大数跨境

روكفېللېر: ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقىنى يوشۇرۇش كېرەك

روكفېللېر: ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقىنى يوشۇرۇش كېرەك Nepkar
2020-10-19
1
导读:قانچە ئەقىللىق ئادەمنىڭ شۇنچە ئەخمەق بولۇۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار، چۈنكى قانچە پىشقان شال، شۇنچە تۆۋە
1-پارچە
كىرىش سۆز 2 كىرىش سۆز 1


2-پارچە
ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقىنى يوشۇرۇش كېرەك
(ئۈچىنچى پارچە)

خۇپسەنلىك قىلىشنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسى ناھايىتى كۆپ. خۇپسەنلىك قىلىشنىڭ مەنىسى، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، كەمتەر بولۇش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەقىللىقلىقىڭىزنى يوشۇرۇشتۇر. قانچە ئەقىللىق ئادەمنىڭ شۇنچە ئەخمەق بولۇۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار، چۈنكى ئاشۇ ھېكمەتلىك سۆزدە ئېيتىلغاندەك — قانچە پىشقان شال، شۇنچە تۆۋەن تۇرىدۇ.
1897-يىلى 9-ئۆكتەبىر
قەدىرلىك جون:
ئەتە يۇرتۇم كلېۋېلاندقا قايتىپ جەمەتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىمەن. بۇ مەزگىلدە، سېنىڭ ماڭا ۋاكالىتەن بەزى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن ئەسكەرتىپ قوياي، ئەگەر بەزى قول تۇتىدىغان ياكى ئۆزۈڭ بىر قارارغا كېلەلمىگەن ئىشلارغا يولۇقساڭ، گېيز ئەپەندىدىن كۆپرەك مەسلىھەت سورا ۋە ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشىنى قوبۇل قىل.
گېيز ئەپەندى ئەڭ قابىل ياردەمچىم، ئۇ سادىق، سەمىمىي، گەپنى ئوچۇق قىلىدۇ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زېرەك ۋە قابىل بولۇپ، ھامان ماڭا ئاقىلانە تاللاش تېپىپ بېرىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئىشىنىمەن، ئۇنىڭ چوقۇم ساڭا چوڭ ياردىمى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئالدىنقى شەرتى ئۇنى ھۆرمەتلىشىڭ كېرەك.
ئوغلۇم، سېنىڭ بروۋن داشۆسىنى پۈتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن،  ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق جەھەتتىكى بىلىمىڭ ناھايىتى مۇنەۋۋەر. ئەمما، شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، بىلىم ئەسلىدە قۇرۇق نەرسە، بىلىمنى ھەرىكەتكە كەلتۈرمىگىچە، ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دەرسلىكتىكى بىلىملەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئاشۇ كاتتا نامرات بىلىم ئىگىلىرى رېئاللىقتىن ئايرىلىپ تۇرۇپ تۈزۈپ چىققان، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىڭغا ياردەم بېرەلمەيدۇ.
مەن سېنىڭ بىلىمگە تايىنىش پىسخىكىسىدىن قۇتۇلۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ داغدام يولىغا مېڭىشىڭنىڭ ئاچقۇچى. بىلىشىڭ كېرەك، بىلىم ئىقتىدارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بار بولغان بىلىملەرنى ئەمەلىيەتكە ئەپچىللىك بىلەن تەتبىقلىغاندىلا، ئاندىن بىلىمنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالايسەن. بىلىمنى جانلىق ئىشلىتەلەيدىغان ئادەم بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن چوقۇم ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىڭ كېرەك.
ئۇنداقتا ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى قەيەردىن كېلىدۇ؟ مېنىڭچە ئۇ جاپا تارتىش جەريانىغا يوشۇرۇنغان. تەجرىبەم شۇنى ئېيتىپ بەردىكى، جاپالىق يولنى بېسىپ ئۆتكەندىلا، جاپا ـ مۇشەققەت، بەختسىزلىك، قىيىنچىلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە تولغان يول، بىزدە قەيسەر خاراكتېر يېتىلدۈرۈپلا قالماي، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا تايىنىدىغان ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزمۇ چېنىقىدۇ. جاپا ـ مۇشەققەت ئىچىدە يۇقىرىغا ياماشقان ئادەم، نېمىنىڭ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۇسۇل، ۋاسىتە ئىزدەپ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. جان-جەھلى بىلەن جاپاغا چىداش چىن ئېتىقادىمدىكى مۇۋەپپەقىيەت ئەقىدىلىرىنىڭ بىرى.
