大数跨境

ھۆكۈمەتنىڭ يەرنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشى ئۆي باھاسى ئۆرلەتمەيدۇ

ھۆكۈمەتنىڭ يەرنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشى ئۆي باھاسى ئۆرلەتمەيدۇ Nepkar
2020-10-12
1
导读:«ئىنسانلارنىڭ ئەمگىكى قانچە كۆپ مۇجەسسەملەنگەن مەھسۇلاتنىڭ قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.» دېگەن بۇ قا
ئاخىرقى مەھسۇلاتنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياجى خام ماتېرىيالنىڭ تەننەرخىنى بەلگىلەيدۇ

مەھسۇلات باھاسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى توغرىسىدا، ئىككى خىل زىت نەزەرىيە مەۋجۇت. بىرى، تەننەرخ دېتېرمىنىزمى (تەننەرخ بەلگىلەش نەزەرىيەسى)، يەنە بىرى، تەمىنلەش-ئېھتىياج دېتېرمىنىزمى (تەمىنلەش-ئېھتىياج قارارى نەزەرىيەسى).
تەننەرخ دېتېرمىنىزمى ئاسانلا باشقىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ لوگىكىسى خاتا؛ تەمىنلەش-ئېھتىياج دېتېرمىنىزمى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، لېكىن ئۇ بىۋاسىتە سېزىمگە قارشى.

تەننەرخ بەلگىلەش نەزەرىيەسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ
بوغالتىرلىق ئىلمىغا ئاساسلانغاندا، مەھسۇلاتنىڭ ئاخىرقى باھاسى خام ئەشيا تەننەرخىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولۇپ، مۇۋاپىق پايدا نىسبىتىگە كۆپەيتىلىدۇ. بۇ دەل دېيىلىۋاتقان تەننەرخ دېتېرمىنىزمى (تەننەرخ بەلگىلەش نەزەرىيەسى)دۇر.
ئەگەر بىز بوغالتىرلىق دەرسىدە ئۆگەنگەن بۇ پىرىنسىپ توغرا بولسا، تەننەرخ قانچە يۇقىرى بولسا، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنداقتا كارخانىچىلار قانداق قىلغاندا پۇل تاپالايدۇ؟ جاۋاب شۇكى، ئۇلار ئامال قىلىپ تەننەرخنى يۇقىرى قىلىشى كېرەك. يەنى تەننەرخى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇنى پايدا نىسبىتىگە كۆپەيتكەندىن كېيىن، تاپقىلى بولىدىغان پۇلمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
لېكىن بۇ يەكۈن بەك بىمەنە.
مەسىلەن، مېنىڭ بىر نىمكەش ۋېلىسپىتىم بار، ھازىر ئاپىرىپ ساتسام ئاران 100 يۈەنگە يارايدۇ، قانداق قىلسام كۆپ پۇل تاپالايمەن؟
يۇقىرىدا دېيىلگەن بوغالتىرلىق پىرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ۋېلىسىپىتنىڭ تەننەرخىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەن ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقىدىن سىر بەرسەم، بۇنداق بولغاندا ۋېلىسپىتنىڭ تەننەرخى خېلى يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنى نۇرغۇن پۇلغا ساتقىلى بولىدۇ.
لېكىن بۇنداق ۋېلىسپىتنى بازارغا ئاپارسا، ھېچكىم ئېتىراپ قىلمايدۇ.
ئەگەر يۇقىرىدىكى ئاشۇ بوغالتىرلىق پىرىنسىپى توغرا بولسا، ئۇنداقتا دۇنيادىكى بارلىق ۋاقتى ئۆتكەن مەھسۇلاتلار يوقالمايدۇ: ئات ھارۋىسى يوقالمايدۇ، شام يوقالمايدۇ، ماگنىتلىق لېنتىمۇ يوقالمايدۇ. ئۇنىڭ تەننەرخىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت مۇۋاپىق پايدا نىسبىتىنى كۆپەيتسىلا، ئۇنى سېتىپ چىقارغىلى بولىدۇ.
لېكىن بىزنىڭ ھازىرقى دۇنيارىمىز، ئۇنداق دۇنيا ئەمەس.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تەننەرخ دېتېرمىنىزمى خاتا، يەنى «مەھسۇلاتنىڭ خام ئەشيا تەننەرخى مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سېتىلىش باھاسىنى بەلگىلەيدۇ.» دېگەن بۇ لوگىكىلىق مۇناسىۋەت خاتا.

