搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئېلون ماسك: سىزنىڭچە مەن ساراڭ بولۇپ قالدىممۇ
>
ئېلون ماسك: سىزنىڭچە مەن ساراڭ بولۇپ قالدىممۇ
Nepkar
2020-10-16
2
导读:ئەمدىلا ئىش باشلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بولسا ئېلونغا ئوخشاش ئادەم بولۇشنى ئويلايدۇ، خۇددى نۇرغۇن
بىرىنچى باب: ماسكنىڭ دۇنياسى--
ھالقىما ساھە بەرپاچىلىقى
كىرىمنىي جىلغىسىدا، ماسك ئاجايىپ ئىقتىدارغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن خاسىيەتلىك ئادەم دەپ تەرىپلەنگەن، ھەتتا لارىي پېيجقا ئوخشاش CEO مۇ ئۇنى تىلغا ئالغاندا چىرايىدىن ئىخلاسمەنلىك چىقىپ تۇرىدۇ، ئەمدىلا ئىش باشلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بولسا ئېلونغا ئوخشاش ئادەم بولۇشنى ئويلايدۇ، خۇددى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى جوبىسنى دوراش دولقۇنىغا ئوخشاش.
سىزنىڭچە مەن ساراڭ بولۇپ قالدىممۇ؟
بىر ۋاق ئۇزۇنغا سوزۇلغان كەچلىك تاماق ئاخىرلىشاي دېگەندە، ئېلون ماسك (Elon Musk) بۇ سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئالىي دەرىجىلىك دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئاشخانىسى ئىدى.
ئۇ كۈنى مەن ئاۋۋال كەلگەن ئىدىم، ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاۋۋال جەنۋە ھارىقى بىلەن پىرەنىك بۇيرۇتتۇم، چۈنكى ماسكنىڭ بۇرۇنقىدەكلا كېچىكىپ قالىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. 15 مىنۇتتىن كېيىن، ماسك پەيدا بولدى، ئۇ خۇرۇم ئاياغ، پاسونلۇق پادىچىلار ئىشتىنى ۋە كاتەكچە كۆڭلەك كىيىۋالغانىدى. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئالتە فۇت بىر ئىنگلىز سۇڭى (185.4 سانتىمېتىر) كېلىدۇ، ئۇنىڭ مۈرىسى ناھايىتى كەڭ، بەدىنى بەستلىك بولۇپ، ئۇنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى «قارىماققا تېخىمۇ چوڭراق كۆرۈنىدۇ.» دېيىشىدۇ. باشقىلار ئۇنىڭدەك بەستلىك ئادەمنى ناھايىتى مەغرۇرانە مېڭىپ كىرىدۇ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ كىرگەندە بېشىنى سەل تۆۋەن سېلىپ، قارىماققا سەل خىجىل بولغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ ئولتۇرۇپلا مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئورۇندۇقتا نەچچە مىنۇت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋەتتى.
ماسكنىڭ مېنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىشى بەزى ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئىدى. 18 ئاينىڭ ئالدىدا، مەن ماسكقا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر كىتاب يېزىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتىم، لېكىن ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ماسلىشىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇنىڭ ھەمكارلاشماسلىق پوزىتسىيەسى ناھايىتى قەتئىي بولۇپ، مېنى بىر مۇخبىرنىڭ قەتئىي بوشاشماي خەۋەر قىلىش ئەندىزىسىنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلدى. ئەگەر مەن ئۇ ماسلاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ كىتابنى چوقۇم يازماقچى بولسام، چوقۇم شۇنداق قىلىشىم كېرەك ئىدى.
مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ماسكنىڭ شىركىتى تېسلا ۋە SpaceX (ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى)دىن ئايرىلغانلىقىنى بىلىمەن، ئۇلار زىيارەتنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا مەنمۇ ئۇنىڭ نۇرغۇن دوستلىرى بىلەن تونۇشىمەن. شۇنىڭ بىلەن زىيارەتلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يىغىلىپ، ئايمۇ-ئاي داۋاملىشىپ، تەخمىنەن 200 دىن ئارتۇق ئادەم زىيارىتىمنى قوبۇل قىلدى. بىر كۈنى، مەن ماسكنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدىم. ئۇ ئۆيىدىن ماڭا تېلېفون قىلغان بولۇپ، ماڭا ئىككى خىل تاللاش بەردى: ئۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ھەمكارلىشىش شەرتى كىتاب نەشردىن چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەسلى نۇسخىسىنى ئۆزى كۆرۈپ چىقىشى كېرەك، ئۇ يەنە ئۈستىگە ئىزاھات يازىدۇ.
