搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئىقتىساد ئىلىمى: ھۆكۈمەتنىڭ يەر ئېلىۋېلىش ھوقۇقى بارمۇ-يوق
>
ئىقتىساد ئىلىمى: ھۆكۈمەتنىڭ يەر ئېلىۋېلىش ھوقۇقى بارمۇ-يوق
Nepkar
2020-10-22
1
导读:كوس قانۇنىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئىنتايىن ئەمەلىي قوللىنىلىدۇ، يەر ئېلىش مەسىلىسىگە قارىتا باراۋەر قار
يەتتىنچى بۆلۈم: سودا خىراجىتى | تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سەنئىتى
كىشىلەر توپى بولسىلا سودا خىراجىتى بولىدۇ
كوس قانۇنىيىتىدە بىر مۇھىم ئۇقۇم--«سودا خىراجىتى» دەيدىغان ئۇقۇم بار.
بىز كوس قانۇنىيىتىنى سۆزلىگەندە، سۆزلىگىنىمىز دەل سودا خىراجىتىدۇر، لېكىن ئالدىنقى تېمىلىرىمىزدا بىز بۇ ئۇقۇمنى تىلغا ئېلىپ باقمىدۇق.
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
سودا خىراجىتىنىڭ ئېنىقلىمىسى
ئىلمىي تەپەككۇردا بەزىدە شۇنداق قىلىشقا توغرا كېلىدۇكى، ئالدى بىلەن مەسىلىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، كۆڭۈلدىكىدەك ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ بېقىش كېرەك، بۇ چاغدا بىز بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ياخشى ئىگىلىيەلەيمىز، ئاندىن رېئال شەرتلەرنى ئاز-ئازدىن قوشۇپ چىقساق بولىدۇ.
ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىملىق تېمىمىزدا، كوس بىزگە: «بارلىق زىيان ئۆزئارا بولىدۇ، ھەممىسى بايلىقنى تالىشىشتۇر. كىم بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنالىسا، بايلىق ئەڭ ئاخىرىدا شۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.» دېگەن ئىدى.
لېكىن بۇ پەقەت كۆڭۈلدىكىدەك ئەھۋال. بۇ مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرغاندا، بىزدە مۇنداق بىر پەرەز بار، يەنى بارلىق بايلىق بىر ئادەمگە تەۋە.
بىز تۆمۈر يول شىركىتى بىلەن دېھقانچىلىق يەرلىرى بىر ئادەمگە تەۋە، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بىلەن قوشۇمچە بىنا سالىدىغان مېھمانخانا بىر ئادەمگە تەۋە، بۇغداي ئېتىزى بىلەن بۇغداي يەيدىغان كالا بىر ئادەم دەپ پەرەز قىلدۇق، بۇ بايلىقلارنىڭ بىر ئادەمگە تەۋە بولۇشىنىڭ بىر پايدىسى بار، يەنى بۇ ئادەم ھېسابلاپ ئۆلچىگەندە، تەننەرخ كەتمەيدۇ، پەقەت ئۆزىنى ئۆزى قايىل قىلسىلا بولىدۇ. لېكىن رېئال تۇرمۇشتا، مەسىلە ئەزەلدىن بۇنداق ئاددىي ئەمەس. بايلىق بىر ئادەمگە تەۋە بولسىمۇ، بۇ ئادەم كەچتە ئويلاپ قويغان ئىشىنى، بىر ئۇخلاپ قوپسىلا بەلكىم ئۇنىڭدىن يېنىۋېلىشى مۇمكىن.
بىرلا ئادەم بار جەمئىيەت، پەقەت تەسەۋۋۇر ۋە رومانلاردىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، «روبىنسوننىڭ لەيلەپ ئېقىش خاتىرىسى» دىكى روبىنسون بىر ئادەملىك جەمئىيەتتە ياشايدۇ، ئوخشاشلا تەننەرخ بولىدۇ.
