大数跨境

ئوتتۇز بەش ياش، ھايات مۇشۇنداق بولامدۇ؟

ئوتتۇز بەش ياش، ھايات مۇشۇنداق بولامدۇ؟ Nepkar
2020-10-29
1
导读:پەقەت كۆڭلىدىكى ئاشۇ خىل ھارماي-تالمايدىغان كۈچ بولسىلا، ھەر قانداق ۋاقىتتا باشلىسا، كېچىككەن ھېسابل


ئاتامانلار ھەممىسى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
پەقەت كۆڭلىدىكى ئاشۇ خىل ھارماي-تالمايدىغان كۈچ بولسىلا، ھەر قانداق ۋاقىتتا باشلىسا، كېچىككەن ھېسابلانمايدۇ.  ئاتامانلارنىڭ 35 ياشقا كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. 
 
35 ياش ناھايىتى ئاسان تەشۋىشلىنىدىغان ياش. 
ئارزۇغا يەتكىلى بولمايدىغاندەك، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكى زىممىمىزنى باسقان ياش. 
ھايات مۇشۇنداق بولامدۇ؟ 
كەلگۈسىدە يەنە پۇرسەت بارمۇ؟ 
كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ يېرىم كېچىدە ئۇيقۇسىز ۋاقىتتا ئۆزىدىن سورايدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك. 
بۈگۈن بىز كۆرۈپ باقايلى، ئاشۇ سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان كارخانا رەھبەرلىرى 35 ياش ۋاقتىدا نېمە ئىش قىلغان؟ 
گەرچە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان رەڭدارلىقى بولسىمۇ،  ئاتامانلارنىڭ سەرگۈزەشتىسى بەلكىم سىزگە ئازراق ئىلھام بېرىشى مۇمكىن. 
 


ما يۈن: 35 ياشتا ئەلى بابانى قۇرۇشتىن بۇرۇن مۇۋەپپەقىيەت دېگەن نېمە؟ ھېس قىلىپ باقمىغان 
 
ئەگەر ئەلى بابانى 35 ياشقا كىرگەن يىلى قۇرمىغان بولسا، ما يۈن ھازىر خاڭجۇ ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا داشۆسى ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. 
 
بىر قېتىم ئامېرىكىغا تاسادىپىي بېرىپ قالغان پۇرسەتتە، ما يۈن ئىنتېرنېت تورىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرۈپ يەتكەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىنتېرنېت تورىنى «ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى» دەپ قارارلىغان. 
 31 يېشىدا ما يۈن خاڭجۇ ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا داشۆسىدىكى ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىقىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئالاقە تورىدا ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلانغان. ئەپسۇسكى، ئۇ چاغدا ئىنتېرنېت دۆلەت ئىچىدە ئەمدىلا ئومۇملاشقان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ما يۈننى ئالدامچى دەپ قارايتتى، ئۇ «خەيبو تەرجىمە مەركىزى» ۋە «جۇڭگو ئالتۇن بېتى» شىركىتىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەغلۇبىيىتىنى ئارقا-ئارقىدىن باشتىن كەچۈرگەن، ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «35 ياشتىن بۇرۇن مەن نېمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ باقمىغان.» دېيىشتىن ئىبارەت. 
 
بەلكىم ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەندۇ، بەلكىم ئىنتېرنېت تورىدا ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغاندۇ، 1999-يىلى 35 ياشلىق ما يۈن ئۆزىنىڭ كوللېكتىپىنى يىغىپ، كۆل بويى (湖畔) گۈللۈكىدە ئەلى بابانىڭ ئىگىلىك تىكلەش تارىخىدىكى مەشھۇر «18 ئارخات يىغىنى» ئېچىپ، 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ ئەلى بابانى قۇرغان. 
 
ئېلېكتىرونلۇق سودىغا پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلغان ما يۈن شۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىلدا ئەلى بابانى يېتەكلەپ، بۇ ساھەدە مۆجىزە ياراتتى. 
 
35 ياش ما يۈن ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۇنجى قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ باشلىنىشى ئىدى. 
 
