大数跨境

ئەڭ پۇلغا يارايدىغان ئىستېمال ئېلېكتىرون ماركىسى—شياۋمى

ئەڭ پۇلغا يارايدىغان ئىستېمال ئېلېكتىرون ماركىسى—شياۋمى Nepkar
2020-10-19
2
导读:بۇنىڭ ئىچىدە خۇاۋېي بىرىنچى ئورۇندا، شياۋمى بولسا 434 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىگە تايىنىپ، ئىكك


جۇڭگودىكى ئەڭ پۇلغا يارايدىغان ئىستېمال ئېلېكتىرون كارخانىسى—شياۋمى
10-ئايدىكى يانفون يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش بەيگىگە چۈشۈپ قىزىپ كەتتى، مەيلى ئالمىنىڭ iPhone12 ۋە يۈ چېڭدوڭنىڭ خۇاۋېي Mate40 بولسۇن، ياكى ليۇ زوخۇنىڭ بىر پىلوس 8T ۋە OPPO ماترىتساسىدىكى realme بولسۇن، ھەتتا جىمىپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان جيەنگو (坚果)نىڭ ھەممىسى جانلىنىپ كەتتى. ئەلۋەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر يەنە بىر ماگناتقا دىققەت قىلماقتا، ئۇ بولسىمۇ شياۋمىدۇر.

10-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، سىنا پەن-تېخنىكا خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «2020-يىلى خۇرۈن جۇڭگودىكى 10 كۈچلۈك ئىستېمال ئېلېكتىرون كارخانىسى» تىزىملىكى رەسمىي ئېلان قىلىنغان.
بۇنىڭ ئىچىدە خۇاۋېي بىرىنچى ئورۇندا، شياۋمى بولسا 434 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىگە تايىنىپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تىزىملىكتە ئالدىنقى تۆت كۈچلۈكنىڭ ھەممىسى يانفون ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى بولۇپ، ھەقىقەتەن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلارنىڭ ئاتۇن دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ.
قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا 10 يىل بولغان بىر كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شياۋمى جۇڭگودىكى ئەڭ پۇلغا يارايدىغان ئىستېمال ئېلېكتىرون كارخانىسى ئىچىدە ئالدىنقى ئىككىنىڭ ئىچىگە كىرەلىدى.


ھەمدە، بۇ قېتىملىق تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى بولغان شىياۋمى بىلەن خۇاۋېيمۇ، ئىنتايىن تەقدىرداش ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 2020-يىلى Brandz دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك ماركا، 2020-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە TOP50 قاتارلىق نوپۇزلۇق تىزىملىكتە، كۆپ قېتىم ئوخشاش ئەھۋال كۆرۈلگەن.
ئۇنىڭدىن بۇرۇن، 2019-يىلى، جۇڭگونىڭ خەلقئارالىشىشقا يۈزلگەن ماركىسىدىكى 50 كۈچلۈكتىن تارتىپ، ئەڭ قىممەتكە ئىگە جۇڭگو ماركىسىدىكى 100 كۈچلۈككىچە، جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى ماركىدىكى 50 كۈچلۈكتىن تارتىپ، ئەڭ قىممەتكە ئىگە دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك ماركىغىچە، يەنە دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك ماركىغىچە، شياۋمى بىلەن خۇاۋېي قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ تىزىملىككە كىرگەن، ئۇلار جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىسىدىكى قوش كۈچلۈك بولۇشقا مۇناسىپ.


ئەلۋەتتە، ئەمدىلا 10 ياشقا كىرگەن شياۋمى جۇڭگودىكى ئىستېمال ئېلېكترون كارخانىلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈكلىرىنىڭ بىرى بولالايدۇ.
قارىماققا كۈتۈلمىگەندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي ئەقىلگە مۇۋاپىقتۇر. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ كېيىنكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئالاقە تورى دەۋرىنىڭ تومۇرىنى چىڭ تۇتۇپ، «5G+AI+IOT» ساھەسىدە ئىزچىل زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ كەلمەكتە.


نۆۋەتتە، شياۋمى شىركىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىستېمال دەرىجىلىك نەرسە تورى سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقتى، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، شياۋمى نەرسە تورى سۇپىسىغا ئۇلانغان IoT ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سانى 271 مىليونغا يەتتى، ھەتتا، بەش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈسكۈنىسى بار ئابونت سانىمۇ 5 مىليون 100 مىڭدىن ئاشتى، 5G تېخنىكىسىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، AIOT ساھەسىدىكى پۇرسەت ۋە كەلگۈسى بوشلۇق چەكسىز بولماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، لېي جۈن يېقىندا «يانفون×AIOT» ئىستراتېگىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئىختىساسلىقلارنى پائال قوبۇل قىلماقتا، سابىق بىگۈييۈەن يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى پېڭ جىبىن شياۋمى ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرغۇچىسى بولدى، سابىق رۈيشىن يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى لىن شىۋېي شياۋمى CFO بولدى.


مەيلى ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش بولسۇن ياكى تەشكىلىي قۇرۇلما بولسۇن، ھەتتا كاپىتال يۈرۈشتۈرۈش بولسۇن، شياۋمى تولۇق تەييارلىق قىلىپ بولدى، لۇ ۋېي يېڭى يىلنىڭ بېشىدىلا تۈزۈپ بولغان پىلان تور سىرتىدىكى چوڭ تەدبىر، نۆۋەتتە ئوت ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلماقتا.
سىزنىڭچە، ئون يىلدىن كېيىن، شياۋمى ئامازوندىن قېلىشمايدىغان، دۇنيا دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا ئالاقە تورى ماگناتى بولالامدۇ؟

بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408