
شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىغىچە
مېنىڭ ئىسمىم مەرھابا ئىسلام، ھازىر بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى رېژىسسورلۇق فاكۇلتېتىنىڭ ئاسپىرانتى، تولۇق كۇرسنى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى كىنو-تېلېۋىزىيە رېژىسسورلۇق كەسپىدە ئوقۇغان، تولۇق ئوتتۇرىنى بېيجىڭ شەھىرى تىنچلىق كوچىسى 1ـ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇغان. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىش ئارزۇيۇم بار ئىدى، ئارزۇ تولدۇرغاندا يۇمشاق دېتال تۈزۈشنى ئۆگەنمەكچى ئىدىم، ئەپسۇس بۇ كەسىپ تاللاش تۈرىدە يوق ئىدى.
ئەينى چاغدا نەتىجەم يامان ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن ئۆزۈمنىڭ خاراكتېرىنى «پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانسام چوقۇم ئولتۇرالمايمەن.» دەپ ئويلايتتىم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا كىچىك مۇخبىر بولۇپ باققان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلىسەم بىر قەدەر قىزىقارلىق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كىنو-تېلېۋىزىيە رېژىسسورلۇق كەسپىنى تاللىدىم.

ھەقىقىي كەسپىي ئۆگىنىشتىن بۇرۇن، مەن «رېژىسسورلۇق قىلىش ئۈچۈن پەقەت سۈرەتكە تارتىش ۋە مونتاژ قىلىشنى بىلسەملا بولدى.» دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن كېيىن ئۇنچە ئاددىي ئەمەسلىكىنى بايقىدىم.
كىچىكىمدىن باشلاپ تەبئىي پەنگە بىر قەدەر ئامراق بولغاچقا، ئىجتىمائىي پەندە مەلۇم دەرىجىدە ئاجىز ئىدىم، تولۇق كۇرس باسقۇچىدىكى سەنئەت ۋە ئەدەبىيات تۈرىدىكى دەرسلەرنى ئۆگىنىش مېنىڭ كىچىكىمدىن تارتىپ شەكىللەندۈرگەن تەبئىي پەن تەپەككۇرۇمغا زور خىرىس پەيدا قىلدى.
ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشتىن بۇرۇن «نەتىجە ياخشى بولسىلا بىلىملىك ئىكەنلىكىڭگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ.» دەپ ئويلايتتىم. لېكىن ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئاندىن بىلىمىمنىڭ ئەتراپىمدىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭكىدەك كەڭ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم، لېكىن بۇ خىل جۇغلانمىنى بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ.
بەلكىم بىر يىل ئىچىدە نۇرغۇن كىتابلارنى كۆرەلەيسىز، لېكىن بۇ جەرياندا چۆكمە ھاسىل قىلىشقا، ئويلىنىشقا، ۋاقىت سەرپ قىلىپ چۈشىنىشكە ۋە ھېس قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۆگىنىپلا دەرھال ئىشلەتكىلى بولىدىغان ماتېماتىكىلىق فورمۇلاغا ئوخشىمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا رېژىسسور چوقۇم تۇرمۇشنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك، بۇمۇ مېنىڭ كەسپىي ئوقۇتقۇچۇم ئىزچىل تەكىتلەيدىغان بىر نۇقتا. لېكىن بۇ مەن چوڭ بولغان تۇرمۇش مۇھىتى، شەخسىي خاراكتېر ۋە ئۇچرىغان مۇھىت تەربىيەسى بىلەن ناھايىتى زور مۇناسىۋەتلىك.

مەن ئىلگىرى سىنىپتا ساۋاقداشلىرىمنى ناھايىتى ئاز كۆزىتەتتىم، بارلىق تەپەككۇر ئۇسۇلۇم كىتابتىن كەلگەن بولۇپ، شەيئىلەرنى كۆزىتىشكە ئاجىز بولۇپ، بۇمۇ مېنىڭ ھازىر تىرىشىپ ياخشىلىماقچى بولغان نۇقتام.
گەرچە لاياقەتلىك رېژىسسور بولۇشۇمغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولسىمۇ، ئۆزۈمنىڭ بۇ كەسىپنى تاللىغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.
ئىلگىرىكى ئۆگىنىشىمگە ئوخشىمايدىغىنى، كىنوچىلىق ئۆگىنىشى خۇددى ماڭا يېڭى بىر دۇنيانىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەرگەنگە ئوخشاش، تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەم ۋە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلۇمنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىپ، باشقا بىر كەسىپنى ئۆگەنگەنگە قارىغاندا مېنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى.

مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، كىنو ماڭا ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىمدىن ھەزەر ئەيلەپ، ھەر بىر ئادەم ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن چۈشىنىشنى ئۆگەتتى. بۇنداق قىلىش ناھايىتى قىيىن.
ئۆگەنگەننىڭ زادى پايدىسى بارمۇ-يوق؟
ئىلگىرى «ئۆگىنىشنىڭ پايدىسى يوق» دېگەن نۇرغۇن سۆزلەرنى ئاڭلىغان، ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن مەندىمۇ بۇ خىل ھېسسىيات بولغان، مەسىلەن، مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر قىيىن ماتېماتىكا مەسىلىسىنى يېشەتتىم، لېكىن كېيىنكى ھاياتىمدا بۇنىڭ ھېچقانداق رولى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، ماڭا ئوخشاش كۆپ قىسىم ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىگە ئىگە قىلىدىغان، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان ئەڭ ياخشى يول.
مەن ئەينى ۋاقىتتا كېچىچە ئۇخلىماي كىتاب كۆرۈپ ئۆگىنىش قىلىدىغان تىرىشچانلاردىن بولمىساممۇ، ياخشى ئۆگىنىش قىلمىسا ياخشى بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ياخشى خىزمەت تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم.

