大数跨境

100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى

100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى Nepkar
2021-08-13
2
导读:پۈتكۈل 20-ئەسىردە پۈتۈن دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە مۇشۇ سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت يېتە
جۇڭگونىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سى ئامېرىكىنىڭ يېرىمىغا يەتكەندە، يېڭى، مۇقىم بولغان دۇنيا ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىشى مۇمكىن

(نۇتۇق)

لىن يىفۇ

تەھرىر ئىلاۋىسى: 
2021-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى قۇرۇلمىلىق ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لىن يىفۇ 8-نۆۋەتلىك يېڭى قۇرۇلمىلىق ئىقتىسادشۇناسلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار يازلىق لاگېرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى، تېمىسى «100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى قۇرۇلما ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى» ئىدى.

تۆۋەندىكىسى نۇتۇق مەزمۇنىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى: 

100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى قۇرۇلما ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى 

لىن يىفۇ


باش شۇجى شى جىنپىڭ 2018- يىلى «بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى، مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نېمە ئۈچۈن 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەنلىكىنى، بۇ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قارىتا، قانداق كونترول قىلىش كېرەكلىكىنى سۆزلەپ باقماقچىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن يەنە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يېڭى قۇرۇلمىلىق ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلماقچى ھەمدە يېڭى قۇرۇلما ئىقتىسادشۇناسلىقىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بۇ يەردە ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسىتىنى تونۇشتۇرماقچىمەن. 

1. 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى قانداقلارچە باشلاندى؟ قانداق كونترول قىلىش كېرەك؟ 

2018-يىلى 6-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا «بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا» دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى. 
بۇ ھۆكۈمنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ مېنىڭچە تارىخنى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ. 1900-يىلى 20-ئەسىر ئەمدىلا باشلانغان چاغدا، سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلدى، بۇ سەككىز دۆلەت ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە، ياپونىيە ۋە ئاۋسترىيە-ۋىنگىرىيە ئىمپېرىيەسى بولۇپ، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر، شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر ئىدى. 
ئىقتىساد ئاساس، سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ تەكسى باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ سەككىز دۆلەتنىڭ GDP ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا GDP سىنىڭ  %50.4 ىگە يېتىپ، دۇنيا GDP سىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيتتى. 

2000-يىلىغا كەلگەندە، 21-ئەسىر ئەمدىلا باشلانغان چاغدا، دۇنيادا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە، ياپونىيە، كانادادىن ئىبارەت سەككىز كۈچلۈك دۆلەت مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىنقى يەتتىسى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، ئاۋسترىيە-ۋىنگىرىيە ئىمپېرىيەسى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يىمىرىلىپ، ئاۋسترىيە ۋە ۋېنگىرىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە بۆلۈنۈپ، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر سېپىدىن چېكىنىپ چىقتى، كېيىن كانادا سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا قوشۇلدى. سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ تەكسى باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، سەككىز دۆلەت گۇرۇھى ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %47 ىنى ئىگىلەيدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 20-ئەسىردە بۇ سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېرىمىنى ياكى يېرىمىغا يېقىنلاشقان پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. 
ئىقتىساد ئاساس، پۈتكۈل 20-ئەسىردە پۈتۈن دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە مۇشۇ سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت يېتەكچىلىك قىلدى. 

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكىسى ياكى يېرىم مۇستەملىكىسى ئىدى. 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مىللەتچىلىك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر 1-، 2-ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇستەملىكە، يېرىم مۇستەملىكە ئورنىدىن ئارقا-ئارقىدىن قۇتۇلۇپ، سىياسىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ سانائەتلىشىشى، زامانىۋىلىشىشىغا ئىنتىلىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە يېتىشىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىشقا باشلىدى. 2000-يىلىغا كەلگەندە، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ سەككىز دۆلەت گۇرۇھىدىن باشقا دۆلەتلەر پەقەت %3.4 ئاشتى؛ لېكىن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولدى، شۇڭا ئادەم ئوتتۇرىچە مىقدارىدىن قارىغاندا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر گەرچە 100 يىل تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسى، تۇرمۇش سەۋىيەسى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقى داۋاملىق كېڭىيىۋاتقان ئىدى.

