搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئىقتىساد ئىلىمى: پۇلنى تونۇمدۇق ئادەمنىمۇ
>
ئىقتىساد ئىلىمى: پۇلنى تونۇمدۇق ئادەمنىمۇ
Nepkar
2020-12-01
0
导读:بىز دائىم مەلۇم بىر تاۋار يېتىشمىدى، مەلۇم بىر تاۋار ئېشىپ قالدى دەيمىز. ئىقتىسادشۇناسلىقتا، يېتىشمە
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
ھەر خىل رىقابەت قائىدىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى سېلىشتۇرۇش
بىز ئالدىنقى تېمىمىزدا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھەر خىل رىقابەت قائىدىلىرىنى تونۇشتۇردۇق، ئەمدى بىز بۇ ھەر خىل قائىدىلەرنى سېلىشتۇرۇپ، زادى قايسى خىل رىقابەت قائىدىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
ھېچقانداق بىر قائىدە باشقا قائىدىدىن تېخىمۇ ئادىل ئەمەس
بۇ رىقابەت قائىدىلىرى ئىچىدە، قايسىسى تېخىمۇ ئادىل؟ بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، ئادىللىق بىلەن ئادالەتسىزلىكنى سۆزلەۋاتقان كىشىنىڭ كىملىكىگە قاراش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئادىللىق قارىشى بولىدۇ: قاۋۇل كىشىلەر، گۇمپا مەشىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر زوراۋانلىقنى ناھايىتى ياخشى قائىدە دەپ قارايدۇ؛ ئۆگىنىش ماھىرلىرى ئىمتىھاننى ناھايىتى مەدەنىي، ئادىل چارە دەپ قارايدۇ؛ مەرتىۋىلىك كىشىلەر كېلىپ چىقىشى بويىچە رەتكە تىزىش كېرەك دەيدۇ؛ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجىندا نوپۇسى بارلار نوپۇسنى ئۆلچەم قىلىش ئەمەلىيەتتە ياخشى دېيىشىدۇ...... ئەلۋەتتە، پۇلى بارلار باھاسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بويىچە بولسا تېخىمۇ ئادىل بولىدۇ، دېيىشىدۇ.
رىقابەت قائىدىسى توغرىسىدا، بىز شۇنى چۈشىنىشىمىز كېرەككى، ھېچقانداق بىر قائىدە باشقا قائىدىدىن ئادىل ئەمەس. ئوخشىمىغان قائىدىنى تاللىغاندا، تالانتى ئوخشىمىغان ئادەمنىڭ نەپكە ئېرىشىش پۇرسىتى ئوخشىمايدۇ. ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەيدانى بولىدۇ، ھەممە ئادەمنى مەلۇم قائىدىگە ماقۇل كەلتۈرۈش ئەڭ ئادىل، ئەمما بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.
ھەر بىر رىقابەت قائىدىسىنىڭ ئەسلىدىنلا تەننەرخى بار
تېخىمۇ مۇھىمى، مەيلى قايسى خىل رىقابەت قائىدىسىنى تاللاشتىن قەتئىينەزەر، رىقابەتنىڭ تەننەرخى بولىدۇ. بىز رىقابەت قائىدىسىنى بېكىتكەن ھامان، كىشىلەر بىر ئالاھىدە يۆنىلىشكە قاراپ تىرىشىدۇ. بۇ تىرىشىش جەريانى كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي بايلىقى، ۋاقتى، پۇلى، دىققىتى قاتارلىقلارنى خورىتىدۇ.
ئەگەر زوراۋانلىق رىقابەت ئۆلچىمى قىلىنسا، كىشىلەر دائىم گۇمپا مەشىق قىلىشى مۇمكىن، گۇمپا مەشىق قىلىشنىڭ ئۆزى بىر خىل تەننەرخ؛ ئەگەر ئەقلىي ئىقتىدار، مائارىپ سەۋىيەسى ئۆلچەم قىلىنسا، كىشىلەر كۈن بويى ئۆگىنىدۇ، ئىمتىھان بېرىدۇ، بۇنىڭ ئۆزىمۇ تەننەرخ؛ ئەگەر ئىجتىمائىي ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ئاساس قىلىنسا، ئۇنداقتا ئەمەلگە ئېرىشىش تەننەرخى بولىدۇ؛ ئەگەر ئاۋۋال كەلگەن ئاۋۋال ئېلىشنى ئۆلچەم قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنداقتا نۇرغۇن ۋاقىت تەننەرخى ئىسراپ بولىدۇ؛ ئەگەر ئېھتىياجغا قاراپ تەقسىم قىلىنسا، جەمئىيەتتىكى زىياننىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە قاراپ تەقسىم قىلغاندا، كىشىلەر نامراتلىق قىياپىتىگە كىرىۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تەننەرخ سەرپ قىلىدۇ؛ ئەگەر ئىختىيارىي چەك تارتىپ تەقسىم قىلىنسا، چەك تارتىشقا قاتنىشىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، مەھسۇلات ئەمەلىيەتتە ئېھتىياجلىق بولمىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشىدۇ، بايلىق ئاخىرىدا بارغانسېرى ئازلايدۇ، بۇمۇ بىر خىل تەننەرخ.
