搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
روكفېللېر: ئۆزىنىڭ مۇھىم شەخس ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش
>
روكفېللېر: ئۆزىنىڭ مۇھىم شەخس ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش
Nepkar
2020-10-17
1
导读:سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا دىققەت قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا ئويلىغىنىڭلاردىنمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتى
ئۆزىنىڭ مۇھىم شەخس ئىكەنلىكىگە ئىنىشىش
(ئىككىنچى پارچە)
بىز شامالنىڭ يۆنىلىشىنى كونترول قىلالمايمىز، ئەمما يەلكەننى تەڭشىسەك بولىدۇ — پوزىتسىيەمىز تاللىساق بولىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلار قالتىس بىلىدىغان پوزىتسىيەنى تاللىغان ھامان، «ئاشۇ مەن يارىماس، ئەرزىمەس، قېرى ھېسابلىنىمەن، مەن بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيمەن» دېگەندەك ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ئىرادىنى، ئىشەنچنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ۋە ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىدىن توخۇ يۈرەك خىياللار تۈگەپ، ئۇنىڭ ئورنىنى قەلبىنىڭ تىرىلىشى، تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىنىڭ ئاكتىپ ئۆزگىرىشى، ئىشەنچنىڭ كۈچىيىشى ئىگىلەيدۇ. «مەن قىلالايمەن! ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قىلالايمەن!» دېگەن روھىي ھالەت ھەممىگە يۈزلىنىدۇ.
1897-يىلى 21-ئىيۇل
قەدىرلىك جون:
باشقىلار ئاتا قىلغان قىزغىن ھەم سەمىمىي ھۆرمەتتىن بەھرىمەن بولۇش، ھەقىقەتەن بىر خىل قالتىس تۇيغۇ. بۈگۈن چىكاكو داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ماڭا بۇ خىل گۈزەل تۇيغۇنى ھېس قىلدۇردى. ھازىرچە بۇنى مەن بۇ مەكتەپنى قۇرغانلىقىمغا قايتۇرۇلغان جاۋاب دەپ قارايمەن، بىراق، بۇ ھەقىقەتەن مېنى خۇشال قىلدى.
راستىمنى ئېيتسام، مەن مەبلەغ سېلىپ بۇ ئالىي مەكتەپنى قۇرۇشنى قارار قىلىشتىن بۇرۇن، ئەزەلدىن ئۇ يەردە ئەۋلىيالاردەك ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ باقمىغان. ئەڭ دەسلەپكى ئويۇم پەقەت ياش ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىمىزگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن چامىمنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىش ئىدى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مەقسىتىمگە يەتتىم، بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاقىلانە مەبلەغ سېلىش بولدى.
چىكاكو داشۆسىنىڭ ياش ئوقۇغۇچىلىرى ئىنتايىن سۆيۈملۈك، ئۇلار گۈزەل كەلگۈسىگە چەكسىز ئىنتىلىدۇ، ھەممىسى بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىگە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر نەچچە گۆدەك بالا يۈگۈرۈپ كېلىپ ماڭا، ئۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈلگىسى ئىكەنلىكى، ئۇلارغا ئازراق تەكلىپ بېرىشىمنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، كەلگۈسىدىكى روكفېللېرغا شۇنداق مەسلىھەت بەردىمكى:
مۇۋەپپەقىيەت بىر ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى، ئوقۇش تارىخى ياكى ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئىدىيەسىنىڭ قانداقلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىدىيىمىزنىڭ قانداق بولۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، بىز ئۆزىمىزنى چوڭ بىلىشىمىز، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى بولغان ئۆزىمىزنى كەمسىتىشنى تۈگىتىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئەرزان باھادا ئۆزىمىزنى ساتماسلىقىمىز كېرەك. سىلەر ئويلىغىنىڭلاردىنمۇ ئۇلۇغ، شۇڭا، ئىدىيەڭلارنى ھەقىقىي دەرىجىدە كېڭەيتىڭلار، ئۆزۈڭلارغا ھەرگىز سەل قارىماڭلار.
بۇ چاغدا تۇيۇقسىز چاۋاك ئاۋازى ياڭرىدى، روشەنكى، مەن ئۇلارغا ئۈزۈل-كېسىل ئەسىر بولۇپ قالدىم، نەتىجىدە كۆرەڭلەپ خۇدىمنى يوقىتىپ، تىلىمنى باشقۇرالماي، داۋاملىق سۆزلىدىم:
نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن پەيلاسوپلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن بىزگە «ئۆزىنى تونۇش كېرەك» دەپ نەسىھەت قىلىپ كەلدى. لېكىن، كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇنى پەقەت ئۆزىنىڭ پاسسىپ تەرىپىنىلا تونۇش، دەپ چۈشىنىدۇ. كۆپ قىسىم ئۆزىنى باھالاشتا كەمچىلىك، كەتكۈزۈپ قويۇش ۋە ئىقتىدارسىزلىق مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ كەمچىلىكىنى تونۇش ئەلۋەتتە بىر ياخشى ئىش، بىز بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياخشىلاش ئۈستىدە ئىزدەنسەك بولىدۇ. لېكىن، ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ پاسسىپ تەرىپىنىلا تونۇيدىغان بولساق، قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قېلىپ، ئۆزىمىزنى ھېچقانداق قىممىتى يوق قىلىپ قويىمىز.
باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، رېئاللىق ئىنتايىن رەھىمسىز، چۈنكى باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قارىشى، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان قارىشى بىلەن ئوخشاش. بىز ھەممىمىز ئاشۇنداق ئۆزىمىز قانداق دەپ قارىغان مۇئامىلىگە ئۇچرايمىز. ئۆزىنى باشقىلاردىن بىر ئاز ناچار دەپ قارايدىغانلارنىڭ نەتىجىسىمۇ چوقۇم باشقىلاردىن بىر ئاز ناچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنىڭ زادى قانداق بولۇشىدىن قەتىينەزەر، چۈنكى ئادەمنىڭ ئىدىيەسى ئۆزى ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنى باشقىلارغا يەتمەيمەن دەپ ئويلىسا، ئۇ ھەقىقەتەن باشقىلارغا يەتمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ھېسسىياتنى يوشۇرغىلى بولمايدۇ. ئۆزىنى ئانچە مۇھىم ئەمەس دەپ قارايدىغانلار، راستتىنلا ئانچە مۇھىم ئەمەس بولۇپ قالىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇھىم شەخسكە ئايلىنىدۇ. شۇڭا، ئەگەر راستتىنلا مۇھىم شەخس بولماقچى بولساڭلار، چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ ھەقىقەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئېتىراپ قىلىپ، سەمىمىي مۇئەييەنلەشتۈرۈشىڭلار كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا باشقىلار ئاندىن مۇشۇنداق ئويلايدۇ.
ھەر قانداق بىر ئادەم مۇنداق ئەقلىي خۇلاسە پىرىنسىپىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ: سىزنىڭ قانداق تەپەككۇر قىلىشىڭىز، قانداق ھەرىكەت قوللىنىشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، سىزنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلىڭىز باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان قارىشىنى بەلگىلەيدۇ، خۇددى سىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پىلانىڭلارغا ئوخشاش، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي. باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن چوقۇم ئۆزۈڭلارنىڭ ھەقىقەتەن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشقا تېگىشلىك يېرى بارلىقىنى ھېس قىلىشىڭلار كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر ئۆزۈڭلارنى قانچە ھۆرمەتلىسەڭلار، باشقىلارنىڭ سىلەرگە بولغان ھۆرمىتىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.
ئويلاپ بېقىڭلار: كۈن بويى كونا كوچىدا لاغايلاپ يۈرگەن ئاشۇ كىشىلەرنى ھۆرمەتلەمسىلەر؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق بولمايدۇ. نېمىشقا؟ سەۋەبى شۇكى، ئاشۇ ھۇرۇنلار ئۆزىنى ئەسلا چوڭ بىلمەيدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى ئارقىلىق قەلبىنى چىرىتىپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆزىنى چوڭ بىلگەن بولسا، بۇنداق چۈشكۈنلىشىپ كەتمىگەن بولاتتى.
بىر ئادەمنىڭ ئىدىيە قارىشى كىشىلىك قەدىر ـ قىممەتنىڭ يادروسى. سىلەر ئۆزۈڭلار قانداق ئادەم دەپ قارىساڭلار، سىلەر راستتىنلا شۇنداق ئادەم بولىسىلەر.
ئۇنىڭ كىم بولۇشىدىن، قەيەردە تۇرۇشىدىن قەتىينەزەر، ئۇ زادى نامسىز ئادەممۇ ياكى كاتتا ئادەممۇ، ئۇ زادى مەدەنىيمۇ ياكى ياۋايىمۇ، مەيلى ياش ياكى قېرى بولسۇن، ئۇنىڭ مۇھىم شەخسكە ئايلىنىشتەك كۈچلۈك ئارزۇسى بار. ئەتراپىڭلاردىكى ھەر بىر ئادەمنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاپ بېقىڭلار، قوشناڭلار، ئۆزۈڭلار، ئوقۇتقۇچىڭلار، ساۋاقدىشىڭلار، دوستۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىمنىڭ مۇھىم شەخس بولۇش كۈچلۈك ئارزۇسى يوق؟ ھەممىسىنىڭ بار، بۇ خىل ئارزۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ بىۋاسىتە بىر خىل نىشانى.
