
خىزمەت ئىزدەۋاتقان ساۋاقداشلار دىققەت قىلىڭلار، بۇ «خىزمەت»لەر ئىشەنچىلىك ئەمەس!
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى
ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى: 0991 ـ 7654321
يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوقۇش باشلاش پەسلى يېتىپ كەلدى.
بۇ «يېڭى ئادەمنىڭ كۈلگىنىنى كۆرۈپ، كونىسىنىڭ يىغلىغىنىنى ئاڭلىمايدىغان» مەزگىلدە، ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدىكى نۇرغۇن ھەمساۋاق ئاكا-ھەدىلەر
ياخشى كۆرىدىغان بۇ گۈزەل ماكانىدىن ئايرىلىپ، جەمئىيەتكە يۈزلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئايرىلىش قايغۇسى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەت دەرۋازىسىنىڭ بىرىنچى دەرسىنى كۈتىۋالماقتا. ئۇ بولسىمۇ خىزمەت تېپىپ «ئۆزىنى بېقىش»
ئىگىلىنىشىچە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ خىزمەت ئىزدەشكە ئادەتلەنگەن.

بۇ تور ئالدامچىلىرىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۇ ئالدامچىلار نىشاننى ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن «جەمئىيەت گۈدەكلىرى»گە مەركەزلەشتۈردى.
ئىلگىرىكى يىللاردا نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق «ئىشچى قوبۇل قىلىش»نىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكەن.
يېقىندا، ساقچىلار نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنىڭ «ئىشچى قوبۇل قىلىش» يېڭى ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغان.
تۆۋەندە ئىككى خىل «خىزمەت ئىزدەش»نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز، كۆپچىلىك كۆرۈپ بېقىڭلار، ئۇلار زادى قانچىلىك ئىشەنچىسىز!
«يۇمشاق دېتال سىنىغۇچى» بىر كۈندە 300 يۈەن تاپامسىز؟
شياۋ ياڭ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى، 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىر كۈنى، ئۇ يان تېلېفونىدا مەلۇم خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سۇپىسىنىڭ «توردا كاتىپ قوبۇل قىلىش» ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالىدۇ، شياۋ ياڭ سۇپىدا قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.
ئالاقىلىشىش جەريانىدا، قارشى تەرەپ شىركەتنىڭ «APP يۇمشاق دېتالىنى سىنىغۇچى» تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى، «شىركەتكە بېرىپ ئىشلىمىسىمۇ بولىدىغانلىقى»نى، «ئۆيدە بولسىلا كۈنىگە 300 يۈەن مائاش ئالغىلى بولىدىغانلىقى»نى ئېيتىدۇ.
شياۋ ياڭ بۇنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ تېخى ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۈندىدار سالونىغا ئەگىشىدۇ ھەم «خېرىدارلار مۇلازىمىتى» بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.

«خېرىدارلار مۇلازىمىتى» شياۋ ياڭغا «168 لاتارىيە بېلىتى APP»سىنى چۈشۈرۈپ تىزىملاتقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شياۋ ياڭنىڭ ھېسابات نومۇرىغا سەككىز قېتىم قىممەت تولۇقلايدۇ، جەمئىي 17 مىڭ 664 يۈەن بولۇپ، شياۋ ياڭنىڭ «سىنىغۇچى خىزمىتى»نىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
ئارقىدىن، «خېرىدارلار مۇلازىمىتى» شياۋياڭنى «شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا يېتەكچىلىك قىلىش» ئۈندىدار توپىغا ئېلىپ كىرىدۇ.
شياۋ ياڭ توپقا كىرگەندىن كېيىن، ئۆزىدىن باشقا، توپتا يەنە «ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن مالىيە باشقۇرۇش ئۇستىسى (金牌理财师)»، «ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچى (金牌老师)»، «دەل جايىدا پىلانلاش ئۇستىسى (精准计划师)»، «يېتەكچى ئوقۇتقۇچى (导师)» بارلىقىنى بايقايدۇ.

