大数跨境

روكفېللېر: باشلىنىش نۇقتىسى ئاخىرلىشىش نۇقتىسىنى بەلگىلىمەيدۇ

روكفېللېر: باشلىنىش نۇقتىسى ئاخىرلىشىش نۇقتىسىنى بەلگىلىمەيدۇ Nepkar
2020-10-16
2
导读:قىلچە كۈچى يوق ئادەم كېرەكسىزدۇر، تەربىيە كۆرگەن، ئەمما قىلچە تەسىرى يوق ئادەم بىر دۆۋە ئەرزىمەس ئەخ

باشلىنىش نۇقتىسى ئاخىرلىشىش نۇقتىسىنى بەلگىلىمەيدۇ

(بىرىنچى پارچە)


ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ مۇقىملىشىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ دۇنيادا، نامراتلىق ۋە بايلىققا ۋارىسلىق قىلىش مەڭگۈ مەۋجۇت ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشقا پەرۋا قىلماسلىق مەۋجۇت ئەمەس، بەزىلىرى پەقەت «مەن كۈرەش قىلىمەن، مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن» دېگەن ھەقىقەت. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكىتى بەلگىلەيدۇ، ھەرگىزمۇ پۈتۈنلەي كېلىپ چىقىشىمىز بەلگىلىمەيدۇ.


1897-يىلى 20-ئىيۇل

قەدىرلىك جون:

سەن مېنىڭ باشتىن-ئاخىر سەن بىلەن بىللە سەپەرگە چىقىشىمنى ئۈمىد قىلىسەن، گەرچە بۇ ئاڭلىماققا يامان ئەمەستەك قىلسىمۇ، لېكىن مەن مەڭگۈ سېنىڭ كاپىتاننىڭ بولالمايمەن. تەڭرى بىزگە ئىككى پۇت بەردى، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىككى پۇتىغا تايىنىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

يالغۇز ھەرىكەت قىلىشقا، بەلكىم سىز تېخى تەييارلىق قىلىپ بولالمىغان بولۇشىڭ مۇمكىن، لېكىن شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، مەن تۇرۇۋاتقان سودا دۇنياسى خىرىس ۋە سىرلىقلىققا تولغان بولۇپ، سېنىڭ يېڭى تۇرمۇشۇڭ شۇ يەردىن باشلىنىدۇ. ئۇ يەردە، سەن پۈتۈنلەي ناتونۇش ھەم كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك تۇرمۇش زىياپىتىگە قاتنىشىسەن. ئالدىڭغا قويۇلغان پىچاق-ۋىلكىلارنى قانداق ئىشلىتىش، تەقدىر پەرىشتىسى سۇنغان ھەر بىر قورۇمىنى قانداق تېتىشتا پۈتۈنلەي ئۆزۈڭگە تايىنىشىڭ كېرەك.

ئەلۋەتتە، مەن سېنىڭ يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشىڭنى ھەمدە مەندىنمۇ ئۈستۈن تۇرۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ سېنى يېنىمدا ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلىشىم سېنىڭ كەسپىي ھاياتىڭنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىغا ئىگە قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ سېنى جاپا-مۇشەققەت تارتماي تۇرۇپلا تېز سۈرئەتتە ئۆرلەش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

ئەلۋەتتە بۇ تەبرىكلىگۈدەك ۋە كۆز-كۆز قىلغۇدەكمۇ ئىش ئەمەس، مىننەتدار بولۇشىڭ تېخىمۇ بىھاجەت. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئېتىقادىدا ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشتا باراۋەر، لېكىن بۇ خىل باراۋەرلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي مەنىدىكى باراۋەرلىكى بولۇپ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئويلاپ باققىن، بۇ دۇنيا خۇددى بىر ئېگىز تاغقا ئوخشايدۇ، ئاتا-ئاناڭ تاغ چوققىسىدا ياشىغاندا، سېنىڭ تاغ ئېتىكىدە ياشىمايدىغانلىقىڭ پۈتۈلگەن بولىدۇ؛ ئاتا-ئانا تاغ ئېتىكىدە ياشىغاندا، تاغ چوققىسىدا ياشىمايدىغانلىقىڭ پۈتۈلگەن بولىدۇ. كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىنىڭ ئورنى بالىنىڭ ھاياتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى بەلگىلەيدۇ.

ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئوخشىمايدۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇقەررەرلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ دۇنيادا، نامراتلىق ۋە بايلىققا ۋارىسلىق قىلىش مەڭگۈ مەۋجۇت ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشقا پەرۋا قىلماسلىق مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت «مەن كۈرەش قىلىمەن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن» دېگەن ھەقىقەتلا بار. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكىتى بەلگىلەيدۇ، ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ كېلىپ چىقىشى بەلگىلىمەيدۇ.

سەن بىلگەندەك، كىچىك ۋاقتىمدا ئائىلىمىز ئىنتايىن نامرات ئىدى، ئېسىمدە قېلىشىچە، مەن يېڭىلا ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ئىشلەتكەن كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى نىيەتلىك قوشنىلار ئېلىپ بەرگەن. ھاياتىمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىمۇ ھەپتىلىك مائاشى 5 دوللار بولغان ھېسابات خاتىرىلىگۈچى بولۇشتىن باشلانغان، لېكىن بوشاشماي تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، مەن سانسىزلىغان كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان نېفىت پادىشاھلىقىنى قۇردۇم. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بۇ بىر رىۋايەتتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما مەن بۇنى مېنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئاكتىپ كۈرەش قىلغانلىقىمنىڭ جاۋابى، تەقدىر ئىلاھىنىڭ مېنىڭ جاپالىق بەدەل تۆلىگەنلىكىمگە بەرگەن مۇكاپاتى دەپ قارايمەن.

جون، پۇرسەت مەڭگۈ باراۋەر بولمايدۇ، لېكىن نەتىجە باراۋەر بولۇشى مۇمكىن. تارىختا، مەيلى سىياسىي ساھەدە بولسۇن ياكى سودا ساھەسىدە بولسۇن، بولۇپمۇ سودا ساھەسىدە، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن مىساللار ناھايىتى كۆپ، ئۇلار ئىلگىرى نامراتلىق سەۋەبىدىن ئاز پۇرسەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق نام چىقارغان. ئوخشاشلا، قولىدا بارلىق ئۈستۈنلۈككە ئىگە باي ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەنلىكىنىڭ مىساللىرىمۇ ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدىكى بىر تۈرلۈك ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 17 پۇلدار كىشىنىڭ بالىلىرى ئىچىدە، بىرىمۇ باي سالاھىيىتى بىلەن بۇ دۇنيادىن ئايرىلمىغان.

بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا جەمئىيەتتە بالىلىرى ۋەيران بولغان ئائىلىنى مەسخىرە قىلىدىغان بىر ھېكايە تارقالغان، يەنى فىلادىلفىيەدىكى بىر كىچىك قاۋاقخانىدا بىر مېھمان مەلۇم بىر مىليونېرنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ ھەۋەس بىلەن، ئۇ قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن مىليونېر ئىكەن دېگەن. شۇنداق،- دەپتۇ يېنىدا زېرەكرەك بىر ئەپەندى جاۋاب بېرىپ، «ئۇ 20 مىليونغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئاندىن ئۇ بۇ پۇلنى 1 مىليونغا ئايلاندۇرغان».

بۇ ئادەمنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ھېكايە. لېكىن بىزنىڭ بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە، باي ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرى بىر خىل ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىدىغان مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر چوقۇم باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقى ۋە ئىچ ئاغرىتىشىغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا دوزاخقا چۈشىدۇ.

جەمەتنىڭ شان-شەرىپى ۋە شانلىق ئۆتمۈشى ئەۋلادلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. مەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەۋزەللىكنىڭ ھەقىقەتەن زور ياردىمى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىمەن، لېكىن بۇ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كاپالىتى ئەمەس. مەن ئىلگىرى باي ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن قايغۇلۇق تۈس ئالغان بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ قېتىم ئويلانغان، مېنىڭچە، باي ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئەۋزەللىككە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ياشاش ماھارىتىنى ئۆگىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى ئازايتتى. كېلىپ چىقىشى قىيىن ئادەم ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، ئىجادچانلىقى ۋە ئىقتىدارىنى پائال جارى قىلدۇرىدۇ ھەمدە ھەر خىل پۇرسەتلەرنى قەدىرلەيدۇ ۋە ئىگىلەيدۇ. مەن يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، باي ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقىش جاسارىتى كەمچىل ئىكەن، ئۇلارنىڭ قىلغىنى پەقەت تەڭرىنىڭ ئۇلارغا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىشىنى تىلەشلا ئىكەن.