مەسىلەن، ئۇ بۈگۈن بېلىق تۇتماقچى بولسا، ئوۋ ئوۋلىيالمايدۇ؛ بۈگۈن ئۆي سالسا، قۇدۇق قازالمايدۇ. تەننەرخ ۋاز كېچىشنىڭ ئەڭ چوڭ بەدىلى، بىر ئادەملىك جەمئىيەتتىمۇ تەننەرخ بولىدۇ.
لېكىن بەزى تەننەرخلەر بىر ئادەملىك جەمئىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس، مەسىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزمىسىمۇ بولىدۇ، باشقىلار بىلەن دەۋالىشىش ھاجەتسىز، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا نومۇر خاتىرىلەپ بېرىشى ھاجەتسىز بولۇش قاتارلىقلار.
بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز بولسا سانسىزلىغان كىشىلەردىن تەركىب تاپقان، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتلاردا ئىككى ئادەم ھەتتا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئارىسىدا بايلىق تالىشىپ ئىشلىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئاۋارىچىلىق كۆپ بولىدۇ.
مەسىلەن، كىشىلەر ئۆزئارا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئويىنى يوشۇرۇپ، باھا تالاشقاندا قۇرۇق ھەيۋە قىلىپ، بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدۇ؛ بەزىدە قارشى تەرەپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسلا بىلگىلى بولمايدۇ، قارشى تەرەپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ، تىل ئۇقۇشماسلىق، ئارىلىق يىراق بولۇش سەۋەبىدىن، كۆرۈشۈشمۇ ناھايىتى تەسكە توختايدۇ؛ يەنە بىر-بىرىنى قاقتى-سوقتى قىلىش قىلمىشلىرىمۇ بار، ۋەھاكازالار.
بۇ تەننەرخلەرنىڭ ھەممىسىنى بىز سودا خىراجىتى دەپ ئاتايمىز.
ئىقتىسادشۇناس جاڭ ۋۇچاڭ ئىلگىرى سودا خىراجىتىگە ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە مۇنداق تەبىر بەرگەن: ئومۇمەن بىر ئادەملىك جەمئىيەت مەۋجۇت بولمايدۇ، ئەمما كۆپ شەخسلىك جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولغان تەننەرخ سودا خىراجىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن، بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، باشقىلارغا نومۇر خاتىرىلەپ بېرىش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىش، دەۋالىشىش بىردىن ئارتۇق ئادەمدىن تەركىب تاپقان جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر پەيدا قىلغان بارلىق خىراجەتنى بىز سودا خىراجىتى دەپ ئاتايمىز.
كوسنىڭ سەمىمىي نەسىھىيىتى
كوس قانۇنىيىتىنىڭ ئەڭ كەڭ تارقالغان بىر نۇسخىسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: سودا خىراجىتى نۆل ياكى يېتەرلىك تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، مۈلۈك ھوقۇقى كىمگە تەۋە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بايلىق ئەڭ قىممىتى بار ئىشلىتىش ئورنىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
بۇ نۇسخىسى، كىشىدە ناھايىتى ئاسانلا بىر خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ، كىشىلەر «كوس رېئال تۇرمۇشتا سودا خىراجىتى نۆل ياكى يېتەرلىك تۆۋەن.» دېگەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
ئەمەلىيەتتە كوسنىڭ بۇنداق مەقسىتى يوق. ئەكسىچە، ئۇ دەل بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، رېئال تۇرمۇشتىكى سودا خىراجىتى نۆل بولمايلا قالماستىن، بەلكى دائىم ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، ئۇ پەرەز قىلغان نەتىجىگە يېتىشتە توسالغۇلار ناھايىتى كۆپ بولىدۇ.
