大数跨境

ستېۋ جوبسنىڭ داڭلىق نۇتۇقى: بىلىمگە ئىنتىل، كەمتەر ياشا

ستېۋ جوبسنىڭ داڭلىق نۇتۇقى: بىلىمگە ئىنتىل، كەمتەر ياشا Nepkar
2020-09-29
2
导读:Steve Jobs نىڭ 2005-يىللىق سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ

Steve Jobs نىڭ 2005-يىللىق سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتۇقى 

بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھەرقايسىڭلار بىلەن بىرگە بولغىنىمدىن ئىنتايىن شەرەپلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. راستىنى ئېيتقاندا مەن ئالى مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرمىگەن. بۇ ماڭا نىسبەتەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئەڭ يېقىنلاشقان بىر دەقىقە. مەن بۈگۈن ھايات سەپىرىمدىكى ئۈچ ھېكايىنى سۆزلىمەكچى. جىق ئەمەس ئۈچلا.

بىرىنچى ھېكايە: كىچىك ئىشلارنى بىر-بىرىگە باغلاشتۇرۇش
مەن رىد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالتە ئاي ئوقۇشتىن توختىدىم. تاكى مەن ئوقۇشتىن چېكىنگۈچە بولغان ئارىلىقتا 18 ئاي ئۆتتى. ئۇنداقتا مەن نېمىشقا ئوقۇشتىن چېكىندىم؟ بۇنى مېنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشىمدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. مېنىڭ ئۆز ئاپام ئەينى ۋاقىتتا تېخى توي قىلمىغان ئاسپىرانت ئىكەن. مېنى تۇغۇلۇشۇمغىلا ئالىي مەكتەپ سەۋىيەسىدىكى بىرەرسىگە بېرىۋەتمەكچى بوپتۇ. بىر ئادۋوكات ئەر ئايال بېقىۋېلىشنى ماقۇل كۆرۈپتۇ، بىراق مەن تۇغۇلغاندا بولسا ئەسلى بىر قىز بوۋاق بېقىۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ يېنىۋاپتۇ. بالا بېقىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ھازىرقى ئاتا-ئانام يېرىم كېچىدە بىر تېلېفون قوبۇل قىپتۇ:  «ئويلىمىغان يەردىن بىر ئوغۇل بالا چىقىپ قالدى، سىلەر بېقىۋېلىشنى خالامسىلەر؟» ئۇلار قوشۇلۇپتۇ. كېيىن ئۆز ئاپام مېنىڭ ھازىرقى ئاپامنىڭ ئالىي مەكتەپ سەۋىيەسى يوقلۇقىنى، ھازىرقى دادامنىڭ بولسا ھەتتا تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ پۈتتۈرمىگەنلىكىنى بايقاپ رەسمىيەتلەرگە قول قۇيۇشنى رەت قىلىپتۇ. نەچچە ئايدىن كېيىن مېنىڭ ھازىرقى ئاتا-ئانام مېنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئاندىن قوشۇلۇپتۇ. مېنىڭ ھاياتىم مانا مۇشۇنداق باشلانغان.
17 يىلدىن كېيىن مەن ئالىي مەكتەپكە كىردىم. ئەينى ۋاقىتتا بىلمەي قېلىپ ئوقۇش پۇلى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئوخشاش قىممەت بىر ئالى مەكتەپنى تاللاپتىمەن. ئاتا-ئانامنىڭ يىغقان پۇلىنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۇلۇمغا كەتتى. ئالتە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. مەن بۇنداق ئوقۇشنىڭ زادى قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلمىدىم. ئۇ چاغلاردا بۇ ئۆمرۈمدە نېمىشلارنى قىلىشنى، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ بۇ سوئالىمغا قانچىلىك ياردىمى بارلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە مەن ئاتا-ئانامنىڭ بىر ئۆمۈر يىغقان پۇللىرىنى خەجلەۋاتاتتىم. شۇڭا مەن ئوقۇشتىن توختاشنى قارار قىلدىم. چۈنكى مەن «باشقا كەلگەندە باتۇر» بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ئەينى ۋاقىتتا كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ قارار كېيىن قارىسام مەن چىقارغان توغرا قارارنىڭ بىرى بولۇپ چىقتى. ئوقۇش توختاتقاندىن كېيىن مېنى قىزىقتۇرالمايدىغان دەرسلەردىن توختاپ، ۋاقتىمنى ئۆزۈم قىزىقىدىغان دەرسلەرنى ئاڭلاشقا سەرپ قىلدىم.
