大数跨境

مەخپىيەتلىك: كۆڭۈلدىكى ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنىڭ سىرى

مەخپىيەتلىك: كۆڭۈلدىكى ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنىڭ سىرى Nepkar
2020-09-30
2
سىرلىق تارتىش كۈچى: مەخپىيەتلىك


مەخپىيەتلىك: تارتىش كۈچى قائىدىسى، كۆڭلىڭىزدىكى ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش سىرىنى ئېيتىپ بېرىپ، ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىدۇ. 
مەلۇم ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىدا، رىياسەتچى بىر ئارتىستىن: «كىچىكىڭىزدىن تارتىپلا ئۆزىڭىزنى بەك چىرايلىق ھېس قىلامتىڭىز؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «ئۇنداق ئەمەس.» دەپ جاۋاب بېرىدۇ ھەمدە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئالەمگە سىگنال بېرىۋاتىمەن-مەن بەك گۈزەل، مەن بەك چىرايلىق، ئاندىن ئالەم بۇ سىگنالنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ، شۇڭا ئۆزۈم بارغانسېرى گۈزەل ۋە ئەقىللىق بولۇپ كېتىمەن.» ئەسلىدە مانا بۇ ئۇ ئارتىسنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى مەخپىيەتلىك ئىدى، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل كۈچلۈك پسىخىك بېشارەتتۇر، مانا بۇلار «مەخپىيەتلىك»تە تەكىتلەنگەن تارتىش كۈچى قائىدىسى-ھاياتلىقتا يۈز بەرگەن ۋە ئىگە بولغان بارلىق نەرسىلەر بولۇپ، ھەممىسى سىزنىڭ تارتىشىڭىزدىن كەلگەن.

مەخپىيەتلىك نەشىر قىلىنغاندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ نەشىر تارىخىدا رېكورت يارىتىلىپ، 41 خىل تىل-يېزىققا تەرجىمە قىلىندى، دۇنيادا سېتىلىش مىقدارى 15 مىليون پارچىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ بازارلىق قەلب ئىلھاملاندۇرۇش كىتابى بولۇپ قالدى.
ئەگەر بۇنىڭ ئۇيغۇرچە فىلىمىگە قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كۆرۈڭ!

ئاپتور Rhonda Byrne ئاۋسترالىيەدىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە يازغۇچى، ئۇ مەلۇم بىر يىلى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى، خىزمەتتىكى بوغما ھالەت، ئائىلە مۇناسىۋىتىدىكى قاتماللىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن، كىشىلىك ھاياتى چۈشكۈنلۈككە پېتىپ قالىدۇ.
ئۇ تاسادىپىي ھالدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ بىر مەخپىيەتلىك قائىدىسىنى بايقاپ، ئاستا-ئاستا كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئاكتىپ، ئۈمىدۋار بولۇپ كېتىدۇ، خۇددى تۇرمۇشتا ئوخشاش بولمىغان ياخشى ئىشلارغا يولۇقۇپ قالىدىغاندەك، بۇ مەخپىيەتلىك مۇشۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. بۇ مەخپىيەتلىكنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىش ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن ئامېرىكىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن 55 نەپەر ھايات يېتەكچىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ كۈرەش قىلىشى توغرىسىدىكى ئورتاق مەخپىي فىلىمنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ فىلىم تارقىتىلغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى، باين شۇ سەۋەبتىن 2007ـيىلى دەۋر ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 100 كىشىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
«مەخپىيەتلىك» دېگەن بۇ فىلىمدە دۇنيادىكى غايەت زور مەخپىيەتلىك-تارتىش كۈچى قائىدىسى ئېچىپ بېرىلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى بايلىق، ساغلاملىق، كىشىلىك مۇناسىۋەت، بەخت، شۇنداقلا بىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش مۇناسىۋىتىمىز چۆرىدىلىپ قانات يايدۇرۇلغان، ھەمدە نۆۋەتتىكى ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 24 ئىختىساس ئىگىسىنىڭ دېلو مىسالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىزگە مۇنداق بىر مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ بېرىدۇ-سىز چىن كۆڭلىڭىزدىن مەلۇم ئىشنى قىلماقچى بولغان ۋاقتىڭىزدا، پۈتۈن ئالەم سىزگە ياردەم بېرىدۇ.