بەلكىم مېنى مەسخىرە قىلىشىڭ مۇمكىن، جاپا تارتىشتىنمۇ بەكرەك ئەخمىقانە خىيال يوق دەپ قارايسەن. ياق! بىر ئادەمنىڭ بەختسىز كەچۈرمىشى بولماسلىقى، ئەكسىچە ئۇنىڭ بەختسىزلىكىدۇر. نۇرغۇن ئىشلار تېز كېلىپ تېز كېتىدۇ، بىر كېچىدىلا نام چىقىرىپ، بىر كېچىدىلا بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان كىشىلەردىن قايسى بىرى ناھايىتى تېزلا يوقاپ كەتمىگەن؟ جاپا تارتىپ ئېرىشىدىغىنىڭ، كەسىپ بىنايىڭنى قۇمغا ئەمەس، بەلكى مۇستەھكەم يەر يۈزىگە قۇرۇشتۇر. ئادەم يىراقنى كۆرەر بولۇشى كېرەك، پەقەت ئۇزاق ۋاقىت جاپا تارتقاندىلا، ئاندىن ئۇزاق ۋاقىت ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، يېنىمغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن بۇيان، سېنى ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىڭىزگە ئالغىلى قويمىدىم. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئىقتىدارىڭدىن گۇمانلانغانلىقىمنى بىلدۈرمەيدۇ، مەن پەقەت كىچىك ئىشلارنى قىلىشقا ماھىر بولۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن خالاس.
كىچىك ئىشلارنى ياخشى قىلىش چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ئۇل تېشى، ئەگەر باشتىلا ئېگىزدە تۇرۇپ، قول ئاستىڭدىكىلەرنىڭ كەيپىياتىنى چۈشەنمىسەڭ، باشقىلارنىمۇ ھەقىقىي ئىشلىتەلمەيسىز؛ بۇ دۇنيادا ياشاش، نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن، چوقۇم ئادەم كۈچىدىن، يەنى باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش كېرەك، لېكىن ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلىغاندىلا، ئاندىن قول ئاستىڭدىكىلەرنىڭ كەيپىياتىنى چۈشىنىسەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا چىققاندا، ئۇلارنى بارلىق خىزمەت قىزغىنلىقىنى قانداق تەقدىم قىلدۇرۇشنى بىلىسەن.
ئوغلۇم، دۇنيادا پەقەت ئىككى خىل ئەقىللىق ئادەم بار: بىرى، ئۆزىنى جانلىق ئىشلىتىدىغان ئەقىللىق ئادەم، مەسىلەن، سەنئەتكار، ئالىم، ئارتىس؛ يەنە بىرى، باشقىلارنى جانلىق ئىشلىتىدىغان ئەقىللىق كىشىلەر، مەسىلەن، تىجارەتچىلەر، رەھبەرلەر. كېيىنكى بىر خىل ئادەم بىر خىل ئالاھىدە ئىقتىدارغا موھتاج، يەنى كىشىلەر قەلبىنى تۇتۇش ئىقتىدارى. لېكىن نۇرغۇن رەھبەرلەر ئەقىللىق ئەخمەقلەردۇر، ئۇلار كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قوماندانلىق قىلىش ئۇسۇلىغا ئاساسلىنىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە، بۇ رەھبەرلىك كۈچىگە ئېرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە رەھبەرلىك كۈچىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنى كەمسىتىشكە ئۇچرىسا ئىنتايىن سەزگۈر بولىدۇ، باشقىلار تەرىپىدىن تۆۋەن كۆرۈلسە قىزغىنلىقىنى يوقىتىدۇ. بۇنداق رەھبەرلەر پەقەت قول ئاستىدىكىلەرنى ئىقتىدارسىزلاشتۇرىدۇ.
باشقىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە ماھىر تىجارەتچىلەر، رەھبەرلەر ياكى نى-نى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلار ئەزەلدىن كەڭ قورساق كېلىدۇ، ئۇلار باشقىلارنى چوڭ بىلىش ۋە ماختاش سەنئىتىنى بىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ھېسسىيات جەھەتتە بەدەل تۆلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، چوڭقۇر ھېسسىيات تۆلىگەن رەھبەرلەر ئەڭ ئاخىرىدا چوقۇم غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ ھەمدە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.
