2019-يىلى، بىلۇمبېرگ مىليادىرلار كۆرسەتكۈچى (Bloomberg Billionaires Index)نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ 11 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 80 مىليارد خەلق پۇلى) بايلىقى بولۇپ، دۇنيا بايلىرى تىزىملىكىدە 147-ئورۇندا تۇرىدىكەن.
ما يۈن ئۇنى ئۆزى كۆرگەن ئەڭ قالتىس CFO ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ئۇ ما يۈن بۈگۈنكىدەك ئۇتۇق قازانغىنىغا ئەڭ رەھمەت ئېيتىدىغان ئادەم، ئۇ ما يۈن، ئەلى باباغا نىسبەتەن، خۇددى چارلېس ماڭگىنىڭ پاي چېكى پىرى ۋاررېن باففېتقا، جۇ گېلياڭنىڭ ليۇ بېيغا مۇھىملىقىدەك مۇھىم شەخس. ئۇ دەل سەي چۇڭشىن، ما يۈن سودا ئىمپېرىيەسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەر، ئەلى بابانىڭ مۇشاۋىرى ۋە بايلىق پىرى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سەي چۇڭشىن بولمىغان بولسا ما يۈن ۋە بۈگۈنكى ئەلى بابامۇ بولمىغان بولاتتى، سەي چۇڭشىن بىلەن ما يۈن بىر-بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن، بىر-بىرىنى قارشى تەرەپنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دېيىشكە بولىدۇ.
سەي چۇڭشىن: مېنى ھەقىقىي تەسىرلەندۈرگىنى ما يۈننىڭ ئادەتتىن تاشقىرى رەھبەرلىك كۈچى!
ما يۈن: ئەلى بابانىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ئەڭ رەھمەت ئېيتىدىغىنى سەي چۇڭشىن!
تونۇشۇشتىن بۇرۇن: بىرى پۇقراۋى ئىگىلىك تىكلىگۈچى، بىرى خىزمەت ئورنىدىكى سەرخىل ئىختىساس ئىگىسى، 1999-يىلى 5-ئايدىن بۇرۇن، ما يۈن بىلەن سەي چۇڭشىن تېخى ئۆزارا تونۇشمايتتى، ما يۈن جۇڭگودا، سەي چۇڭشىن ئامېرىكىدا بولۇپ، ئىككىسىنى يېرىم يەر شارى ئايرىپ تۇراتتى.
ئۇ چاغدا ما يۈن تېخى يەرلىك ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئىدى، ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئادەم تارتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا ھەممە يەردە دەككىسىنى يەپ يۈرگەن ئىدى، لېي جۈن شاخلىتىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئۇ چاغدا ئەلى بابا تېخى شەكىلگە كىرمىگەن ئىدى.
سەي چۇڭشىن بولسا، بۇ چاغدا ئامېرىكا كاپىتال بازىرى ۋە قانۇن ساھەسىدىكى سەرخىللار قاتلىمىدا بولۇپ، يىللىق مائاشى مىليون يۈەن ئىدى. سەي چۇڭشىن تەيۋەندىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇ نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ كەسپىي ئادۋوكاتى بولۇپ، يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ۋە يالې قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانىغا ئىگە.
1990-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، سەي چۇڭشىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نيۇيورك Sullivan &Cromwell ئادۋوكاتلىق ئورنىدا ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتى بىلەن باج ئىشلىرى قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئۇ نيۇيورك سېتىۋېلىش شىركىتى Rosecliff,Inc دا ئىشلەيدىغان بولۇپ، مۇئاۋىن لىدىرى ۋە باش قانۇن مەسلىھەتچىسى ۋە شىمالىي ياۋروپا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت پاي كونترول شىركىتى InvestorAB نىڭ قارمىقىدىكى شىركەت Investor Asia Limited نىڭ مۇئاۋىن لىدىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مەبلەغ سېلىش دىرېكتورى بولغان.