بىرىنچى، نېمىگە كۆڭۈل بۆلۈش، نېمىنى تارتىش
سىزنىڭ مۇنداق كەچۈرمىشىڭىز بولغانمۇ-يوق بىلمىدىم: دەسلەپتە مەلۇم بىر كۆڭۈلسىز ئىشنى ئويلىغاچقا، بۇ ئىشتىن يەنە باشقا كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئويلىغاچقا، نەتىجىدە بارغانسېرى كۆڭۈلسىز بولۇپ قالىدۇ ...
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، سىز بىر خىل ئىدىيىنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، تارتىش كۈچى قائىدىسى تېخىمۇ كۆپ ئوخشاش تۈردىكى ئىدىيىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي، سىز ئوخشاش تۈردىكى نۇرغۇن كۆڭۈلسىز ئىدىيىلەرنى جەلپ قىلىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ھالىتى بەك ناچارلىشىپ كېتىدۇ.

ئۇنداقتا، تارتىش كۈچى قائىدىسى دېگەن نېمە؟
تارتىش كۈچى قائىدىسى بىر خىل تەبئىي قائىدە بولۇپ، ئالەمدە مەۋجۇت بولغان ھەرقانداق ماددا، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئىدىيە ئېنېرگىيەگە ئىگە ھەمدە مەلۇم ئالاھىدە چاستوتىغا ئىگە بولۇپ، ئالەمدە ئوخشاش چاستوتىدىكى ئىدىيىنى جەلپ قىلالايدۇ ۋە چاقىرالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالەمدىكى ئوخشاش چاستوتىلىق شەيىلەرنى ئۆز ھاياتىغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ، مانا بۇ تارتىش كۈچى قائىدىسى ئېلىپ كەلگەن رول ۋە ئۈنۈم.
ئاپتور لاڭدا باين بىزگە مۇنداق دەيدۇ: تارتىش كۈچى قائىدىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئوخشاش چاستوتىلىق رېزونانس، ئوخشاش تۈردىكى ئۆزئارا سۈمۈرۈش، يەنى ئوخشاش چاستوتىلىق شەيىلەردە رېزونانس ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.
ئوخشاش تىپتىكى شەيىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تارتىشىش رولى پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئىككى شەيى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش پەيدا بولىدۇ. خۇددى كونىلار ئېيتقاندەك مال تۈرى بىلەن، ئادەم خىلى بىلەن دېگەندەك، مەنىسى ئوخشاش تۈردىكى شەيىلەر دائىم بىر يەرگە يىغىلىدۇ، مەسلەكداش كىشىلەر بىر يەرگە جەم بولىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە تارتىش كۈچى قائىدىسى ئېلىپ كەلگەن نەتىجە. بىر ئادەمنىڭ قانداق دوست تۇتۇشىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ، دوستلار ئۆزىنىڭ تىپى تەرىپىدىن جەلپ قىلىنىدۇ، خۇددى تۇرمۇشتىكى مۇنەۋۋەر زاتلارنىڭ ئالاقە چەمبىرىكىگە، كۆپ ھاللاردا ئوخشاش مۇنەۋۋەر كىشىلەر بولىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ چەمبىرىكىنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتىكى قاتلامدۇر.
تۇرمۇشتا، نېمىگە دىققەت قىلساق شۇنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.تارتىش كۈچى قائىدىسى سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە ئىسپاتلاندى.
باشقىلارنىڭ مەسخىرىسى ئالدىدا، ئۇ باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ ئارتىس ئىكەنلىكىگە ئىشەندى، ئاخىرىدا ئۇ راستىنلا ئارتىس بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، كىنودىكى جوۋ شىڭچىنىڭ كۈرەش مۇساپىسى دەل تارتىش كۈچى قائىدىسى ئېلىپ كەلگەن نەتىجە. دېمەك، تارتىش كۈچى قائىدىسىنىڭ بىر نەچچە خىل مەنىسى بار، ئۇنداقتا تارتىش كۈچى قائىدىسىنى قانداق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك؟
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ئۈچ باسقۇچ بار، بىرى تەلەپ، يەنە بىرى ئىشىنىش، ئۈچىنچىسى، قوبۇل قىلىش.