ئۇ گەرچە مەزمۇنغا قول تىقمىسىمۇ، لېكىن ئۇ «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.» دەپ قارىغان جايلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مەن ئۇنىڭ ئويىنى بىلىمەن. ماسك ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەرنى كونترول قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئالىملاردەك ئېھتىياتچان بولۇپ، پاكىت خاتالىقى ئۇنى تەلۋە قىلىپ قويىدۇ؛ ئۇ قەغەزگە بېسىلغان خاتالىقلارنىڭ ئۇنى بىر ئۆمۈر ئەندىشىگە سېلىپ قويۇشىنى خالىمايدۇ. گەرچە مەن ئۇنى ئىنتايىن چۈشەنسەممۇ، لېكىن كەسىپ، شەخس ۋە ئەمەلىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، قانداقلا بولمىسۇن مەن ئۇنىڭغا كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئوقۇتمايمەن. ماسكنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالغا قارىتا ئۆزىنىڭ قارىشى بار، ئەمما بۇ قاراشلار دۇنيادىكى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئاددىي سوئالغا ناھايىتى ئاسانلا چۇۋالچاق جاۋاب بېرىدىغان ئادەم، ئۇنىڭدىن كېيىن راستتىنلا ماڭا بىر تالاي ئەسكەرتىش بېرىشى مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەچلىك تاماق يېيىشكە قوشۇلدۇم، ئاۋۋال سەمىمىيلىك بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىپ، ئاندىن نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم.
بىزنىڭ سۆھبىتىمىز ئاممىۋى مۇناسىۋەت خادىملىرىدىن باشلاندى. ھەممىگە مەلۇمكى، ماسك ھەمىشە توختىماي ئاممىۋى مۇناسىۋەت خادىملىرىنى ئالماشتۇرىدۇ، تېسلا ھازىر يېڭى ئاممىۋى مۇناسىۋەت مەسئۇلى ئىزدەۋاتىدۇ. «كىم بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئاممىۋى مۇناسىۋەتچى؟» ئۇ ماسك ئۇسلۇبىغا ئىگە بىر سوئال سورىدى. كېيىن بىز ئورتاق تونۇشىدىغان ئادەم توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق، يەنە خوۋارد ھۇگېس (Howard Hughes، سودا ماگناتى، ئۇچقۇچى) ۋە تېسلا زاۋۇتى توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق.
تاماق بۇيرۇتقاندا، ماسك مۇلازىمغا تۆۋەن كاربونلۇق سۇ بىرىكمىسى قوشۇلغان يېمەكلىكنى تەۋسىيە قىلىشنى ئېيتتى، ئاخىرىدا ئۈستىگە سىياھ بېلىق شىرنىسى قۇيۇلغان قورۇلغان چوڭ راكنى بۇيرۇتتى. بىزنىڭ سۆھبىتىمىز تېخى باشلانماي تۇرۇپلا ماسك گەپ باشلىدى، ئۇنى ۋەھىمىگە سېلىپ ئۇخلاتمىغان ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق: گۇگولنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە CEO سى (باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى) لارىي پېيج (Larry Page) ياساۋاتقان سۈنئىي ئىدراكلىق ماشىنا ئادەم قوشۇنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن. «مەن بۇ ئىشتىن راستتىنلا بەك ئەنسىرىدىم.» دېدى ماسك.
گەرچە ئۇ پېيج بىلەن ياخشى دوست بولسىمۇ، پېيجنىڭ ماھىيەتتە رەزىل دوكتور بولماستىن، بەلكى ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا ئۇنى خاتىرجەم قىلمايدۇ. تەبىئىتى ساپ پېيج ھەمىشە «ماشىنىلار ئىنسانلارغا مەڭگۈ مۇلازىمەت قىلىدۇ.» دەپ قارايدۇ، بۇ دەل مەسىلىنىڭ نېگىزى. «مەن ئۇنىڭدەك ئۈمىدۋار ئەمەس.» دېدى ماسك «ئۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن رەزىل نەرسىلەرنى ياساپ چىقىشى مۇمكىن.» مۇلازىم يېمەكلىكنى ئېلىپ چىقتى، ماسك چوڭ-چوڭ چىشلەپ يەپ، ناھايىتى تېزلا يەپ بولدى. ماسكنىڭ مۇشۇنداق خۇشال پاراڭلىشىش ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن، مەن بىر پارچە كالا قۇۋۇرغىسىنى ئۇنىڭ تەخسىسىگە سېلىپ بەردىم. بۇ ئامال ناھايىتى تېزلا ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى، پەقەت 90 سېكۇنت ئىچىدىلا، ئۇ پۈتۈن گۆشنى پاكىز يەپ بولدى.
