大数跨境

ئىقتىساد ئىلىمى: ​ئالىي مەكتەپ ياتىقى كىمگە تەۋە بولۇشى كېرەك

ئىقتىساد ئىلىمى: ​ئالىي مەكتەپ ياتىقى كىمگە تەۋە بولۇشى كېرەك Nepkar
2020-10-23
0
导读:چولپان بىر نەچچە سېكۇنت ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇ ئىچىۋاتقاندا تارتىۋېلىنغان ئېلان، نۇ
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


ھەمكارلىق يېشىمىنى ئىزدەش
كوس قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا، بىز رېئال تۇرمۇشتا يولۇققان تۈرلۈك بايلىق توقۇنۇش مەسىلىلىرىنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلالايمىز.
جۇ چىرېن مۇئەللىم: «نۇرغۇن مەسىلىلەردە، داۋلى سۆزلىمەڭ، ساننى سۆزلەڭ.» دېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
قائىدە سۆزلىسە ھەممە ئادەمنىڭ ئاساسى بار، ئېنىق چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ، ھەمكارلىق يېشىمىنى تېپىش ئۈچۈن، ساننى سۆزلەپ، بىر تەڭپۇڭ نۇقتىسىنى تېپىش كېرەك، بۇ كوس قانۇنىيىتىنىڭ بىزگە بەرگەن مۇھىم ئىلھامى.
ئالىي مەكتەپ ياتىقى كىمگە تەۋە بولۇشى كېرەك؟
ئالىي مەكتەپ ياتىقىدا دائىم مۇنداق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىمىز: بىر قانچە ئادەم بىر ياتاقتا ياتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ساۋاقداش دەرھال ئىمتىھان بەرمەكچى، تىنچ تەكرار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، يەنە بىر قانچە ساۋاقداش بىر يىغىلىش ئۆتكۈزمەكچى.
ئۇنداقتا ياتاقنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى دەرس تەكرار قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلەمدۇ ياكى يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلەمدۇ؟ بۇ چاغدا كوس قانۇنىيىتى ئەسقاتىدۇ. كوس قانۇنىيىتى بويىچە، بۇ مەسىلە، ئەمەلىيەتتە، كىمنىڭ كىمگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بايلىقنى قانداق ئىشلىتىش مەسىلىسىدۇر.
تەكرار قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىش ھوقۇقىغا باھا قويسا بولىدۇ، مەسىلەن 100 يۈەن. يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان ساۋاقداشلار، ئەگەر سىرتقا چىقىپ ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئاز دېگەندە 300 يۈەن خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 يۈەن چىقىرىپ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىشنى خالايدۇ.
ئۇنداقتا ئۇلار 100 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە بولغان ئارىلىقتا خالىغان بىر ساننى تېپىپ سودا قىلسا، نەتىجىدە ھەممەيلەن خۇشال بولىدۇ. يىغىلىش ئۆتكۈزگەن ساۋاقداشلار ئەڭ ئاخىرىدا 260 يۈەن بەردى دەپ پەرەز قىلساق، ئۆزى 40 يۈەن تېجەپلا قالماي، يەنە دەرس تەكرارلايدىغان ساۋاقداشلارنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ. دەرس تەكرارلاۋاتقان ساۋاقداشلار بۇ 260 يۈەن پۇلنى ئېلىپ، سىرتتا تىنچ قەھۋەخانىدىن بىرنى تېپىپ، يەپ-ئىچىپ، ئىمتىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلسا بولىدۇ.
بۇ دەل ناھايىتى ياخشى بولغان ھەمكارلىق يېشىمىنى ئىزدەش مىسالى.

فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتى
كوس ئۆزىنىڭ ماقالىسى «فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتى (The Federal Communications Commission, 1959)»دىمۇ سىمسىز تېلېگراف چاستوتا ئىسپېكتىرى ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىنغان مىساللارنى كەلتۈرگەن.
رادىئو چاستوتا ئىسپېكتىرى رادىئونىڭ دولقۇن بۆلىكى بولۇپ، ئىككى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن بولسا، سىگنال ئۆزئارا كاشىلا قىلىدۇ. ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر «سىمسىز تېلېگرافنىڭ چاستوتا ئىسپېكتىرى ئۆزئارا كاشىلا قىلىدىغان بۇ ئەھۋالنى چوقۇم ھۆكۈمەت ھەل قىلىشى كېرەك.» دەپ قارايتتى.
بىراق كوسنىڭ دېيىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى زۆرۈر ئەمەس، پەقەت رادىيو چاستوتا ئىسپېكتىرى بىر بۆلەك بىر بۆلەكتىن كېسىلسە، خۇددى ماشىنا توختىتىش مەيدانى بىردىن بىردىن ماشىنا توختىتىش ئورنىغا بۆلۈنگەنگە ئوخشاش، ئاندىن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلسا، مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىكەن.
بۇمۇ ھەمكارلىق يېشىمى ھاسىل قىلىشنىڭ كىلاسسىك مىسالىدۇر. ئەينى يىلى بۇ پىكىرنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغاندا، خۇددى مىڭ بىر كېچىدەكلا ھېس قىلغان؛ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىز بەلكىم ھېچقانداق يېڭىلىق ھېس قىلمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن.
ئاشخانىدا تاماكا چەكلەش كېرەكمۇ-يوق؟
تاماكا چېكىش ئەھۋالىمۇ شۇنداق. ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىش كېرەكمۇ؟ بۇ مەسىلىنى ئەمەلىيەتتە شەخسىيلەرنىڭ ھەل قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسىلا بولىدۇ. مەسىلەن، ئاشخانا خوجايىنى بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلالايدۇ.
بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، بىر ئاشخانا خوجايىنى مۇزىكىلىق رىستۇران ئاچقان بولۇپ، خېرىدارلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، يۇقىرى ئاۋازدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلالايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر تاماكا چېكىش ھوقۇقى قوشۇلسا، ئۇنىڭغا يەنە ھاراق ۋە مۇزىكا قوشۇلسا، بىر خىل ئۆزگىچە ھۇزۇر بولىدۇ.
ئەمما، يەنە بىر خوجايىننىڭ ئاچقىنى ناھايىتى خاسلىققا ئىگە ئالىي دەرىجىلىك غەربچە تاماقخانا بولۇپ، ئىچىدە غىزالىنىۋاتقان كىشى، چىراغ ياقماي، شام ياقىدۇ، بۇ خىل ئاشخانىدا تاماكا چەكمىسە تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.
ئاخىرىدا، ئىككى ئاشخانىنىڭ خوجايىنى ئۆزلىرىنىڭ قارارى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ، يەنى، ئۇلارنىڭ قانداق قارار چىقىرىشى، ھاۋانىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش-قىلالماسلىقى، ئىستېمالچىلارنىڭ پۇلنى قانداق ئىشلىتىپ بېلەت تاشلىشىغا باغلىق.

