大数跨境

نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 1-بۆلەك

نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 1-بۆلەك Nepkar
2020-09-28
1
导读:شى يىگۇڭ: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى (ئەقلىي ئىدراك) ئەقىل بۆ
شى يىگۇڭ: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى (ئەقلىي ئىدراك) ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر

شى يىگۇڭ ئاز تېپىلىدىغان جامائەت ساھەسىدە ناھايىتى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىمى. بۇ ماقالە ئەينى چاغدىكى چىڭخۇا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى شى يىگۇڭنىڭ 2015-يىللىق ئاسپىرانتلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى بولۇپ، ئەسلى تېمىسى: «ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇلۇغۋار ئىرادىسىدىن غەم قىلماسلىق» ئىدى. 
ئاپتور: مەيلى قايسى پەن بولسۇن، فىزىكا، قۇرۇلۇش، بىئولوگىيە، ئىجتىمائىي پەن بولسۇن، مېنىڭچە ئەڭ مۇھىمى ئەقىل بۆلۈنمىسى (ئەقلىي ئىدراك) دېگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىلمىي تەتقىقاتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىم ئۈچ تەرەپ بولسا:
1. ۋاقىتنىڭ سەرپ قىلىنىشى—ئۆزىڭىچە «بىلەرمەنلىك قىلسام بولىدۇ.» دەپ قالماڭ، دۇنيادا ھەقسىز كەچلىك زىياپەت يوق، بۇ قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدە. شۇڭا بەزىدە بەزىلەرنىڭ مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمنى پۈتۈنلەي پۇرسەت دېيىشىدىن بىزار بولىمەن، بۇ چوقۇم قۇرۇق گەپ.
2. مېتودولوگىيەنىڭ ئۆزگىرىشى.
3. تەنقىدىي تەپەككۇر بەرپا قىلىش--مېتودولوگىيەنىڭ ئۆزگىرىشىدىن باشقا، يەنە ئىلىم نوپۇزىغا جەڭ ئېلان قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئاپتور: شى يىگۇڭ، خەلقئارادىكى داڭلىق قۇرۇلما بىئولوگىيە ئالىمى. 1995-يىلى ئامېرىكا جون خوپكىنس داشۆسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ياۋروپا مولېكۇلا بىيولوگىيەسى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ چەتئەل تەۋەلىكىدىكى ئالىمى، ئامېرىكا دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ چەتئەل تەۋەلىكىدىكى ئاكادېمىكى، ئامېرىكا ئادىمىيەت ۋە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ چەتئەللىك ئاكادېمىكى 2017-يىلى 2-نۆۋەتلىك «كەلگۈسى ئىلىم-پەن مۇكاپاتى»نىڭ «ھاياتلىق ئىلمى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئىلگىرى چىڭخۇا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. ھازىر شىخۇ داشۆسىنىڭ تۇنجى مەكتەپ مۇدىرى.