تەمىنلەش-ئېھتىياج مۇناسىۋىتى تاۋار باھاسىنى بەلگىلەيدۇ، تاۋار باھاسى بايلىق تەننەرخىنى بەلگىلەيدۇ
مۇۋاپىق بولغان ئىقتىسادىي لوگىكىلىق مۇناسىۋەت دەل ئەكسىچە بولىدۇ. يەنى مەھسۇلاتنىڭ خام ئەشياسى مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى بەلگىلىمەيدۇ، بەلكى مەھسۇلاتنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج مۇناسىۋىتى مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى بەلگىلەيدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا مەھسۇلاتنىڭ باھاسى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىكى خام ماتېرىيال باھاسىنى بەلگىلەيدۇ.
بۇ بىر تەتۈر كەلگەن مۇناسىۋەت. ئەمەلىيەتتە، بىر كارخانىچى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ، بازارغا سالغاندا، تەمىنلەش-تەلەپ مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇ قانچىلىك ساتالىسا شۇنچىلىك ساتىدۇ، قانچىلىك پۇل تاپالىسا شۇنچىلىك تاپىدۇ.
پۇلنى تاپقاندىن كېيىن، تاپقان پۇلنى ھەربىر ھالقىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىغا يىغىنچاقلاپ، شۇ ئارقىلىق بۇ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ باھاسىنى بېكىتىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ.
بۇنىڭغا قارىتا، ئالچىن نوپۇزلۇق «يېڭى پالگىراۋ ئىقتىسادشۇناسلىقى چوڭ لۇغىتى (The New Palgrave Dictionary of Economics, 1987\2008)» دە «ئىجارە» دېگەن تۈرگە مۇنداق دەپ يازغان: «دەل مۇشۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ تېخىمۇ يۇقىرى باھاغا ئېرىشكىلى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىجارە قىممىتى شۇنچە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. كىشىلەر يۇقىرى باھادا يەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ھەمىشە خاتا چۈشىنىپ قېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خېرىدارلاردىن يۇقىرى باھا تەلەپ قىلالىشىدىكى سەۋەبنى ئۆزلىرىنى <بىر قەدەر يۇقىرى يەر ئىجارىسى تۆلىگەنلىكىم ئۈچۈن.> دەپ قارايدۇ.»
ئۈچ مىسال
ئىلگىرى بىر ئىقتىسادشۇناس: «شېنجېندا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان چاغدا قاچىلىق تاماق بەك قىممەت ئىدى، شۇڭا شېنجېندىكى ئىشچىلارنىڭ مائاشى بەك يۇقىرى.» دېگەنىدى.
بۇ خىل قاراش توغرىمۇ؟
خاتا.
بۇ ئەسلى مۇنداق دېيىلىشى كېرەك: «شېنجېننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، شېنجېنغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلار ناھايىتى كۆپ، شۇڭا شېنجېننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنىڭ تەننەرخى ئۆسكەن.»
يەنە بىر مىسال كەلتۈرەيلى.
ئامېرىكىدا ئۈچ خىل ئىنستىتۇت، يەنى تېببىي ئىنستىتۇت، قانۇن ئىنستىتۇتى ۋە سودا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائاشى ئالاھىدە يۇقىرى.
بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، تېببىي ئىنستىتۇت، قانۇن ئىنستىتۇتى، سودا ئىنستىتۇتىدىكى پىروفېسسورلارنىڭ مائاشى ئالاھىدە يۇقىرى بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرىدىغان ئوقۇش پۇلىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنكى مائاشىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن.
بۇ خىل قاراش توغرىمۇ؟
خاتا.
تېببىي ئىنستىتۇت، قانۇن ئىنستىتۇتى، سودا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائاشىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بولۇشى، ئۇلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدىغان خام ماتېرىيالنىڭ، يەنى پىروفېسسورلارنىڭ مائاشىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بولۇشىغا سەۋەب بولغان.
سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئالماشتۇرۇلۇشى كېرەك.
ئەلۋەتتە، بۇ ئىنستىتۇتلاردىكى پروفېسسورلارنىڭ مائاشى ئالاھىدە يۇقىرى بولغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ئىختىساسلىقلارنى بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى مىسال، بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ناخشا كېچىلىكىنىڭ ھەققى بەك يۇقىرى ئىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ ناخشا كېچىلىكىنىڭ بېلەت باھاسى بەك قىممەت ئىكەن.