شۇڭا، ھەر قېتىم كىشىلەر بىر خىل رىقابەت قائىدىسىنى قوللانغاندا، بۇ قائىدىنىڭ ئەسلىدىنلا تەننەرخى بولىدۇ.
نۇرغۇن رىقابەتتىن پەيدا بولغان تەننەرختىن باشقىلارنىڭ نەپ ئېلىشى تەس
لېكىن، بۇ رىقابەت ئېلىپ كەلگەن تەننەرختىن باشقىلارنىڭ نەپ ئېلىشى تەس. ئەگەر بىز جانبازلىقنى ناھايىتى ياخشى مەشىق قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆزىمىزگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى تالىشىپ ئالالىساق، گۇمپا مەشىق قىلىشقا كەتكەن تەننەرخ بىز ئۈچۈن ئەرزىيدۇ، لېكىن جەمئىيەتتىكى باشقا كىشىلەر بىزنىڭ كۆپۈپ چىققان مۇسكۇللىرىمىزدىن پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ؛ بىز ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆچرەتتە تۇرساق، ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشەلەيمىز، بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ۋاقىتلار ئەرزىيدۇ، ئەمما جەمئىيەتتىكى باشقا كىشىلەر، بىز ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئىسراپ قىلغان ۋاقىتتىن ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ؛ ئوخشاشلا، ئەگەر بىز نۇرغۇن تەربىيە كۆرگەن بولساق، كاللىمىزدا تاڭ، سۇڭ نەزمىلىرىگە ئائىت بىلىملەر كۆپ بولغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى؛ بەزىلەر ھوقۇققا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بەزىلەر تىرىشىپ مەنسەپ ئۈچۈن قاتىرايدۇ، بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۆزى بايلىققا ئېرىشكەن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەرزىيدۇ، لېكىن جەمئىيەتتىكى باشقا كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئورۇنسىز زىيان، يەنى بايلىق بىكاردىن-بىكار ئىسراپ بولۇپ كەتكەنلىك بولىدۇ.
قويۇلغان باھانىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بويىچە رىقابەتلەشكەندە، ئىجتىمائىي بايلىقنى يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشۇرغىلى بولىدۇ
پەقەت بىر خىل رىقابەت ئۇسۇلى بۇنىڭ سىرتىدا، يەنى پۇلنى تونۇپ، باھانىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بويىچە رىقابەتلەشسە، نەتىجە ئوخشىمايدۇ. ئەگەر ھەممە ئىشتا باھانىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بويىچە رىقابەتلىشىشكە توغرا كەلسە، كىشىلەر تىرىشىپ پۇل تاپىدۇ. پۇل تېپىش ئۈچۈن، كىشىلەر باشقىلار ئېھتىياجلىق تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئىشلەپچىقىرىپ ۋە تەمىنلەپ، باشقىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سېتىۋېلىشىغا يول قويىدۇ.
بۇ خىل رىقابەت ئۇسۇلى، كىشىلەرنى ئاكتىپ، پايدا بېرىدىغان، جەمئىيەتتىكى باشقا كىشىلەرگە پاراۋانلىق ئېلىپ كېلىدىغان خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەيدۇ. باھانىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بويىچە رىقابەتلىشىش، بىردىنلا باشقا ئۇسۇللاردىن ئايرىلىپ چىقتى. ئۇنىڭدىن پەيدا بولىدىغىنى ئارتۇقچە مۇسكۇل، ئەمەلىي بولمىغان بىلىم، مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتتىكى باشقىلارمۇ پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىشنى خالايدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، قويۇلغان باھانىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بويىچە رىقابەتلەشكەندە، كېلىپ چىققان ئورۇنسىز زىيان ئەڭ ئاز بولىدۇ، رىقابەت سەۋەبىدىن خورايدىغان بايلىق ئەڭ ئاز بولىدۇ.
كىشىلەر ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، باشقىلارمۇ ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك. رىقابەت جەريانىدا، ھەممە ئادەم مۇشۇنداق قىلغاندا، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت تېز سۈرئەتتە موللىشىدۇ.
ئادىل نۇقتىدىن قارىغاندا، باھانىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى باشقا تەقسىمات ئۇسۇلىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئادىل ئەمەس. لېكىن ئۈنۈم نۇقتىسىدىن، ئىجتىمائىي بايلىق جۇغلاش نۇقتىسىدىن، رىقابەت ئېلىپ كەلگەن ئورۇنسىز زىياننى قانداق ئازايتىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، باھانىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى باشقا رىقابەت ئۇسۇللىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئەگەر ئۇنى بىرلا جۈملە سۆز بىلەن يىغىنچاقلىساق، ئۇ رىقابەت قائىدىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئالاقىدار ئىسلاھات بولىدۇ: ئىلگىرىكى ئۆچرەتتە تۇرغان ۋاقىتقا، كېلىپ چىقىشىغا، سىياسىي قىياپىتىگە قاراشتىن، باشقا بىر قائىدىگە ئۆزگەردى، يەنى باھانىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە قاراش.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىل ئېلىپ كەلگەن غايەت زور نەتىجە شۇكى، بۈگۈنكى كۈندە بىز ئېھتىياجلىق بولغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئاساسى جەھەتتىن پۇلنى ئېتىراپ قىلىش، يەنى باھاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بويىچە تەقسىم قىلىنىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. مانا مۇشۇنداق ئاددىي ئىجتىمائىي رىقابەت قائىدىسىنىڭ ئۆزگىرىشى پۈتكۈل ئىجتىمائىي بايلىقىمىزدا غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان.
