搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
باج سېلىقىنى سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ
>
باج سېلىقىنى سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ
Nepkar
2020-10-29
0
导读:ئىككى ئادەم مۇھەببەتلەشسە ھامان بىر قىسىم سودا خىراجىتى بولىدىغاندۇ؟ زادى كىم قارشى تەرەپنى ئىزدەپ ب
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
ئېھتىياج ئىككىنچى قانۇنىيىتى
ئېھتىياج ئىككىنچى قانۇنىيىتىمۇ ئىنسان تەبئىيىتىگە بولغان چوڭقۇر ئىپادىلەشتۇر. ئېھتىياج ئىككىنچى قانۇنىيىتىنى چۈشەنگەندە، بىز ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش، ئۆزئارا تىركىشىش قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يېتىمىز.
ئېھتىياج ئىككىنچى قانۇنىيىتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئېھتىياجنىڭ باھاغا بولغان ئېلاستىكىلىقى، باھا ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. دېمەك، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئېھتىياجنىڭ باھاغا بولغان ئېلاستىكىلىقى ئاشىدۇ.»
ئېھتىياجنىڭ باھا ئېلاستىكىلىقى
بۇ يەردە بىز «ئېلاستىكىلىق» دېگەن بىر ئاتالغۇنى ئۇچراتتۇق. بۇ كىتابتا ماتېماتىكا فورمۇلاسى يوق دېيەرلىك، بۇ تېمىمىزدا بولسا سانى ناھايىتى ئاز بولغان بىر قانچە فورمۇلا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بەك ئاددىي.
ئېھتىياجنىڭ باھاغا بولغان ئېلاستىكىلىقى، ئېھتىياج مىقدارىنىڭ تاۋار باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىش دەرىجىسى بولۇپ، ئۇ ئېھتىياج مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتىنى باھانىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتىگە بۆلگەنگە تەڭ. ئۇنىڭ مەنىسى: ھەر قېتىم باھادا قانچە پىرسەنت ئۆزگىرىش بولسا، ئېھتىياج مىقدارىدا شۇنچە پىرسەنت ئۆزگىرىش بولىدۇ.
تۆۋەندىكى فورمىلادا كۆرسىتىلگەندەك:
مەسىلەن، ئەگەر باھادا %2 ئۆزگىرىش بولۇپ، ئېھتىياج مىقدارى شۇ سەۋەبتىن %5 ئۆزگەرسە، ئۇنداقتا ئېلاستىكىلىقى:
5%÷2%=2.5
بولىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر ئېلاستىكىلىقى 1 دىن چوڭ بولسا، پەقەت باھادا بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولسىلا، ئېھتىياج مىقدارىدا تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئومۇمەن، زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى، مەسىلەن، ئەتىر، داڭلىق تاماكا، داڭلىق سائەت ۋە داڭلىق فوتو ئاپپارات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ ئالاھىدىلىك بار. ئەكسىچە، ئەگەر باھا %2 ئۆزگەرگەندە، ئېھتىياج %1 ئۆزگەرسە، ئۇنداقتا ئېلاستىكىلىقى:
1%÷2%=0.5
بولىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر ئېلاستىكىلىقى 1 دىن كىچىك بولۇپ، باھادا مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولسا، ئېھتىياج مىقدارىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمما دائىرىسى تېخىمۇ كىچىك بولىدۇ. ئومۇمەن، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، مەسىلەن، گۈرۈچ، بۇغداي ۋە ئاش تۇزى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ ئالاھىدىلىك بار.
ئېلاستىكىلىقى 1 دىن چوڭ بولسا، ھەشەم بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئېلاستىكىلىقى 1 دىن كىچىك بولسا، زۆرۈر بۇيۇملارنى كۆرسىتىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، باھانىڭ ئۆزگىرىش يۆنىلىشى بىلەن ئېھتىياج مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىش يۆنىلىشى مەڭگۈ تەتۈر يۆنىلىشلىك بولغاچقا، ئېلاستىكىلىق مەڭگۈ بىر مەنپىي سان بولىدۇ. ئادەتتە ئېلاستىكىلىق سۆزلەنگەندە، ئۇنىڭ مۇتلەق قىممىتىنى سۆزلىسىلا بولىدۇ.
