大数跨境

ماسك: ئاياللارغا بىر ھەپتىدە قانچىلىك ۋاقىت ھەمراھ بولۇش كېرەك

ماسك: ئاياللارغا بىر ھەپتىدە قانچىلىك ۋاقىت ھەمراھ بولۇش كېرەك Nepkar
2020-10-21
0
导读:تېسلا قوللانغان بىۋاسىتە سېتىش ئەندىزىسى ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل سودىگەرلىرى بىلەن ئوچۇق ئاشكارا دۈشمەن
بېشى بۇ يەردە!

جونازېن خۇئېبنېر (Janathan Huebner) كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى جۇڭگو كۆلى (China Lake) ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دېڭىز ھاۋا ئۇرۇش مەركىزى (Naval Air Warfare Center)گە جايلاشقان بىر فىزىكا ئالىمى بولۇپ، ئۇ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كەمچىللىكىنى ئەڭ بۇرۇن كۆرسىتىپ، تېخىمۇ ئېغىر كىرىزىستىن بېشارەت بەرگەن كىشىلەرنىڭ بىرى. خۇئېبنېر خۇددى «تالانتلىق كىچىك ئاۋارىچىلىق (Leave It To Beaver)» ناملىق كىنودىكى ھېلىقى ئوتتۇرا ياشلىق قورال-ياراغ سودىگىرىگە ئوخشايدۇ، ئورۇق، تاقىرباش، كىر بولۇپ كەتكەن كاچىت ئىشتان، قوڭۇر رەڭلىك يوللۇق كۆڭلەك ۋە كاچىل رەڭلىك كاناپ چاپان كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. 1985-يىلىدىن بۇيان، مەخسۇس قورال سىستېمىسى لايىھەلەش كەچۈرمىشى ئۇنى ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ قالتىس پەن-تېخنىكىنى بىۋاسىتە كۆزىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەن، بۇ تېخنىكىلار ماتېرىيال، ئېنېرگىيە ۋە يۇمشاق دېتال قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ئالاقە تورى كۆپۈكى بەربات بولغاندىن كېيىن، ئۇ خىزمەت ئۈستىلىدىكى مەنىسىز يېڭىلىقلاردىن نارازى بولۇشقا باشلايدۇ. 2005-يىلى، خۇئېبنېر «يەر شارى بويىچە يېڭىلىق يارىتىشتا تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈشى مۇمكىن (A Possible Declining Trend in Worldwide Innovation)» تېمىسىدا بىر ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ كىرىمنىي جىلغىسى ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەتكە ياكى بىر خىل شۇملۇقتىن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئوخشايدۇ.
خۇئېبنېر بىر تۈپ دەرەخنى ئۇ كۆرگەن يېڭىلىق يارىتىش ھالىتىگە تەمسىل قىلىدۇ. «ئىنسانلار دەرەخ غولى ۋە ئاساسلىق شاخلارغا يامىشىپ چىقىپ، چاق، ئېلېكتىر كۈچى، ئايروپىلان، تېلېفون، كىرىستال لامپىلارغا ئوخشاش، ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتىدىغان ئويىنى قېزىپ چىقتى. ھازىر بىز پەقەت ئۇچىدىكى دەرەخ شاخلىرى ئەتراپىدا ئۇياقتىن-بۇياققا پۇلاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز، كۆپىنچىسى پەقەت ئىلگىرىكى كەشپىياتنى ياخشىلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.» ئۆزىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىدىكى كۆز قارىشىنى قوللاش ئۈچۈن، خۇئېبنېر مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش چاستوتىسى ئاستىلىدى.» ئۇ يەنە سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق كىشى بېشىغا تاپشۇرغان پاتېنت سانىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغان. «مېنىڭچە بىز يەنە 100 تۈرلۈك ئۇلۇغ كەشپىياتنى بايقاش مۇمكىنچىلىكى بارغانسېرى كىچىكلەۋاتىدۇ.» دەيدۇ خۇئېبنېر بىر قېتىملىق زىيارەتتە «يېڭىلىق يارىتىش بىر خىل چەكلىك بايلىق.»
