搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشنىڭ دەل جايىدا بولۇشى ناھايىتى تەس
>
مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشنىڭ دەل جايىدا بولۇشى ناھايىتى تەس
Nepkar
2020-11-01
1
导读:تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»ئەگەر مەز
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
ئېھتىياج ئۈچىنچى قانۇنىيىتى
مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىقتىسادشۇناسلىق دەرسلىكىدە پەقەت ئىككىلا ئېھتىياج قانۇنىيىتى بار، لېكىن بۇ يەردە مەن سىزگە ئېھتىياج ئۈچىنچى قانۇنىيىتىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ قانۇنىيەتنى بايقىغانلار ئىككى ئىقتىسادشۇناس ئالچىن بىلەن ۋىليام ئاللېن (William Allen) بولۇپ، بۇ قانۇنىيەت ئۇلار بىرلىشىپ يازغان دەرسلىك «ئالىي مەكتەپ ئىقتىسادشۇناسلىقى (University Economics)»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئېھتىياج ئۈچىنچى قانۇنىيىتى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر
ئېھتىياج ئۈچىنچى قانۇنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن، بىز ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
مەسىلە 1: قولۇمدا ئىككى ئابزاس خەت بار دەپ پەرەز قىلساق، بىر بۆلىكى مەلۇم تاش ئابىدىدىن كۆچۈرۈلگەن، يەنە بىر بۆلىكى مېنىڭ ئېلخېتىمدىن ئىختىيارىي كۆچۈرۈلگەن. بۇ ئىككى ئابزاسنىڭ قايسىنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى؟
مەسىلە 2: قولۇمدا ئىككى پارچە كونسېرت (مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ) بېلىتى بار، بىرى بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كونسېرت بېلىتى، يەنە بىرى ئامېرىكا دۆلەتلىك سىمفونىيە ئۆمىكىنىڭ كونسېرت بېلىتى. قايسى مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ ھۇزۇرلىنىش قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى؟
مەسىلە 3: ھەر يىلى نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ لاسۋېگاس شەھىرىگە بېرىپ قىمار ئوينايدۇ، قىمار ئوينىغاندا ئامېرىكىدىكى يەرلىك كىشىلەر كۆپ پۇل تىكەمدۇ ياكى ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي لاسۋېگاس شەھىرىگە بارغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپ پۇل تىكەمدۇ؟
مەسىلە 4: تاللا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان بىر قۇتا كالا گۆشىنىڭ ئۈستىگە «ئاۋسترىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان» دەپ يېزىلغان، بۇ قۇتىلىق كالا گۆشى تەركىبىدە سۆڭەك بولۇشى مۇمكىنمۇ ياكى سۆڭىكى چىقىرىۋېتىلگەنمۇ؟
يۇقىرىدا سورالغان سوئالنىڭ ھەممىسى ئېھتىياج ئۈچىنچى قانۇنىيىتى جاۋاب بېرىلىدىغان سوئاللاردۇر. ئېھتىياج ئۈچىنچى قانۇنىيىتىدە زادى قانداق مەزمۇن سۆزلەنگەن؟
ئېھتىياج ئۈچىنچى قانۇنىيىتىنىڭ مەنىسى
ئىككى خىل ئالما بار، بىرى ئادەتتىكى ئالما، يەنە بىرى تاللانغان ئالما دەپ پەرەز قىلساق، ئىككىسىنىڭ تەننەرخى توغرىسىدا تۆۋەندىكى جەدۋەلگە قاراپ باقايلى.