ئېھتىياج ئەگرى سىزىقى ئۈستىدىكى ئېلاستىكىلىق ھەممىلا يەردە ئوخشاش بولمايدۇ، باھا قانچە يۇقىرى بولسا ئېلاستىكىلىق شۇنچە چوڭ بولىدۇ
ئېلاستىكىلىق يانتۇلۇققا تەڭ ئەمەس. بىر ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىدا، يانتۇلۇق ھەممىلا يەردە تەڭ بولىدۇ، لېكىن ئوخشاش بىر ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىدا، ھەربىر نۇقتىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ.
3-4 رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، بىر يانتۇ تۆۋەنگە بولغان ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىدا، ئۇنىڭ باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان قىسمىنىڭ ئېلاستىكىلىقى 1 دىن چوڭ؛ ئۇنىڭ باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن قىسمىنىڭ ئېلاستىكىلىقى 1 دىن كىچىك بولىدۇ؛ ھەر بىر نۇقتىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، تەدرىجىي ئۆزگىرىدۇ.
بىر تاۋارنىڭ ھەشەمەتلىك بۇيۇم ياكى زۆرۈر بۇيۇم بولۇشى پۈتۈنلەي باھاغا باغلىق
تاۋارنىڭ ئېھتىياج ئېلاستىكىلىقىنىڭ تاۋار باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگەندە، بىز مۇنداق بىر قائىدىنى ئاسانلا چۈشىنىۋالالايمىز: ھەرقانداق تاۋار ھەشەم بۇيۇمى بولسىمۇ، زۆرۈر بۇيۇم بولسىمۇ بولىدۇ، بۇ پۈتۈنلەي باھانىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە باغلىق. تاۋار يېتەرلىك ئەرزان بولغاندا، ئۇ تەبئىي ھالدا زۆرۈر لازىمەتلىككە ئايلىنىدۇ؛ تاۋار قىممەتلىشىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئۇ تەبئىي ھالدا ھەشەم بۇيۇمىغا ئايلىنىدۇ.
مەسىلەن، سۇ زادى ھەشەم بۇيۇمىمۇ ياكى زۆرۈر بۇيۇممۇ؟ ئادەتتە كىشىلەر سۇ ئەلۋەتتە زۆرۈر لازىمەتلىك دەيدۇ. ئەمما ئويلاپ باقساق، سۇ بايلىقى ئىنتايىن كەمچىل جايلاردا كىشىلەر ئىشلىتىدىغان سۇنىڭ مىقدارى، سۇ بايلىقى ئىنتايىن مول جايغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. سۇ بايلىقى بەك كەمچىل بولغاندا، كىشىلەر خالىغانچە گۈل سۇغىرىدىغان، ئاپتوموبىل يۇيىدىغان، يۇيۇنىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. ئاز مىقداردىكى سۇدا ئالدى بىلەن يۈزنى يۇيۇپ ئاندىن پۇتنى يۇيىدۇ، پۇتنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئاياغنى چوتكىلايدۇ، ئاياغنى چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن يەنە ھاجەتخانىنى ئېقىتىدۇ.
ئوخشاشلا، بۈگۈنكى كۈندە چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئىشلەمچىلەر ھەمىشە تاكسىنى زۆرۈر لازىمەتلىك دەپ قارايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، 20-30 يىل ئىلگىرى تاكسى ئېنىقكى ھەشەم بۇيۇمى ئىدى، ئادەتتىكى كىشىلەر ئولتۇرالمايتتى. تاكسى شوپۇرلىرى پەقەت مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ئىش قىلاتتى، ئۇلار چەتئەللىك مېھمانلارنىلا كۈتىۋالاتتى. باھانىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، تاكسى نۇرغۇن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىشقا بېرىپ كېلىشتە زۆرۈر بولغان قاتناش قورالىغا ئايلاندى.
