搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئامېرىكىنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇشى
>
ئامېرىكىنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇشى
Nepkar
2020-12-04
2
导读:جاسارەت بىلەن سەۋرچانلىق، دادىللىق بىلەن سالماقلىق ئوتتۇرىسىدا مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ ئاسان ئىش ئە
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
ئامېرىكىنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى
نەزەرىيە كۈل رەڭ بولۇپ، ھەقىقىي ھېكايە دائىم ياشىرىپ تۇرىدۇ.
قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەتئەللەرگىچە بولغان باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش تارىخىنى تەكشۈرگىنىمىزدە، مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلسىلا، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بايقايمىز.
ئامېرىكىنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇشى
ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەر ئىلگىرى ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى يولغا قويغان، بەزىلىرى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
ئۈچ نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى خايېك، فرېدمان ۋە ستىگلېر بىرلىشىپ «ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش: ئەپسانە ۋە رېئاللىق (Rent Control: Myths and Realities, 1981)» دېگەن بىر كىتاب يازغان. بۇ كىتاب ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش ئىشلىرىدىكى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ كۆڭۈلگە باقماسلىق ئەھۋاللىرى خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، مېنىڭ ئېسىمدە چوڭقۇر قالغىنى شۇكى، كىتابقا نۇرغۇن ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ سۈرىتى قىستۇرۇلغان (4-1 ۋە 4-2 رەسىمگە قاراڭ)، بۇ ئۆيلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش ئاستىدا ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغان، بەزىلىرى ئۇرۇش يىللىرىدا زەمبىرەك ئوقىدا ۋەيران بولغان.
رەسىم 4-1 بومبىنىڭ زىيىنى، گېرمانىيە
رەسىم 4-2 باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش، ئامېرىكا نيۇيورك
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئىككىسىنىڭ ۋەيران بولۇش دەرىجىسىنى ئوقۇرمەنلەر ئەگەر كىتابنىڭ ئاخىرىدىكى چۈشەندۈرۈشنى كۆرمىسە، پەقەت رەسىمگە قاراپلا پەرقلەندۈرەلمەيدۇ.
يەر تەۋرەش ئۆينى ۋەيران قىلالايدۇ، لېكىن يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلالمايدۇ
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابنىڭ تۆتىنچى بابىنى فرېدمان بىلەن ستىگلېر يازغان. بۇ بابتا، ئۇلار سان فىرانسىسكونىڭ 1906-يىلى ۋە 1946-يىلىدىكى ئىككى بۆلەك تارىخىنى سېلىشتۇرۇپ، كەمچىل بىلەن يېتىشمەسلىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى جانلىق چۈشەندۈرگەن.
1906-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، سان فىرانسىسكودا قاتتىق يەر تەۋرەپ، ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملاشقان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. پۈتۈن شەھەردىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ يېرىمى يەر تەۋرەش ياكى ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولغان، 400 مىڭ نوپۇسنىڭ يېرىمى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ، پۈتۈن شەھەردىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ يېرىمى بىراقلا ئازلاپ كەتكەن، بۇ ۋاقىتتا، بۇ شەھەردە ئۆي قىس بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلەرمۇ؟
ئىككى چوڭ ئىقتىسادشۇناس ئەينى چاغدىكى ئاساسلىق گېزىت «سان فىرانسىسكو خاتىرە گېزىتى (San Francisco Chronicle)»نى ئاختۇرۇپ، ئۈستىدىكى ئۆي ئىجارىگە بېرىش-سېتىش ئېلانىنى ئىزدەپ چىققاندىن كېيىن «يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ئۆي قىس بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ.» دېگەن يەكۈننى چىقارغان. چۈنكى ئەينى چاغدا ئۆينىڭ باھاسى بازارغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇراتتى، ئۆينىڭ يېرىمى ۋەيران بولغاندىن كېيىن، ئۆي باھاسى چوقۇم ئۆرلەپ كېتەتتى. ئۆي باھاسى ئۆرلىگەن ئەھۋالدا، كىشىلەر ھەر خىل تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بارىدۇ: يەنى بەزىلەر بۇ شەھەردىن ۋاقىتلىق كۆچۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى ئىزدەپ بىللە تۇرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر، پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆيى بولسىلا، ئۆيلىرىنى بىكارلاپ باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىشنى خالايدۇ.
ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بايقىشىچە، گېزىتلەردە ئۆينى ئىجارىگە بېرىشنى خالايدىغان ئېلانلار ئۆي ئىجارە ئېلىش ئېلانلىرىدىن خېلىلا كۆپ ئىكەن. كىشىلەر پۇل چىقارسىلا، ئۆي تاپالايتتى، باھادىن باشقا رىقابەتنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭا سان فىرانسىسكودا ئۆي يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش ئۆينى بىۋاسىتە ۋەيران قىلالمايدۇ، ئەمما ئۆي قىس بولۇشنى پەيدا قىلالايدۇ
1946-يىلىغا كەلگەندە، سان فىرانسىسكودا ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولغان. ئوخشاش بىر گېزىتتە، ئۆي ئىجارىگە بېرىش ئېلانى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، ئىجارىگە ئېلىش ئېلانى زور دەرىجىدە ئاشقان. 1946-يىلىدىكى ئىجارىگە ئالماقچى بولغان ئۆينىڭ سانى 1906-يىلىدىكىنىڭ 300 ھەسسىسىدىن ئاشقان.
تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرىدىغىنى پەقەت ئىجارە بولۇپ، ئۆي سودىسىنى باشقۇرمايدۇ، لېكىن ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغان بولغاچقا، ئۆي ئىگىسى ئۆينى ئىجارىگە بېرىشنى خالىمايدۇ، بەلكى ئۆينى سېتىۋېتىشكە بەكرەك مايىل بولىدۇ. ئىجارە بازىرىدا، كىشىلەر ئاسانلىقچە ئۆي ئىجارىگە ئالالمايدۇ. پۇلدارلار بولسا، ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن، ئامالسىز ئۆي سېتىۋالىدۇ، يەنە كېلىپ سېتىۋالغان ئۆيى يەنىلا بىر قەدەر ئەرزان ھېسابلىنىدۇ.
بۇ چاغدا ئىش كۆڭۈلگە باقمايدىغان بىر ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، ئەسلىدە ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش نامراتلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئاز پۇل خەجلەپلا تۇرىدىغان ئۆيگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى، لېكىن باشقۇرۇپ كونترول قىلىش نەتىجىسىدە ئۇلار تۇرىدىغان ئۆي تاپالمايدۇ. پەقەت ئاشۇ پۇلدار كىشىلەرلا تۇرالغۇ مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلالايدۇ.
نيۇيوركتىكى ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش ھېكايىسى
ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش تۈزۈمى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. مەسىلەن، نيۇيوركتا بۈگۈنگە قەدەر ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش تۈزۈمى بار، نۇرغۇن ئۆي ئىگىلىرى ئىزچىل تىركىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئوڭۇشلۇق بولمىدى.
2011-يىلى مۇنداق بىر دېلو يۈز بەرگەن: جامېس خارمون (James. D. Harmon Jr) ئىسىملىك بىر ئۆي ئىگىسى نيۇيورك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى «ئۆزىنىڭ ئۆي-مۈلكىنى ئېلىپ ئىشلەتكەن، ئەمما ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭغا ئادىل تولۇقلىما بەرمىگەن.» دەپ ئەرز قىلغان.
خارمون ئەپەندىنىڭ بىر بىناسى بولۇپ، ئۆزى بىرىنچى قەۋەتتە تۇرۇپ، ئۈستۈنكى نەچچە قەۋىتىنى ئىجارىگە بەرگەن. ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلار، ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش ئارقىلىق قوغدىلىدىغان بولغاچقا، تاپشۇرىدىغان ئىجارە ھەققى بازار باھاسىنىڭ %60 ى ئەتراپىدا ئىدى.
نيۇيورك شەھىرىدە مۇنداق بىر بەلگىلىمە بار: ئۆي ئىجارىگە بېرىلگەن ھامان، ئۆي ئىگىسىنىڭ باھاسىنى خالىغانچە ئۆستۈرۈشكە بولمايدۇ، ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچىنىمۇ قوغلىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچىنى قوغلىۋېتىشكە بولمايلا قالماستىن، بەلكى بۇ ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇرغان بولسا، بۇ ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلسا بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرغۇچىنىڭ تۆۋەن باھالىق ئۆي ئىجارىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنسا بولىدۇ.