لېكىن، نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر ئەسلىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان بۇ نىشاننى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان شېرىن چۈشكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ؟ مېنىڭچە، پوزىتسىيە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. پوزىتسىيە ھەر بىرىمىزنىڭ ئىدىيە ۋە روھىي ئامىلىنىڭ بۇيۇملىشىشى بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ تاللىشىمىز ۋە ھەرىكىتىمىزنى بەلگىلەيدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، پوزىتسىيە بىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىزدۇر.
بىز شامالنىڭ يۆنىلىشىنى كونترول قىلالمايمىز، ئەمما يەلكەننى تەڭشىسەك بولىدۇ - پوزىتسىيەمىز تاللىساق بولىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلار قالتىس بىلىدىغان پوزىتسىيەنى تاللىغان ھامان، «ئاشۇ مەن يارىماس، ئەرزىمەس، قېرى ھېسابلىنىمەن، مەن بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيمەن» دېگەندەك ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ئىرادىنى، ئىشەنچنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ۋە ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىدىن توخۇ يۈرەك خىياللار تۈگەپ، ئۇنىڭ ئورنىنى قەلبىنىڭ تىرىلىشى، تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىنىڭ ئاكتىپ ئۆزگىرىشى، ئىشەنچنىڭ كۈچىيىشى ئىگىلەيدۇ. «مەن قىلالايمەن! ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قىلالايمەن!» دېگەن روھىي ھالەت ھەممىگە يۈزلىنىدۇ.
يىگىتلەر! ئەگەر ئاراڭلاردا كىم ئىلگىرى ئۆزىنى ئالداپ باققان بولسا، مۇشۇ يەردە توختاڭلار، چۈنكى ئۆزىنى مۇھىم دەپ قارىمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن ئادەتتىكى كىشىلەردۇر. ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ، سىزنىڭ ئەڭ ئاۋۋال قىلىدىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەر خىل مۈلۈكلىرىنى ـ- ئارتۇقچىلىقلىرىنى تاللاپ چىقىش. بۇنى ئۆزىڭىزدىن سوراڭ: مېنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقىم بار؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تەھلىل قىلغاندا، بەك تۈزۈت قىلىپ كەتمەڭ.
سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا دىققەت قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا ئويلىغىنىڭلاردىنمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىڭلار كېرەك. سىز ئۆزىڭىزنىڭ نەزىرىنى تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىگە تىكىپ، ئۆزىڭىزدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈڭ، ھەرگىزمۇ نەزىرىڭىزنى ھازىرقى ھالەت بىلەنلا چەكلەپ قويماڭ. «مۇھىم شەخسلەر مۇشۇنداق قىلارمۇ؟» دېگەن سوئالنى ھەر ۋاقىت ئەستە تۇتۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلالىساڭلار، مۇھىم ئۇلۇغ شەخسكە ئايلىنىشمۇ سىلەردىن يىراق بولمايدۇ.
بالىلار، مۇۋەپپەقىيەتكە تۇتىشىدىغان يولغا ئالتۇن ياتقۇزۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يول پەقەت تاق يۆنىلىشلىك يول. مۇشۇ پەيتتە، بىز بىر خىل ئۈمىدۋار پوزىتسىيەگە موھتاج . ئۈمىدۋارلىقنى دائىم پەيلاسوپلار ئۈمىد دەپ ئاتايدۇ. ئالدى بىلەن مەن سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي، بۇ ئۈمىدۋارلىققا بولغان خاتا چۈشەنچە! ئۈمىدۋارلىق بىر خىل ئېتىقاد، بۇ خىل ئېتىقادقا ئىگە كىشىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، تۇرمۇشتا ھامان خۇشاللىقتىن جاپا ئاز بولىدۇ، كىشىلەر ئارزۇ قىلغان ئىشلار كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ، ياخشى ئىش ھامان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ.
جون، بىلەمسەن؟ قىسقىغىنا ئون نەچچە مىنۇتلۇق ئىلھامى نۇتۇقتا، مەن سەككىز قېتىم ئالقىشقا ئېرىشتىم. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، زىيادە كۆپ ئالقىش سادالىرى مېنىڭ تەپەككۇرۇمغا كاشىلا قىلدى، مېنىڭ بىر مۇھىم قارىشىمنى ئالقىش سادالىرى قوغلىۋەتتى، ئۇ بولسىمۇ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بۇ ئۇلارنىڭ ھەرىكەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى تېخىمۇ نەتىجە قازىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. لېكىن تىلىمنىڭ شۇنچە چوڭ سېھرىي كۈچىنىڭ بارلىقىدىن مەن يەنىلا ناھايىتى خۇشال.
سىزنى سۆيىدىغان دادىڭىزدىن.
مەنبە: «روكفېللېرنىڭ ئوغلىغا يازغان 38 پارچە خېتى» ناملىق كىتاب
ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن
كىرىپ
كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0