ئەمما 21-ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولدى. 2018-يىلىغا كەلگەندە، سەككىز دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى سېتىۋېلىش كۈچى تەكسى باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، 2000-يىلىدىكى %47 تىن %34.7 كە چۈشۈپ، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن سەل يۇقىرى بولدى. 
ئىقتىساد ئاساس، ئەسلىدە دۇنيادىكى ئىشلارنى بۇ سەككىز دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، بۇ سەككىز دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ يىغىن ئېچىپ، قارار چىقارسىلا، پۈتۈن دۇنيانىڭ تاقابىل تۇرۇش ۋە يۈزلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلالايتتى. لېكىن، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئازىيىشى، تەسىر كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، سەككىز دۆلەت گۇرۇھى ئەمدى دۇنياغا بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيدىغان بولدى. ئەڭ روشەن بولغىنى 2008-يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادىي كىرزىسىنىڭ پارتلىشى بولۇپ، تەسىر كۈچى تۆۋەنلىگەچكە، سەككىز دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئورنىنى 20 دۆلەت گۇرۇھى ئىگىلىدى. 

نېمە ئۈچۈن سەككىز دۆلەت گۇرۇھى 21-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەسىر كۈچىدىن مەھرۇم بولىدۇ؟ ئەڭ ئاساسلىقى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشى. 1949-يىلى جۇڭگونىڭ GDP سى دۇنيا GDP سىنىڭ %4.2 ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، جۇڭگو دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولغاچقا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ نامرات، ئەڭ ئارقىدا قالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. 1978-يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان ۋاقىتقا كەلگەندە، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %4.9 ىنى ئىگىلەپ، نوپۇس 1949-يىلىدىكى 600 مىليوندىن كۆپىيىپ 1 مىلياردقا يەتتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە مىقدار بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق يەنىمۇ كېڭەيدى. لېكىن 1978-يىلىدىن باشلاپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ 2020-يىلىغىچە، دۆلىتىمىز ئۇدا 42 يىل، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9.2 ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى قولغا كەلتۈردى. ئادەتتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %3 تىن %3.5 كىچە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كەلدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىي ئەندىزىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىشىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر سەۋەب. تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغىنى ئامېرىكا. 2000-يىلى ئامېرىكىنىڭ GDP ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن دۇنيا GDP سىنىڭ %21.9 ىنى ئىگىلىگەن، يەنى بىر دۆلەت پۈتۈن دۇنيا GDP سىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن. لېكىن، 2014-يىلى، سېتىۋېلىش كۈچى تەكسى باھاسى بويىچە ھېسابلانغان ئىقتىسادىي كۆلەم جەھەتتە جۇڭگو ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتتى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى بارغانسېرى زورايدى. مەسىلەن، سودا جەھەتتىن قارىغاندا، جۇڭگو دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ سودا دۆلىتى، 120 نەچچە دۆلەتنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى، شۇنداقلا باشقا 70 نەچچە دۆلەتنىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ قالدى. پۈتۈن دۇنيادىكى %90 تىن ئارتۇق دۆلەتتە، جۇڭگو يا بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى، يا ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراھىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلگۈسىدە، ھەر قايسىڭلار خەلقئارا سودىنى ئۆگەنگەندە، سودىدا ھەر تەرەپنىڭ پايدا ئالىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر، قوش پايدا ئېلىش داۋامىدا، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئېرىشىدىغان پايدىسى چوڭ دۆلەتلەرنىڭكىدىن كۆپ چوڭ بولىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، سودا جۇڭگوغا پايدىلىق، باشقا دۆلەتلەرگە تېخىمۇ پايدىلىق.

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408