خۇئېبنېر كىشىلەرنىڭ بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزلەشتۈرەلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن، ئەمەلىيەت ئۇنىڭ پەرىزىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. 2010-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، پېتېر زېئىل پايپال (Paypal)نىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، Facebook نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مەبلەغ سالغۇچىسى، ئۇنىڭ تېخنىكا توغرىسىدا كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ «بىزگە 140 ھەرپ-بەلگە ئەمەس، بەلكى ئۇچالايدىغان ئاپتوموبىل كېرەك.» دېگەن سۆزى ئۇنىڭ تەۋەككۈل مەبلەغ سېلىش شىركىتى قۇرغۇچىلار فوندى (Founders Found)نىڭ تەشۋىقات شوئارى بولۇپ قالدى. «كەلگۈسىدە نېمە ئىش يۈز بەردى؟» ناملىق بىر پارچە ماقالىدە، زېئىل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تۋىتتېر--بۇ خىل 140 ھەرپ-بەلگە شەكلىدىكى مەھسۇلاتنى، شۇنداقلا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەشپىياتلارنىڭ قانداق قىلىپ ئاممىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىلگىرى كەلگۈسىگە مەدھىيە ئوقۇغان فانتازىيەلىك ھېكايىلەر ئۇتوپىياغا قارشى چىقىدىغان بولۇپ قالغان، چۈنكى كىشىلەر تېخنىكىنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئۈمىدسىز قارايدىغان بولۇپ قالغان. 
مەن ئىلگىرى بۇ خىل قاراشقا قاتتىق ئىشىنىدىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم «ماسكنىڭ زېمىنى»غا كەلگەندىلا ئاندىن بۇ قارىشىمدا ئۆزگىرىش بولغان. گەرچە ماسك ئەزەلدىن ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى يوشۇرمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن پەقەت ئاز ساندىكى يات كىشىلەرلا زاۋۇت، تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى ۋە ماشىنا سېخىنى ئېكسكۇرسىيە قىلالايدۇ ھەمدە ئۇ قىلغان ئىشلارنىڭ بىرىنچى قول ماتېرىيالىدىن ئۇنىڭ كەسىپ تېررىتورىيەسىگە شاھىت بولالايدۇ. ئۇ دەل كىرىمنىي جىلغىسى روھىنى چىڭ ساقلاۋاتقان ئادەم، مەسىلەن، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىدا بيۇروكرات دەرىجە تۈزۈمىنى بىكار قىلغان ھەمدە ئاشۇ خىيالىي ماشىنىلارنى داۋاملىق ياخشىلاپ، بىز قولدىن بېرىپ قويغان ھەقىقىي بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قوغلاشقان.
قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ماسك ئالاقە تورى كۆپۈكىنىڭ بەربات بولۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى كېرەك ئىدى. ئۇ 1995-يىلى ئىنتېرنېت قىزغىنلىقىغا ئاتلىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا Zip2 دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەت قۇرغان بولۇپ، دەسلەپكى نۇسخىدىكى گۇگول خەرىتىسى ۋە باھالاش تور بېكىتى Yelp نىڭ بىرىكمىسىگە باراۋەر كېلەتتى. تۇنجى قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەشتە زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. كومپاق (Compaq) 1999-يىلى 307 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن Zip2 نى سېتىۋالغان، ماسك بۇ سودىدىن 22 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تاپقان، كېيىن بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ كېيىنكى يېڭى قۇرۇلغان شىركىتىگە سېلىپ، ئۇنى تەدرىجىي ھالدا بۈگۈنكى پايپالغا ئۆزگەرتكەن. 2002-يىلى eBay 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا پايپالنى سېتىۋېلىپ، پايپالنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى بولغان ماسك ئىنتايىن باي بولۇپ كەتكەن. 