خارموننىڭ نيۇيورك شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىشتىكى سەۋەبى شۇكى، ھۆكۈمەت ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى ئىشلەتكەن، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا مۇۋاپىق تۆلەم بېرىشى كېرەك. بىز يۇقىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ يەر ئېلىشىنى سۆزلىگەندە، ئەگەر ھۆكۈمەت شەخسنىڭ مال-مۈلكىنى ئىشلەتسە، مۇۋاپىق تۆلەم بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدۇق. نەتىجىدە يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى فىزىكىلىق ئىشلىتىش ھېسابلانمايدۇ، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ يەر ئېلىش ماددىلىرىغا ماس كەلمەيدۇ، ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشكە بولمايدۇ.»
ئەڭ ئاخىرىدا خارمون ئەپەندى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. ئەمما كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغىنى شۇكى، ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىقمىغان، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش تۈزۈمى يەنىلا داۋاملاشماقتا.
بۇ مەسىلىگە قارىتا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى سكالىيا (Antonin Scalia) بۇنىڭغا ئىنتايىن مۇپەسسەل باھا بەرگەن: «بىز ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش ئارقىلىق، بەزى ئۇلۇغ ئىجتىمائىي نىشانلارغا يېتەلەيمىز، نامراتلارغا ياردەم بېرەلەيمىز، بىز چوقۇم دېموكراتىك ئۇسۇل ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئېلىشىمىز ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ باج يىغىش چارىسى ئارقىلىق كۆپ ساندىكى كىشىلەردىن باج ئېلىشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەت بۇ بىر قىسىم پۇلغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بازارغا بېرىپ شەخسىي خوجايىنلاردىن ئۇلارنىڭ ئۆيىنى سېتىۋالسا ياكى ئىجارىگە ئالسا، ئاندىن ئۆينى ئېھتىياجلىق نامراتلارغا بۆلۈپ بەرسە بولىدۇ. ھەرگىزمۇ باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى يولغا قويۇشتىن پەيدا بولغان يۈكنى ئۆي ئىگىسى بولۇپ قالغان كىشىلەر ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك.»
مېنىڭچە سكالىيانىڭ سۆزى ئىنتايىن ئورۇنلۇق، بۇمۇ ماڭا ئىقتىسادشۇناس فرېدماننىڭ يەنە بىر ئابزاس سۆزىنى ئەسلەتتى:
ئەگەر بىر جەمئىيەتتە شەخسنىڭ ھوقۇقى ئادىللىقنىڭ ئۈستىگە قويۇلسا، ئۇنداقتا بۇ جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ نەتىجىسى ئەلۋەتتە ئادىللىق بولمايدۇ، لېكىن ئۇ ئادىللىققا ناھايىتى يېقىن بولىدۇ. ئەمما يەنە بىر خىل جەمئىيەتتە بولسا، ئەگەر ئادىللىققا ئىنتىلىش شەخسىي ھوقۇققا ئىنتىلىشنىڭ ئۈستىگە قويۇلسا، بۇ جەمئىيەت ھەم شەخسنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، ھەم ئادىللىققا يېتەلمەيدۇ.
چۈنكى سىز ھەر قېتىم ئادىللىققا ئىنتىلگەن ۋاقتىڭىزدا، چوقۇم كۆرۈلىدىغان نەتىجە شۇكى، A بىلەن B ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ، قانداق قىلىپ C نى D نىڭ ئورنىدا بەزى ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، يەنە تېخى A بىلەن B ئۇنىڭدىن پايدا ئايرىشىدۇ.