«تىك ئېھتىياج ئەگرى سىزىقى» مەۋجۇت ئەمەس
بۇ ۋاقىتتا بەزىلەر «تۇرمۇشتىكى بەزى تاۋارلار مەيلى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن، زۆرۈر بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ؛ باھاسى قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ھەشەم بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قالمايدۇ.» دېيىشىدۇ.
مەسىلەن، تۇزنى ئالساق، تۇزنىڭ باھاسى قانچىلىك يۇقىرى بولسۇن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يېيەلىشى كېرەك، ئۇ ھەشەم بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قالمايدۇ. بۇ خىل ئېھتىياج ئادەتتە زۆرۈر ئېھتىياج دەپ ئاتىلىدۇ.
بەزى ئىقتىسادشۇناسلىق دەرسلىكلىرىدە، بىر تىك ئېھتىياج ئەگرى سىزىقى ئارقىلىق بۇ خىل ئوي-پىكىر ئىپادىلىنىدۇ. ئالدىنقى تېمىمىزدا ئېھتىياجنىڭ بىرىنچى قانۇنىيىتىنى سۆزلەنگەندە، ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىنىڭ چوقۇم تۆۋەنگە مايىللىشىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن ئىدۇق. مەسىلە شۇكى، يانتۇ تۆۋەنگە يۈزلەنگەن ئېھتىياج ئەگرى سىزىقى بولغان ئىكەن، تىك ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىمۇ بارمۇ؟ 3-5 رەسىمگە قارىساقلا، بۇنى بىلىپ يېتەلەيمىز.
بىر تىك بولغان ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىنى سىزىش ئاسان، ئەمما رىئاللىقتا، ئۇنىڭ مەنىسى «بەدەل مەيلى قانچىلىك يۇقىرى بولسۇن، ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياج ئۆزگەرمەيدۇ.» دېگەندىن ئىبارەت. ئۇ كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق ئورۇنباسار لايىھەنى تاپالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس.
ئادەم ئورۇنباسار لايىھە ئىزدەيدۇ
چۈنكى، ئادەم ئورۇنباسار لايىھە تاپالايدۇ. ئەگەر ئادەم ھېچقانداق ئورۇنباسار لايىھە تاپالمىغان بولسا، ئىنسانلار ئاللىقاچان ھالاك بولغان بولاتتى.
تۇزنى مىسالغا ئالساق، تۇزنىڭ باھاسى ئۆرلەپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، كىشىلەر چوقۇم ئامال قىلىپ باشقا ئورۇنباسار لايىھەنى ئىزدەيدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاغرىپ قېلىشمۇ بىر خىل ئورۇنباسار لايىھە، ھەتتا ئۆلۈممۇ شۇنداق.
مېنى بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولدى دەپ پەرەز قىلساق، دوختۇر «بىر خىل دورا بىلەن كېسەل داۋالىغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭغا 1000 يۈەن كېتىدۇ.» دېسە، سىز تۆلەشنى خالامسىز؟ مەن تۆلەيمەن. 10 مىڭ يۈەن، 100 مىڭ يۈەن بولسىمۇ بولىدۇ.
لېكىن دوختۇر بىر مىليون يۈەن كېتىدۇ دېسىچۇ؟
بۇ چاغدا مەن دوختۇردىن «بىر مىليون يۈەن بىلەن قانچىلىك ۋاقىتقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ ئەگەر بۇ كېسەلنى يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولسىغۇ مەيلى.» دېگىنىمدە، دوختۇر «بىر مىليون يۈەن بىلەن پەقەت بىر ھەپتىگىلا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.» دېسە، مەن قانداق قىلىمەن؟ بۇ ۋاقىتتا مەن «ئۇنداق بولسا داۋالىمايلى، پۇلنى تېجەپ قالايلى.» دېيىشىم مۇمكىن. ھەر كۈنى، ھەر بىر دوختۇرخانىدا، ھەر بىر بىمار ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ.