 


خۇاڭ جېڭ: 35 ياشقا كىرگەن يىلى، پىندودونى قۇرغان 
 
خۇاڭ جېڭنىڭ ھاياتى تىپىك «باشقىلارنىڭ بالىسى» ئىدى. جېجياڭ داشۆسىگە كاپالەت بىلەن ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن، ۋىسكونسىن داشۆسىنىڭ مادىسون شۆبە مەكتىپىدە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ گۇگولغا ئوقۇشقا كىرگەن، 27 يېشىدا گۇگولدىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغان. 35 ياشتىن ئىلگىرى ئىگىلىك تىكلىگىنىگە 8 يىل بولغان خۇاڭ جېڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تور بېكىتى «ئوۋكۇ»، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋاكالەت شىركىتى «لېچى»، ئويۇن شىركىتى «چۈش ئىزدەش» قاتارلىق ئۈچ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تۈرنى تاماملىغان. 
 
لېكىن خۇاڭ جېڭنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى بەك كىچىك بولۇپ، «ئۆزىدە بولۇشقا تېگىشلىك سەۋىيەدە ئەمەس» ئىكەن. 
 
ما يۈن ئىگىلىك تىكلەپ 16 يىلدىن كېيىن، يەنى 2015-يىلى 35 ياشلىق خۇاڭ جېڭ «پىندودو»نى قۇردى. ئەلى بىلەن جىڭدۇڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا جاھانىنى بۆلۈشۈۋاتقان ۋاقىتتا، پىندودو ئۆزگىچە يول ئېچىپ، ئولتۇرۇشقان بازارنى نىشانلاپ، ئۈندىدار كۆچمە ئالاقىسىنىڭ ئىقتىدار قىممىتىدىن پايدىلىنىپ توپ سېتىۋېلىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، باشقىلارنىڭ كەسىپكە بولغان گۇمانىنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلاپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ ساھەدىكى ئۈچ ماگنات تىزىملىكىگە كىردى. 
 
35 ياش، خۇاڭ جېڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېگىشلىك سەۋىيە ئاخىرى جارى قىلدۇرۇلدى. 
 
 


جاڭ يىمىڭ: 35 ياشقا كىرگەن يىلى، TikTok بارىزىنى ئىگىلەش
TikTok توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش جاڭ يىمىڭنى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. 
 
كۆپ ساندىكى كىشىلەر تىرامپ تەمە قىلىۋاتقان TikTok نىڭ بۈگۈنكى ئورۇنغا ئىگە بولۇشىنىڭ جاڭ يىمىڭنىڭ 35 ياش ۋاقتىدىكى بىر قېتىملىق سېتىۋېلىشنىڭ تۆھپىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. 
 
2018-يىلى قۇرۇلغان بايتلىق سەكرەشنىڭ 6-يىلىدىكى مۆلچەر قىممىتى 500 مىليارد يۈەنگە يەتتى، جاڭ يىمىڭ 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىلەن قىسقا سىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى Musical.ly نى سېتىۋالدى ھەمدە ئۇنى TikTok غا بىرلەشتۈردى. بۇ سېتىۋېلىش TikTok نى پارتلاش خاراكتېرلىك ئېشىشقا باشلاپ، تېزلىكتە دۇنيادىكى ئابۇنىچىلار سانى بويىچە بىرىنچى بولغان قىسقا سىن سۇپىسىغا ئايلاندۇردى. بۇنىڭ بىلەن بايتلىق سەكرەش ئەڭ قىممەتكە ئىگە ئالاقە تورى پەن-تېخنىكا شىركىتى بولۇپ قالدى. 
 
بۇ بىر يىلدا جاڭ يىمىڭنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ، 65 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى بىلەن خۇرۈننىڭ 100 باي تىزىملىكىدە 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىشى بويىچە ئىككىنچى بولدى. جاڭ يىمىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن باشلاپ ئىگىلىك تىكلەشتە تۆت قېتىم مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئاخىرى 5-قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەشتە ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە ئۇچۇر تارقىتىش تېخنىكىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچۇرغا ئېرىشىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتى ھەمدە بايتلىق سەكرەشنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى سۇپىغا ئايلاندۇردى. 
 