قوشۇمچە تەننەرخى يوق (توشۇش ھەققى يوق)قوشۇمچە تەننەرخى بار (توشۇش ھەققى بار)
ئادەتتىكى ئالما: 1 يۈەن
تاللانغان ئالما: 2 يۈەنئادەتتىكى ئالما: 2 يۈەن (1 يۈەن ئالما پۇلى + 1 يۈەن توشۇش ھەققى)
تاللانغان ئالما: 3 يۈەن (2 يۈەن ئالما پۇلى + 1 يۈەن توشۇش ھەققى)
تاللانغان ئالمىنىڭ "تەننەرخى": 2 تال ئادەتتىكى ئالماتاللانغان ئالمىنىڭ "تەننەرخى": 1.5 تال ئادەتتىكى ئالما
ئادەتتىكى ئالما: 1 يۈەن
تاللانغان ئالما: 2 يۈەنئادەتتىكى ئالما: 11 يۈەن (1 يۈەن ئالما پۇلى + 10 يۈەن توشۇش ھەققى)
تاللانغان ئالما: 12 يۈەن (2 يۈەن ئالما پۇلى + 10 يۈەن توشۇش ھەققى)
تاللانغان ئالمىنىڭ "تەننەرخى": 2 تال ئادەتتىكى ئالماتاللانغان ئالمىنىڭ "تەننەرخى": 1.1 تال ئادەتتىكى ئالما
جەدۋەل 3-1
توشۇش ھەققى بولمىغان ئەھۋالدا، ئادەتتىكى ئالمىنىڭ بىر دانىسى 1 يۈەن، تاللانغان ئالمىنىڭ بىر دانىسى 2 يۈەن. بۇ چاغدا، تاللانغان ئالمىدىن بىرنى يېگەندىكى، تەننەرخى بولسا ئىككى ئادەتتىكى ئالمىدىن ۋاز كەچكەنلىكتۇر.
ئەمما ئەگەر ئالمىنى باشقا جايغا يۆتكەشكە توغرا كېلىپ، ئۇنىڭغا يەنە كىرا ھەققى قوشۇلسا، ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ. چۈنكى ئالمىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ھەجىمى كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، تاللانغان ئالما بىلەن ئادەتتىكى ئالمىنىڭ توشۇش تەننەرخى ئاساسەن ئوخشاش، بىز ھەممىسىنى 1 يۈەن دەپ پەرەز قىلساق، بۇ چاغدا تاللانغان ئالمىنىڭ تەننەرخى 3 يۈەنگە، ئادەتتىكى ئالمىنىڭ تەننەرخى 2 يۈەنگە ئۆزگىرىدۇ.
شۇنى بايقايمىزكى، كىرا ھەققىنى قوشقاندىن كېيىن، بىز يەنە بىر تاللانغان ئالما يېگەندىكى تەننەرخى، ئەسلىدىكى ئىككى تال ئادەتتىكى ئالمىدىن 1.5 ئالمىغا ئۆزگىرىدۇ.
بۇ لوگىكا بويىچە ئېيتقاندا، ئەگەر كىرا ھەققى 1 يۈەن ئەمەس، بەلكى 10 يۈەن بولسا، ھەر بىر تاللانغان ئالمىنىڭ ئومۇمىي تەننەرخى 12 يۈەن، ئادەتتىكى ئالمىنىڭ ئومۇمىي تەننەرخى 11 يۈەن بولۇپ، 12 يۈەن بىلەن 11 يۈەن ئوتتۇرىسىدا پەقەت بىر يۈەنلا پەرق بار. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، غايەت زور كىرا ھەققى 10 يۈەن قوشۇلغاندىن كېيىن، بىزنىڭ بىر تال تاللانغان ئالمىنى يېيىشتىكى بەدىلىمىز پەقەت 1.1 تال ئادەتتىكى ئالما بىلەن تەڭ بولىدۇ.