كوسنى خاتا چۈشىنىدىغانلار بەك كۆپ، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىنى نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرگەن «ئىجتىمائىي تەننەرخ مەسىلىسى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ 30 يىلدىن كېيىن، ئۇ ئالايىتەن «ئىجتىمائىي تەننەرخ مەسىلىسى خاتىرىسى (Notes on the Problem of Social Cost, 1990)» ناملىق بىر پارچە ماقالىنى يازغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە ئۇ كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «مەن ئەزەلدىن رېئال تۇرمۇشتىكى سودا خىراجىتى نۆل دەپ باقمىدىم، ئەكسىچە، رېئال تۇرمۇشتىكى سودا خىراجىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، بۇ دەل مېنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى كەسىپداشلىرىمنى ئاشۇ «سودا خىراجىتى نۆل، پەقەت بىر سىياسەت بولسىلا، كىشىلەر ئىجرا قىلالايدۇ.» دەپ ئويلايدىغان جەمئىيەتتە، ۋاز كېچىش، ئۇنىڭدىن ئايرىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ، ئۇنداق جەمئىيەتتە ياشىماسلىققا ئۈندىشىمدىكى سەۋەبتۇر. سىز رېئال تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىق، تۈرلۈك توسالغۇلارنى مەڭگۈ كۆرۈپ يېتىشىڭىز كېرەك، بىز دوسكىدىكى مەسىلىنى ئەمەس، بەلكى رېئال تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرنى ئويلىشىشىمىز، كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك.
بۇ كوسنىڭ بىزگە بەرگەن سەمىمىي نەسىھىتىدۇر.
رېئاللىقتىكى سودا خىراجىتى بەلكىم چەكسىز يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن
رېئال تۇرمۇشتا قايسىسىنىڭ سودا خىراجىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدا، بىز ئاۋۋال بىر مىسال كەلتۈرەيلى.
بىر زاۋۇتتىن قارا ئىس چىقىپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزدى. بىز ئالدى بىلەن ئەتراپتا بەش ئائىلە بار دەپ پەرەز قىلايلى، ھەر بىر ئاھالە ئۇچرىغان زىيان 100 يۈەن بولۇپ، جەمئىي 500 يۈەن. زاۋۇتقا سۈزگۈچ ئورنىتىلسىلا، ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، بۇ سۈزگۈچنىڭ باھاسى ئاران 50 يۈەن.
بۇ چاغدا كوس قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، سودا خىراجىتى نۆل بولغان ئەھۋالدا، سوتچى بۇلغىنىش ھوقۇقىنى زاۋۇتقا ھۆكۈم قىلسۇن-قىلمىسۇن، سۈزگۈچ ئورنىتىلىپ، بايلىق ئەڭ ياخشى ئىشلىتىلىدۇ: ئەگەر سوتچى «زاۋۇتنى خالىغانچە مۇھىتنى بۇلغىسا بولمايدۇ.» دېسە، زاۋۇت ئۆزى 50 يۈەن چىقىرىپ سۈزگۈچنى ئورنىتىدۇ؛ ئەكسىچە، ئەگەر سودىيە بۇلغىنىش ھوقۇقىنى زاۋۇتقا ھۆكۈم قىلسا، ئاھالىلەر پۇل يىغىدۇ، بەش ئائىلىلىكنىڭ ھەر بىرى 10 يۈەندىن 50 يۈەن چىقىرىپ، زاۋۇتقا سۈزگۈچ ئورنىتىپ بېرىدۇ.
بۇ سودا خىراجىتى نۆل بولغان ئەھۋالدا كوس قانۇنىيىتىنىڭ مەنىسى مەيلى زاۋۇت بولسۇن ياكى ئاھالىلەر بولسۇن بۇلغىنىشنى قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسىگە سۈزگۈچ ئورنىتىلىدۇ، چۈنكى بۇ ھەل قىلىش لايىھەسى ئەڭ ئۈنۈملۈك.