شۇڭا، سىلەر ۋە ئاچىلىرىڭلار كىچىك چېغىڭلاردىلا ئاڭلىق ھالدا داداڭلارنىڭ باي ئىكەنلىكىنى سىلەرگە بىلدۈرمەيتتىم، مەن سىلەرگە تېجەشلىك بولۇش، شەخسىي كۈرەش قىلىش قاتارلىق قىممەت قارىشىنى ئەڭ كۆپ سىڭدۈردۈم، چۈنكى مەن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئەڭ تېز يولنىڭ پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئۇ ئادەمنى چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلىشىش، زومىگەرلىك قىلىش، جاھانغا پاتماي قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئەڭ گۈزەل خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ. مەن بايلىقىم بىلەن سۆيۈملۈك بالىلىرىمنى دەپنە قىلسام بولمايدۇ، ئەخمىقانىلىق بىلەن سىلەرنى ئالغا ئىنتىلمەيدىغان، ئاتا-ئانىنىڭ نەتىجىسىگە تايىنىشنىلا بىلىدىغان يارىماسلارغا ئايلاندۇرۇپ قويمايمەن.

ھەقىقىي خۇشال ئادەم، ئۆزى ياراتقان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولالايدىغان ئادەمدۇر. بۇلۇتقا ئوخشاش، پەقەت بەدەل تۆلەشنى بىلمەي، ئېرىشىشنىلا ئويلايدىغان ئادەم، ھەقىقىي خۇشاللىقنى مەڭگۈ ھېس قىلالمايدۇ.

مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، خۇشال ھەم ئالىيجاناب تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئادەم يوق، لېكىن ئالىيجاناب، خۇشال تۇرمۇشنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. مېنىڭچە، ئالىيجاناب، خۇشال تۇرمۇش ئالىيجاناب قان سىستېمىسىدىن ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ئەمەس، بەلكى ئالىيجاناب پەزىلەت — مۇستەقىل روھتىن كېلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، ھەممە يەردە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلغان ئاشۇ ئالىيجاناب زاتلارغا قاراپ باقساق، مۇستەقىل ياشاشنىڭ قەدرىنى بىلىمىز.

جون، سېنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىڭ قەلبىمدىكى ئەندىشە بولۇپ قالىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئەندىشىگە سېلىشتۇرغاندا، ساڭا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ كامىل، مەن سېنىڭ ئېسىل پەزىلىتىڭنىڭ دۇنيادىكى ھەرقانداق بايلىقتىنمۇ قىممەتلىك پەزىلەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، ئۇ سېنىڭ گۈزەل ئىستىقبال يارىتىپ ھەمدە سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ مول ھاياتقا ئىگە بولۇشىڭغا ياردەم بېرىدۇ. لېكىن مۇنداق ئېتىقادنى كۈچەيتىشىڭ كېرەك: باشلىنىش نۇقتىسى نەتىجىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، لېكىن نەتىجىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. ئىقتىدار، پوزىتسىيە، خاراكتېر، غايە، ۋاسىتە، تەجرىبە ۋە تەلەي قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللار كىشىلىك ھايات ۋە سودا دۇنياسىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھاياتىڭ ئەمدىلا باشلاندى، لېكىن بىر مەيدان ھاياتلىق جېڭى ئالدىڭدا تۇرماقتا. مەن سېنىڭ بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچى بولغۇڭ بارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمەن، لېكىن شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، ھەر بىر ئادەمنىڭ غەلىبىگە ئىنتىلىش ئىرادىسى بولىدۇ، تەييارلىقنى ياخشى قىلغان ئادەملا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

ئوغلۇم، ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولىدىغان، ئەمما قىلچە كۈچى يوق ئادەم كېرەكسىزدۇر، تەربىيە كۆرگەن، ئەمما قىلچە تەسىرى يوق ئادەم بىر دۆۋە ئەرزىمەس ئەخلەت. ئۆز يولىڭىزنى تاپقاندا، تەڭرى ساڭا ياردەم قىلىدۇ! 

سىزنى سۆيىدىغان دادىڭىزدىن.

مەنبە: «روكفېللېرنىڭ ئوغلىغا يازغان 38 پارچە خېتى» ناملىق كىتاب

ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى


بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0