ھەسەل ھەرىسىنىڭ مەسەللىرى
ھەمكارلىق يېشىمى ھەققىدە، ئىقتىسادشۇناس جاڭ ۋۇچاڭ يەنە «ھەسەل ھەرىسىنىڭ مەسەللىرى (The Fable of the Bees, 1973)» ناملىق بىر پارچە داڭلىق ماقالىنى يازغان.
ھەسەل ھەرىسى بىلەن مېۋىلىك دەرەخلەر بىر-بىرىدىن پايدىلىنىدۇ، ھەسەل ھەرىسى مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ گۈل شىرنىسىدىن پايدىلىنىدۇ، مېۋىلىك دەرەخلەر بولسا ھەسەل ھەرىسىدىن پايدىلىنىپ چاڭلىنىدۇ، لېكىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا پايدىلىنىش پۈتۈنلەي باراۋەر ئەمەس، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىن پايدا ئالىدۇ.
نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى جامېس ئېدۋارد (James Edward) بۇنى «ھەقىقىي بازار مەغلۇبىيىتى» دېگەن ئىدى.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەسەل ھەرىسى مېۋىلىك دەرەخنىڭ پايدىسىنى كۆردى، لېكىن ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلار باغۋەنلەرگە يېتەرلىك تولۇقلىما بەرمىدى، شۇڭا مېۋىلىك دەرەخنىڭ قىممىتى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتمىدى. ئەگەر باغۋەن ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلارنىڭ تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلىسە، ئۇ تېخىمۇ كۆپ مېۋىلىك دەرەخ تىكىدۇ، بۇ چاغدا ھەسەل ھەرىسىنىڭ ھەسەل يىغىشىغا تېخىمۇ زور ياردىمى بولىدۇ. باغۋەنلەر بىلەن ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلار ئوتتۇرىسىدا سودا بولمىغاچقا، بۇ بىر خىل بازار مەغلۇبىيىتىدۇر.»
شۇڭا مىئېد تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈمەت باغۋەنلەرگە تولۇقلىما بېرىپ، ئۇلارنى كۆپرەك كۆچەت تىكىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.»
ئەمما جاڭ ۋۇچاڭ نەق مەيداننى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە باغۋەنلەر بىلەن ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلار ئارىسىدا ئۆزئارا ھەق تۆلەش ئادىتى شەكىللەنگەنلىكىنى بايقىغان.
ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شتاتىدا ئالما دەرىخىنىڭ گۈل شىرنىسى يېتىشمىگەنلىكتىن، ھەسەل ھەرىسىنىڭ چاڭلىتىشتىكى تۆھپىسى تېخىمۇ زور بولىدۇ، بۇ چاغدا شۇ جايدىكى باغۋەنلەر ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلارغا تولۇقلىما پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك.
ئەكسىچە فىلورىدا شتاتىدا ئاپېلىسىننىڭ گۈل شىرنىسى ناھايىتى تولۇق بولۇپ، ھەسەل ھەرىسىنىڭ چاڭلىتىشىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەنلەپ كەتكەن، بۇ ۋاقىتتا ئەھۋال ئەكسىچە بولۇپ، شۇ جايدىكى ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلار باغۋەنلەرگە تولۇقلىما بەرگەن.
بۇ باغۋەن بىلەن ھەسەل ھەرىسى باققۇچىنىڭ ھەمكارلىق يېشىمىنىڭ ھېكايىسى.

رىگلېي توپ مەيدانىنىڭ كىرىش بېلىتى
ھەمكارلىق يېشىمى تىلغا ئېلىنسا، يەنە بىر قىزىقارلىق مىسال بار، ئۇ بولسىمۇ چىكاگو شەھەر مەركىزىدىكى ئىنتايىن داڭلىق بولغان رىگلېي توپ مەيدانى (Wrigley Field)غا ئائىت مىسال. بۇ توپ مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆگزىسى ئورۇندۇق بولۇپ، ھەر قېتىم رىگلېي توپ مەيدانىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەندە، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرمۇ باشقىلارغا ئىشىك بېلىتى ساتىدۇ، تاماشىبىنلار رىگلېي توپ مەيدانىغا كىرىپ توپ مۇسابىقىسى كۆرۈپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى ئاھالىلەر رايونىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ مۇسابىقە كۆرەلەيدۇ (2-1 رەسىمگە قاراڭ).
 

