大数跨境

بۈگۈنكى باشخەۋەرنىڭ بۈگۈنكى پىلتە قۇيماقنى ئەرز قىلىشى توغرىمۇ

بۈگۈنكى باشخەۋەرنىڭ بۈگۈنكى پىلتە قۇيماقنى ئەرز قىلىشى توغرىمۇ Nepkar
2020-10-21
1
导读:لېكىن ناھايىتى ئەپسۇس، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنىنىڭ قويۇق تۇمانلىرى ئاستىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئالدى بى
بۈگۈنكى باشخەۋەر VS بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق: ئەرز قىلىش ئەمەس بەلكى مەبلەغ سېلىش كېرەك


«بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق» «بۈگۈنكى باشخەۋەر» تەرىپىدىن ئەرز قىلىنىپتۇ (بۇ يەرنى بېسىپ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ)، بۈگۈنكى باشخەۋەردىكى قانۇن ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ زادى نېمە ئويلىغانلىقىنى راستىنلا بىلمىدىم، چوقۇم ئاممىۋى مۇناسىۋەت تارماقلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقمىغان بولۇشى ئېنىق.
تۆۋەندىكى بۇ رەسىمنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ بىرىنچى ھېسسىياتىڭىز نېمە؟


مەن گەرچە باشخەۋەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئانچە ئىشلەتمىسەممۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايمەن، بازار ئۈلۈشى ۋە نەتىجىسىمۇ يىلدىن-يىلغا ئېشىۋاتىدۇ، بۈگۈنكى باشخەۋەرنىڭ لوگو لايىھەسى مەندە يەنىلا بەلگىلىك ئىنكاس تەسىرى قالدۇردى.
لېكىن ئوچۇق ئېيتقاندا، مېنىڭ تۇنجى تەسىراتىم شۇكى، بۇ كىچىك دۇكان ناھايىتى ئىجادىي ئىكەن، بۇ ئالاقە تورى شىركىتىنىڭ نامىدىن پايدىلانغان تەقدىردىمۇ، دەل جايىدا بوپتۇ.
«بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق، سىزگە كۆڭۈل بۆلگىنىلا ياخشى قۇيماقتۇر!» بۇنىڭغا بۇ ئېلان تاختىسىنىڭ لايىھەسىنى قوشقاندا، بىلىدىغانلار كۈلۈپ كېتىدۇ.
بۈگۈنكى باشخەۋەرنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ئادەمگە نىسبەتەنچۇ؟ بەلكىم «بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق» دېگەندەك سۆزلەرگە نىسبەتەن ئاساسىي جەھەتتىن ھېچقانداق ھېسسىيات بولماسلىقى مۇمكىن، بىراق بۇنى بەلكىم بۈگۈنكى باشخەۋەرنىڭ چىشىغا تەگكەنلىك دېگىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
قىسقىسى، ئادەتتىكى بىر ئادەمنىڭ بىۋاسىتە تەسىراتىدىن قارىغاندا، يا قىزىقارلىق ھېس قىلىدۇ، يا ھېچقانداق تۇيغۇ بولمايدۇ، پەقەت نامۇۋاپىق جايلارنى ھېس قىلمايدۇ.
لېكىن ئىككى ئامىل بۈگۈنكى باشخەۋەرنىڭ بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنى بەلگىلىگەن، بىرى، ئادەتتىكى كىشىلەر بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق شىركىتىنىڭ قانۇن ئىشلىرى خادىمى ياكى مەلۇم قانۇن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ مەسئۇلىغا ئايلانغان، يەنە بىرى، بىز ئۇزاق مۇددەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەريانىدا تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق.
تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى سەۋەب، قانۇن ماددىسىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى كىشىلەرنى خاتا ھالدا تاۋار ماركىسىدىكى «چوڭ ماركىغا بېقىنىش»نى بىر خىل ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق دەپ ئويلايدىغان قىلىپ قويىدۇ، ئاندىن قانۇنغا مۇراجىئەت قىلىپ بۇ خىل ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توسىدۇ.
ئاتالمىش بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ قارايدۇ: «نۇرغۇن تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان تاۋار ماركىلىرى بازارغا ئېقىپ كىرىپ، سودا تەرتىپىگە پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى ھەتتا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»
مېنىڭ بەك بىلگۈم بار، بۈگۈنكى باشخەۋەر بىر داڭلىق ئالاقە تورى شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يول بويىدىكى پىلتە قۇيماق ساتىدىغان بىر كىچىك دۇكاننىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىسىم قويۇپ، ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەگلىك رەڭنى ماسلاشتۇرۇپ، ساتىدىغىنى يەنىلا ئالاقە تورىغا يېقىن كەلمەيدىغان پىلتە قۇيماق تۇرسا، قانداقسىگە ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ؟
«بۈگۈنكى» دېگەن بۇ سۆز ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆز، «باشخەۋەر» ۋە «پىلتە قۇيماق»مۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان گەپ، نېمە ئۈچۈن «بۈگۈنكى باشخەۋەر» بولسا بولىدۇ، «بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق» بولسا بولمايدۇ؟
سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىدە «بۈگۈنكى باشخەۋەر» ئۇتۇپ چىققان تەقدىردىمۇ، لوگىكا جەھەتتىن بۇنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.
ئەگەر بۇنداق بولغاندا ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش لوگىكىسى قۇرۇلسا، ئۇنداقتا نۇرغۇن «گەپدان»لارنىڭ قاپىيە سۆزلىرىنى خالىغانچە ئىشلەتكىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق بۇ شىركەت بۈگۈنكى چۆپ، قاتلىما، تېز قازان نېنى، ئەتىكى پىلتە قۇيماق قاتارلىق 16 تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغان.
قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ساھە ھالقىپ داڭلىق ماركىغا بېقىنىش مەسىلىسىدە، مېنىڭچە ئازراقمۇ مەسىلە يوق.
ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئەڭ مۇھىم، ئىستېمالچىلار كىرىپ پىلتە قۇيماق يەيدۇ، سىزنىڭ باشخەۋىرىڭىز بىلەن نېمە ئالاقىسى؟

بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى تاراتقۇلارغا ناھايىتى سەمىمىي ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ، ئۇ ھەر كۈنى بۈگۈنكى باشخەۋەردىكى App نى ئىشلىتىدۇ، بىر سادىق ئابونت.
بۇ شىركەت يەنە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، باشخەۋەرنى ئۈلگە قىلىپ، پۇقرالار ياخشى كۆرىدىغان ناشتىلىق ماركىسى بولۇشقا ئىرادە باغلىغانلىقىنى ئېيتقان.
لېكىن گۇاڭجۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت ئېچىش ئېلانىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈنكى باشخەۋەر تەۋە بولغان بېيجىڭ بايتلىق سەكرەش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى «بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق»نى سوتقا ئەرز قىلغان.
بۇ دەۋا بۈگۈنكى باشخەۋەرگە نىسبەتەن ھېچقانچە ئىش ئەمەس، كۆپ بولغاندا ئازراق پۇل ۋە ۋاقىت چىقىرىپ دەۋادا ئۇتۇپ چىقىدىغان ئىش.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرىكى ھۆكۈمگە ئاساسلانغاندا، ئۇتۇپ چىقىش نىسبىتى يەنىلا ناھايىتى چوڭ.
لېكىن بۇ يىل 5-ئايدا ئەمدىلا رويخەتكە ئالدۇرۇپ قۇرۇلغان كىچىك كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بەلكىم بىر مەيدان ھايات-ماماتلىق جەڭ بولۇشى مۇمكىن.
دەۋادا ئۇتۇپ چىقىش بۈگۈنكى باشخەۋەرگە نىسبەتەن ھېچقانچە پايدا بولمايدۇ، ئەمما ئىستېمالچىلار شۇ سەۋەبتىن «بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق» يېيىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
پەقەت نام بىلەن ئېلان تاختىسىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەنلا، مۇشۇنداق جازالاش كېرەك بولسا، ئۇنداقتا قانداقلا قارىساق يەنىلا غەلىبە قىلغۇچى يوق.