1996-يىلى تەينەن گۇرۇھىدىكى ئاقساقال، يەنى جەنۇب توقۇمىچىلىقى گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋۇ سەنليەننىڭ نەۋرىسى ۋۇ مىڭخۇا بىلەن توي قىلغان، ھازىرقى سۆزىمىز بويىچە ئېيتقاندا، ئەينى يىللاردىكى سەي چۇڭشىن ئاللىقاچان كىشىلىك ھاياتتىكى يەڭگۈچى بولۇپ، كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان، يىللىق مائاشى مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، يەنە باي ئائىلىنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالغان.

1999-يىلى 5-ئايدا، سەي چۇڭشىننىڭ بىر دوستى ئۇنىڭغا: «چۇڭشىن، سىز خاڭجۇغا بېرىپ ما يۈن بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ، ئۇ سەل تەلۋە ئىكەن، بىراق ...» دېگەن، شۇ چاغدا سەي چۇڭشىن شىۋېتسىيە مەبلەغ سېلىش شىركىتى ـ Investor AB نىڭ ئاسىيا رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ئىدى.
ئەسلىدە سەي چۇڭشىن AB مەبلەغ سېلىش شىركىتىگە ۋاكالىتەن ما يۈنگە مەبلەغ سېلىش-سالماسلىقنى كۆرگىلى بارغان، نەتىجىدە خاڭجۇغا بارغاندىن كېيىن، ما يۈننىڭ شىركىتىمۇ يوق ئىكەنلىكىنى، پەقەت ماڭدۇرغىنىغا بىر نەچچە ئاي بولغان تور بېكىتىلا بارلىقىنى بايقىغان.
بىراق، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئاخىرى ئىككى ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن، شۇنداقلا بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتتى. ئەمدىلا خاڭجۇغا بېرىپ ما يۈننى كۆرۈپ، ما يۈننىڭ شىركەتنىمۇ رويخەتكە ئالدۇرمىغانلىقىنى، پەقەت ئېچىلغىنىغا ئەمدىلا بىر نەچچە ئاي بولغان تور بېكىتى بارلىقىنى كۆرۈپ، ئىككىيلەن سودا ئەندىزىسى، پايدا ياكى باشقا كەسىپتىكى نەرسىلەر ئۈستىدە پاراڭلاشماستىن، بەلكى ئىزچىل ئۇلۇغ ئارزۇ ئۈستىدە پاراڭلىشىدۇ.
ئاخىرىدا سەي چۇڭشىن ما يۈننىڭ سېھرىي كۈچىگە قايىل بولىدۇ. سەي چۇڭشىن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «ما يۈننىڭ خاراكتېرىدىن بەك زوقلىنىمەن.» لېكىن سەي چۇڭشىننى ھەقىقىي تەسىرلەندۈرگىنى يالغۇز ما يۈنلا ئەمەس، يەنە ما يۈن بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشنى خالايدىغان بىر توپ كىشىلەر ئىدى. بۇ كىشىلەردە سەي چۇڭشىن ئاجايىپ ئېنېرگىيەنى كۆرىدۇ، ئۇلار خىزمەتتە ئىنتايىن تىرىشچان، ناھايىتى خۇشال، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئىشەنچ نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدۇ.
ما يۈننىڭ بىر توپ كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىش ئىقتىدارى بار، ئۇ تەسىر كۈچى بار رەھبەر، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىقتىدارى بار، ئۇ بولسىمۇ سەي چۇڭشىننى مىليون يىللىق مائاشىدىن ۋاز كەچكۈزۈپ ما يۈننىڭ ئەترىتىگە كىرىشكە قايىل قىلالىشىنىڭ سەۋەبى.
يالغۇز سەي چۇڭشىنلا ئەمەس، ئەلى بابانىڭ 18 باھادىرىدىن باشقا 16 ئادىمى، يەنە سۈن جېڭيى، ياڭ جىيۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەلى بابانىڭ دەسلەپكى مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ما يۈننىڭ بۇ خىل ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئادەمنى ئۇيۇشتۇرۇشتەك سېھرىي كۈچى ۋە ئىقتىدارى تەرىپىدىن قايىل قىلىنغان.