ماسك ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېىن، ئاندىن سۈنئىي ئىدراكنىڭ غېمىدىن قۇتۇلدى ھەمدە ئاساسىي تېمىغا يۆتكەلدى.
بۇ كىتاب توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، ماسك مېنى سىناپ بېقىشقا باشلىدى، مېنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر كىتاب يازماقچى بولغانلىقىمنى چۈشەنمەكچى بولدى ھەمدە مېنىڭ كىتاب يېزىشتىكى مەقسىتىمنى مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىدى. مەن پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، قەدەممۇ-قەدەم ئاساسىي تېمىغا كىرىشىپ كەتتىم. ئادرېنالىن بىلەن جەنۋە ھارىقىنىڭ ئورتاق تەسىرىدە، مەن 45 مىنۇتقا سوزۇلغان ئاساسى گەپنى باشلاپ، ماسكقا نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشىم كېرەكلىكىنى ھەمدە ماڭا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى، بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ ماڭا ئارىلىشىۋالسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. مەن يەنە ئىزاھات بېرىشكە تېگىشلىك كەمتۈكلۈكنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم.
ئەگەر بۇنداق قىلغاندا، ئۇ قارىماققا كونترول قىلىش تەلۋىلىكىگە ئوخشاپ قالسا، مەن مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەسپىي ئەخلاقتىنمۇ گۇمانلىنىشقا ئۇچرايمەن. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، ماسك مېنىڭ گېپىمنى بۆلۈۋېتىپ، قىسقىلا قىلىپ: «بولىدۇ.» دېدى، ماسك ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ھەل بولدى. ئۇ رەت قىلىنغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا قەتئىي بوشاشمايدىغان كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئىلگىرى نۇرغۇن مۇخبىرلار ئۇنىڭغا كىتاب چىقىرىش ئىشىنى ئېيتقان، مەن ئۇنىڭ دەسلەپكى مەقسىتىگە قارىماي ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرغان بىردىنبىر ئادەم، ئۇ مۇشۇنداق ئادەمنى ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلىدۇ.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك پاراڭلاشتۇق، ماسك ئۇنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق سۇ بىرىكمىلىرى تاماق تىزىملىكى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. كۈتكۈچى سېرىق رەڭلىك پاختا كەمپۈتتىن ياسالغان تاتلىق تۈرۈمنى ئېلىپ چىقتى، ماسك دەرھال ئاچ بۆرىدەك يەپ، قولىنى شېكەر سۈيى قىلىۋەتتى.
بىز ئىشنى پۈتتۈردۇق، ماسك مېنىڭ ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى، دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يېقىنلىشىشىمغا رۇخسەت قىلدى؛ ھەر ئايدا ئۇ مەن بىلەن بىر قېتىم ۋاقىت چەكلىمىسى يوق كەچلىك تاماق يەيدىغان بولدى. بۇ ماسكنىڭ تۇنجى قېتىم بىر مۇخبىرنىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مۇناسىۋەت چەمبىرىگە كىرىشىگە يول قويۇشى. كەچلىك تاماق ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقاندىن كېيىن، ماسك ئاخىرى قولىنى ئۈستەلگە قويۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولدى،
بۇ چاغدا ئۇ تۇيۇقسىز توختاپ، كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنىچە، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان مۇنداق بىر سوئالنى تاشلىدى: «
سىزنىڭچە مەن ساراڭ بولۇپ قالدىممۇ؟
» مەن ئوڭايسىزلىنىپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بۇنىڭ بىر تېپىشماق ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدە ئويلاندىم، مەن بۇ سوئالغا قانداق ئەپچىللىك بىلەن جاۋاب بېرىشىم كېرەك؟ لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق ئارىلاشقاندىن كېيىن، بۇ سوئالنى ئۇنىڭ ماڭا ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە قويغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مېنىڭ جاۋابىم ئەمەلىيەتتە مۇھىم ئەمەس. ماسك ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان-ئەرزىمەيدىغانلىقىمنى بىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى، ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە قاراپ، ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقاردى. بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن، بىز قول ئېلىشىپ خوشلاشتۇق، ماسك ئۆزىنىڭ قىزىل رەڭلىك تېسلا Model S پىكاپىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى.