لېكىن، رېئال تۇرمۇشتا ئىش بېجىرىش نەدىمۇ بۇنداق ئاسان بولسۇن؟
شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئاھالىلەر بىرلىكتە 50 يۈەن يىغىپ، ئاندىن زاۋۇتقا بېرىپ زاۋۇت خوجايىنىنى قايىل قىلىپ، سۈزگۈچنى ئورنىتىپ قويسا، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قاتار ئاۋارىچىلىقلار بولىدۇ. پەقەت 50 يۈەن يىغىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. مەسىلەن، بۇ بەش ئاھالىنىڭ بەزىلىرىنىڭ نوپۇسى كۆپرەك، بەزىلىرىنىڭ ئازراق؛ بەزى ئائىلىلەر زاۋۇتقا يېقىنراق، بەزىلىرى يىراقراق؛ بەزىلىرى يۇقىرى شامال ئېغىزىدا، بەزىلىرى تۆۋەن شامال ئېغىزىدا تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 يۈەن چىقىرىشقا قوشۇلارمۇ؟
بۇلارنىڭ ھەممىسى رېئال تۇرمۇشتىكى سودا خىراجىتى، بۇ سودا خىراجىتى سەۋەبلىك پۈتكۈل سودا تاماملىغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىشى مۇمكىن.
ئۆرپ ئادەت بىلەن ئەخلاق ئۆلچىمى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
ئەگەر سودا خىراجىتى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، سودىنى تاماملىغىلى بولمايدۇ، ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
مەسىلەن، بەزى كونا ئاھالىلەر ئولتۇراق بىنالىرىغا دەسلەپتە لېفىت ئورناتمىغان، ھازىر ئۇنىڭدا ئولتۇرىدىغانلارنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغاچقا لېفىت ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىنادىكى ئاھالىلەر لىفىت ئورنىتىش-ئورناتماسلىق، لىفىتنى قانداق ئورنىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەشكەن، گەرچە نەچچە ئونلا ئائىلە بولسىمۇ، لېكىن بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك، ئۆزئارا قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىش، ئۆزئارا گەپ تالىشىش سەۋەبىدىن، ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى.
ئەگەر بۇ چاغدا 3-تەرەپ، مەسىلەن، ھۆكۈمەت-بايلىق تەقسىملەشكە تېگىشلىك يۆنىلىشنى كۆرۈپ يەتسە، ئۇلار قولىدىكى ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ بايلىقنى قايتىدىن تەڭشىسە بولامدۇ-يوق؟
مېنىڭچە جاۋابى مۇئەييەنلىككە ئىگە. بىز بەزىدە 3-تەرەپنى بايلىقنى قانداق ئىشلەتسە تېخىمۇ ياخشى بولىدىغان، ئىنتايىن ئىشەنچلىك ئەھۋالدا، قولىدىكى ھوقۇقنى ئىشلىتىپ بايلىقنى قايتىدىن تەقسىملەشكە رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.
مانا بۇ بارلىق تۈزۈم، ئۆرپ-ئادەت، ھەتتا ھۆكۈمەت، سوت مەھكىمىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى تۈپ سەۋەب، يەنى بايلىق، مەسئۇلىيەت، ھوقۇقنىڭ دەسلەپكى چېگرىسىنى بېكىتىش.
سەۋەبى: ئەگەر سودا خىراجىتى نۆل بولسا، ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە، بىزنىڭ بايلىقىمىز، ھوقۇقىمىز، مەسئۇلىيىتىمىزنى قانداق تەقسىم قىلساق بەرىبىر، چۈنكى بىز قايتىدىن كېلىشىم ھاسىل قىلالايمىز، بايلىقنى قايتىدىن يۆتكەپ، قايتىدىن ئىشلىتىش قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرەلەيمىز.
لېكىن رېئال تۇرمۇشتا سودا خىراجىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، نۇرغۇن بايلىقنى ئىشلىتىش قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈشكە ئامالسىز قالىمىز. شۇڭا، دەسلەپكى مۈلۈك ھوقۇقىنى تەقسىملەش، تۈزۈم-نىزام، ئۆرپ-ئادەت، ھەتتا ئەخلاق ئۆلچىمى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ قالماقتا.