ئەينى چاغدا سەي چۇڭشىن يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتتىن ۋاز كېچىپ ما يۈننىڭ قول ئاستىدا بىللە كۈرەش قىلماقچى بولغاندا، سەي چۇڭشىننىڭ جەمەتى كوللېكتىپ قارشى ئاۋاز بەرگەن، ھامىلىدار بولۇپ قالغان ئايالى ئۇنى «ساراڭ بولۇپ قاپتۇ.» دەپ قارىغان.
شۇنىڭ بىلەن سەي چۇڭشىن ئايالىنى ئېلىپ خاڭجۇغا كېلىپ، ما يۈن بىلەن بىللە شىخۇ كۆلىدە كېمە ھەيدىگەن، كېمىدە سەي چۇڭشىن ما يۈننىڭ كوللېكتىپىغا كىرىش ئويىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ما يۈن ھاياجانلانغىنىدىن كۆلگە چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالغان، سەي چۇڭشىننىڭ يىللىق مائاشى 5 مىليون (700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، ئەينى چاغدىكى پېرېۋوت نىسبىتى تەخمىنەن 5 مىليون يۈەندىن كۆپرەك) بىلەن 500 يۈەن ئايلىق مائاشىنىڭ پەرقى بەك چوڭ ئىدى.
لېكىن سەي چۇڭشىننىڭ ئايالىنىڭ گۇۋاھلىقىدا، ئىككى مەشھۇر شەخسنىڭ قولى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چىڭ تۇتۇشۇپ كەتكەن.
سەي چۇڭشىن ئەلىگە قوشۇلۇشتىن بۇرۇن، ما يۈن 40 قېتىمغا يېقىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەن، ھەر قېتىم ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان. سىرتتىكىلەر ما يۈننىڭ ئارزۇسىغا ئىشەنمەيدۇ ھەم چۈشەنمەيدۇ، باشقىلار بۇ ياشنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ، شاخلىتىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغاندەك ھېس قىلىشقان ئىدى.
ئۇ چاغدا ما يۈن دەسلەپكى مەزگىلدە توپلىغان 500 مىڭ يۈەنمۇ ئاساسەن تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ھەتتا 500 يۈەن مائاشنىمۇ تارقىتالماي قالغانىدى، شىركەت تېخى دۇنياغا كەلمەي تۇرۇپلا مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. كەسپىي قانۇن بىلىملىرى، كۈچلۈك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى، يەنە كۈچلۈك ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە خىزمەت تەجرىبىسى بار سەي چۇڭشىن ئەلىگە قوشۇلغاندا، ئەلى خۇددى ۋاكۇئۇمدا ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغاندەك، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقان ئىدى.
سەي چۇڭشىن ئەلىگە قوشۇلغاندىن كېيىن ما يۈنگە ياردەملىشىپ تۆت قېتىم ئەڭ يادرولۇق ھەم ئەڭ مۇھىم مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىنى قىلىپ بەرگەن، ھەر قېتىملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە ئەلى بابانىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات ساھەسىگە قەدەم قويۇشىغا ياردەم بەرگەن، ھەر قېتىم ئەلى بابانى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن.
تۇنجى قېتىملىق مەبلەغ كۆپەيتىش 1999-يىلى بولغان. ئۇ چاغدا سەي چۇڭشىننىڭ بىر تەيۋەنلىك دوستى دەل گاۋ شېڭ شياڭگاڭ رايونىنىڭ مەبلەغ سېلىش دىرېكتورى ئىدى. جۇڭگو ئالاقە تورى كەسپىگە بىر قېتىم سىناق تەرىقىسىدە مەبلەغ سالماقچى بولغاندا، سەي چۇڭشىن دەرھال بۇنىڭ ئەلى بابا ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ پۇرسەتنى سەزگۈرلۈك بىلەن چىڭ تۇتقان.