دېمەك كىرا ھەققى قوشۇلغاندىن كېيىن، تاللانغان بۇيۇملارنى ئىستېمال قىلىشنىڭ بەدىلى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ دەل ئېھتىياج ئۈچىنچى قانۇنىيىتىنىڭ مەنىسى بولۇپ، تاللانغان بۇيۇملار بىلەن ئادەتتىكى بۇيۇملار ئوتتۇرىسىدىكى باھادا ئەسلىدە بىر قەدەر چوڭ پەرق بار ئىدى، لېكىن بىر قىسىم قوشۇمچە ھەقنى قوشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پەرقى كىچىكلەپ، تاللانغان بۇيۇملار نىسپى ئەرزانلايدۇ. قوشۇمچە ھەق قانچە چوڭ بولسا، بۇ خىل ئۈنۈم شۇنچە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تاللانغان بۇيۇملار شۇنچە ئەرزانلايدۇ.
قوشۇمچە تەننەرخى چوڭ بولغاندىلا، تاللانغان بۇيۇملار سېتىۋېلىشقا ئەرزىيدۇ
ئەكسىچە، كىشىلەر غايەت زور قوشۇمچە ھەق تۆلەشكە مەجبۇرى بولغاندا، پەقەت تاللانغان بۇيۇملارلا كىشىلەرنىڭ توشۇشىغا، تەمىنلىشىگە ئەرزىيدۇ، كىشىلەرنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا ئەرزىيدۇ.
ئەمدى بىز تېمىمىزنىڭ بېشىدا سورالغان سوئالغا قاراپ باقايلى:
ئابىدىگە ئويغىلى بولىدىغان خەتلەر چوقۇم كۆڭۈل قويۇپ ئويۇلغان بولۇشى كېرەك، ئەمما ئېلخەت يوللاش ئىنتايىن ئەرزان ئىش، شۇڭا ئېلخەتتىكى خەتلەرنىڭ سۈپىتى ئەلۋەتتە بىر قەدەر تۆۋەن؛ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئامېرىكىدىن جۇڭگوغا ئويۇن قويغىلى كەلگەن مۇزىكا ئۆمىكى يۇقىرى قاتناش ھەققى، ياتاق ھەققى تۆلەيدۇ، بۇ چاغدا پەقەت يۇقىرى سۈپەتلىك مۇزىكا ئۆمىكىگىلا بۇ پۇلنى خەجلەشكە ئەرزىيدۇ؛ لاسۋېگاسقا بارغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ تىككەن دولىرى ئامېرىكىدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭكىدىن چوڭ، بۇمۇ دەل مۇشۇ قائىدە؛ ئاۋسترىيەدىن جۇڭگوغا ئىمپورت قىلىنغان كالا گۆشىنى توشۇش تەننەرخى تۆۋەن ئەمەس، ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن سۆڭەكنى ئېلىۋېتىش كېرەك.
قوشۇمچە تەننەرخنىڭ ئۆرلىشى ياخشى ئىش ئەمەس
بىز «بىر قىسىم قوشۇمچە ھەقنى قوشقاندىن كېيىن، تاللانغان بۇيۇملار نىسپى ئەرزانلايدۇ.» دېدۇق. ئۇنداقتا قوشۇمچە تەننەرخ قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟
بۇ مەسىلىگە قارىتا، بىز جۇڭگونىڭ مەھسۇلات ئېكسپورتىغا قاراپ باقساقلا جاۋابقا ئېرىشەلەيمىز.
جۇڭگو ئېكسپورت چوڭ دۆلىتى، نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرى جۇڭگودىن كەلگەن مەھسۇلاتلارغا نورما بەلگىلەپ قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. شۇڭا جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەتئەلگە سېتىش ئۈچۈن، جۇڭگولۇق سودىگەرلەر نورمىدىن سىرت بەلگىلەنگەن سېتىۋېلىش نورمىسىغا ئېرىشىشى كېرەك، يەنى قوشۇمچە ھەقنى كۆپرەك تۆلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا باھاسى تېخىمۇ يۇقىرى، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلاتلارلا بۇ قوشۇمچە ھەقنى تۆلەشكە ماس كېلىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.