1-2 رەسىم

توپ مەيدانىنىڭ ئىگىسى ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك بېلىتىنى بۇنداق سېتىشىغا قوشۇلامدۇ؟ ئۇلار ئەلۋەتتە ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ پايدا كۆرۈشىنى خالىمايدۇ، چۈنكى بۇ توپ مەيدانىدىكى مۇسابىقىنىڭ كىرىش بېلىتى غايەت زور كىرىم ھېسابلىنىدۇ.
2002-يىلىغا كەلگەندە، توپ مەيدانىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى تەدبىر قوللىنىپ، شامال توسۇش ئەسلىھەلىرىنى قوشۇپ، ئاھالىلەرنىڭ مۇسابىقە كۆرۈشىنى توسقان.
ئاھالىلەرمۇ بوش كەلمىگەن، ئۇلار: «بىزنىڭمۇ سىلەرنىڭ مۇسابىقىڭىزنى كۆرگۈمىز يوق، لېكىن سىز قۇرغان بۇ شامال توسۇش ئەسلىھەلىرى بىزنىڭ كۆرۈش دائىرىمىزنى توسۇۋالدى.» دەپ، كېيىن ئىككى تەرەپ سوت مەھكىمىسىگە يېتىپ بارغان ھەمدە سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا يارىشىپ قالغان.
يارىشىش لايىھەسى ئاھالىلەرنىڭ توپ مەيدانىغا كىرىش بېلىتى كىرىمىنىڭ %17 نى توپ مەيدانىغا بېرىدىغان، توپ مەيدانىمۇ ئاھالىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئورۇندۇق، كۆرۈش سۇپىسى ياسىشىغا قوشۇلىدىغان بولغان.
شۇنداق قىلىپ، توپ مەيدانى ئاھالىلەر بىلەن ھەمكارلىق يېشىمى ھاسىل قىلغان بولۇپ، توپ مەيدانىنىڭ كۆرۈش سېزىم بايلىقى ئەڭ تولۇق پايدىلىنىشقا ئېرىشكەن.
بۇ بىزنىڭ ھەمكارلىق يېشىمى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىزدىكى، «يولسىزلىق، پەقەت ساننىلا سۆزلەش»تىكى ناھايىتى ياخشى بىر مىسال.
بىز كوس قانۇنىيىتىنىڭ روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، رېئال تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك توقۇنۇشلاردا ھەمكارلىق يېشىمىنى پائال ئىزدىشىمىز كېرەك.
 

