大数跨境

ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە ۋە ئىگىلىك تىكلەش

ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە ۋە ئىگىلىك تىكلەش Nepkar
2020-10-01
1
导读:ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە بارلىق خوجايىنلار چوقۇم ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان ئېسىل ئەسەر، ئەسەردە ساناقس
ئىگىلىك تىكلەشنى لىيۇ بېيدىن، باشقۇرۇشنى ساۋ ساۋدىن، ئىگىلىك ۋارىسلىقىنى سۈن چۈەندىن ئۆگىنىش كېرەك

ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە بارلىق خوجايىنلار چوقۇم ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان ئېسىل ئەسەر، ئەسەردە ساناقسىز سودا تەپەككۇرلىرى بولۇپلا قالماي، يەنە كىشىلەرگە قانداق ئىگىلىك تىكلەش، قانداق باشقۇرۇش، ئىگىلىككە قانداق ۋارىسلىق قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.
مەيلى تۇپراق يېرىپ بىخ سۈرۈش بولسۇن ياكى ئىگىلىك تىكلەش بولسۇن، خوجايىنلار لىيۇ بېيدىن ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك. لىيۇ بېينىڭ كېلىپ چىقىشى پاخال كەش سېتىشتۇر. چىڭدۇغا كىرىشدىن ئىگىرى كۆپ قىسىم ۋاقىتلىرى باشقىلارغا تايىنىپ كۈن كەچۈرۈش، سەرگەندانلىقتا ئۆتكەن. ئەمما ئەڭ ئاخىرى ئۇ شۇ دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان. بۇنىڭ مۇنداق ئۈچ سەۋەبى ئىنتايىن مۇھىم. 

بىرىنچى، بىر توپ ئىشەنچلىك خىزمەتچىسى بولۇشى كېرەك
جاڭ فېي، گۈەن يۈ، جاۋ يۈنلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن جان تىكىپ جەڭ قىلغان. ياتقان ئەجدىھا فېڭ چۈن ئۇنىڭغا پىلان كۆرسەتكەن، ئۇلار لىيۇ بېينىڭ خان بولۇش چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا مۆلچەرلىگۈسىز تۆھپە قوشقان. ھەمدە ئۇلار لىيۇ بېيغا تولۇق سادىق ئىدى. لىيۇ بېي ئەڭ قىيىنچىلىقتا قېلىپ، ئامالسىز يۈەن شاۋدا تۇرۇپ قالغاندا، گۈەن يۈ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ساۋ ساۋغا قېتىلىپ كەتمىگەن. مۇشكۈل ھاياتتا جاۋ يۈن قىيىنچىلىقلارغا قىلچە باش ئەگمىگەن. بۇ بىر نەچچە خىزمەتچى شۇ دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئۇلتاشتۇر.

ئىككىنچى، ھەمكارلىشىشقا ماھىر بولۇش كېرەك
لىيۇ بېينىڭ گۇڭ سۈنزەن بىلەن ھەمكارلىشىشى ئۇنى باشقىلاردىن ھالقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، پاخال كەش سېتىشقا خاتىمە بەرگۈزگەن؛ لىيۇ بېينىڭ لۈ بۇ بىلەن ھەمكارلىشىشى تەرتىپكە سېلىش پۇرسىتى تەمىنلىگەن؛ لىيۇ بېينىڭ ساۋ ساۋ بىلەن ھەمكارلىشىپ لۈ بۇنى ئۆلتۈرۈشى، چوڭ بىر خەۋپنى يوقىتىشقا شارائىت ھازىرلىغان. لىيۇ بېينىڭ لىيۇ بىياۋ بىلەن ھەمكارلىشىشى ئۇنى ئۆزىگە تەۋە ماكان (بازا)غا ئىگە قىلغان؛ لىيۇ بېينىڭ دۇڭ ۋۇ بىلەن ھەمكارلىشىشى ئۇنى تېگىشلىك ئەلگە ئېرىشتۈرگەن؛ شۇڭا شۇ دۆلىتىنى ھەمكارلىققا تايىنىپ قۇرۇپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ. ھەمكارلىق لىيۇ بېيغا تەرەققىيات پۇرسىتى بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇنى مول بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە بايلىققا ئېرىشتۈرگەن.

ئۈچىنچى، ۋاز كېچەلەيدىغان بولۇش
لىيۇ بېي ئۇزاق مۇددەت زېمىنغا ئېرىشىش، زېمىن ئايرىلىپ قېلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. تاۋچىيەن جېڭىدە چېكىنىپ شۈجۇغا بارغاندا، لۈ بۇ تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، ساۋ ساۋ بىلەن ھەمكارلىشىپ لۈ بۇنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، شۈجۇ ساۋ ساۋ تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان؛ لىيۇ بىياۋغا قېتىلىپ يېڭى زېمىنغان ئېرىشكەندە، يەنە ساۋ ساۋ تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئەگەر لىيۇ بېي ۋاز كەچمەي، ئۆلگۈچە قارىشىلىق كۆرسەتكەن بولسا، بەلكىم كېيىنكى شۇ دۆلىتى بولمىغان بولۇشى مۇمكىن.