كۈنلىرىم ئۇنچىلىك رومانتىك ئەمەس ئىدى. مېنىڭ ياتىقىمبولمىغاچقا دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە پولدىلا ئۇخلايتتىم. كولا قۇتىسىنى يىغىپ تاپقان بەش شىللىڭ پۇلغا يەيدىغان نەرسە ئېلىپ يەيتتىم. بىر ۋاق ياخشى تاماق يېيىش ئۈچۈن ھەر يەكشەنبە كەچ يەتتە ئىنگلىز مىللىي (تەخمىنەن 11 كىلومېتىر) يىراقلىقتىكى ھىندىستاننىڭ ھارې كرىشنا ئىبادەتخانىسىغا باراتتىم. ئۇ يەردىكى تاماقلارنى بەكمۇ ياقتۇراتتىم. ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى ۋە بىۋاسىتە سېزىمىغا ئاساسەن ئىگىلىگەن نۇرغۇن نەرسىلىرىم كېيىنكى كۈنلەردە قىممەتلىك بايلىقىم بولۇپ قالدى. مىسالغا ئالسام :
ئەينى چاغدا رىد ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت ئىچىدە ئەڭ ياخشى دېگۈدەك ئوقۇتۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيتتى. مەكتەپنىڭ ھەربىر پارچە تام گېزىتى، تارتمىلارنىڭ ئىزاھنامىسىدىمۇ چىرايلىق قول يازمىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. مەن ئوقۇشتىن چېكىنگەنلىكتىن نورمال تەرتىپ بويىچە دەرس ئوقۇمىساممۇ بولىدىغان بولغاچقا، خەتتاتلىقنى ئۆگىنىشكە كىرىشتىم. مەن سېرىف ۋە سان سېرىف خەت نۇسخىسىنى، باسمىچىلىق سەنئىتىنى سەرخىللاشتۇرغان ئوخشىمىغان ھەرپ بىرىكمىسىنىڭ ئارىلىقىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگەندىم. مەن ئۇنىڭدىن پەن ئارقىلىق ھېس قىلغىلى بولمايدىغان تارىخى، بەدىئىي گۈزەللىكنىڭ كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم.
بۇ ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ تۇرمۇشۇمدا قانداق ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىقى بارلىقىنى بىلمەيتتىم. بىراق 10 يىلدىن كېيىن، مەن تۇنجى ماسىنتوش كومپيۇتېرىنى لايىھەلەۋاتقاندا ئۆگەنگەنلىرىمنى ئېسىمگە ئېلىپ ئىشلەتتىم. شۇڭا ماسىنتوش چىرايلىق نەرسىلەرنى بېسىپ چىقىرالايدىغان تۇنجى كومپيۇتېر بولۇپ قالدى. ئەگەر مەن خەتتاتلىق دەرسىگە كىرىشىپ قالمىغان بولسام، مەك سىستېمىسىمۇ ھەرخىل خەت نۇسخىسى ۋە نىسبەت بويىچە ئۆزگەرتىلگەن خەت شەكلىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان بولاتتى. ئەگەر ۋىندوس مەكدىن كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەن بولسا، مەن مەكتەپتىن چېكىنىپ خەتتاتلىق دەرسىنى ئۆگەنمىگەن بولسام ئېھتىمال شەخسى كومپيۇتېرنىڭ ھېچقايسىسىدا ھازىرقىدەك ھەر خىل چىرايلىق خەت نۇسخىسى بولمىغان بولاتتى. ئەلۋەتتە مەن ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا بۇلارنى بىر-بىرىگە باغلاشتۇرۇپ ئالدىن مۆلچەرلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 10 يىلدىن كېيىنكى ئەمەلىيەت بۇنى ئېنىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
دېمەك، سىز ھاياتىڭىزدىكى ھەربىر كىچىك نۇقتىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلىيەلمەيسىز. پەقەت ئۆتمۈشىڭىزگە قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. شۇڭا ئىشىنىڭكى سىز ئۆگەنگەن ئۇششاق–چۈششەك ئىشلار ھاياتىڭىزدا بىر-بىرىگە باغلانغان بولىدۇ. ئازدۇر كۆپتۇر بىرەر نەرسىگە ئىشىنىڭ، مەيلى بىۋاسىتە سېزىم، تەقدىر ياكى ھاياتلىق دېگەندەك. بۇ گەرچە سىزنى داغدام يولدىن مەھرۇم قىلغان تەقدىردىمۇ ھېچ بولمىسا ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ، يولىڭىز ماڭغانسېرى ئېچىلىدۇ. بۇنداق قىلىش مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگىچە مەناغا ئىگە قىلىپ كەلدى.