ئارقىدىن شياۋ ياڭ توپتىكى «يېتەكچى ئوقۇتقۇچى»لارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا، ئەسلىدىكى ھېساباتتىكى 17664 يۈەن مەبلەغ بىلەن «بەش نومۇرلۇق كاتېر» ۋە «تېز سۈرئەتلىك كاتېر»غا دو تىكىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي، شياۋ ياڭنىڭ شەخسىي ھېساباتىدىكى مەبلەغ 40 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

يۇقىرىقى مەشغۇلاتنى تاماملىغاندىن كېيىن، شياۋياڭ «خېرىدارلار مۇلازىمىتى» بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىنىڭ «سىنىغۇچى»لىق مائاشىنى ئالماقچى بولىدۇ، «خېرىدارلار مۇلازىمىتى» سەل تۇرۇپ مائاشىنى شياۋياڭنىڭ بۇ APP دىكى شەخسىي ھېساباتىغا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ھەمدە شياۋياڭدىن ئۆزىنىڭ «دو تىكىش» ئويى بار-يوقلۇقىنى سورايدۇ.
شياۋ ياڭ «يېتەكچى ئوقۇتقۇچى»لارنىڭ «كۆرسەتمىسى»نىڭ شۇنداق توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا 20 مىڭ يۈەن پۇل قاچىلايدۇ ھەمدە داۋاملىق «دو تىكىدۇ».
شياۋ ياڭنىڭ ھېساباتىدىكى قالدۇق سومما 90 مىڭ يۈەنگە يەتكەندە، شياۋ ياڭ نەق پۇل ئالماقچى بولۇپ نەقلەشتۈرۈش مەشغۇلاتى قىلغاندا نەق پۇل ئېلىشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بايقايدۇ، شياۋ ياڭ دەرھال «خېرىدارلار مۇلازىمىتى» بىلەن ئالاقىلاشقاندا، قارشى تەرەپ «ھېساباتتا نورمالسىزلىق» كۆرۈلسە، ھېساباتتىكى پۇلنىڭ يېرىمىنى قاچىلىغاندا ئاندىن نەق پۇل ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
بۇ چاغدا شياۋ ياڭ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشتا «ئىناۋەت دەرىجىسى»نى دەلىللەش كېرەكمۇ؟
بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يەنە بىر ئوقۇغۇچى شياۋ چېڭ توردا خىزمەت ئىزدەۋاتقاندا ئالدامچىلىققا ئۇچرىدى.
8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شياۋ چېڭ بىر QQ توپىدا «بىرگە بىر ئۆگىتىش» توغرىسىدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ QQ سىنى قوشۇپ ئالاقىلاشتى.
قارشى تەرەپ شياۋ چېڭنىڭ شەخسىي ئاساسىي ئۇچۇرىنى سورىغاندىن كېيىن، شياۋ چېڭنىڭ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى، خىزمەت تارىخى يوقلىقىنى، تەكلىپ قىلىنماقچى بولسا چوقۇم ئىناۋەت دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئىناۋەت دەرىجىسىنى دەلىللەش ئۇسۇلى بولسا شياۋچېڭ توردىكى قەرز ئېلىش سۇپىسىغا تىزىملىتىپ قەرز ئېلىش ئىدى، شياۋ چېڭ ئۈچ تور قەرزى APP سىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قەرز ئېلىش سوممىسىنى قارشى تەرەپكە ئەۋەتىپ بەردى.

مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۆزىنىڭ «ئىناۋەت دەرىجىسى»نى «دەلىللىگىلى بولىدۇ.» دەپ ئويلىغان شياۋ چېڭغا قارشى تەرەپ ئۇنىڭ «ئىناۋەت دەرىجىسى»نىڭ بەك تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، بەلگىلەنگەن ھېسابات نومۇرىغا پۇل يۆتكىگەندىلا ئاندىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قارشى تەرەپ «دەلىللەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان»دىن كېيىن پۇلنى شياۋ چېڭنىڭ ھېساباتىغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇنداق قىلىپ، شياۋ چېڭ قارشى تەرەپ بېكىتكەن ھېسابات نومۇرىغا 3000 يۈەن يۆتكەپ بەرگەندىن كېيىن، «دەلىللەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» ۋە «تەكلىپ قىلىنىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دېگەن خەۋەرنى كۈتەلمىدى، بەلكى QQ نىڭ قارشى تەرەپ تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولدى.
بۇ ياغلىما سۆزلەرگە قاراڭ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى ئالداپ ئايلاندۇرۇۋەتكەن.
بەلكىم سىزمۇ بايقىغانسىز، بۇ قېتىم ئالدامچىلارنىڭ ۋاستىسى بۇرۇنقى ئۇسۇلغا سەل ئوخشىمايدۇ.
ئىلگىرىكى «ئىشچى قوبۇل قىلىش» ئالدامچىلىقىنىڭ ھەممىسى مۇنداق ئىدى:
ئالدامچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ خىزمەت تېپىشقا ئالدىراپ كېتىش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، قارىماققا ناھايىتى مۇنتىزىم كۆرۈنىدىغان، يەنە كىشىنى جەلپ قىلىدىغان شەرتلەر يوشۇرۇنغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار كۆڭلى چۈشۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، يەنە بىر قەدەم بىر قەدەمدىن كاپالەت پۇلى، كىيىم كېچەك ھەققى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئۇلارنى پۇل تۆلەشكە ئۈندەيدۇ.
پۇلنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يەنە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن باھانە كۆرسىتىپ، ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلغان.
شياۋ ياڭ بىلەن شياۋ چېڭنىڭ دېلو مىسالىدا شۇنى بايقىشىمىز تەس ئەمەسكى، ئالدامچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ خىزمەت تېپىشقا ئالدىراش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ كونكرېت ئالدامچىلىق ھەرىكىتىدە «ئالداملىچىق دەرىجىسى»نى ئۆستۈرگەن.
يۇمشاق دېتال سىنىغۇچى تەكلىپ قىلىش نامى بىلەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى «سۇپا»غا بېرىپ «دو تىكىش»كە يېتەكلەش؛ «بىرگە بىر ئۆگىتىش» نامى بىلەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ «ئىناۋەت دەرىجىسىنى دەلىللەش»كە پۇل يۆتكەش.
ئالدامچى يەنىلا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش نامى بىلەن سۆز شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى ئالدام خالتىغا چۈشۈشكە ئۈندەيدۇ.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى:
كەڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. مۇنتىزىم تور بېكەتلىرى ئارقىلىق تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەش كېرەك، گەرچە يۈز پىرسەنتلىك بىخەتەر بولمىسىمۇ، ئەمما مۇنتىزىم، ئورگان تەرەپنىڭ تەكلىپ قىلىش يوللىرى تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇننىڭ سالاھىيىتى ۋە تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنىڭ قانۇنلۇقلۇقى، چىنلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، بىزنىڭ كۆپ قىسىم مەسىلە ئۇچۇرلىرىنى تاللىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
شۇڭا، خىزمەت تېپىشتىن بۇرۇن، قانداق مۇنتىزىم خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يوللىرى بارلىقىنى ئىگىلەپ، بۇ تور بېكەتلىرى ئارقىلىق كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ئىزدەش كېرەك.
2. ئاقىلانە كەسىپ تاللاش قارىشىنى تۇرغۇزۇش، بەدەل تۆلەش بىلەن ھوسۇل بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئاسماندىن پۆرە چۈشمەيدۇ، «ئاز ئىش بىلەن ھارمايدىغان، مائاشى ياخشى خىزمەت»مۇ چۈشۈپ قالمايدۇ.
بولۇپمۇ خىزمەت تەجرىبىسى يوق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ مۇددىئا كەسپىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش بازىرىدىكى ئەمەلىي ئىش ھەققىنى تولۇق چۈشىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئالدىن چۈشىنىشى، كۆڭلىدە سان بولۇشى، ئالدامچىلارنىڭ بۇرنىدىن يېتىلەپ مېڭىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
3. ئەگەر ھەق تاپشۇرۇشقا چېتىلسا، چوقۇم ۋاقتىدا ھۆججەت ياكى تالون ئېلىش كېرەك.
ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ كەسىپ تونۇشتۇرۇش مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى بولۇپلا قالماي، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئىسپات بولالايدۇ.
ياشلار، بۇ دۇنيادا ئۇنداق ئاسان يول بارلىقىغا چوقۇم ئىشەنمەڭ، كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتنىڭ ھەممىسى ۋاقىتنىڭ سىنىقى ئارقىلىق چېنىقتۇرۇشقا مۇھتاج.

ئەسكەرتىش:
ئەگەر سىز باشقا رايوندا بولسا، شۇ رايوندىكى دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى شۇ رايوننىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.
مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: ئىلقۇت

تور ئالدامچىلىقىدىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى!
مەزكۇر يازما گەرچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئۈندىدار ئورگان سالونىدىن ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشىنىمىزكى، يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى پۈتۈن رايونىمىز، ھەتتا پۈتۈن دۆلىتىمىز تەۋسىدە ئورتاقلىققا ئىگە، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر يازمىنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىپ قويۇشىنى، باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.