تۆۋەندىكىسى نۇتۇق سۆزىنىڭ ئەسلىي تېكىستى:
ئۆسۈپ يېتىلىش يولۇم
بۇ يەردە ئولتۇرغان بەزى ساۋاقداشلار بۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلىشنى تېخى ئويلاپ يېتەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، تەشۋىشلىنىدۇ: ئەگەر پەن تەتقىقاتقا قىزىقمىسا، كەلگۈسى تەرەققىياتنى ياخشى ئويلاشمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەمەلىيەتتە مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، مەن سىلەردەك ۋاقتىمدا، يەنى 20 نەچچە يىل بۇرۇن، مەنمۇ ئويلىنىپ بولالمىغان، ھەم ئىنتايىن گاڭگىراپ قالغان ئىدىم. بۇ خىل گاڭگىراش 1995-يىلىغا كەلگەندە، دوكتور ئاشتىلىقنى تاماملانغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىمنى غۇۋا بىلىپ، ئاندىن قەتئىي نىيەتكە كەلگەن.
ئەينى چاغدىكى گاڭگىراش نۇرغۇن تەرەپلەردىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپتە كەسىپ تاللاشمۇ بار ئىدى. مەن بۇ يەردە ئولتۇرغان بەزى كىشىلەرگە ئوخشىمايمەن، ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىلا ئۆزۈمنىڭ قايسى كەسىپتە ئوقۇغۇم بارلىقىنى بىلەتتىم. ئىگىلىك باشقۇرۇش، بىناكارلىق، ھاياتلىق، خىمىيە، قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنى ئۆگەنمەكچى بولغان. مەن ئەينى ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپكە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلگەن، تىزىملاتقان چىڭخۇا داشۆىڭ بىرىنچى كەسىپنىڭ مېخانىكا فاكۇلتېتى ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىك ئويلاپمۇ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. 
مېخانىكا فاكۇلتېتىغا تىزىملىتىشتىن بۇرۇن يەنە بېيجىڭ داشۆسىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا تىزىملاتقان. 1985-يىلى 5-ئايغا كەلگەندە چىڭخۇا داشۆنىڭ مۇئەللىمى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغىلى كەلگەندە ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى: «بىئولوگىيە-خىمىيە 21-ئەسىردىكى ئىلىم-پەن» مەن ئەينى چاغدا تۇنجى قېتىم بىئولوگىيە بىلەن خىمىيەنى تۇتاشتۇرغان ئىدىم، شۇ چاغدا بىردىنلا دىلىم يورۇپ كەتتى--ئەسلىدە بىئو خىمىيە 21-ئەسىردىكى ئىلىم-پەن ئىكەن! شۇنىڭ بىلەن تۈزۈك ئاڭقىرىپ بولالمايلا ھاياتلىق ئىلمىدىن ئىبارەت بۇ كېمىگە چىقتىم. مەن ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە خېنەن ئۆلكىسى بويىچە بىرىنچى بولغانلىقىم ئۈچۈن، چىڭخۇا داشۆسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدىم. مېنىڭ ماتېماتىكىلىق ئىقتىدارىم ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى.
مەن ئىلگىرى بىئولوگىيە مۇسابىقىسىدىكى ساۋاقداشلىرىمغا: «ھەرگىز ئۆزۈڭلارنى كەمسىتمەڭلار، ماتېماتىكا-فىزىكا مۇسابىقىسىدە ياخشىسى بىلەرمەنلىك قىلىدۇ، بىئولوگىيە مۇسابىقىسىدە ياخشىسى چوڭ ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولىدۇ.» دېگەنىدىم. بۇ خىل قاراشتا تالاش-تارتىش بار، مەن بۈگۈن سۆزلەيدىغان نۇرغۇن مەزمۇنلاردا تالاش-تارتىش بولۇشى مۇمكىن.
ماتېماتىكا، فىزىكا ئۆگىنىشتە تەپەككۇرغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەقلىي يەكۈن چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، جانلىقلار ئوخشىمايدۇ، بۇلار ئوخشىمىغان مېڭە رايونىدا يۈز بېرىدۇ. مەن چىڭخۇادىكى ۋاقتىمدا بىئولوگىيەدە ياخشى ئەمەس ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن ماتېماتىكا قوش ئۇنۋانىنى ئالدىم، ماتېماتىكا فىزىكا دەرسلىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بىئولوگىيە نەتىجەمنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپ، نەتىجەمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدۇم.
شۇڭا، مېنىڭ كەسىپ تاللىشىم بىرىنچىدىن قىزىقىشقا، ئىككىنچىدىن ئارتۇقچىلىققا ئەمەس، بەلكى چىڭخۇا داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىر جۈملە سۆزى بىلەن بولغان. ئەلۋەتتە بۇ بىر چاقچاق.