ئۆي ئىجارىگە ئېلىش، ئۆي سېتىۋېلىش تۇرمۇشىمىزدىكى زور چىقىمدۇر، ئەگەر تۇرالغۇ ئۆي بازارلاشتۇرۇلمىسا، ھۆكۈمەت بىزگە ئۆي تەقسىم قىلىپ بەرسە، ئۇنداقتا بىزنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىمىز قانداق بولۇپ كېتەر؟
باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى بىكار قىلىش--كەسكىنلىك ۋە سالماقلىق ئوتتۇرىسىدا
ئالدىنقى بىر نەچچە تېمىمىزدا بىز باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشتىكى تۈرلۈك ساقلانغان مەسىلىلەرنى سۆزلىدۇق، بۇ يەردە بىز ئاساسلىقى باھانى باشقۇرۇشنى بىكار قىلىشنى تونۇشتۇرىمىز. باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى قانداق بىكار قىلىش كېرەك؟ «2-دۇنيا ئۇرۇشى»دىن كېيىنكى گېرمانىيەدە ئىنتايىن داڭلىق بىر مىسال يۈز بەرگەن بولۇپ، كىشىگە نۇرغۇن ئىلھام بېرىدۇ.
گېرمانىيەنىڭ «2-دۇنيا ئۇرۇشى»دىن كېيىنكى باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش ھېكايىسى
گىتلېر 1933-يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن، گېرمانىيە باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى يولغا قويۇشقا باشلىغان، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىتتىپاقداش ئارمىيە گىتلېرنىڭ باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلغان. گېتلىرنىڭ باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى يولغا قويۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئۆزىگە كېرەكلىك تاۋارلارنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلغانلىقىدىن بولغان. ئىتتىپاقداش ئارمىيە ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىنكى باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەينى چاغدا ماددىي ئەشيا ئىنتايىن كەمچىل ئىدى، كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك «ماددىي ئەشيا ئىنتايىن كەمچىل بولغان ئەھۋالدا، ئەگەر باھانى داۋاملىق ئۆرلىتىۋەتسە، كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.» دەپ قارىغان.
ئەينى چاغدىكى گېرمانىيەنىڭ ئەھۋالىنى ماددىي ئەشيا كەمچىل، يامان خاراكتېرلىق پۇل پاخاللىقى، باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش دېگەن ئۈچ سۆز بىلەن سۈپەتلەشكە بولىدۇ. ماددىي ئەشيا كەمچىل بولۇشنىڭ بىر ئىپادىسى بېلەتكە ئاساسەن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىش. ئەسلىدە مېيىپلار ئالغان بېلەت كۆپرەك بولسا بولاتتى، لېكىن ماددىي ئەشيالار ھەقىقەتەن بەك كەمچىل بولغاچقا، بىر پۇتى ئۈزۈلۈپ كەتكەن كىشىلەرنى مېيىپ دېگىلى بولمايتتى. گېرمانىيەنىڭ 1947-يىلىدىكى پۇل تارقىتىش مىقدارى 1936-يىلىدىكى پۇل تارقىتىش مىقدارىنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، گېرمانىيەنىڭ 1948-يىلىدىكى تۇرمۇش كۆرسەتكۈچى 1938-يىلىدىكىنىڭ ئاران %30 تەڭ بولۇپ، پۇل بەش ھەسسە كۆپەيگەن بولسىمۇ، تۇرمۇش كۆرسەتكۈچى ئەسلىدىكىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە چۈشۈپ قالغان، بۇنىڭدىن باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنىڭ بىۋاسىتە ئاقىۋىتىنىڭ يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدىغانلىقى بىزگە ئايان. ئەينى چاغدا گېرمانىيە ماركىنىڭ كۇرسى ئېغىر دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەچكە، كىشىلەر نەرسىنى نەرسىگە ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئېشىپ قالغان ئازغىنە مال-مۈلكىنى ئېلىپ، نەچچە ئون چاقىرىم يول يۈرۈپ ئازراق ئاشلىققا ئالماشتۇراتتى. بۇنداق ئەھۋال ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇراتتى.
باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى بىكار قىلىپ تاۋارلارنى بىر كېچىدىلا دۇكاننىڭ مال جازىسىغا قايتۇرۇش
بۇ چاغدا گېرمانىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى ئېرخارد (Ludwig Wilhelm Erhard) پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇراتتى، ئۇ خايېكنىڭ نەزەرىيەسىگە ئىشىنەتتى، باھانىڭ رولىغا ئىشىنەتتى، شۇڭا ئۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا تۇتۇش قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىسلاھاتىنى مۇنداق ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرى، پۇلنى چىڭ تۇتۇش، يەنە بىرى، باھانى قويۇۋېتىش. ئالدى بىلەن پۇلنى چىڭ تۇتۇش. كونا گېرمانىيە ماركىنىڭ كۇرسى ئېغىر دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەچكە، ئېرخارد ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى گېرمانىيە ماركىنى دەسسىتىدۇ. بىراق يېڭى گېرمانىيە ماركىمۇ قالايمىقان تارقىتىلمايدىغان بولۇپ، بۇ مارك كۆپچىلىك تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنى كېرەك ئىدى.