ياخشى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەسىرى ۋە ياردىمى ناھايىتى زور. بۇ يەردە ئېرىشكەن بايلىق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ھەممىسى سىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارقىلىق ئېرىشكەن، ھەممىسى ئاشۇ قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىش بەدىلىگە كەلگەن.
«كىتاب ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق.» دەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆرە تۇرۇپ گەپ قىلسا بېلى ئاغرىمايدىغان كىشىلەر، گەرچە بۇنىڭ نۇرغۇن مىساللىرى بولسىمۇ، بىراق كەلگۈسىمىزنى ئېنىقسىز ئامىللار ۋە تاسادىپىيلىقلارغا تىكسەك بولمايدۇ.

تۇرمۇشىمىزغا يىراق ھېكايىلەرگە ئىشەنگەندىن كۆرە، ئۆز قولىمىزدا ئۆزگەرتىش كۈچىنى چىڭ تۇتقانلىقىمىزغا ئىشىنىپ، ھايات يولىمىزدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ پۇختا ئاساس سالغىنىمىز ياخشى.
ئارزۇ بارمۇ-يوق؟
مەن ئالىي مەكتەپكە چىقىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈمنى بىر قەدەر شانلىق ھېس قىلىپ، «ئۆگىنىش نەتىجىسى ھەممىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ.» دەپ قارىغان ئىدىم، چۈنكى ئەينى چاغدا نەتىجە ھەممىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ئىدى، بىراق كېيىن ئاستا-ئاستا بۇ خىل روھىي ھالەتنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. تۇرمۇش ۋە جەمئىيەت ئۇنچە ئاددىي ئەمەس، نۇرغۇن ئىشلارنى جاپاغا چىداپ تىرىشسىلا قىلغىلى بولمايدىكەن، شۇڭا بۇ خىل روھىي ھالەتنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش كېرەك.
ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، مەن ئۆزۈمگە «يىللىق بويىچە چوقۇم ئالدىدا تۇرىمەن.» دەيتتىم، نىشان بەلگىلەپ، ئاندىن جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگەنسەملا بۇ نىشانمىغا يېتەلەيتتىم.

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يىلى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا مەغلۇپ بولدۇم، ئەتراپىمدىكى ساۋاقداشلىرىم ئاساسىي جەھەتتىن چىقىش يولى تېپىپ بولدى، ئەمما مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن رېژىسسورلۇق خىزمىتى تېپىشنى ئويلاۋاتاتتىم.
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەن شاڭخەيدىكى خېلى چوڭ بىر پىروگرامما ئىشلەش شىركىتىدە بىر مەزگىل پراكتىكانت رېژىسسور بولدۇم، لېكىن خىزمىتىم كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. مەن ئەينى ۋاقىتتا بەك ئۈمىدسىزلەنگەن بولۇپ، نېمە ئۈچۈن شۇنچە جان تىكسەممۇ يەنىلا مۇشۇنداق نەتىجە چىقىدىغانلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمەيتتىم.
كېيىن تىرىشىشنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئىشى ئىكەنلىكى، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشى پۈتۈنلەي مېنىڭ كونتروللىقىمدا ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
مەن ئىلگىرى بىر ساۋاقدىشىم بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇ مەكتەپتىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ باي، ئەمەلدارلارنىڭ ئىككىنچى ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى، ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرۇشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، لېكىن مەن ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى غايىۋى بولۇپ، بۇ مەسىلىلەرنى پۈتۈنلەي ئويلاپ باقمىغان، ھەتتا ئۆزۈمنى ئۇلاردىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم.
گەرچە كېيىن بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش قازىنالماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئامىللارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى چۈشەنگەن بولساممۇ، لېكىن مەن بىر قەدەر تەلەيلىك بولۇپ، شۇ چاغدا بىر قەدەر ساددا بولغاچقا، نىشانىمغا يەتمىگۈچە تەقدىرگە تەن بېرىشنى، توي قىلىپ بالىلىق بولۇش، مۇقىم خىزمەت ۋە توينى كىشىلىك ھاياتنىڭ بارلىقى دەپ قارىمايتتىم.

ئاتا-ئانامنىڭ مېنىڭ تاللىشىمنى ئىزچىل چۈشىنىپ ۋە ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزۈم ئېرىشمەكچى بولغان تۇرمۇشنى تاللىغىلى قويغانلىقىدىن تولىمۇ تەلەيلىك ھېس قىلىمەن.
ھازىر گەرچە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇنداقلا بۇ جەمئىيەت ۋە تۇرۇۋاتقان دۇنيانى تېخىمۇ چۈشەنگەن بولساممۇ، بىراق ئېتىقادنى ساقلاپ، ئارزۇ بىلەن داۋاملىق تىرىشسىلا، ئۆزى ئويلاپمۇ باقمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم.
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك يېزىقچە كىتاب:



3.ياخشى تۇرمۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشىۋاتقان ئاشۇ جاپاكەش ئاياللارغا
5.ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇپ بولۇپ، گەدەنگىچە قەرز بولغاندا......
7.يۇلتۇز: 90-يىللاردا تۇغۇلغان ئايال لايىھىلىگۈچىنىڭ ئەتلەس روھى


ئاستىدىكى 阅读原文 دېگەننى باسسىڭىز تېخىمۇ نادىر مەزمۇنلارغا ئېرىشىسىز!