ئەنسىزلىككە چۈشۈپ قالغان كەسىپداشلارغا ئوخشىمايدىغىنى، ماسك داۋاملىق كىرىمنىي جىلغىسىدا تۇرماي، لوس ئانژېلېسقا كۆچۈپ كەلگەن. شۇ چاغدا كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارايتتى: «ئاقىلانە تاللاش-چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ پۇرسەت كۈتۈپ، كېيىنكى زور پۇرسەت يېتىپ كەلگەندە ھەرىكەت قىلىش كېرەك.» ماسك بۇ لوگىكىدىن ۋاز كېچىپ، SpaceX كە 100 مىليون دوللار، تېسلاغا 70 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان ھەمدە قۇياش شەھىرىگە 30 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان. پۇل پارچىلاش ماشىنىسى ياساپ چىققاندىن باشقا، ماسك ئۆزىنىڭ بايلىقىنى ۋەيران قىلىدىغان تېخىمۇ تېز ئۇسۇلنى تاپالمايتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ بىر تەنھا پالۋانغا، خەتىرى يۇقىرى مەبلەغ سالغۇچىغا ئايلاندى. دۇنيادىكى تەننەرخى ئەڭ قىممەت ئىككى جاي بولغان لوس ئانژېلېس ۋە كىرىمنىي جىلغىسىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ ئەمەلىي مەھسۇلاتلارنى ياراتتى. ماسكنىڭ بۇ شىركەتلىرى ئىمكانقەدەر ئىشنى نۆلدىن باشلاپ، ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى، ئاپتوموبىل ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى كەسپىدىكى ئاشۇ ئادەتكە ئايلانغان ئۇسۇللار ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ باقماقچى بولدى. 
ماسكنىڭ SpaceX شىركىتى يالغۇز لوكخىد مارتىن شىركىتى (Lockheed Martin) ۋە بوئېن شىركىتىگە ئوخشاش ئامېرىكا ئارمىيە سانائىتى ماگناتلىرىغا قارشى تۇرۇپلا قالماي، يەنە رۇسىيە ۋە جۇڭگوغا ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىدۇ. 
SpaceX كەسىپ ساھەسىدە تەننەرخىنىڭ ئەرزانلىقى بىلەن داڭلىق. لېكىن بۇنىڭغا تايىنىپلا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى سودىدا يەنە باشقا جەھەتتىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن سىياسىي، مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش ۋە كاپىتالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا خىلاپ قورۇقچىلىق. جوبىس iPod (كۆپ ئىقتىدارلىق رەقەملىك مېدىيا قويغۇچ) بىلەن iTune (مۇزىكا قويغۇچ)نى بازارغا سېلىپ، ئەنئەنىۋى پىلاستىنكا كەسپىگە جەڭ ئېلان قىلغاندىمۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش توسالغۇغا ئۇچرىغان، لېكىن ماسكنىڭ قورال ياساپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان دۈشمەنلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، مۇزىكا كەسپىدىكى پەن-تېخنىكىدىن قورقىدىغان پېشقەدەم چىرىكلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ھەقىقەتەن قىزىقارلىق. SpaceX تەكرار پايدىلانغىلى بولىدىغان راكېتا، يەنى يۈك ئېلىپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ، ئاندىن يەنە قايتىدىن يەر يۈزىگە قايتىپ كېلەلەيدۇ، قويۇپ بېرىش سۇپىسىغا توغرا قوندى، نى سىناق قىلىۋاتىدۇ (مەزكۇر راكېتا ئاللىبۇرۇن ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ، ئاللىبۇرۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىلدى، ھازىر SpaceX بۇ تېخنىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق رىقابەتچىلىرىگە يوقىتىش خاراكتېرلىك زەربە ئېلىپ كېلىپ، راكېتا كەسپىدىكى بەزى ماگناتلارنى ۋەيران قىلىش ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا ئادەملىك يۈك توشۇش ساھەسىدىكى دۇنياۋى ئاتامانلىق ئورنىنى تىكلەۋاتىدۇ—تەرجىماندىن). بۇنىڭ بىلەن ماسكنىڭ دۈشمىنى كۆپەيدى. «مېنى يوقاتماقچى بولغانلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ.» دېدى ماسك، ئائىلەمدىكىلەر مېنىڭ رۇسىيەلىكلەر تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىمدىن ئەنسىرەيدۇ.» 