ئەر-ئاياللار توي قىلىپ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپكە بولغان ئېھتىياج دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ، سىز ئىسپات كۆرسىتىپ، كىمنىڭ كىمگە بەكرەك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟
ئۈچىنچى باب: ئېھتىياج
ياخشى نەرسىلەر يىراققا توشۇلىدۇ
ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى قانۇنىيەتلەر كۆرۈنۈشتە ئىنسان تەبئىيىتىگە ئائىتتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە جانلىقلارنىڭ ئومۇمىي دۇنياسىغىمۇ ئائىت بولىدۇ.
ئېھتىياج قانۇنىيىتى ئىنسان تەبئىيىتى توغرىسىدىكى قانۇنىيەت، لېكىن ئۇ ئادەمگىلا ماس كېلىپ قالماي، يەنە باشقا جانلىقلارغىمۇ ماس كېلىدۇ. مۇشۇ قانۇنىيەتنى ئىگىلىگەندىلا، ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇرىنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.
سەككىزىنچى بۆلۈم: مارگىنال ئىنقىلابى | قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولمايدۇ
شەخسىيەتچىلىكنىڭ سۇبيېكتىپ قىممەت نەزەرىيەسى
مۇشۇ تېمىدىن باشلاپ، بىز يېڭى بىر سەھىپىگە كىرىپ، ئېھتىياج قانۇنىيىتىنى تونۇشتۇرىمىز.
ئىقتىسادشۇناس پائۇل سامۇئېلسون (Paul Samuelson) مۇنداق دېگەن: «پەقەت بىر شاتۇتىغا <ئېھتىياج> ۋە <تەمىنلەش> دېگەن بۇ ئىككى سۆزنى ئۆگىتىپ قويساقلا، ئۇ بىر ئىقتىسادشۇناس بولالايدۇ.» بۇنىڭدىن ئېھتىياج قانۇنىيىتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىقتا قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خۇسۇسىي مۆلچەر قىممىتىنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەنىسى
ئېھتىياج قانۇنىيىتىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن، بىز ئالدى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۇقۇم--«خۇسۇسىي مۆلچەر قىممىتى (personal worth)»نى كىرگۈزىمىز.
ئالچىننىڭ تەبىرىگە ئاساسلانغاندا: «بىر ئادەمنىڭ بىر تاۋارغا بولغان خۇسۇسىي مۆلچەر قىممىتى، ئۇ بۇ تاۋارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۆلەشنى خالايدىغان باشقا تاۋارلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممەت.»تۇر.
خۇسۇسىي مۆلچەر قىممىتىدىن ئىبارەت بۇ تەبىر ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىر قانچە قاتلاملىق مەنىسى بار:
بىرىنچى، خۇسۇسىي مۆلچەر قىممىتى شەخسلەرنىڭ مۆلچەرى بولۇپ، كوللېكتىپنىڭ مۆلچەر قىممىتى ئەمەس. كوللېكتىپ بۇنى ھېس قىلالمايدۇ، تەپەككۇر قىلمايدۇ، ھەم باھالىيالمايدۇ، خۇسۇسىي مۆلچەر قىممىتىگە ھۆكۈم قىلىدىغىنى چوقۇم شەخس بولىدۇ.
ئىككىنچى، ئۇ سۇبيېكتىپ، ھەتتا مۇتلەق سۇبيېكتىپ بولىدۇ. ئوبيېكتىپ مۆلچەر قىممىتى مەۋجۇت ئەمەس، ئەگەر ئادەم بولمىسا، دۇنيادىكى بايلىقنىڭ قىممىتى بولمايدۇ، قىممەتنىڭ ھەممىسىنى ئادەم بەرگەن. بۇنىڭدىن ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى ناھايىتى مۇھىم بىر مېتودولوگىيە--«شەخسىيەتچىلىكنىڭ سۇبيېكتىپ قىممەت نەزەرىيەسى (individualistic subjectivism)» بارلىققا كەلگەن، يەنى بارلىق خۇسۇسىي مۆلچەر قىممىتى شەخسنىڭ سۇبيېكتىپ ھۆكۈمىدىن كەلگەن.
ئۈچىنچى، خۇسۇسىي مۆلچەر قىممىتى شەخسنىڭ ئارزۇسىنى ئاساس قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ ۋاز كېچىشنى خالايدىغان باشقا تاۋارلارنىڭ سانى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، خۇسۇسىي مۆلچەر قىممىتى قۇرۇق ئارزۇ ئەمەس، ئۇنى ھەرىكەت تىرەك قىلىدۇ، بۇ ھەرىكەتلەرنى باشقىلار كۆزىتەلەيدۇ. 
خۇسۇسىي مۆلچەر قىممىتى ئۇقۇمى ئىنتايىن مۇھىم، نۇرغۇن مۇھىم ئىقتىسادشۇناسلىق قائىدىلىرى، مۇھىم ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ پۇختا ئۇقۇمنى ئاساس قىلغان.

سۇبيېكتىپ قىممەت نەزەرىيەسى بىلەن ئوبيېكتىپ قىممەت نەزەرىيەسىنىڭ پەرقى
خۇسۇسىي مۆلچەر قىممىتىنىڭ قوللىنىلىشى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، بۇ يەردە سۇبيېكتىپ قىممەت نەزەرىيەسى بىلەن ئوبيېكتىپ قىممەت نەزەرىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ.
ئوبيېكتىپ قىممەت نەزەرىيەسى دېگىنىمىز، دۇنيادىكى بارلىق بۇيۇملاردا ئوبيېكتىپ، ئىچكى، ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدىغان قىممەت بولىدۇ، باھا بولسا مۇشۇ ماھىيەتلىك، ئوبيېكتىپ قىممەتنى چۆرىدىگەن ھالدا يۇقىرى-تۆۋەن داۋالغۇپ تۇرىدىغان بىر ھادىسە.
سۇبيېكتىپ قىممەت نەزەرىيەسى بولسا بارلىق نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىدە ھېچقانداق ئىچكى قىممەت يوق، پەقەت ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆكۈمىلا بولىدۇ، ئادەم ئۇنى قىممەتكە ئىگە دەپ قارىسا، ئۇنىڭ قىممىتى بولىدۇ.
بۇ ئىككى خىل قىممەت قارىشىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاز دېگەندە ئۈچ خىل پەرق بار:

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0