سەي چۇڭشىننىڭ بۇرۇنقى تەسىرى بولغاچقا، سىرتتىكىلەرنىڭ ئەلىگە بولغان ئىشەنچىسى ئېشىشقا باشلايدۇ، بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، FidelityCapital ۋە سىنگاپور ھۆكۈمىتىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات فوندى، Investor AB نىڭ باشلامچى ئاپپاراتى ئەڭ ئاخىرىدا 1999-يىلى 10-ئايدا ئەلىگە 5 مىليون دوللار مەبلەغ سالىدۇ.
بۇ قېتىمقى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەلى ۋە ما يۈنگە نىسبەتەن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ ھەم ئەلىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغىگە ئىگە قىلىدۇ ھەم مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ ماگناتى گولدمان سىچېسنىڭ تەسىرى بىلەن، ئەلىنىڭ تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالىدۇ.
ئىككىنچى قېتىملىق مەبلەغ كۆپەيتىش 2000-يىلى بولغان.
نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى، دۇنيا پەن-تېخنىكا پېيى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، دۇنيا بۇ ئەسىر شادلىقىغا چۆمدى. ئەمما كىرىزىس ھەمىشە ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىنى كۆرسىتىپ، ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەر شارى پەن-تېخنىكا پاي چېكى كۆپۈكى بىردىنلا بەربات بولدى، ئامېرىكىدا پېيى بازارغا سېلىنغان زور بىر تۈركۈم پەن- تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنىڭ بازار قىممىتى ھەش-پەش دېگۈچە %90 چۈشۈپ كەتتى، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق يېڭى قىممەت قان ئىچىدە قالدى، يەر شارى ئالاقە تورى بىردىنلا مۇز دەۋرىگە قەدەم قويدى.
ئۇ چاغدا پەن-تېخنىكا كۆپۈكى قانچىلىك ئېچىنىشلىق بولغان؟
بىر جۇڭگولۇق ئەينى يىلى 5000 ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققاندا بۇ مەبلەغ 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، پەن-تېخنىكا پاي چېكى كۆپۈكى يېرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەسلىدە 5000 ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دىرى ئەڭ ئاخىرىدا 500 ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ يەتمىگەن، بۇ ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىش.
بۇ چاغدىكى ئەلى بابامۇ ئوخشاشلا نەق پۇل ئوبوروتى ئۈزۈلۈپ كېتىش كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئەھۋال خەۋپ ئىچىدە قالغانىدى. بۇ چاغدا يەنە سەي چۇڭشىن موھتاجلىقتا جانغا ئەسقېتىپ، ياپونىيە دېتال بانكىسى (SoftBank) شىركىتىدىكى سۈن جېڭيىنى ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن، ئەلى بابا بىلەن ما يۈننى خەتەر ئىچىدىن قۇتقۇزغان. سەي چۇڭشىننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، سۈن جېڭيى بىلەن ما يۈن تۇنجى قېتىم كۆرۈشىدۇ، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە سۈن جېڭيى بىلەن ما يۈن پەقەت ئالتە مىنۇتلا سۆھبەتلىشىدۇ.
دەل مۇشۇ ئالتە مىنۇتتا، سۈن جېڭيى ئەلى بابانى نەق مەيداندا تەكشۈرمىگەن ئەھۋالدا، ئەلى باباغا 40 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، %49 پاي ئېلىشنى قارار قىلىدۇ. ما يۈن باھانى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن قاتتىق ھاياجانلىنىپ، شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك ھېس قىلىدۇ، لېكىن سەي چۇڭشىن ئويلىمىغان يەردىن، ياق دەيدۇ!
دوستانە ئەسكەرتىش:
يازما تېخى تۈگىمىدى، ئەجىر ھەققى تۆلىۋەتكەندىن كېيىن، يازمىنىڭ تولۇق مەزمۇنىدىن بەھرىمان بولالايسىز!