بىرىنچى قەدەم: تەلەپ
تەلەپ شۇكى، ئالەمگە زاكاز چۈشۈرۈپ، ئالەمگە سىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈش. كۆڭلىڭىزدە نېمە لازىملىقىنى ئېنىق بىلگەن ۋاقتىڭىزدا، تەلەپ تاماملىنىدۇ. ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئارزۇ تىزىملىكىنى لايىھەلەپ، ئاندىن ئېرىشمەكچى بولغان بۇ كىچىك نىشانلارنى قەغەزگە يېزىپ، ئالەمنى سىزنىڭ ئىدىيە چاستوتىڭىزغا ئىنكاس قايتۇرغۇزغىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى قەدەم: ئىشىنىش
ئىشىنىش دېگەنلىك، تەلەپ قىلغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ، تەلەپ قىلغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ، ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئىگە بولۇپ بولدۇم دەپ تەسەۋۋۇر قىلىڭ.
قانداق قىلغاندا ئىشىنىش ھالىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟
لاڭدا باين بىزگە يوشۇرۇن ئاڭدىن باشلاپ، ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئىگە بولغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغانلىقىغا ئىشەنگەندىلا، ئالەمدىكى بۇ خىل نەرسىگە ئىگە بولۇش ئىدىيەسىنى تېخىمۇ كۆپ جەلپ قىلىپ، ھەسسىلەپ جاۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈچىنچى قەدەم: قوبۇل قىلىش
قوبۇل قىلىش دېگەنلىك ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئىشنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغاندا، قەلبىنىڭ قانداق تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئىچكى تۇيغۇنى كۆڭۈل قويۇپ ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى يەتمەكچى بولغان نىشان ھەرىكىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەرياندا چوقۇم ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى خۇشاللىق ۋە خۇشاللىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. ياخشى كەيپىيات تۇيغۇسى، مەلۇم چاستوتا ئارقىلىق ئوخشاش چاستوتىلىق شەيئىلەرنى جەلپ قىلالايدۇ، ئۆزىنى خۇددى گۈزەل شەيىلەرنىڭ «قوبۇللىغۇچى»غا ئايلاندۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ.
كىنودا جوۋ شىڭچى «تارتىش كۈچى قائىدىسى»نىڭ ئۈچ باسقۇچىنى قانداق قوللانغان؟
ئالدى بىلەن كۆڭلىدە بىر ئارتىس بولۇشنى كۈچلۈك ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئارتىس ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئارتىس سالاھىيىتىنىڭ كەيپىياتى ۋە ھالىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنى ئارتىسلارنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۆزى راستىنلا ئارتىس بولۇپ قالىدۇ.

يەنە بىر مىسال ئالايلى، ئەگەر سىز ئورۇقلىماقچى بولسىڭىز، مۇنداق قىلسىڭىز بولىدۇ:
بىرىنچى قەدەمدە ئۆزى يەتمەكچى بولغان بەدەن ئېغىرلىقىنى بېكىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ئورۇقلاشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىنكى ياخشى بەدەن شەكلى كۆرۈنۈشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش.
ئىككىنچى قەدەمدە، ئۆزىڭىزنىڭ شۇ تاپتا رازى بولغۇدەك بەدەن ئېغىرلىقىغا ئىگە بولۇپ بولغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە سېتىۋالماقچى بولغان كىيىم پاسونى ۋە رازمېرىغا دىققەت قىلىڭ ھەمدە كۆڭلىڭىزدە ياخشى بەدەن شەكلىگە ئىگە كىشىلەردىن ھۇزۇرلىنىڭ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇڭ، بۇ خىل ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۆپ ئوخشاش چاستوتىلىق شەيىلەرگە يېقىنلىشىشقا چاقىرىدۇ.
ئۈچىنچى قەدەمدە قوبۇل قىلىشتا، چوقۇم ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىگە بولغان تۇيغۇسى ناھايىتى ياخشى بولغاندىلا، ئاندىن ياخشى بەدەن شەكلى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى جەلپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشى بەدەن شەكلىگە ماس كېلىدىغان ھەرىكەتلەرگە ماسلاشتۇرۇپ، ياخشى بەدەن قىياپىتىگە ئىگە كىشىلەر قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، مەسىلەن، يېمەك-ئىچمەك، چېنىقىش قاتارلىقلار. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «تارتىش كۈچى» قائىدىسىنىڭ ئۈچ باسقۇچى، كۆڭلىدە ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشىش ئۇسۇلىنى ناھايىتى ياخشى ئېچىپ بەرگەن. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان تۇرمۇش ھالىتىنى يارىتالايمىز.

3. ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ، ئويىڭىزنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاڭ
تارتىش كۈچى قائىدىسىنى مۇنداق ئاددىي چۈشىنىشكە بولىدۇ:
ئۆزىمىزنى بىر ماگنىت دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، تارتىش كۈچى قائىدىسى ئارقىلىق ئوخشاش چاستوتىدىكى شەيىلەرنىڭ يېقىنلىشىشىنى جەلپ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشىمىز.
ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ بوب پۇكېت مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم كۆڭلىدە دائىم ئېرىشمەكچى بولغان شەيىلەرنى كۆرسە، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ.
بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بىز كۆڭلىمىزدە دائىم ئويلايدىغان ئىش، ئۆزىمىزگە مەپتۇن بولۇپ قالىمىز، ئۇنداقتا قانداق نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولساق، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىدىكى تەجرىبىلەرنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۆزىمىزنىڭ قەلبىنى چۈشىنىپ، ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشنى باشلىشىمىز كېرەك.

(1) ياخشىنى جەلپ قىل، ياماننى جەلپ قىلما
ئېرىشمەكچى بولغان شەيىلەرگە نىسبەتەن، بىز ئۆزىمىزدىكى ئاكتىپ ئىدىيەنى يېتەكلەش ئارقىلىق، ئېرىشمەكچى بولغان شەيىلەرنى ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىغا يېقىنلاشتۇرالايمىز.
ئۇنداقتا مەسىلە كەلدى، ھەممە ئادەم ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ئىزچىل ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ؟
بۇ تارتىش كۈچى قائىدىسىنىڭ ئوبيېكتىپلىقىغا چېتىلىدۇ.
تارتىش كۈچى قائىدىسى ئىنكار قىلىنغان سۆزلەر بىلەن كارى بولمايدۇ، ئىدىيەنىڭ تەسىراتىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشىدىن قەتىينەزەر، پەقەت ئىدىيەگە ئىنكاس قايتۇرۇش چاستوتىسى بولۇپ، ئاندىن بۇ ئىدىيەلەرنى ھاياتلىق تەجرىبىسى شەكلىدە سىزگە قايتۇرىدۇ.
كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئىگە بولالماسلىقىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، بەلكى ئۆزىگە كېرەك ئەمەس نەرسىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىۋالىدۇ.