بىز جەمئىيەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈزۈم، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىنى تەكرار كېڭىشىش تەننەرخىنى ئازايتىش ئۈچۈن تەدرىجىي مۇقىملاشتۇرۇلغان ماجىرانى ھەل قىلىش چارىسى دەپ قارىساق بولىدۇ.
ئۆزىڭىز ئۇنى مۇۋاپىق ئىجتىمائىي ئۆرپ-ئادەت دەپ قارايدىغان، بايلىقنى مۇۋاپىق كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە بېكىتىپ بېرىدىغان ياكى مەسئۇلىيەتنى كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەردىن ساقلىنىش ئاسانراق بولغان كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا بېكىتىپ بېرىدىغان بىر مىسال كەلتۈرەلەمسىز؟
يەرنى قايتۇرىۋېلىشنى دەڭسەپ كۆرۈش
بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، رېئال تۇرمۇشتا سودا خىراجىتى مەڭگۈ نۆل بولمايدۇ، پەقەت ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم بولغان جەمئىيەتتە، نۇرغۇن سودا خىراجىتى مەۋجۇت بولىدۇ. نۇرغۇن سودا خىراجىتى بولغاچقا، بايلىقنىڭ دەسلەپكى دائىرىسى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ قالماقتا.
ئەگەر بايلىقنىڭ ئىشلىتىش ئورنى تېخىمۇ ياخشى كىشىلەرنىڭ قولىدا بولمىسا، ئۈچىنچى تەرەپ، مەسىلەن، ھۆكۈمەت، سوت مەھكىمىسى بۇ بايلىقلارنى قەيەرگە ئىشلەتسە قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلىسە، ئۇنداقتا ھۆكۈمەت، سوت مەھكىمىسى قولىدىكى ھوقۇقنى ئىشلىتىپ بايلىقنى قايتىدىن تەقسىم قىلسا، كۈچكە ئىگە بولامدۇ-يوق؟
مەسىلەن، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر مەسىلە شۇكى، ھۆكۈمەتنىڭ زادى شەخسنىڭ يېرىنى ئومۇمنىڭ ئىشىغا ئىشلىتىش ھوقۇقى بارمۇ-يوق؟
ھۆكۈمەتنىڭ يەر ئېلىۋېلىش ھوقۇقى بارمۇ-يوق؟
نۇرغۇن كىشىلەر يەرنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، يەر مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتا «شامال كىرسە بولىدۇ، يامغۇر ئۆتسە بولىدۇ، پادىشاھ كىرسە بولمايدۇ.» دەپ قارايدۇ.
كىشىلەر «يەر شەخسىينىڭ بولسىلا، شەخس مۇتلەق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، ھۆكۈمەت ۋە باشقىلار ئۇنىڭغا ئازراقمۇ دەخلى-تەرۇز قىلسا بولمايدۇ.» دەپ قارايدۇ، بۇ خىل خۇسۇسىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ.
لېكىن بىز مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ئويلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، بەزىلەر ئامېرىكىغا بېرىپ، كەڭلىكى بىر سۇڭ كېلىدىغان ئامېرىكىنىڭ ئەڭ شىمالىدىن ئەڭ جەنۇبىغىچە كېسىپ ئۆتىدىغان يەرنى سېتىۋالسا، بۇنداق بولغاندا ئۇ ئامېرىكىنى ئىككىگە بۆلەلەيدۇ. ئەگەر بىز بايا دېگەن «شامال كىرسە بولىدۇ، يامغۇر ئۆتسە بولىدۇ، پادىشاھ كىرسە بولمايدۇ.» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ئىجرا قىلىنسا، ئۇ ئامېرىكىنىڭ شەرق، غەرب ئىككى تەرىپىدىكى بارلىق قاتناشنى ئۈزۈۋېتەلەيدۇ. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ھەم مۇۋاپىق بولمىغان ئىش.
