، جۇڭگونىڭ 2019-يىلىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغانGDP سى 14128 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ پەقەت ئامېرىكىنىڭ GDP سىنىڭ %22.6 گىلا توغرا كېلىدۇ، پەرق يەنىلا ئىنتايىن چوڭ، كەسىپ ۋە تېخنىكىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان پەرق يەنىلا ئىنتايىن چوڭ، كېيىنكىلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىمۇ يەنىلا ئىنتايىن چوڭ.
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0