35 ياش، جاڭ يىمىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەمدىلا چوققىغا يامىشىدىغان يول ئىدى. 
 
 


ۋاڭ شىڭ: 35 ياشقا كىرگەن يىلى، مېيتۈەننى يېتەكلەپ بىر قانلىق يول ئېچىپ چىقتى 
 
خۇاڭ جېڭ ۋە جاڭ يىمىڭ بىلەن يېڭى ھايات ئېراسىدىكى كارخانىچىلار ۋەكىلى ۋاڭ شىڭنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولى ئىنتايىن جاپالىق. 
 
مېيتۈەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئون نەچچە تۈرگە قاتناشقان، ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. 32 يېشىدا مېيتۈەننى قۇرغان، قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە «مىڭ تۈەن ئۇرۇشى»نى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇ 5000 دىن ئارتۇق كوللېكتىپ سېتىۋېلىش تور پونكىتىدىن بىر قانلىق يول ئاچقان. 
 
بىراق، بۇ قانلىق يول ئارقىلىق، كېيىنكى كۈنلەردە ئالاقە تورى چەمبىرىكىنىڭ يېرىمىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بىر كىچىك ماگناتنى قولغا كەلتۈردى. 
 
2014-يىلى مېيتۈەن تورىنىڭ سودا سوممىسى 46 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %180 لىك يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ يەرلىك تۇرمۇش مۇلازىمەت سۇپىسىغا ئايلاندى. بۇ مېيتۈەننىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە پەقەت ئۈچ يىل بولغان ۋاقىت ئىدى. 
 
شۇ يىلى 35 ياشلىق ۋاڭ شىڭ رەھبەرلەر يىللىق يىغىنىنىڭ ياش رەھبىرى بولغان ۋاقتىدا، ئالاقە تورىنىڭ يەنە پۈتۈن ساھەدە قوزغالغان ئىنقىلابى توغرىسىدا «بارلىق كەسىپلەر ئۇچۇرلاشتۇرۇلىدۇ، ئالاقە تورىلاشتۇرۇلىدۇ.» دېگەن ئىدى.
 
35 ياشتىن كېيىن ۋاڭ شىڭ داۋاملىق كۈچ چىقاردى: مېيتۈەن بىلەن ئاممىۋى باھالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، داغدۇغىلىق چەكسىز كېڭەيمىچىلىك قوزغىدى، to C دىن to B گىچە، يەرلىك تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرقايسى كەسىپلەردىن سودىگەرلەرنى تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكىچە، كەسىپ ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن «كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق» دەپ ئاتالدى. 
 
بۇ يىل دەل «جۇڭگو كارخانىچىلىرى» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 35 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو كارخانىچىلىرىنىڭ 35 ياشقا كىرگەنلىكى. 
 
35 ياش ئاسان تەشۋىشلىنىدىغان ۋە گاڭگىراپ قالىدىغان ياش، شۇنداقلا كەسىپتە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغان ياش. پەقەت كۆڭلىدىكى ئاشۇ خىل ھارماي-تالمايدىغان كۈچ بولسىلا، ھەر قانداق ۋاقىتتا باشلىسا، كېچىككەن ھېسابلانمايدۇ. 
 
ئەگەر سىز تەشۋىشلەنسىڭىز، ئەگەر سىز گاڭگىراپ قالسىڭىز، سۆز قالدۇرۇش رايونىغا كېلىپ تەسىراتىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ.
 
مەغلۇپ بولسىڭىز، يەنە ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ. 
ۋاز كەچمەي، باشتىن باشلاڭ. 
دۆڭدىن چوققىغا يامىشىڭ. 
35 ياشتا، كىشىلىك ھاياتنىڭ رەڭدارلىقى ئەمدىلا باشلانغۇسى! 

مەنبە: جۇڭگو كارخانىچىلار ژۇرنىلى
ئىلقۇت تەرجىمىسى

بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408