ماسكنى چۈشىنىش
ماسكقا بولغان چۈشىنىش چوقۇم كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ خاۋزون (Hawthorne) غا جايلاشقان SpaceX نىڭ باش ئىشتابىدىن باشلىنىشى كېرەك. خاۋزون لوس ئانژېلېس شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، لوس ئانژېلېس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا پەقەت نەچچە مىللا كېلىدۇ. SpaceX نىڭ باش ئىشتابىغا كەلگەن مېھمانلار ماسك ئىشخانىسىغا بارىدىغان كارىدور تېمىغا ئىككى پارچە غايەت زور مارسنىڭ رەسىمى ئېسىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. سول تەرەپتىكى رەسىم ھازىرقى مارس يەر شەكلى، يەنى سوغۇق، قاقاس قىزىل رەڭلىك پىلانىت؛ ئوڭ تەرەپتىكى رەسىم بولسا مارس يەر شەكلى ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە بولۇپ، كەڭ يېشىل قۇرۇقلۇقنى دېڭىز-ئوكيان ئوراپ تۇرىدۇ، بۇ پىلانېتنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىگەن ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كېلىدىغان بولغان.
مارسقا كۆچمەن بولۇش ماسكنىڭ تەۋرەنمەس ھاياتلىق نىشانى، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ئاتلانغان. «مەن شۇنىڭغا باشتىن ئاخىر ئىشىنىمەنكى، ئەگەر بىز قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلالىساق ھەمدە ئىنسانلارنى قەدەممۇ قەدەم پىلانېت ھالقىغان تۈرلەرگە ئايلاندۇرالىساق، يەنە بىر پىلانېتتا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قامدىيالايدىغان مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىنسانلارنىڭ يوقىلىش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز، ئىنسانلارنىڭ پارلاق كەلگۈسى بولىدۇ، ئۇنداقتا...» دېدى ئۇ بىر ئاز تۇرىۋېلىپ: «بۇنداق بولسا بەك قالتىس بولىدۇ.»
ئەگەر ماسك ئېيتقان بەزى ئىشلار ئاڭلىماققا ناھايىتى بىمەنە تۇيۇلسا، مەن پەقەت شۇنداق دېيەلەيمەن، چۈنكى مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەقىقەتەن شۇنداق. مىسالغا ئالساق، ماسكنىڭ ياردەمچىسى ئۇنىڭغا قايماقلىق ماروژنى يۇقۇپ قالغان پىرەنىكلەرنى سۇندى. ئۇ پېچىنە يېگەچ ئىنسانلارنى قانداق قۇتقۇزۇش توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، جاۋغايلىرىنىڭ ئاستىغا يەنە ئازراق پېچىنە ئۇۋاقلىرى چاپلىشىپ قالغان ئىدى.
كىرىمنىي جىلغىسىدا ماسك ئاجايىپ ئىقتىدارلىق ئىنسانغا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن خاسىيەتلىك ئادەم دەپ تەرىپلەنگەن، ھەتتا پېيجقا ئوخشاش CEO مۇ ئۇنى تىلغا ئالغاندا چىرايىدىن مەمنۇنىيەتلىك چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمدىلا ئىش باشلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بولسا، خۇددى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى جوبىسنى دوراش دولقۇنىغا ئوخشاش ئېلونغا ئوخشاش ئادەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. كىرىمنىي جىلغىسى بۇرمىلانغان رېئاللىقتا يۈرۈشىۋاتقان ھەمدە ئورتاق خىيالنىڭ سىرتىدا يۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ماسكنىڭ كىشىلەرگە قالدۇرغان تەسىرى ئىنتايىن تالاش-تارتىش قوزغىغان شەخس، ئۇ توكلۇق ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ۋە راكېتا ئارقىلىق «ساختا ئۈمىدنى بازارغا سالىدىغان ئالدامچى». جوبىسنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، ماسك فانتازىيەلىك نۇسخىدىكى P. T. بارنۇم (P.T. Barnum--ئامېرىكا سېرك ئۆمىكىنىڭ ۋاستىچىسى قوشۇمچە ئويۇن قويغۇچى، ئەڭ داڭلىق ئالدامچىلىقى بولسا ئۇ بىر «قارا تەنلىك ئايال قۇل خايېس»نىڭ ھېكايىسىنى توقۇپ چىققان، سۈنئىي ھالدا جەمئىيەتتە زىلزىلە پەيدا قىلغان ھەمدە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ زور پايدا ئالغان). بارنۇم كىشىلەرنىڭ ۋەھىمىسى ۋە ئۆزىگە بولغان ئۆچمەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ئادەتتىن تاشقىرى باي قىلىۋەتكەن. تېسلادىن بىرنى سېتىۋالسىڭىز، بۇ پىلانىتقا پەيدا قىلغان ئاۋارىچىلىقىڭىزنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇپ قالىسىز.