بىلىمسىز ئادەمنىڭ ھامان چوڭ پايدىسى يوق، لېكىن بىلىمى بار ئادەم بىلىمنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ھەممە ئادەم بىلىشى كېرەككى، بارلىق بىلىملەر دەسلەپكى كۆز قاراشقا ئېسىلىۋېلىشنى ئاڭ قىلىدۇ، نەتىجىدە بىر تەرەپكە ئېغىپ كېتىدىغان مۇتەئەسسىپ پىسخىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، «مەن چۈشىنىمەن، جەمئىيەت ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق.» دەپ قارايدۇ. «بىلەرمەنلىك» تۇيغۇسى بولغانلىقتىن، بىلىشكە تېگىشلىك قىزىقىش كەمچىل بولىدۇ، قىزىقىش بولمىسا ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن مەھرۇم قالىدۇ، ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى زېرىكىش ۋە ھۇرۇنلۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇ دەل چۈشەنمىگەنلىكتىن ئۇتۇق قازىنىشتۇر. لېكىن، ئىززەت-ھۆرمەت، شان-شەرەپ تۇيغۇسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا، نۇرغۇن بىلىملىك كىشىلەر «بىلمەسلىكى»نى ئېتىراپ قىلمايدۇ، خۇددى باشقىلاردىن تەلىم ئالسا، ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ، بۇنى نومۇسلۇق ئىشتەك كۆرىدۇ، ھەتتا «بىلمەسلىك»نى جىنايەت دەپ بىلىدۇ. بۇ ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش بولۇپ، بۇنداق كىشىلەر ئاشۇ ئۇلۇغ ھېكمەتلىك سۆزنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ — ھەر قېتىم «چۈشەنمىدىم» دېيىش پۇرسىتى، كىشىلىك ھاياتىمىزنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى.
ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدىغانلار ئەخمەق، خۇپسەنلىك قىلىشنى بىلىدىغانلار ھەقىقىي ئەقىللىق كېلىدۇ. ئەگەر ئەقىللىقلىق پايدىغا ئېرىشىشنىڭ ئۆلچىمى دەپ قارالسا، ئۇنداقتا مەن ئېنىقلا بىر ئەخمەق ئەمەس.
بۈگۈنگە قەدەر مەن بىر قېتىملىق خۇپسەنلىك قىلغان كۆرۈنۈش ئېنىق كۆز ئالدىمدا، شۇ چاغدا مەن قانداق قىلىپ 15 مىڭ دوللار قەرز ئېلىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقان ئىدىم، چوڭ كوچىدا ماڭغاندىمۇ بۇ مەسىلە ئۈستىدە قاتتىق ئويلاندىم. دەپ كەلسەم ناھايىتى قىزىق، كاللامدا پۇل، پۇل سوراش خىيالى ئەگىپ يۈرگەندە، بىر بانكىر يولۇمنى توسۇۋالدى ئۇ ئات ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ پەس ئاۋازدا مەندىن: «50 مىڭ دوللار قەرز ئالغىڭىز بارمۇ، روكفېللېر ئەپەندى؟» دەپ سورىدى، مېنىڭ تەلىيىم كەلدىمۇ؟ مەن قۇلىقىمغا ئازراق ئىشەنمەي قالدىم. ئەمما شۇ دەقىقىدە مەن ئازراقمۇ تەقەززالىقىمنى ئىپادىلىيەلمىدىم، مەن قارشى تەرەپنىڭ چىرايىغا قاراپ، ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا: «شۇنداق...... ماڭا 24 سائەت ئويلىنىش ۋاقتى بېرەمسىز؟» دېدىم، نەتىجىدە، مەن ئۆزۈمگە ئەڭ پايدىلىق شەرت بىلەن ئۇنىڭ بىلەن قەرز ئېلىش توختامى تۈزدۈم.
خۇپسەنلىك قىلىشنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسى ناھايىتى كۆپ. خۇپسەنلىك قىلىشنىڭ مەنىسى، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، كەمتەر بولۇش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىزنىڭ ئەقىللىقلىقىڭىزنى يوشۇرۇشتۇر. قانچە ئەقىللىق ئادەمنىڭ شۇنچە ئەخمەق بولۇۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار، چۈنكى ئاشۇ ھېكمەتلىك سۆزدە ئېيتىلغاندەك — قانچە پىشقان شال شۇنچە ساڭگىلايدۇ. ئوغلۇم، قىزىقىش بولغاندىلا، ئاندىن يېنىك ھەم ئەپچىل قىلغىلى بولىدۇ. ھازىردىن باشلاپ، خۇپسەنلىك قىلىشنى ياخشى كۆرۈڭ! مەن ئويلاپ يېتەلەيمەنكى، يەردىكى ئىشلارنى ساڭا تاشلاپ قويۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن بۇ ھېچقانچە ئىشمۇ ئەمەس. «بىر دەم تۇرۇپ بىر گەپ بولسۇن.» بۇ سودا قىلىش داۋامىدا باشتىن ـ ئاخىر ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ھېكمەتلىك سۆزۈم. ئىش قىلىشتا ھامان بىر ئادىتىم بار، قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن، مەن دائىم سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىمەن، ھۆكۈم قىلىمەن، لېكىن قارار چىقارغان ھامان، قىلچە ئىككىلەنمەي ئاخىرغىچە ئىجرا قىلىمەن. سېنىڭمۇ شۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن.
سىزنى سۆيىدىغان دادىڭىزدىن.
مەنبە: «روكفېللېرنىڭ ئوغلىغا يازغان 38 پارچە خېتى» ناملىق كىتاب
ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0