تېسلا دۇنيا دەرىجىلىك يېقىلغۇ بۆلۈپ سېتىش تورىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ئۇسۇلىنى قايتىدىن بەرپا قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. تېسلا پۈتۈن كۈچى بىلەن كىشىلەر ئارزۇ قىلىدىغان ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلنى ياساپ چىقتى ھەرگىزمۇ ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئەمەس. ماسك بۇنى «كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان مۇرەسسە لايىھەسى» دەپ ئاتىغان. بۇ تېخنىكا يۈكسەك پەللىسىگە يېتىپ بارىدۇ. تېسلا سېتىش سودىگەرلىرى ئارقىلىق سېتىلمايدۇ، بەلكى ئىنتېرنېت تورى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە خۇددى ئالما مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا ئوخشاش كۆرگەزمە زالى ئارقىلىق ئاپتوموبىل ساتىدۇ. تېسلامۇ ئاپتوموبىل سېتىش ئارقىلىق كۆپ پۇل تېپىشتىن ئۈمىد كۈتمىگەن، چۈنكى توكلۇق ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىللارغا ئوخشاش ئاپتول ئالماشتۇرۇشقا شۇنداقلا باشقا رېمونت قىلىش مەشغۇلاتىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس. تېسلا قوللانغان بىۋاسىتە سېتىش ئەندىزىسى ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل سودىگەرلىرى بىلەن ئوچۇق ئاشكارا دۈشمەنلەشكەنگە باراۋەر بولۇپ، ئۇلار (ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل سودىگەرلىرى) خېرىدارلار بىلەن باھادا كېلىشەلەيدۇ، ئاندىن يۇقىرى رېمونت ھەققى ئېلىش ئارقىلىق پايدا ئالالايدۇ. 
ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى نۇرغۇن ئاساسلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا تېسلانىڭ توك قاچىلاش پونكىتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قىسقىغىنە 20 مىنۇت ئىچىدە، ئاپتوموبىلنىڭ نەچچە يۈز ئىنگلىز مىلى يول يۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ (ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تېسلا 7 مىنۇت توك قاچىلاپ 240 كىلومېتىر يول يۈرگىلى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان، تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ--تەرجىماندىن) بۇ خىل «دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش پونكىتى»دا قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېسلا ئاپتوموبىل ئىگىسى ھەقسىز توك قاچىلىيالايدۇ. گەرچە ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغى چېكىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ماسك ياساۋاتقان بۇ نۇقتىنىڭ نۇقتىغا بولغان كەلگۈسى قاتناش سىستېمىسى ئامېرىكىنى باشقا دۆلەتلەردىن ھالقىپ كېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ماسكنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەر دائىرىسى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچى ھېنرى فورد بىلەن جون روكفېللېرنىڭ ئەڭ ياخشى ئالاھىدىلىكىنى بىرلەشتۈرگەن. 