پۇلنى تونۇمدۇق ئادەمنىمۇ؟
دەرۋەقە، «پۇلنى تونۇش»تىن باشقا، بىزنىڭ «ئادەمنى تونۇش»قا تېگىشلىك نۇرغۇن سورۇنلىرىمىز بار، مۇھەببەتلىشىش، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇتۇش بۇنىڭ تىپىك مىسالى. بۇ مىساللاردا ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ، ياللىغۇچى-ياللانغۇچى ئىككى تەرەپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى ئىككى تەرەپنى ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتىدۇ دېگەندىن كۆرە، بىر-بىرىگە لايىق تاللاۋاتىدۇ دېگەن تۈزۈك. بۇ چاغدا، پۇلنى تونۇش ياخشى تەدبىر ئەمەس، چۈنكى ئىككى تەرەپنىڭ ئىزدەيدىغىنى ئاساسلىقى پۇلسىز سۈپىتىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سودىلاشقان ئىككى تەرەپ «خېرىدار تاللاش»قا ئېھتىياجلىق بولغاندا، «ئادەمنى تونۇش» ئۆلچىمى كۆپ ھاللاردا «پۇلنى تونۇش» ئۆلچىمىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئەگەر بىر تەرەپنىڭ «خېرىدار تاللاش» ئېھتىياجى بولمىسا، ئۇنداقتا «پۇلنى تونۇش» تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. مەسىلەن، خېرىدارلار كىيىم سېتىۋالغاندا ناھايىتى قۇسۇر ئىزدەيدۇ، سۈپىتى، رەڭگى، كېسىلىشى قاتارلىقلارنى تاللايدۇ، لېكىن سودىگەرلەر خېرىدار تاللاشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىسىلا، ئۇ « يۇقىرى باھا قويغانلار ئېرىشىدۇ» دېگەن ئۇسۇل بويىچە كىيىم ساتىدۇ.
بىزگە مەلۇمكى، نەرسىنى نەرسىگە ئالماشتۇرۇشنىڭ سودا خىراجىتى ئىنتايىن يۇقىرى، چۈنكى ماس كەلگەن سودا قىلغۇچىنىڭ ئۇچرىشىشى (قوش تاسادىپىيلىق دەپ ئاتىلىدۇ، double-coincidence)نىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن. سودىدا پەقەت بىر تەرەپ پۇلنى تونۇپ، ئادەمنى تونۇمىسىلا، سودا پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ دەل پۇلنىڭ قالتىسلىقىدۇر.
باھانىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بويىچە بولغاندا شۇنچە ياخشى بولغان ئىكەن، بىزدە زادى باھانىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بويىچە تەقسىم قىلىنمايدىغان، پۇلغىمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدىغان باشقا تاۋار بارمۇ-يوق؟
يېتىشمەسلىك ۋە ئوشۇقچىلىق دېگەن نېمە؟
تۇرمۇشتا، بىز دائىم مەلۇم بىر تاۋار يېتىشمىدى، مەلۇم بىر تاۋار ئېشىپ قالدى دەيمىز. ئۇنداقتا ئىقتىسادشۇناسلىقتا، يېتىشمەسلىك ۋە ئوشۇقچىلىق نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
كەمچىل بولۇش بىلەن يېتىشمەسلىكنىڭ مۇناسىۋىتى
كەمچىل بولۇش ئىنسانلار ھەتتا ھايۋانئاتلار ئومۇميۈزلۈك دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسى چەكلىمە. ياخشى نەرسە مەڭگۈ يەتمەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، كەمچىل بولۇش يېڭىلىق ئەمەس، ھەم ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ھەل قىلالايدىغان ئىشىمۇ ئەمەس.
لېكىن يېتىشمەسلىك بولسا دائىم يېڭىلىق بولۇپ قالىدۇ. بىز گېزىت-ژۇرنال كۆرىمىز، تېلېۋىزور كۆرىمىز، دائىم مەلۇم بىر تاۋارنىڭ يەنە يېتىشمىگەن تاۋارغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئاڭلايمىز. ئۇنداقتا يېتىشمەسلىك دېگەن نېمە؟
يېتىشمەسلىكنىڭ سەۋەبى باھا چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىندۇر
يېتىشمەسلىك باھا چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، كىشىلەر پەقەت باھاغا تايىنىپلا بۇ خىل تاۋارنى سېتىۋالالمايدىغان، بەلكى باشقا رىقابەت ئۇسۇلىنى قوللانغاندىلا، ئاندىن بۇ خىل تاۋارغا ئېرىشەلەيدىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ.
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0