大数跨境

چىقىمدان بۇ قېتىم مائارىپ ساھەسىگە غايەت زور ئىنقىلاب قىلماقچى

چىقىمدان بۇ قېتىم مائارىپ ساھەسىگە غايەت زور ئىنقىلاب قىلماقچى Nepkar
2020-11-05
2
导读:چىقىمدان تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىك چوقۇم يېقىنقى مەزگىلدە چۈمۈلە گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىش جە
چىقىمدان بۇ قېتىم مائارىپ ساھەسىگە غايەت زور ئىنقىلاب قىلماقچى
 


چىقىمدان تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىك چوقۇم يېقىنقى مەزگىلدە چۈمۈلە گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىش جەريانىدىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى ئويلاپ قالىدۇ. لېكىن مەن بۈگۈن دېمەكچى بولغان بۇ ئىشنى، بولۇپمۇ بالىسى بار ئائىلىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ. 10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن 2020 SEE مائارىپ مۇلازىمىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش يىغىنىدا، چىقىمدان بىلەن شياۋباۋ توردا (校宝在线) مائارىپ ساھەسىنىڭ ھەق ئېلىش توغرىسىدىكى ھەل قىلىش لايىھەسى «ئوقۇش پۇلى كودى»نى ئېلان قىلدى. «ئوقۇش پۇلى كودى»نىڭ يولغا قويۇلۇشى پۈتكۈل مائارىپ ساھەسىدە غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ! 
 
ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئىقتىدار ناھايىتى ئاددىي، يەنى ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، «ئوقۇش پۇلى كودى» ئارقىلىق ھەق تاپشۇرىدۇ، ئوقۇش پۇلى ۋاقتىنچە چىقىمداندا ساقلىنىدۇ، ئاندىن ئوقۇتۇش سۈرئىتىگە ئاساسەن مائارىپ ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. بۇ بىزنىڭ ھازىر توردا مال سېتىۋالغىنىمىزغا ئوخشاش، ئوقۇش پۇلىنى ئۈچىنچى تەرەپ پۇل تۆلەش سۇپىسىغا ھاۋالە قىلىدۇ. بۇنىڭدىكى تۈپ مەقسەت ئاپپاراتلارنىڭ «مۇقىمسىزلىقى»نىڭ كۇرسانتلارغا كەلتۈرگەن زىيىنىنى تۆۋەنلىتىپ، سودا خەتىرىنى كىچىكلىتىپ، كۇرسانتلار ۋە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. 
 
بۇ قارىماققا پەقەت ئۈچىنچى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش سۇپىسى قوشۇلغان كىچىك ھەرىكەت بولسىمۇ، لېكىن مائارىپ ساھەسىگە بولغان زەربىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئوقۇش پۇلى كودىنىڭ تورغا چىقىرىلىشى مائارىپ ساھەسىنىڭ ھازىر بار بولغان ئالدىن ھەق تۆلەش ئەندىزىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بۇ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ مالىيە يولىنى بىۋاسىتە ئۈزۈپ قويغانغا باراۋەر. 
 


ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئالدىن ھەق تاپشۇرۇلغان، ئەمما تېخى ئەمەلىي سەرپ قىلىنمىغان دەرس سائىتى كىرىمى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈپ يەتكۈزۈلىدىغان كىرىمىگە كىرگۈزۈلىدۇ. شۇڭا ئالدىن ھەق تۆلەش ئەندىزىسى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يېتەرلىك نەق پۇل ئوبوروتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئالدىنقى مەزگىللىك كىرىم پۇلىنى كېڭەيتىش ۋە سېتىشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ پىرىنسىپى بۇرۇن ھەمبەھر ۋېلىسىپىتى قوللانغان رەنە پۇلى ئەندىزىسىگە بەك ئوخشايدۇ. 
 
لېكىن، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇلىدىغان كىرىمنىڭ ئىشلىتىلىشىدە غايەت زور خەۋپ مەۋجۇت بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئوقۇتۇش نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا، كۇرسانتلار كۆپ مىقداردا ھەق قايتۇرغاندىن كېيىن، ھېساباتىدا پۇل يوق بولۇپ قالىدۇ، مانا بۇ ھازىر مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەق قايتۇرۇشى قىيىن بولۇشىنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر. شۇڭا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى كۇرسانتلارنىڭ توپلىنىپ پۇل قايتۇرۇشى، ئەگەر توپلىنىپ ھەق قايتۇرۇشقا توغرا كەلسە، يەنە كېلىپ يېڭى كۇرسانتلار قوبۇل قىلىنمىسا، ئاساسىي جەھەتتىن ئاپپارات تاقىلىپ قېلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ پرىنسىپى شۇكى، شەرقىي تامنى چېقىپ، غەربىي تامنى قوپۇرۇشتۇر.
 