قۇياش شەھىرى ھازىر ئىستىمالچىلار ۋە كارخانا ئابونتلىرىغا يۈزلەنگەن ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيەسى باتارىيە تاختىسىنى قۇراشتۇرۇش سودىگىرى ۋە مەبلەغ چىقارغۇچىغا ئايلاندى. ماسك قۇياش شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە قۇياش شەھىرىنى قۇرۇش تەسەۋۋۇرىغا قاتناشقان ھەمدە شىركەتنىڭ باش مۇدىرى بولغان، ئۇنىڭ بىر نەۋرە قېرىندىشى لىندون رىۋ (Lyndon Rive) ۋە پېتېر رىۋ (Peter Rive) شىركەتنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. قۇياش شەھىرى باھا ئۇرۇشى ئارقىلىق نەچچە ئون ئېلېكتىر شىركىتىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى چوڭ تىپتىكى جامائەت ئىشلىرى شىركىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. پاكىز ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ كۆپلەپ ۋەيران بولىۋاتقان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان مەزگىلدە، ماسك دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىككى پاكىز ئېنېرگىيە تېخنىكا شىركىتىنى بەرپا قىلدى. ئۇنىڭ زاۋۇت ئىمپېرىيەسىدە بىر قانچە چوڭ تىپتىكى زاۋۇت، نەچچە ئون مىڭ ئىشچى، شۇنداقلا كۈچلۈك مەھسۇلات مىقدارى تەسىر كۈچى بار. ماسكنىڭ قىممىتى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ماسكنىڭ يۇرتىغا قىلغان زىيارىتىم ماڭا ماسكنىڭ نېمە ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. «ئىنسانىيەتنى مارسقا ئېلىپ چىقىش» دېگەن سۆز كىشىگە تولىمۇ ئەخمىقانە تۇيغۇ بەرسىمۇ، لېكىن ماسكنىڭ سانائەت ئىمپېرىيەسىگە ئۆزگىچە جەڭگىۋار شوئار ئاتا قىلغان. بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ خادىملىرى بۇ نۇقتىنى ئوبدان بىلىدۇ ھەم ئۆزلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە تىرىشىۋاتقانلىقى بۇ قارىماققا مۇمكىن بولمايدىغان نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا ماسك ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان نىشاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەتچىلەرنى جان تىكىپ «ئەزگەن» ھەمدە ئۇلارغا «سەت» گەپلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار بۇنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەن. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ مارس بۇرچىنىڭ بىر قىسمى. بەزى خىزمەتچىلەر ئۇنىڭ بۇ تەرىپىنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلار ئۇنىڭدىن بىزار بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ مۇددىئاسى ۋە بۇرچىغا قايىل بولغانلىقى ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا چەكسىز سادىق ئىشلەيدۇ. ماسك ھازىرلىغان دۇنيا قاراش، كىرىمنىي جىلغىسىدىكى نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردە كەمچىل. ئۇ ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە تالانت ئىگىسى. ئۇنى بايلىق قوغلىشىدىغان CEO دېگەندىن كۆرە، ئارمىيەگە قوماندانلىق قىلىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان گېنېرال دېگەن تۈزۈك. زاكېربېرگ سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ سۈرئىتىنى ھەمبەھىرلىشىڭىزگە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلغاندا، ماسك بولسا ئىنسانلارنى ئۆزىنى ۋەيران قىلىش ۋە كۈتۈلمىگەن ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلغان. 
شىركەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن، ماسكنىڭ شۇ مەزگىلدىكى تۇرمۇشى نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەقىلگە سىغمايتتى. ئۇنىڭ بىر ھەپتىسى لوس ئانجىلىستىكى بېلېرنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى، ئۇ پۈتۈن بىر كۈن SpaceX دە بولىدۇ؛ سەيشەنبە كۈنى، ئۇ ئالدى بىلەن SpaceX تە ئىشقا چۈشىدۇ، ئاندىن شەخسىي ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كىرىمنىي جىلغىسىغا بارىدۇ، ئۇ تېسلانىڭ پالوئالتودىكى ئىشخانىسى ۋە فرىمونتنىڭ زاۋۇتىدا بىر نەچچە كۈن ئىشلەيدۇ. ماسكنىڭ شىمالىي كالىفورنىيە شىتاتىدا ئۆزىنىڭ ئۆيى يوق. بەلكى ھەشەمەتلىك مېھمانخانى (Rosewood Hotel)دا ياكى دوستىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ. ئۇنى دوستىنىڭ ئۆيىدە قونۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ماسكنىڭ ياردەمچىسى ئېلخەت ئەۋەتىپ «يالغۇز كىشىلىك ياتاق بارمۇ؟» دەپ سۈرۈشتۈرىدۇ، ئەگەر دوستى «بار» دەپ جاۋاب بەرسە، ماسك يېرىم كېچىدە ئۇ دوستىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پەيدا بولىدۇ. ئۇ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مېھمانخانىدا تۇرىدۇ، بەزىدە سىن ئويۇنى ئويناپ سافادىلا يېتىپ ئۇخلاپ قالىدۇ. پەيشەنبە كۈنى ئۇ يەنە لوس ئانژېلېس ۋە SpaceX كە قايتىپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ ئالدىنقى ئايالى جاستىن بىلەن بىرلىكتە بەش ئوغۇل، يەنى قوشكېزەك ۋە ئۈچ كېزەكنى باقىدۇ، ھەر ھەپتىدە تۆت كۈن ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ. ھەر يىلى ماسك ھەر ھەپتىلىك ئۇچۇش ۋاقتىنى جەدۋەل شەكلىدە تىزىپ چىقىپ، ئۆزىگە ئەھۋالنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىش دەرىجىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇنداق جىددىي خىزمەت رىتىمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكى سورالغاندا، ماسك: «مېنىڭ بىر جاپالىق بالىلىقىم بولغان، بەلكىم بۇ كەچۈرمىشىم ماڭا ياردەم قىلغان بولۇشى مۇمكىن.» دەپ جاۋاب بەرگەن. 
بىر قېتىم، مەن «ماسكنىڭ زېمىنى»غا زىيارەتكە باردىم، ئۇ ۋاقىت چىقىرىپ بۇ قېتىمقى زىيارەتنى قوبۇل قىلدى، ئاندىن ئورېگون ئىشتاتىدىكى يانار تاغ ئېغىزى كۆلى دۆلەت باغچىسى (Crater Lake National Park)غا بېرىپ دالىدا قوندى. زىيارەت ئاخىرلاشقاندا جۈمە كۈنى كەچ سائەت 8 بولغان بولۇپ، ماسك بالىلىرى ۋە بالا باققۇچىلارنى ئېلىپ شەخسىي ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، يەرگە چۈشكەندىن كېيىن شوپۇر بىلەن ئۇچراشسا، شوپۇر ئۇلارنى دالىدا قونۇش ئورنىغا ئېلىپ بېرىپ دوستلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ، دوستلىرى ماسىكنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يېرىم كېچىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ھەپتە ئاخىرىدا ئۇ پىيادە مېڭىشنى تاللايدۇ، ئاندىن ئارام ئېلىش ۋاقتى ئاخىرلىشىدۇ. يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ماسك بالىلار بىلەن لوس ئانژېلېسقا قايتىدۇ. شۇ كۈنى كەچتە ئۇ يەنە ئۆزى يالغۇز نيۇيوركقا ئۇچۇپ بېرىپ ئۇخلايدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ دۈشەنبە كۈنىدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «گەپدانلىق» پىروگراممىسىغا قاتنىشىش، يىغىن ئېچىش، ئېلخەت يوللاش، ئۇخلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۇ لوس ئانجىلىسقا ئۇچۇپ بېرىپ SpaceX قا ئىشقا بارىدۇ؛ سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سان جوسېغا ئۇچۇپ تېسلا زاۋۇتىغا بارىدۇ؛ شۇ كۈنى كەچتە ۋاشىنگتونغا بېرىپ زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن كۆرۈشىدۇ. چارشەنبە كۈنى كەچتە لوس ئانژېلېسقا قايتىدۇ؛ SpaceX تە بىر قانچە كۈن خىزمەت قىلىدۇ؛ ئاندىن سېرىق تاش باغچىسىغا بېرىپ، گۇگولنىڭ باش مۇدىرى ئېرىك سىمىت (Eric Schmidt) رىياسەتچىلىك قىلغان بىر ھەپتە ئاخىرىدىكى يىغىنغا قاتنىشىدۇ. ئەينى چاغدا ماسك ئەمدىلا ئىككىنچى ئايالى--ئايال ئارتىس تالۇلاھ رىلېي (Talulah Riley) بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى بۇ ئالدىراش ۋاقىت جەدۋىلىگە سىڭدۈرۈشنى ئويلىشىۋاتاتتى. «مېنىڭچە مېنىڭ خىزمەت ۋە بالىغا تەقسىم قىلىنغان ۋاقتىم يېتەرلىك.» دېدى ماسك «بىراق مەن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ ئۇچرىشىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى، مەن بىر قىز دوست تېپىشىم كېرەك، مانا بۇ مېنىڭ نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىشىمنىڭ سەۋەبى. مېنىڭچە بىر ھەپتىدە يەنە 5~10 سائەت ئارتۇقراق ۋاقىت چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ، ئاياللارغا بىر ھەپتىدە قانچىلىك ۋاقىت ھەمراھ بولۇش كېرەك؟ بەلكىم 10 سائەت؟ بۇ ئەڭ تۆۋەن تەلەپمۇ؟ مەن بىلمەيمەن.» 
ماسكنىڭ ئارام ئالىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز، لېكىن ئۇ ئارام ئالغاندا، ئاشۇ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى خۇددى ئۇنىڭ ھاياتىغا ئوخشاش دراماتىك تۈس ئالغان بولىدۇ. ئۇنىڭ 30 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە، ماسك ئېنگلاندتا بىر قەلئە ئىجارىگە ئېلىپ، 20 نەچچە ئادەمنى تەكلىپ قىلغان. سەھەر سائەت ئىككىدىن ئالتىگىچە، ئۇلار مۆكۈشمەك ئويۇنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ساردىنا بېلىقى ئويۇنى ئوينايدۇ، يەنى بىر ئادەم قېچىپ مۆكۈۋالىدۇ، ئاندىن قالغانلار ئۇنى ئىزدەپ بارىدۇ. يەنە بىر يىغىلىش پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ماسك، ئۇنىڭ ئىنىسى ۋە نەۋرە ئاكا-سىڭىللىرى يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ، ۋېلىسىپىت مىنىپ پارىژنى سەھەر سائەت ئالتىگىچە كېسىپ ئۆتۈشنى قارار قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار پۈتۈن بىر كۈن ئۇخلاپ، كەچقۇرۇن شەرق پويىزى (Orient Express)غا چىقىۇد، پويىزدا ئۇلار يەنە بىر قېتىم كېچىچە تۈنەيدۇ. نۇر دەستىسى سېرك ئۆمىكى (Lucent Dossier Experience)دىكى بىر توپ ئاۋانگارت ئارتىسلار بۇ ھەشەمەتلىك پويىزدا قول ماھارىتى ۋە سېرك ئويۇنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. ئىككىنچى كۈنى، پويىز ۋېنىتسىيەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ماسك قاتارلىق بۇ بىر توپ كىشىلەر كەچلىك تاماق يەپ بولۇپ، ئاندىن مېھمانخانىنىڭ بالكونىدا چوڭ قانالغا نەزەر سېلىپ، ئەتىگەن سائەت توققۇزغىچە تۇرىۇد. ماسكمۇ نىقابلىق تانسا كېچىلىكىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى بىر قېتىملىق يىغىلىشتا چەۋەنداز سىياقىدا ياسىنىۋالغان ھەمدە ئاپتاپتىن ساقلىنىش كۈنلۈكى بىلەن قارا سامۇراي سىياقىدا ياسىنىۋالغان پەتەكلەر بىلەن دوئىلغا چۈشكەن.

بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0