بۇ خىل قاراش توغرىمۇ؟
خاتا.
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپ بولغاچقا، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ناخشا كېچىلىكىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالىدىغانلار تېخىمۇ يۇقىرى باھا قويۇشنى خالىغاچقىلا، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئەمگەك كۈچى بايلىقى تېخىمۇ قىممەت بولىدۇ.
سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىمۇ دەل ئەكسىچە بولىدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ يەرنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشى ئۆي باھاسى ئۆرلەتمەيدۇ
كۆپلىگەن شەھەرلەردە ھۆكۈمەت يەرنى يۇقىرى باھادا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ نۇرغۇن پۇل يىغىدۇ. بەزىلەر: «ھۆكۈمەت يەرنى بەك قىممەت ساتقاچقا، ئاخىرىدا سالغان ئۆينىڭ باھاسى يۇقىرى بولىدۇ، ھۆكۈمەت يەرنى يۇقىرى باھادا سېتىپ ئۆي باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى.» دېيىشىدۇ.
روشەنكى، بۇمۇ تىپىك تەننەرخ بەلگىلەش نەزەرىيەسى: خام ئەشيا (يەر)نىڭ تەننەرخى ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلات (ئۆي)گە يەتكۈزۈلىدۇ، شۇڭا يەرنىڭ باھاسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۆي باھاسى شۇنچە قىممەت بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ھۆكۈمەت يەرنى يۇقىرى باھادا ساتىمەن دەپلا، يۇقىرى باھادا ساتالمايدۇ.
ھۆكۈمەتنىڭ يەرنى يۇقىرى باھادا سېتىشىدىكى سەۋەب شۇكى، كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇغا بولغان يۇقىرى ئېھتىياجى ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان، يۇقىرى ئۆي باھاسى بولسا يۇقىرى يەر باھاسىنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرغان.
خام ئەشيا-ماتېرىيال (يەر)نىڭ تەننەرخى بىلەن ئاخىرقى مەھسۇلات (ئۆي)نىڭ باھاسى ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئەكسىچە بولىدۇ، ئالدىنقىسى كېيىنكىسىنى ئەمەس، بەلكى كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنى بەلگىلەيدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى ئۆي سانىدا ئۆزگىرىش بولمىسىلا، ھۆكۈمەت يەرنى ئېچىش سودىگەرلىرىگە ھەقسىز بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئەڭ ئاخىرقى ئۆي باھاسىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
ئەگەر بازاردا بىرلا يۈرۈش ئۆي بار دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا بۇ ئۆي كىمنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ؟ تالىشىپ سېتىۋېلىشقا 100 ئادەم قاتناشتى، ئەڭ يۇقىرى باھا قويغانلار 1 مىليون يۈەن چىقاردى. ئۇنىڭدىن قالسا 990 مىڭ يۈەن، 980 مىڭ يۈەن ... ئەگەر بازاردا بىرلا يۈرۈش ئۆي بولسا، بۇ ئۆي 1 مىليون يۈەن باھا قويۇشنى خالايدىغانلارغا تەۋە بولىدۇ.
شۇڭا، ھۆكۈمەت مەيلى يەرنى ھەقسىز بەرسۇن ياكى يەرنى يۇقىرى باھادا كىم ئارتۇق قىلىپ ساتسۇن، ئاخىرقى ئۆي باھاسىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
ئۇنداقتا، ھۆكۈمەتنىڭ يەرنى ھەقسىز تەمىنلىشى ۋە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
پەرقى شۇكى، ئەگەر ھۆكۈمەت يەرنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتسا، ھۆكۈمەت تاپشۇرۇۋالغان يەرنى ھەقلىق بېرىش سوممىسى ئاشكارا پۇل بولىدۇ، بۇ پۇل دۆلەت خەزىنىسىگە كىرىدۇ؛
ئەگەر ھۆكۈمەت يەرنى تەرەققىيات سودىگەرلىرىگە ھەقسىز بۆلۈپ بەرسە، تەرەققىيات سودىگەرلىرى ھەر خىل يەڭ سودىسى ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ھەقسىز تەقسىم قىلىپ بەرگەن يەرنى تالىشىدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە شۇكى، ھۆكۈمەت ئەسلىدە دۆلەت خەزىنىسىگە كىرىم قىلالايدىغان يەرنى ھەقلىق بېرىش سوممىسى يوشۇرۇن پۇلغا ئايلىنىپ، ئەمەلدارلار بىلەن يەر مۈلۈك سودىگەرلىرى ئارىسىدا بۆلۈشىۋېلىنىدۇ (يۇتۇۋېلىنىدۇ).
 