مەسىلەن بىز مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلەپ باقساق بولىدۇ، ئاغزىمىزدا مۈشۈكنى ئويلىمايمەن دېگەننى ئىچىمىزدە ئوقۇپ، بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىغاندىن كېيىن كاللىڭىزدا نېمىنى ئويلايسىز؟
بەلكىم كاللىڭىزدا مۈشۈك بولۇشى مۇمكىن! ئوخشاش قائىدە بويىچە، جىددىيلەشمەسلىكنى قانچە ئەسكەرتسە، ئادەم ئەكسىچە تېخىمۇ ئاسان جىددىيلىشىشى مۇمكىن. ئۆزىڭىزگە كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ دېگەنسېرى تېخىمۇ ئازابلىنىشىڭىز مۇمكىن.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تارتىش كۈچى قائىدىسى سەلبىي سۆزلەرگە ھۆكۈم قىلالمايدۇ، ئۇنىڭدا ئىجابىي، ئاكتىپ سۆزلەرگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. شۇڭا، بىز مەركىزىي نۇقتىنى ئېرىشمەكچى بولغان قاتلامغا قارىتىشىمىز ھەمدە دىققىتىمىزنى داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە چاستوتا ئارقىلىق ئىدىيىمىزنى تارقىتىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، «مېنىڭ كېچىكىپ قالغۇم يوق.» دېگەن سۆزنى «مەن بالدۇرراق يېتىپ بارىمەن.» دېگەن سۆزگە، «مېنىڭ جېدەللەشكۈم يوق.» دېگەن سۆزنى «ماڭا تىنچ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى كېرەك.» دەپ ئالماشتۇرۇشقا، «مەن سەمرىپ كەتمەيمەن.» دەپ ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ ...
ئۆز تىلى ئەندىزىسىگە تەپسىلىي قاراش ئارقىلىق، ئىجابىي جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئاكتىپ سۆزلەرنى ئىشلەتكەندە، ياخشى شەيىلەرنى جەلپ قىلالايمىز.

(2) مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا بولۇش
باشقىلارنىڭ تۆلىگەن بەدىلىگە مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا بولۇش بىزنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلىمىزنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئېنېرگىيە مەيدانىنى تاۋلايدۇ. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىش ئېنېرگىيەنىڭ ئۆزگىرىشى، نېمىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، نېمىنى ئېلىپ كېلىشتۇر.

ئەگەر بىر ئادەم مىننەتدار بولۇشنى بىلسە، ئۇنداقتا بىر خىل مۇھەببەت نەزىرى بىلەن ھاياتلىقتىكى شەيىلەرگە مۇئامىلە قىلىپ، ئەتراپىدىكى شەيىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش تەسىراتىنى تېخىمۇ بېيىتىدۇ.
مەسىلەن، تۇرمۇشتا ھەمراھىنىڭ كۈندىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئۇنىڭغا بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلىش ياكى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش، بۇ خۇشاللىق ھەم مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇل شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپنى سىزگە بولغان مىننەتدارلىق ھەرىكىتىنى ئىپادىلەشكە جەلپ قىلىپ، ئائىلىنىڭ بىللە ئۆتۈشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىللىق كەيپىيات يارىتىدۇ.
بىز ھاياتىمىزدا ئىگە بولغان شەيئىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگەنگىنىمىزدە، ئۇنداقتا تارتىش كۈچى قائىدىسى تېخىمۇ كۆپ شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز تېخىمۇ كۆپ گۈزەل شەيئىلەرگە ئېرىشىمىز.

(3) نىشاننى كۆرۈنمىلەشتۈرۈش
نىشاننى كۆرۈنمىلەشتۈرۈش دېگىنىمىز، تەسۋىرلەش ۋە تەسەۋۋۇر نىشانى ئەمەلگە ئاشقان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىدۇ. كۆرۈنمىلەشتۈرۈشتە، ئۆزىمىز «ئېرىشمەكچى بولغان شەيىلەرگە ئىگە بولغان كۆرۈنۈشىمىز»نى كۆرەلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەلبىمىزدە ئۇنىڭغا ئىگە بولۇش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنى كۆرۈنۈشتىكى ئىدىيەگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە يېتەكلەيمىز، بۇنىڭدىن كۈچلۈك تەسىرات ئېلىپ كېلىپ، ئالەمگە كۈچلۈك ئىدىيەۋى چاستوتا تارقىتىمىز.