ئۇنىڭدىن قالسا باھانى قويۇۋېتىش. ئېرخارد بىر كۈنى تۇيۇقسىز رادىئو ئىستانسىسىدا: «پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بارلىق مال باھاسىنى باشقۇرۇش بىكار قىلىنىدۇ.» دەپ ئېلان قىلىدۇ. نەتىجىدە باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، بىر كېچىدىلا گېرمانىيەدە ئون نەچچە يىلدىن بۇيان مال جازىسىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان تاۋارلار پەيدا بولۇپ، كىشىلەر بېسىپ قويۇشنى توختىتىپ، سودىنى باشلايدۇ، ئەلۋەتتە ئىشلەپچىقىرىش ۋە مال بىلەن تەمىنلەشنىمۇ باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيەنىڭ بازار ئىگىلىكى جانلىنىپ كېتىدۇ.
بۇ ھېكايە «پايدىلىق ئېگىزلىك: دۇنيا ئىقتىساد ئۇرۇشى» ئىنتايىن ياخشى بىر ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ فىلىمدە يۇقىرىقى ئەھۋاللار جانلىق تونۇشتۇرۇلغان، بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. گېرمانىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا يولغا قويغان «مارشال پىلانى»دىن ئىبارەت يەنە بىر سەۋەبىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، «مارشال پىلانى» رىۋايەتلەردىكىدەك سىرلىق ئەمەس، چۈنكى ئۇ پەقەت بىر كىچىك كۆلەمدىكى ياردەم بېرىش پىلانى بولۇپ، ئوخشاشلا باشقا دۆلەتلەردىمۇ يۈز بەرگەن، لېكىن باشقا دۆلەتلەردە گېرمانىيەدىكىدەك ئىقتىسادىي مۆجىزە يۈز بەرمىدى. شۇڭا گېرمانىيەنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، ئۇ بازار ئىگىلىكى چارىسىنى قوللىنىپ، ھەم مۇقىم پۇلنى ساقلاپ قالغان، ھەم بازارنى قويۇۋەتكەن.
ئىقتىسادىي ئىسلاھات: كەسكىنلىك بىلەن سالماقلىق ئوتتۇرىسىدىكى قىيىنچىلىق
جۇڭگو ئىلگىرى پىلانلىق ئىگىلىكنى يولغا قويغان بولۇپ، كىشىلەر تاۋار تالىشىشتا باھاغا تايانمايتتى، ئاساسلىقى بېلەتكە تايىناتتى. شۇ چاغدا ئاشلىق بېلىتىلا بولۇپلا قالماي، يەنە رەخت بېلىتى، شېكەر بېلىتى، ۋېلىسپىت بېلىتى، لامپۇچكا بېلىتىمۇ بار ئىدى. بۇ خىل ئەھۋالدا ئىسلاھاتنىڭ نىشانى بارلىق تالون-ئىسپاتلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىرلا خىل بېلەت ئىشلىتىش، ئۇ بولسىمۇ پۇل. لېكىن بۇ ئىسلاھات ئوڭۇشلۇق بولمىدى. 1988-يىلى تۇنجى قېتىم «باھا ئۆتكىلى»دىن ئۆتۈشتە، ھۆكۈمەت باھانى قويۇۋېتىشنى قارار قىلىپ، خەۋەر تارقىلىشى بىلەن كىشىلەر يوتقان كىرلىكى، چايدان شىشىسىنى تالىشىشقا باشلايدۇ، ھەتتا سەرەڭگە تالىشىدىغانلارمۇ بولغان، بەزىلەر 500 قاپ سەرەڭگە سېتىۋېلىپ ئۆيىگە بېسىپ قويۇپ، كېيىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. نەتىجىدە بىرىنچى قېتىملىق «باھا ئۆتكىلى»دىن ئۆتۈش مەغلۇب بولۇپ، باھانى قويۇۋېتىش ھەرىكىتى پۈتۈنلەي توختاپ قالغان. نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، باھا ئاستا-ئاستا يەنە بىر قېتىم قويۇۋېتىلدى.