بۇ ياخشى ئىشمۇ ياكى يامان ئىشمۇ؟ بۇ يامان ئىش. گەرچە جۇڭگو ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سۈپىتى ئۆسكەن بولسىمۇ، لېكىن ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ تۈرى ئازىيىدۇ. چەتئەلدىكى ئىستېمالچىلار ۋە جۇڭگودىكى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ ھەممىسى زىيان تارتىپ، پۇرسەت ئازلايدۇ.
مەسىلەن، ئەسلىدە ھەر خىل سۈپەتتىكى تاماكىلارنىڭ ھەر بىر قېپى 1 يۈەن، 5 يۈەن، 10 يۈەن بولۇپ، چەتئەلگە ئېكسپورت قىلىنسا، ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى تاماكىغا نورما بەلگىلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەر بىر قاپ تاماكىغا 5 يۈەن قوشۇمچە ھەقنى ئارتۇق تۆلەيسەن دېسە، ئۇنداقتا بۇ ۋاقىتتا ئېكسپورت قىلغىلى بولىدىغىنى ئەرزان تاماكىمۇ ياكى قىممەت تاماكىمۇ؟ جاۋابى: پەقەت قىممەت تاماكىلا ئېكسپورت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، ئەرزان تاماكىنى ئېكسپورت قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاماكىنىڭ تۈرى ئازىيىپ، چەتئەل ئىستېمالچىلىرىنىڭ تاللاش پۇرسىتىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئازلايدۇ.
مانا بۇ ئېھتىياج ئۈچىنچى قانۇنىيىتىنىڭ مەنىسى، يەنى ھەر قېتىم ئىستېمالچىلار چوقۇم بىر قىسىم قوشۇمچە ھەقنى تۆلىشى زۆرۈر بولغاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار نىسبەتەن تۆۋەن سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارغا قارىغاندا ئەرزانلىشىپ كېتىدۇ، بۇ قوشۇمچە ھەق قانچە يۇقىرى بولسا، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات نىسبەتەن شۇنچە ئەرزان بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بىز بۇ قانۇنىيەتنى «ياخشى نەرسىنى يىراققا يۆتكەش قانۇنىيىتى» دەپ ئاتايمىز.
سىز يەنە بىر مىسال كەلتۈرۈپ، «ئېھتىياج ئۈچىنچى قانۇنىيىتى»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرگە ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟
تۆتىنچى باب: باھا
رىقابەتنىڭ ئورۇنسىز زىيىنىنى قانداق ئازايتىش كېرەك؟
پەقەت مارگىنال تەننەرخ مارگىنال پايدىغا تەڭ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، كىشىلەر پايدىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزەلەيدۇ. ئۇنداقتا كومپيۇتېر ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىدراكنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى ئېھتىياجى ۋە تەمىناتىغا بولغان مۆلچەرىمىز بارغانسېرى توغرىلىشامدۇ؟ يېڭى پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرى يېتىپ كېلەمدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلار جەمئىيىتى ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە مارگىنال تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۆزگىرىشكە قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدۇر.
ئونىنچى بۆلۈم: بايلىق تەقسىملەش | قاتلىمىنى قانداق تەقسىملەش قاتلىمىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقتا بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ
ئىقتىسادىي ھېسابلاش مەسىلىسى
100 يىل ئىلگىرى ئىقتىساد ساھەسىدە بىر مەيدان چوڭ مۇنازىرە بولغان. ئۇ 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى گېرمان تىلى رايونىدا باشلانغان، 30 ـ، 40-يىللىرى ئىنگلىز تىلى رايونىغا كېڭەيگەن، تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملاشقان بولسىمۇ ئاخىرلاشمىغان. بۇ چوڭ مۇنازىرىنى بىز ئادەتتە «ئىقتىسادىي ھېسابلاش توغرىسىدىكى مۇنازىرە» ياكى «ئىقتىسادنى پىلانلاشقا بولامدۇ-يوق؟ دېگەن مۇنازىرە» دەپ ئاتايمىز.
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0