شۇڭا «ئېھتىياج قانۇنىيىتى ئىنسان تەبئىيىتىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ.» دەيمىز. ئىنسان تەبئىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ئورۇنباسار لايىھەنى تاپالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت قانچە ئۇزۇن بولسا، ئۇ تاپالايدىغان ئورۇنباسار لايىھە شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئېھتىياجنىڭ ئېلاستىكىلىقى بارغانسېرى ئاشىدۇ
ئىلاستىكىلىق ئۇقۇمىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئېھتىياج ئىككىنچى قانۇنىيىتىنى چۈشىنىش تەبئىيلا ھەل بولۇپ كېتىدىغان ئىش.
ئېھتىياج ئىككىنچى قانۇنىيىتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئېھتىياجنىڭ باھاغا بولغان ئېلاستىكىلىقى تەدرىجىي ئاشىدۇ.
ئۇنىڭ مەنىسى شۇكى، يېڭى ئەھۋال، يېڭى زەربە كۆرۈلگەندە، كىشىلەرنىڭ ئورۇنباسار لايىھە ئىزدەش دائىرىسى دەسلەپتە ئۇنچە چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئورۇنباسار لايىھەنى تاللاش بوشلۇقى بارغانسېرى كېڭىيىدۇ، تاپقىلى بولىدىغان تەدبىرلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.
مەسىلەن، مەن بۈگۈن ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئىشقا بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، سىرتقا چىقىپلا قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، پەقەت بىرلا تاكسى بولۇپ، شوپۇر ماڭا باھانى ئۈچ ھەسسە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ دەل تۇيۇقسىز كەلگەن زەربە. دەسلەپتە، مېنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتىم يوق ئىدى، پەقەت ئۈچ ھەسسە باھا چىقىرالايتتىم. چۈنكى مەن ئىشقا كېچىكىپ قالسام بولمايدۇ، ساۋاقداشلار مېنى ساقلاۋاتىدۇ.
ئەگەر كېيىنكى كۈنلەردە ئۇدا يەنىلا مۇشۇنداق ئەھۋال بولسا، مەن ئورۇنباسار لايىھە ئىزدەشنى ئويلايمەن. بەلكىم مەكتەپ ئەتراپىدىن بىر مېھمانخانا تېپىپ قونۇپ قېلىشى مۇمكىن؛ دەرس ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، دەرس ۋاقتىنى تەڭشىشىم مۇمكىن.
بۇ خىل ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى ئېھتىياج ئىككىنچى قانۇنىيىتىدە ئېيتىلغاندەك: ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئېھتىياجنىڭ باھاغا بولغان ئېلاستىكىلىقى بارغانسېرى ئاشىدۇ، يەنى ئورۇنباسار بۇيۇم بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، دېفورماتسىيە بوشلۇقى بارغانسېرى چوڭىيىدۇ.
ئېھتىياج ئىككىنچى قانۇنىيىتىنىڭ قوللىنىشى
تۇرمۇشتا، بىز دائىم بىر قىسىم چىقىملارنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز، مەسىلەن، ئۆي سودىسى قىلغاندا ئۆي مۈلۈك سودا بېجى تاپشۇرۇش قاتارلىقلار. بۇ ۋاقىتتا بىز «ئۆي-مۈلۈك سودا بېجىنى ئۆي ساتقۇچى تۆلەمدۇ ياكى ئۆي سېتىۋالغۇچى تۆلەمدۇ؟» دەپ سورىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر «ئۆي سېتىۋالغۇچى تۆلەيدۇ.» دەيدۇ، ئۆي ساتقۇچى ئەمەلىيەتتە تۆلىمەيدۇ. ئەمەلىيەت راستىنلا شۇنداقمۇ؟
نېمە ئۈچۈن ئۆي ساتقۇچىنىڭ ئۆي مۈلۈك سودا بېجىنى ئۆي سېتىۋالغۇچىغا ئىتتىرىپ قويۇش ئىقتىدارى بولىدۇ؟ ئۆي ساتقۇچىنىڭ تەننەرخ يۈكىنى ئۆي سېتىۋالغۇچىغا ئىتتىرىپ قويۇش ئىقتىدارى بولغان ئىكەن، نېمىشقا كۆپرەك ئىتتىرىپ قويمايدۇ؟
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0