مېنىڭ ئىككىنچى ھېكايەم: ياخشى كۆرۈش ۋە يۈتتۈرۈش
ئۆزۈمنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرۈپ قىلىدىغانلىقىمنى بالدۇر بايقىغىنىمدىن ئۆزۈمنى ئامەتلىك دەپ چاغلايمەن. 20 ياش ۋاقتىمدا ماشىنا ئىسكىلاتىدا ۋوز بىلەن بىرلىكتە ئالما كومپيۇتېرىنىڭ ئىشلىرىنى باشلىغان ئىدۇق. جاپالىق ئەمگىكىمىز بەدىلىگە ئالما شىركىتى 10 يىلنىڭ ئىچىدە ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئىش باشلىغان ئىككى ئادەمدىن چوڭىيىپ ئىككى مىليون دوللار ئىقتىسادى قىممىتى ۋە 4000 خىزمەتچىسى بار بىر چوڭ شىركەتكە ئايلاندى. ئۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن بىزنىڭ ئەڭ ئېسىل مەھسۇلاتىمىز ماسىنتوشنى بازارغا سالدۇق. مېنىڭ يېشىممۇ 30 غا بېرىپ قالغانىدى. ئاندىن مەن ئىشتىن بوشىتىلدىم. ئۆزى قۇرغان شىركەتتىن ئىشتىن بوشىتىلغان نەدە بار؟ ئەسلى، ئالما چوڭايغاندىن كېيىن مەن ئىشەنچلىك دەپ قارىغان بىرىنى بىز بىلەن بىرگە شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئىشلەتتۇق. باشتىكى بىر نەچچە يىلدا ئۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىدى. كېيىن كەلگۈسى تەرەققىيات ھەققىدە پىكرىمىز بىر يەردىن چىقماي قېلىپ، ئۆز يولىمىزغا ماڭماقچى بولدۇق. ئويلىمىغان يەردىن باشقۇرۇش ھەيئىتىدىكىلەر ئۇنىڭ پىكىرىنى قوللىغاچقا مەن ئىلاجسىز چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم. 30 ياش ۋاقتىم ئىدى. ياشلىقىمنى سەرپ قىلىپ تىكلىگەن ئىگىلىكىم مۇشۇنداقلا يوق بولدى. نېمە قىلىشنى بىلمەيلا قالدىم.
مۇشۇ تەرىقىدە بىر نەچچە ئايمۇ ئۆتۈپ سودا ساھەسىدىكى ئۇستازلىرىمنىڭ مەندىن كۈتكەن يېرىدىن چىقالماي، ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈردۈم. ئات كۈچى (HP) شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى داۋىد پاكارد بىلەن ئىنتېلنىڭ قۇرغۇچىسى بوب نويسنى ئىزدەپ، ئىشلارنى بۇزۇپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلاردىن ئەپۇ سورىدىم. مەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى مەغلۇبىيەتچىنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ قالغانىدىم. بېشىمنى ئېلىپ چىقىپ كېتەي دەپمۇ ئويلىدىم. بىراق مەن يەنىلا بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئالمىدىكى مەغلۇبىيىتىممۇ بۇ ياقتۇرۇشۇمنى قىلچە ئۆزگەرتەلمىگەن ئىدى. گەرچە مەن ئىنكار قىلىنغان بولساممۇ يەنىلا شۇ ئىشلارنى ياخشى كۆرەتتىم. شۇڭا ھەممىنى باشتىن باشلاشنى قارار قىلدىم.
ئەينى ۋاقىتتا بايقىماپتىكەنمەن، بىراق كېيىن بىلدىمكى ئالمىدىن چېكىنىپ چىققىنىم مەن بېشىمدىن كەچۈرگەن ئەڭ ياخشى ئىش ئىكەن. ھېچقانداق ئىشنى جەزملەشتۈرمەي تۇرۇپ ھەممە ئىشنى يېڭىدىن باشلاش جاپا-مۇشەققەتتە قالغان غەلىبە قازانغۇچى بولۇشقا قارىغاندا ئاسان تۇيۇلدى، ئەركىن ھالدا ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئىجادى مەزگىللىگە قەدەم قويدۇم. كېيىنكى بەش يىلدا مەن ئارقا-ئارقىدىن نېكىست ۋە پىكسار شىركىتىنى ئاچتىم، ھازىرقى ئايالىم لائۇرېن بىلەن تونۇشتۇم. دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم كومپيۇتېردىلا ئىشلەنگەن كارتون فىلىمى ئويۇنچۇقلار ھېكايىسىنى ئىشلەپ چىقتىم. ئۇ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كارتون فىلىمى ئىشلەش مەركىزى بولۇپ قالدى. كېيىن ئالما شىركىتى نېكىست شىركىتىنى سېتىۋالدى، مەنمۇ ئالما شىركىتىگە قايتتىم. بى‍ز نېكىستتا تەرەققىي قىلدۇرغان تېخنىكا ئالمىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىدىكى يادروسى بولۇپ قالدى. كېيىن ھازىرقى ئايالىم بىلەن بىزنىڭ بەختلىك ئائىلىمىزنى قۇردۇق.
جەزىملەشتۈرىمەنكى، ئەگەر ئالمىدىن چىقىرىۋېتىلمىگەن بولسام بۇ ياخشى ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسى يۈز بەرمىگەن بولاتتى. خۇددى كېسەلگە پايدا قىلىدىغان ئاچچىق دورىغا ئوخشاش. تۇرمۇشتا بەزىدە كۈتۈلمىگەن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. ئىشەنچىڭىزنى يوقاتماڭ. قىلىۋاتقان ئىشىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىم مېنىڭ ئالغا بېسىشىمغا تۈرتكە بولۇۋاتقان بىردىن بىر نەرسە. سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى تېپىپ چىقىشىڭىز كېرەك، خۇددى سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىرىنى تاپقاندەك چىن بولسۇن. سىز قىلىدىغان خىزمەت ھاياتىڭىزنىڭ بىر چوڭ بۆلىكى بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىڭىز مەمنۇن بولغۇدەك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى سىز ئۇلۇغ دەپ بىلگەن ئىشنى قىلىش. شۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى سىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش. ئەگەر ئۇنداق ئىشلارنى تېخى بايقىمىغان بولسىڭىز داۋاملىق ئىزدەڭ، بوشىشىپ قالماڭ. ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كىرىشىپ ئىزدىسىڭىز چوقۇم تاپالايسىز. ئاندىن خۇددى باشقا مۇناسىۋەتلەرگە ئوخشاش، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارا-بارا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا بوشاشماي ئىزدەڭ، توختاپ قالماڭ.

ئۈچىنچى ھېكايەم: ئۆلۈم
17  ياش ۋاقتىمدا مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئوقۇغان ئىدىم: «ھەربىر كۈنىڭىزنى خۇددى ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدەك ئۆتكۈزسىڭىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىڭىزنىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقايسىز.» بۇ سۆز ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى 33 يىل مابەينىدە، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمدىن مۇنداق سورايتتىم: «ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولغان بولسا، يەنە بۈگۈن قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلارمىدىم؟» ئەگەر ئۇدا بىر نەچچە كۈن ياق دەپ جاۋاب بەرگەن بولسام، ئېنىقكى تۇرمۇشۇمغا چوقۇم ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشىم كېرەك.

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0