بۇ يىل يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، %90 مائارىپ ئاپپاراتى تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرالمىدى، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى ئاساسلىقى ئىككى نۇقتىغا مەركەزلەشكەن: ئالدىن تۆلەنگەن ھەقنى قارىغۇلارچە كېڭەيتىش ۋە ياخشى باشقۇرماسلىق. گەرچە يېمەك-ئىچمەك ساھەسى يۇقۇم مەزگىلىدە ئوخشاشلا ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما يېمەك-ئىچمەك ساھەسى ئىلگىرىكى ھېساباتىدىكى ئاقما ھېساباتىغا ئاساسەن قەرز ئېلىش ئارقىلىق بۇ قىيىنچىلىقتىن ئۆتكەن بولدى. بىراق تەربىيەلەش كەسپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئورۇن ئىجارىگە ئېلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئالدىن ھەق تۆلەيدۇ، شۇڭا نەق پۇل ئوبوروتىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا نىسبەتەن ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ، پەقەت ئوقۇتۇش قوراللىرى ۋە ئەسلىھەلىرىلا ئاساسلىق مۈلكى ھېسابلىنىدۇ، بۇمۇ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قەرز ئالالماسلىقىنىڭ سەۋەبى. 


ئوقۇش پۇلى كودى ئەمەلىيەتتە قوش بىسلىق خەنجەر، ئوقۇغۇچىلار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئوقۇش پۇلى كودى بىۋاستە ئورگانلارنىڭ مۇقىمسىزلىق، پۇلنى قايتۇرىدىغان ئورۇن بولماسلىق خەتىرىنى ھەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. لېكىن تەربىيەلەش ئاپپارات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئوقۇش پۇلى كودى ئاپپاراتنىڭ كېچىكمە كىرىمى (延递收入)دىن ئايرىپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ بۇ پۇلدىن پايدىلىنىپ كېڭىيىش ئېلىپ بارالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاپپاراتنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. 
 
لېكىن، شۇنى ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوقۇش پۇلى كودى كۇرسانتلار بازىرىغا ماسلاشقان مەھسۇلات بولغاچقا، تەربىيەلەش ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرىدۇ، ئەگەر ئوقۇش پۇلى كودى ئىشلەتمىسە، ئوقۇغۇچىلار كەلمەيدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ھېچقانداق ئورگان كۇرسانتلارنىڭ كېلىش-كەلمەسلىكى بەرىبىر دەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالمايدۇ، مانا بۇ مېنىڭ ئوقۇش پۇلى كودى ئوقۇتۇش ھەمراھ كەسپىدە غايەت زور ئىنقىلابنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېيىشىمدىكى سەۋەب. 
 
تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ بازار ماركېتىڭى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەيلى بالدۇر بولسۇن كېيىن بولسۇن ئوخشاشلا ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، بالدۇر ئىشلىتىش ئېنىقلا كېيىن ئىشلىتىشكە قارىغاندا ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى مەزگىلدە يەنە ئوقۇش پۇلى كودىنى تەشۋىقات نۇقتىسى قىلىپ، بىر تەرەپتىن چىقىمداننىڭ تۈرتكىلىك رولى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئابۇنىچىلار ئەندىشە قىلىۋاتقان ھەق قايتۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تۈگىتىپ، ئۆزگەرتىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. 
 


ئەمما ئوقۇش پۇلى كودىنى ئىشلىتىشتە يەنە بىر bug (مەسىلە) بار، ئۇ بولسىمۇ ئۈچىنچى تەرەپ پۇل تۆلەش سۇپىسى ئارىلاشقاندىن كېيىن پەيدا بولغان ئۆسۈمنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ دېگەن مەسىلە. تەربىيەلەش ئاپپاراتى چوقۇم چىقىمداندىن بۇ ئۆسۈمنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا بۇ دەل ئوقۇش پۇلى كودىنى ئەمەلىيەتكە قوللىنىشتا، ئىككى تەرەپ چوقۇم دەڭسەپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە. ئەمما «بازارنى كېڭەيتمەكچى بولسىڭىز، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇڭ!» دېگەن سۆزنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ. 

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ ئوقۇڭ!

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0