«مەخپىيەتلىك» فىلىمىدە ئىگىلىك تىكلىگۈچى جون ياسارافنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن:
جون ياساراف ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ئۆيىگە ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ كىچىك نىشاننى كۆرۈنمىلەشتۈرۈپ، ئارزۇ تاختىسىغا ئۆينىڭ ئەندىزە ھالىتىنى سىزىپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئىگە بولۇش تۇيغۇسى ھالىتىگە ھەقىقىي كىرىدۇ. بەش يىل ئىچىدە، ئۇ ئۈچ قېتىم ئۆي كۆچۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالىدۇ. ئۇ ئۆينى بېزىگەندىن كېيىن، بۇ ئۆينىڭ ئۇسلۇبىنىڭ دەل بەش يىل بۇرۇن ئىزچىل ئېسىدىن چىقارماي كېلىۋاتقان كۆرۈنۈش ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ دەل كۆرۈنمىلەشتۈرۈشنىڭ سېھرى كۈچى، ئۇ بىزگە كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
شۇڭا، بىز ئىختىيار تاختىسى ئارقىلىق ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرنى، شۇنداقلا ئېرىشمەكچى بولغان تۇرمۇش ھالىتىنى سىزىپ چىقالايمىز ھەمدە ئۇنى ھەر كۈنى كۆرگىلى بولىدىغان جايغا قويۇپ، شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ئىگە بولۇش تۇيغۇسىنى ھېس قىلالايمىز، بۇ ئارقىلىق بۇ خىل تارتىش كۈچىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەيتەلەيمىز.

(4) ئاكتىپ ھەرىكەت
بىز «تارتىش كۈچى» قائىدىسىنىڭ سىرىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزىمىزدە ئاكتىپ ئوي-پىكىر پەيدا قىلغاندىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكەتكە كېلىش ۋە تىرىشىپ ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان تۇرمۇشنى قوغلىشىش، ھەرگىزمۇ ئۆزىگە بېشارەت بېرىش باسقۇچىدا توختاپ قالماسلىقەمەز كېرەك.
مەسىلەن، سىز ئايدا 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلماقچى بولسىڭىز، ئالەمگە تەلەپ قويۇش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزنىڭ ئىگە بولالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ، ئاكتىپ روھىي ھالەت بىلەن يۈزلىنىشىڭىز كۇپايە قىلمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكەتكە كېلىپ قايسى ئۇسۇللاردا نىشانغا يەتكىلى بولىدىغانلىقى، ئايدا 100 مىڭ يۈەن تاپىدىغان كىشىلەرنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ھەرىكەتتىن ئۆرنەك ئالغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئويلىنىشىڭىز كېرەك.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «تارتىش كۈچى» قانۇنىيىتىنىڭ ئۈچ باسقۇچى تەلەپ، ئىشىنىش ۋە قوبۇل قىلىش بولۇپ، بىز ئالەمگە تەلەپ قويغاندىن كېيىن، ئۆزىمىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىمىزغا ئىشىنىشىمىزنى تەكىتلەيدۇ. مۇھىم نۇقتا شۇكى، بۇ چاغدا ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان تۇرمۇشقا ئىگە بولغاندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىمىزنى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ يېڭى ھەرىكەتلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز، بىزگە يېڭى ھاسىلات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. مىسال ئالساق، سىز مالىيە ئەركىنلىكىنى ئويلاپ، ئالەمگە تەلەپ قويۇش ۋە ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشتىن باشقا، ئۆزىڭىزنىڭ مالىيە ئەركىنلىكىنىڭ قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىڭىز، «بايلار تەپەككۇرى»غا ئىگە بولۇشىڭىز كېرەكمۇ ياقمۇ؟
مەسىلەن، بايلار پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ، مەبلەغ سېلىپ مالىيە باشقۇرۇشقا ماھىر بولىدۇ، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە مەبلەغ سېلىشنى بىلىدۇ، پۇلغا بولغان پوزىتسىيەسى تېخىمۇ مەرد ھەم باشقىلارغا بېرەلەيدۇ ... ئۇنداقتا، مالىيە ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىنكى سىز قىلالايدىغان ئىش دەل ھازىر تەقلىد قىلغىلى بولىدىغان ھەرىكەت بولغاندىلا، ئاستا-ئاستا سىز مالىيە ئەركىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.
لاڭدا باين «مەخپىيەتلىك» دېگەن كىتابىدا، بىزگە تارتىش كۈچىنىڭ سىرى-ھاياتلىقتا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنىڭ ئۆزىگە تارتىشتىن كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن.
تارتىش كۈچى قائىدىسى بىزنىڭ ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ. ھاياتلىقتا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ، ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالەمنىڭ سىزگە بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ!

بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0