ئۇزۇندىن بۇيان، مەن ئىزچىل كېيىنكى «لاگېر»نىڭ قوللىغۇچىسى بولۇپ كەلدىم. ماسك ھەمىشە مەندە بىر خىل كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەيدىغان «خىيالپەرەس»نىڭ تەسىرىنى قالدۇرىدۇ، تىپىك «كىرىمنىي جىلغىسى تېخنىكا ئۇتوپىيا كۇلۇبى»نىڭ ئەزاسى. بۇ خىل كىشىلەر ئەيىن راند (Ayn Rand، پەلسەپىۋى رومان يازغۇچىسى) ۋە ئىنژېنېر مۇتلەق نەزەرىيەچىلىرىنىڭ بىرىكمىسى، «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنياغا بولغان ئەقلىي قارىشىنى دۇنياۋى ھەقىقىي ئەھۋال دەپ قارايدۇ. بىز پەقەت بىر چەتتە تۇرۇپ قاراپ تۇرساق، ئۇلار دادىل ئىشلىسە، ئۇلار بارلىق ئىنسانلارنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە، بىز چوڭ مېڭىمىزدىكى ئەسلىمىلەرنى كومپيۇتېرغا چۈشۈرۈپ، ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايمىز، بىز پەقەت تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولساقلا بولىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇلارنىڭ خىزمىتى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ ۋە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ، لېكىن بەزىدە بۇ تېخنىكا ئۇتوپىيانىڭ كونا پاراڭلىرىمۇ ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، ئۇلار ھېچقانداق ماھىيەتلىك مەزمۇن يوق بىر نەچچە سائەت ماختاپ ئۇچۇرالايدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىدىغىنى شۇكى، ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ تېگىدە گەپ بار، ئىنسانلار كەمتۈك تۈر، دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ئاخىرىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك يۈك.»
مەن كىرىمنىي جىلغىسىدىكى مەلۇم بىر پائالىيەتتە تۇنجى قېتىم ماسك بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇنىڭ دەبدەبىلىك سۆزلىرى ئاڭلىماققا تېخنىكا نۇسخىسىدىكى ئۇتوپىيا سىنارىيەسىگە ئوخشايتتى؛ كىشىنى تېخىمۇ بىزار قىلىدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭ ئاتالمىش دۇنيانى ئۆزگەرتكەن شىركىتى ئەينى ۋاقىتتا ئانچە ياخشى ماڭمىغان.
بىراق، 2012-يىلىنىڭ بېشىدا، ماڭا ئوخشاش يامان ئىجتىمائىي ئادەتلەردىن نەپرەتلىنىدىغان كىشىلەر تۇيۇقسىز ماسكنىڭ راستىنلا بەزى نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقىنى بايقاپ يەتتى. ئۇ تىجارەت قىلىۋاتقان ئىلگىرى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر قانچە شىركەت ئارقا-ئارقىدىن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. SpaceX خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا بىر تەمىنات بۆلمىسى يەتكۈزۈپ بەرگەن ھەمدە يەر شارىغا بىخەتەر قايتىپ كەلگەن؛ تېسلا بولسا يېڭى تىپتىكى Model S تىپلىق چىرايلىق، ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلنى ئېلان قىلىپ، پۈتكۈل ئاپتوموبىل كەسپىنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى ھەمدە دېترويىت (ئامېرىكا ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ مەركىزى)گە قاتتىق بىر شاپىلاق سالدى. بۇ ئىككى چوڭ نەتىجە ماسكنى سودا ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر قاتارىغا كىرگۈزدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى پەقەت جوبىسلا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى ساھەدە بىرلا ۋاقىتتا مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، مەسىلەن بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئالما مەھسۇلاتى ۋە بىر پىكىس كىنوسى بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سېلىنغان. ئەمما، ماسك بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىگۈچى قۇياش شەھىرى شىركىتى (SolarCity) نىڭ باش مۇدىرى ۋە ئەڭ چوڭ پايچىكى ھېسابلىنىدۇ، بۇ شىركەت تۇنجى قېتىم پاي توپلاش (IPO)نى ئاشكارىلىغان. ماسك بوشلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئاپتوموبىل ۋە پاكىز ئېنېرگىيە ساھەسىدە يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تاماملانغاندەك قىلاتتى.
داۋامى بار...
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن
كىرىپ
كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0