يەنە بەزىلەر داڭلىق ماركىغا بېقىنىش بىر خىل «تەييارغا ھەييار بولۇش قىلمىشى» دەپ قارايدۇ، ناھايىتى ئېنىقكى، پىلتە قۇيماقنى باشقىلار ئۆزى پىشۇرغان، دۇكاننىمۇ باشقىلار ئۆزى ئىجارىگە ئالغان، «تەييارغا ھەييار بولدى دېيىش» تازا ئەقىلگە سىغمايدۇ.
ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا پىلتە قۇيماقنىڭ يېيىشلىك ياكى ئەمەسلىكى، بەلكى سىزنىڭ بۈگۈنكى پىلتە قۇيماق دەپ چاقىرىش چاقىرماسلىقىڭىزدا ئەمەس.
تېخىمۇ كۆپ ئادۋوكاتلار ئويلىمىغان يەردىن «قانۇن يۈرگۈزۈشتە جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىلارنىڭ خانىۋەيران بولۇشىغا يول قويۇش، يەنە تاۋار ماركىسى مەمۇرىي تارماقلىرى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.» دەپ تەكلىپ بەرگەن. 
جازالاشنى كۈچەيتىش، خانىۋەيران قىلىۋېتىش مەسىلىسىدە، بىز پۇختا لوگىكا جەھەتتىن زادى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان-قىلمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشىمىز كېرەكمۇ قانداق؟
ھەقىقەتەن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى يۈز بەرسە، قانۇننىڭ رولى ئەلۋەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشتۇر.
لېكىن بەزى قانۇنلارنىڭ لوگىكىسىدا مەسىلە بولسا، ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن نەتىجە شۇكى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولمىغان تەقدىردىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى پەيدا قىلغان بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى باشخەۋەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۈگۈنكى پىلتە قۇيماقنى ئەرز قىلىش ئەڭ ناچار بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، يەڭسىمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوق، ئۇ ناھايىتى بىر مۇشۇنداق بىر كىچىك شىركەت كىچىك دۇكان خالاس، يەنە تېخى باشقىلارغا چوڭلار كىچىكلەرنى بوزەك قىلغاندەك تەسىر بېرىدۇ.
ھېچقايسى تەرەپكە يان باسماسلىق ئۇسۇلى بولسا كارى بولماسلىقتۇر، سىز باشخەۋىرىڭىزنى قىلىۋەرسىڭىز، باشقىلار پىلتە قۇيماق ساتسا، قۇدۇق سۈيى دەريا سۈيىگە چېقىلمىسا، باشقىلارمۇ سىز بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ.
تېخىمۇ ياخشى ئامال، بۈگۈنكى باشخەۋەر بۇ شىركەتنىڭ پىلتە قۇيماق سۈپىتىنىڭ زادى قانداقلىقىنى نەق مەيداندا تەكشۈرسە بولىدۇ، ئەگەر ھەقىقەتەن پاكىز ھەم يېيىشلىك بولسا، مەبلەغ سېلىش تارماقلىرى بىر قىسىم مەبلەغ چىقىرىپ بۈگۈنكى پىلتە قۇيماققا مەبلەغ سېلىپ، مۇشۇنداق ئىجادىي، ئوي-پىكرى بار كىچىك دۇكاننىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشتۇر.
ئەگەر بۇ كىچىك دۇكان راستىنلا بۈگۈنكى باشخەۋەرنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ۋە كىچىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ياخشى پىلتە قۇيماق يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان بولسا، بۇنىمۇ بىر گۈزەل پاراڭ دېيىشكە بولىدۇ.
لېكىن ناھايىتى ئەپسۇس، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنىنىڭ قويۇق تۇمانلىرى ئاستىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئالدى بىلەن قانۇن ماددىسىدىكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشنى ئويلايدۇ، ھەرگىزمۇ لوگىكا جەھەتتىكى تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىكنى ئويلىمايدۇ.

مەنبە: جاڭ شىجى سالونى
ئىلقۇت تەرجىمىسى

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!

ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408