بۇنداق ئەھۋالدا، ھۆكۈمەت قولىدىكى يەرنى ئېلىۋېلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتسە، مېنىڭچە مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ھۆكۈمەتنىڭ يەرنى ئېلىۋېلىشى ئامېرىكىدا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئاساسى قانۇننىڭ 5-قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىدە: «ئەگەر ئادىل تۆلەم بېرىلمىسە، ئۇنداقتا شەخسىي مال-مۈلۈكنى جامائەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسىي يەرنى ئېلىۋېلىشى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئاساسى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ: بىرىنچى، ئېلىۋېلىنغان يەرنى جامائەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىش كېرەك، ئىككىنچى، ئېلىۋېلىپ ئىشلەتكەندە، ھۆكۈمەت ئادىل تۆلەم بېرىشى كېرەك.
دېيىلىۋاتقان «ئادىل تۆلەم»نى بېكىتىش بىر قەدەر ئاسان. بەزى ئوبلاستلاردا: «ھۆكۈمەت يەر ئالغاندا، ئەتراپتىكى يەر مۈلۈكنىڭ سېتىۋېلىش باھاسىنى يېرى ئېلىنغۇچىغا ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشىغا تەمىنلىشى كېرەك.» دەپ بەلگىلىگەن.
تېخىمۇ چوڭ مەسىلە شۇكى، قانداق قىلغاندا ئاممىۋى ئىشلىتىلىش ئورنى ھېسابلىنىدۇ؟ ئەگەر بۇ يەرگە بىر ساقچى ئىدارىسى قۇرۇشنى ئاممىۋى ئىشلىتىش دېسەك، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەن بىر شەخسىي ئامانلىق ساقلاش شىركىتى قۇرۇش ئاممىۋى ئىشلىتىش ھېسابلىنامدۇ؟
ئەگەر بۇ يەرگە بىر مەكتەپ سېلىش ئاممىۋى ئىشلىتىلىش بولسا، ئۇنداقتا ئۇ يەرگە MBA سودا ئىنستىتۇتى قۇرۇش ئاممىۋى ئىشلىتىلىش ھېسابلىنامدۇ؟
ئەگەر بۇ يەرگە دوختۇرخانا سالساق ئاممىۋى ئىشلارغا ئىشلىتىلگەنلىك بولسا، ئۇنداقتا بىر شەخسىي دورا ياساش شىركىتى بۇ يەرگە تەتقىقات مەركىزى سالسا، ئاممىۋى ئىشلىتىلىش ئورنى ھېسابلىنامدۇ؟
دېيىلىۋاتقان ئاممىۋى ئىشلىتىش ئورنى ئەمەلىيەتتە ئېنىق بېكىتىلمىگەن.
يەر ئېلىش ھوقۇقىنىڭ چېكى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ
2005-يىلى، ئامېرىكىدا «كېلونىڭ يېڭى لوندون شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى ئەرز قىلىش دېلوسى (Kelo v. City of New London, 2005)» دەپ ئاتىلىدىغان بىر داڭلىق دېلو يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ دېلودا داڭلىق دورا ياساش شىركىتى-- خۇيرۇي شىركىتى بىر پارچە يەر ئېلىپ تەتقىقات مەركىزى قۇرماقچى بولغان.
ئۇنىڭدا بۇ تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئادەم ياللاپ، جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەتكە كۆپرەك باج تاپشۇرۇپ، كۆپرەك تۆھپە قوشۇلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
بۇ يەردە بىر ئائىلە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىسمى كېلو، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، خۇيرۈي شىركىتىگە سېتىپ بېرىشنى خالىمايدۇ، نەتىجىدە ئۇ خۇيرۈيگە يەرنى ئېلىپ بەرگەن ھۆكۈمەت ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىدۇ. بۇ دېلو كېيىن فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە يېتىپ بارىدۇ.
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408