باشقۇرۇشنى ساۋ ساۋدىن ئۆگىنىش
كارخانىنى ياخشى باشقۇرماقچى بولغان خوجايىن ساۋ ساۋدىن ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك. ۋېي دۆلىتى ئۈچ پادىشاھلىقتىكى كۈچى ئەڭ زور پادىشاھلىق بولۇپلا قالماي، يەنە زېمىنىمۇ ئەڭ چوڭ، شۇنىڭدەك سانغۇن-پالۋانلارنىڭ سانىمۇ ئەڭ كۆپ ئىدى. يالغۇز ساۋ ساۋنىڭ قول ئاستىدىكى داڭلىق سانغۇنلارنىڭ سانىلا شۇ، ۋۇ پادىشاھلىقىنىڭ سانغۇنلىرىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ ئىدى. ئەگەر ناھايىتى يۇقىرى باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغاندا، ساۋ ساۋ ۋېي پادىشاھلىقىنى قەتئىي باشقۇرالمىغان بولاتتى. 
ساۋ ساۋنىڭ ۋېي پادىشاھلىقىنى ياخشى باشقۇرۇپ ماڭالىشىدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپكە نەزەر سېلىش كېرەك:
بىرىنچى، ئادەمنى ياخشى تونۇپ، قول ئاستىدىكىلەرگە ئىشىنىش
ساۋ ساۋنىڭ قول ئستىدا كۆپلىگەن ئاقىل سانغۇنلار ساناقسىز، ساۋ ساۋنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ قابىلىيىتىنى تولۇق جارىي قىلدۇرالىغان. شۈن يۇ ئىچكى سىياسىيغا ماھىر بولغاچقا، ساۋ ساۋ ئۇنى ئىچكى سىياسىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قويغان. شى جىسەي، گو جىيا، شۈن يۈ قاتارلىقلار تەدبىر بەلگىلەشكە ماھىر بولغاچقا، ساۋ ساۋ جەڭگە ئاتلانغاندا بۇ كىشىلەرنى بىرگە ئېلىۋېلىپ، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ تەدبىرلىرىدىن پايدىلانغان. دىيەن ۋېينىڭ كاللىسى ئاددىي بولسىمۇ ئەمما سادىق ھەم قەيسىرانە بولغاچقا، ساۋ ساۋ ئۇنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىپ قوغدىغۇچى قىلغان. ئىش قىلىپ ساۋ ساۋ ئۆز يېنىدىكى قابىللارغا تولۇق ئىشىنىپ ھەم ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەقىقىي «گۇمانلانغان كىشىنى ئىشلەتمەسلىك، ئىشلەتكەن كىشىدىن گۇمانلانماسلىق»تىن ئىبارەت بۇ باشقۇرۇش ئىلىمىنىڭ جەۋھىرىدىن ھەقىقىي پايدىلانغان.

ئىككىنچى، تۈزۈمنىڭ مۇكەممەللىشىشى
گەرچە ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسەدە سىياسىي ناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىنسىمۇ، ئەمما شى شىجۇڭنىڭ ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ سىياسىي، قانۇن قاتارلىق جەھەتلەرگە بەرگەن باھاسى ناھايىتى يۇقىرى. ساۋ پېي ۋېي دۆلىتىنى قۇرغاندىن كېيىن قوللانغان بىر قاتار تۈزۈملەرنىڭ كۆپ قىسمى ساۋ ساۋدىن قالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تارىخشۇناسلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن توققۇز دەرىجىلىك مەنسەپدارلارنى تاللاپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ئىگىلىككە ۋارىسلىق قىلىشنى سۈن چۈەندىن ئۆگىنىش
كارخانا تۇراقلىق دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن، داۋاملىق تەرەققىي قىلىشتىن سىرت، ئەڭ مۇھىمى ئەسلىدىكى ئىگىلىكنى ياخشى ساقلاش، يەنى ئەسلىدىكى ئىگىلىكتىن مەسىلە چىقمىغان ئاساستا ئىگىلىككە ۋارىسلىق قىلىشتۇر. ئەگەر ئەسلىدىكى ئىگىلىكنى ساقلىيالمىغاندا، تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ سۈن چۈەن دادىسى ۋە ئاكىسى سالغان ئاساسقا ۋارىسلىق قىلىپ، چوڭ تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىگىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىشقا ناھايىتى مۇۋاپىق كەلگەن.

ئاۋۋال، يادرولۇق خادىملارنى ئۆزىگە تارتىش
ۋۇ دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ يادرولۇق خىزمەتچىلەرنى ئۆزىگە تارتىش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى قىلغان. جۇۋ يۈ ۋە سۈن سې ئىككىسى ياخشى دوستلار ھەم تۇققان كېلەتتى. لۇ شۈن سۈن سېنىڭ كىيئوغلى بولۇپ، سۈن چۈەننىڭ ئىككى قىزى ۋۇ دۆلىتىنىڭ مۇھىم سانغۇنلارنىڭ ئوغلىغا ياتلىق بولغان. قۇدا بولۇش ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ، بىراق ھازىر  ھېسسىيات، مەرتىۋە ۋە مائاش-تەمىنات خىزمەتچىلەرنى يېنىغا تارتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. 

ئەسكەرتىش: 
مەزكۇر يازمىنىڭ ئاپتورىنىڭ ئۇچۇرى بولمىغاچقا، ئاپتور (تەرجىمان)نىڭ كىملىكىنى بىلەلمىدۇق، ئەمما يازما ياخشى بولغاچقا، كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھرلىنىلدى، ئەگەر مەزكۇر يازمىنىڭ ئاپتورى (تەرجىمانى) مەزكۇر يازمىنى كۆرگەندىن كېيىن، باشقىچە پىكىرى بولسا بىز بىلەن ئالاقىلاشسا، بىز ئاپتور (تەرجىمان)نىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىش كۆرىمىز. 
ئالاقىلىشىش ئۈندىدارى: 345760552

بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0