بۇ مەسىلىگە قارىتا جۇ چىرېن مۇئەللىمنىڭ «ئىسلاھات لوگىكىسى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق ئوبزورى بار: «ئومۇميۈزلۈك خۇسۇسىيلاشتۇرۇش، ئاڭلىماققا ناھايىتى قالتىستەك بىلىنىدۇ، لېكىن بۇ خىل تەشەببۇس تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدەلگە سەل قارايدۇ، ۋاقتى ئۆتكەن قاراش ۋە مەنپەئەت خېلى كۆپ كىشىلەر توپىنى چىرماپ قويسىلا، ھەرقانداق رادىكال ۋە ئۈزۈل-كېسىل ئىسلاھاتتا بىر قەدەممۇ ئىلگىرىلىگىلى بولمايدۇ.» جۇ مۇئەللىم بۇ كىتابنى ئېلان قىلغاندا، مەن ئۇنىڭ ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان ئىدىم. شۇ چاغدا بىر يۇمىلاق ئۈستەل مۇزاكىرىسى بار ئىدى، مەن جۇ مۇئەللىمدىن: «جۇڭگونىڭ باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش تۈزۈمىنى قويۇۋېتىشتە، سىزنىڭچە ئاستا-ئاستا كېلىش كېرەك، ئەمما قارايدىغان بولساق گېرمانىيەنىڭ باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش تۈزۈمىنى قويۇۋېتىشى بىر كېچىدىلا بولغان، ئەرخارد رادىيو ئىستانسىسىغا بېرىپ، گېرمانىيەنىڭ باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. باشقىلارنىڭ جاسارىتى بار. بىزنىڭ سەۋر-تاقىتىمىز بار، جاسارەت بىلەن سەۋرچانلىق ئوتتۇرىسىدا، قانداق دەڭسەش كېرەك؟» دەپ سورىغان ئىدىم.
جۇ مۇئەللىم مەندىن: «گېرمانىيە بىر كېچىدىلا باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى بىكار قىلغاندا، ئىتتىپاقداش ئارمىيە بارمىدى-يوقمىدى؟» دەپ ياندۇرۇپ سورىدى. مەن «بار ئىدى.» دىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقداش ئارمىيە بولسا ياخشى بولىدۇ، ئىتتىپاقداش ئارمىيە بولسا، گېرمانىيە قالايمىقانلىشىپ كەتمەيدۇ، ئىتتىپاقداش ئارمىيەدىن ئىبارەت بۇ مۇقىملىق ئامىلى ئىنتايىن مۇھىم. بىراق جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى بولسا، ئۆزىگە ئۆزى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئەگەر مۇقىم ئىجتىمائىي تەرتىپ بولمىسا، ئىسلاھات خەۋپكە دۇچ كېلىدۇ.»
جۇ مۇئەللىمنىڭ بۇ سۆزى ماڭا زور ئىلھام بولدى، باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش توغرا ئەمەس، بۇنى چۈشىنىش ئاسان، ئەمما باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى بىكار قىلىشتا بىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئامىللار ناھايىتى مۇرەككەپ. ئەلۋەتتە، رېئال تۇرمۇشتا يەنە بىر خىل ئېھتىماللىق بار، ئۇ بولسىمۇ ئىسلاھاتنى خالىمايدىغان كىشىلەر، ھەمىشە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى باھانە قىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، جاسارەت بىلەن سەۋرچانلىق، دادىللىق بىلەن سالماقلىق ئوتتۇرىسىدا مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ ئاسان ئىش ئەمەس.
ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ تەھلىلىدە «باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش شۇنچە كۆپ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.» دەپ كۆرسىتىلگەن تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ دۆلەتلەر باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى كەينى-كەينىدىن يولغا قويىدۇ؟ نېمىشقا يەنە شۇنچە كۆپ ئادەم باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى قوللايدۇ؟
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408