سوراپ باقسام، «ئىنسانلارنىڭ ئەمگىكى قانچە كۆپ مۇجەسسەملەنگەن مەھسۇلاتنىڭ قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.» دېگەن بۇ قاراش توغرىمۇ؟ نېمىشقا؟
  
 «ئىجارە» مۈلۈككە بولغان ھەق تۆلەشتۇر
ئىقتىسادشۇناسلىقتا «ئىجارە» دەيدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۇقۇم بار. دېيىلىۋاتقان «ئىجارە» مۈلۈككە ھەق تۆلەش دېگەنلىكتۇر.
بۇ يەردە ئېيتىلغان مۈلۈكنىڭ مەنىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، يەر، كان، ئادەمنىڭ قابىلىيىتى، كەشپىياتى، ئىجادىيىتى، ھەتتا ئىمتىيازىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىرىم قىلغىلى بولىدىغان بايلىقنىڭ ھەممىسى مۈلۈك دەپ ئاتىلىدۇ، مۈلۈككە ھەق تۆلەش ئىجارە دەپ ئاتىلىدۇ.

قۇرغاقچىلىقتىمۇ، ھۆلچىلىكتىمۇ ئوخشاشلا ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان كىرىم: ئىجارە
بىز ئالدىنقى تېمىمىزدا، «تەننەرخ ۋاز كەچكەن ئەڭ چوڭ بەدەل» دېدۇق.
مەسىلەن، مەن بېيجىڭ داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن، نەزەرىيە جەھەتتە نۇرغۇن تاللىشىم بار: مەن بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلماي، چىڭخۇا داشۆدە، خەلق داشۆدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلسام بولىدۇ.
نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىلى بولىدۇ. تاللاش ئىنتايىن كۆپ.
ئوخشاش بولمىغان بۇ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلسام، مېنىڭ ئۇلاردىن قىلىدىغان كىرىمىم ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، شۇڭا بېيجىڭ داشۆ ماڭا تۆۋەنرەك مائاش بەرسىلا، چىڭخۇا داشۆگە يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن، چىڭخۇا داشۆمۇ ماڭا يەنە تۆۋەنرەك مائاش بەرسىلا، خەلق داشۆسىگە يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن.
لېكىن بۇ پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىن شۇنداق، رېئال تۇرمۇشتا نەدىمۇ ئۇنداق كۆپ تاللاش بولسۇن؟
چىڭخۇا داشۆ مېنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلمىدى، خەلق داشۆسىمۇ مېنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلمىدى، ئەگەر مەن بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلمىغان بولسام، كېيىنكى خىزمىتىم، مېنىڭ ئىككىلەمچى تاللىشىم، بەلكىم 30 يىل بۇرۇن قىلغان خىزمىتىم پروگرامما تۈزگۈچى بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
مەن بۇ يېشىمدا قايتىدىن پىروگراممېر بولسام، كىرىمىم چوقۇم بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىنىمدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ.
بۇ چاغدا، مېنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىم (بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش) بىلەن مېنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك تاللىشىم (قايتىپ پروگراممېر بولۇش) ئوتتۇرىسىدىكى كىرىمدە غايەت زور پەرق بار.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر بېيجىڭ داشۆ بۇ ئىشنى بىلىپ قالسا، ئۇ مېنىڭ مائاشىمنى 1000 يۈەن تۆۋەنلىتىۋەتسىمۇ، مەن بېيجىڭ داشۆدە قالىمەن؛ 5000 يۈەن تۆۋەنلەتسىمۇ، مەن بېيجىڭ داشۆدە قالىمەن؛ 10 مىڭ يۈەن تۆۋەنلەتسىمۇ، مەن يەنە بېيجىڭ داشۆدە قېلىشىم مۇمكىن.
لېكىن، بېيجىڭ داشۆ مېنىڭ مائاشىمنى تۆۋەنلەتمىدى، بۇ ئارتۇق چىققان 5000 يۈەن، 10 مىڭ يۈەننى ئەمەلىيەتتە بېيجىڭ داشۆ ماڭا بىكارغا بەرگەن. بۇ مېنىڭ بىكارغا تاپقان كىرىمىم، ئىقتىسادشۇناسلىق بۇ خىل بىكارغا تاپقان كىرىمنى «ئىجارە» دەپ ئاتايدۇ.
مېنىڭ بېيجىڭ داشۆدە تەمىنلىگەن ئوقۇتۇش مۇلازىمىتىم ھەق ئېلىشنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەيدىغان مۈلۈكتۇر.

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0