ئۇنداقتا كەسىپ تاللاشتا نېمىگە ئاساسلىنىش كېرەك؟ مەن ئوقۇغۇچىلارغا كەلگۈسى دۇنيانىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بولۇشى كېرەك دەيمەن. بۇ دۇنيانىڭ تەرەققىياتى بۇ يەردە ئولتۇرغان مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق ئەمەس، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىغىمۇ باغلىق ئەمەس، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىش تېپىش-تاپالماسلىققا تېخىمۇ باغلىق ئەمەس. 
بۇ دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدا ئىلمىي مەسىلىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن كەلگەن بولۇپ، «ھاياتلىق ئىلمى» دەپ ئاتىلىدۇ. مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى قانداق بولسۇن، باشقا پەنلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولسۇن، لېكىن چوڭ ھاياتلىق پەنلىرى 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ پەن.
سىلەر ماسساچۇسېتس، سىتانفورد، خارۋاردنىڭ ئەڭ چوڭ پەنلىرىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. مېنىڭچە سىلەر كەسىپ تاللىغان ۋاقىتتا، قىزىقىشىڭلار بولسا ياخشى، قىزىقىشىڭلار يوق ۋاقىتتا قىزىقىش يېتىلدۈرسەڭلار بولىدۇ. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ئادەم ئۆزگىرىشكە ماھىر، سىلەرنىڭ باشقا تەرەپلىرىڭلار ئۆزگەرسە بولىدۇ، نېمە ئۈچۈن كەسىپ ئۆزگەرمەيدۇ؟
بىر تۈرلۈك ئىشتىن سىرتقى قىزىقىشنى بەلكىم سىلەر بەك ياخشى كۆرۈشۈڭلار مۇمكىن، لېكىن كۈندە قىلساڭلار سىلەرنى بىزار قىلىشى مۇمكىن. مېنىڭچە بىر ئىشنى قىلىشتا، پۈتۈنلەي قىزىقىشقا تايانسا، ماڭا نىسبەتەن ئىشەنچىلىك ئەمەس. ئالىي مەكتەپ مەزگىلىدە مەن بىئولوگىيەدىن قاتتىق نەپرەتلىنەتتىم، چۈنكى ياخشى ئۆگىنەلمەيتتىم. مېنىڭ ئىرسىيەتشۇناسلىق تەجرىبەم، ئىرسىيەت دەرسى، ھۈجەيرە ئىلمى تەجرىبىسى، ھۈجەيرە دەرسى سىنىپتا ھەممىسى ئوتتۇرىدا ئىدى. 
تولۇق كۇرسنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، مەن چەتئەلدە دوكتورلۇقتا ئوقۇشنى سۆزلەپ بېرەي. مەن چىڭخۇا داشۆسىدە بىر يىل بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئەينى چاغدا مەن ئىلىم-پەنگە قىزىقمايتتىم، سىياسىي ئىشلارغا قىزىقاتتىم. بەلكىم بەزى ساۋاقداشلار ئەينى ۋاقىتتا دادامنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ماڭا بولغان تەسىرىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشى مۇمكىن.
مېنىڭچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بىر جەمئىيەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، پۇقرالار ئۈچۈن گەپ قىلالايدۇ، ئىش قىلالايدۇ. مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغۇم بار ئىدى. بىراق ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ھېچقانداق يولۇم يوق ئىدى، شۇڭا ئالدى بىلەن سودا قىلىش كېرەك دەپ ئويلىدىم.  شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا چىڭخۇا داشۆسىنىڭ پەن-تېخنىكا توپ تارقىتىش باش شىركىتى بىلەن شىركەتكە ۋاكالىتەن شياڭگاڭغا بېرىپ سودا قىلىش پۇرسىتى ئىمزالاپ، ئاممىۋى مۇناسىۋەت قىلىشقا ئاتلاندىم. 
سىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايسىلەرغۇ دەيمەن؟ «قارىغاندا شى مۇئەللىم خېلى گەپدان ئىكەن، ئاممىۋى مۇناسىۋەتتە يامان ئەمەس بولۇشى مۇمكىن.» دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن.  مەن ياش ۋاقتىمدا ھازىرقىدىن كۆپ كۈچلۈك ئىدىم، نەتىجىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش توختامى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يىرتىپ تاشلاندى. بىر كېچە ئىككىلەنگەندىن كېيىن، مەن توفېل، GRE ئىمتىھانى بېرىپ چەتئەلگە چىقىشنى قارار قىلدىم.
ياش تۇرۇپ كۆرەڭلەپ كەتكەن مېنىڭ قەلبىمدە، چەتئەلگە چىقىش بىر يول ئەمەس ئىدى. ئاخىرىدا مەن چەتئەلگە چىقىپ بىئولوگىيە دوكتورى بولۇشنى قارار قىلدىم.

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408