搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئىقتىسادىي سىستېما ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم قىيىن مەسىلە
>
ئىقتىسادىي سىستېما ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم قىيىن مەسىلە
Nepkar
2020-11-08
1
导读:مەيلى شەكىللىك ياكى شەكىلسىز قاتلىما بولسۇن، قاتلىمىنى قانداق تەقسىملەش، قاتلىمىنىڭ قانچىلىك چوڭ بول
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
بىلىمنىڭ جەمئىيەتتە قوللىنىشى
نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى خايېك، ئىلگىرى داڭلىق «ئامېرىكا ئىقتىساد ئوبزورى (The America Economic Review)»دا «بىلىمنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىشلىتىلىشى (The Use of Knowledge in Society, 1945)» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.
بۇ پارچە ماقالە قانچىلىك مۇھىم؟ 2011-يىلى «ئامېرىكا ئىقتىساد ئوبزورى» نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى تەبرىكلىنىپ، دۇنيادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادشۇناسلار تەكلىپ قىلىنىپ، سانسىزلىغان ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بۇ ژۇرنالدىن ئەڭ نادىر 20 پارچە ئىلمىي ماقالە تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، خايېكنىڭ ماقالىسى شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.
مارگىنال تەڭپۇڭلۇق ئۇقۇمىنى قايتا ئەسلەش
بۇ ماقالىدە خايېك ئالدى بىلەن مۇنداق دېگەن: ئىقتىسادىي سىستېما ھەل قىلىدىغان مەسىلە مارگىنال تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسى ئەمەس.
بىز ئالدىنقى تېمىمىزدا مارگىنال ئۇقۇمى ئۈستىدە توختالغانىدۇق، شۇنداقلا مارگىنال تەڭپۇڭلۇق ئۇقۇمى ئۈستىدىمۇ توختالغانىدۇق.
مارگىنال دېگىنىمىز «يېڭىدىن ئاشۇرۇش (قوشۇش)» ئېلىپ كەلگەن «يېڭى ئاشۇرۇلما (قوشۇلما)»دۇر. مەسىلەن، بىر يۈەننى ئارتۇق خەجلەش ئېلىپ كەلگەن پايدا مارگىنالىدۇر.
مارگىنال تەڭپۇڭلۇقىنىڭ دېمەكچى بولغىنى، قولىمىزدىكى پۇل چەكلىك، ھەر بىر يۈەن پۇلنى بىزگە ئەڭ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدىغان شۇ تاۋارغا سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. پۇلنى ئاز-ئازدىن خەجلىگەندە، ئەڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ ھەر بىر خىل تاۋاردا ئېرىشكەن مارگىنال ئۈنۈمىمىز تەڭپۇڭ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، قولىمىزدىكى چەكلىك پۇلغا سېتىۋالغان تاۋارنىڭ، بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ. بۇ دەل مارگىنال تەڭپۇڭلۇق ئۇقۇمىدۇر.
ئىقتىسادشۇناسلىق دەرسلىكلىرى ھەمىشە مارگىنال بىلەن قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە، يەنى قانداق قىلغاندا ھەر بىر پائالىيىتىمىزنىڭ مارگىنال تەننەرخىنى ئۇنىڭ مارگىنال پايدىسى بىلەن تەڭلەشتۈرۈش مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئەگەر مارگىنال تەننەرخ مارگىنال پايدىغا تەڭ بولسا، ئۇنداقتا ئادەمنىڭ ئومۇمىي پايدىسى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.
ئىقتىسادىي سىستېما ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم قىيىن مەسىلە
بىراق، خايېك كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى رەت قىلىپ « مارگىنال تەڭپۇڭلۇق كىچىك مەسىلە، ئىقتىسادىي سىستېما ھەل قىلىدىغان مەسىلە مارگىنال تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسى ئەمەس، ئىقتىسادىي سىستېمىنىڭ ھەل قىلىدىغىنى ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدۇر.» دېگەن.
ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەبىئەت دۇنياسى بىلەن بولغان تۈپ پەرقى شۇكى، تەبىئەت دۇنياسى تەكرار ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ئىنسانلار جەمئىيىتى بولسا ھەر كۈنى خىلمۇخىل زەربىلەرنى قوبۇل قىلىپ تۇرىدۇ.
خايېك مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئىنسانىيەت جەمئىيىتى پەقەت مارگىنال تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولسا، ئۇنداقتا قانداق ئىجتىمائىي تۈزۈمنى يولغا قويۇشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ئوخشاش بولىدۇ. پىلانلىق ئىگىلىكمۇ، بازار ئىگىلىكىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. چۈنكى بىز ئۈزلۈكسىز سىناش جەريانىدا، كەلگۈسىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى قانداق پىلانلىشىمىز كېرەكلىكىنى بايقىيالايمىز.»
ئەگەر بۇ دۇنيا ھەر كۈنى قۇياش سىستېمىسىغا ئوخشاش دەۋرىيلىنىپ تۇرسا، نوپۇس ئۆزگەرمىسە، ئېھتىياج ئۆزگەرمىسە، ھەر يىلى بىر مىليون كۆك رەڭلىك كاستۇم-بۇرۇلكا، بىر مىليون قارا رەڭلىك كاستۇم-بۇرۇلكا، بىر مىليون ئاق رەڭلىك يوپكا سەرپ بولسا، ئۇنداقتا بىز قانداق ئۇسۇل قوللىنىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ ياخشى جاۋابنى تاپالايمىز. قانداق ئىجتىمائىي تۈزۈمنى يولغا قويۇش ئاخىرقى ھېسابتا مۇھىم ئەمەس.
خايېك چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلار جەمئىيىتى ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە، قانداق قىلغان مارگىنالنى تەڭپۇڭ قىلغىلى بولۇش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى يېڭى ئۆزگىرىشتىن كېيىن، بىز قانداق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك دېگەن مەسىلە.»
ئۆزگىرىشكە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر ئەزەلدىن مەركەزلىشىپ باقمىغان. ھەر قېتىم ئۆزگىرىش بولغاندا، ھامان ئايرىم كىشىلەر، مەلۇم قىسمەن جايلاردا ئۆزگىرىشنى ھېس قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۆزگىرىش توغرىسىدىكى بۇ بىلىملەر مەڭگۈ بىر ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە مەركەزلىشەلمەيدۇ.
بىز ھەر قېتىم بىلىمنى تىلغا ئالساق، ناھايىتى تەبئىي ھالدا قارىسىغا مەنە بېرىپ، بىلىمنى ئەلۋەتتە دەرسلىكتىكى ئىلىم-پەن بىلىمى دەپ قارايمىز. لېكىن بۇ ئەمەلىيەتتە پەقەت بىلىمنىڭ بىر قىسمى. ئىقتىسادىي سىستېمىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مۇھىم بىلىملەر كىمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، قانداق بەدەل تۆلەشنى خالايدىغانلىقى، قانداق تاۋارلارنى سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى قىسمەن ئۇچۇرلاردۇر.
خايېك بۇ قىسمەن ئۇچۇرلارنى «بىلىم» دەپ ئاتىغان. بۇ بىلىملەر مەڭگۈ ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ مېڭىسىگە تارقالغانلىقتىن، مەركەزلىشىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا بۇ تارقاق بىلىملەردىن قانداق پايدىلىنىش، شۇ ئارقىلىق ھەر ۋاقىت توختىماي ئۆزگىرىشكە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئورۇنداشقا تېگىشلىك مۈشكۈل ۋەزىپە.
باھا مۇكەممەل بولغان ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ
خايېك مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ جاۋابى باھا سىستېمىسىدۇر. باھا سىستېمىسى پىلانلىق ئىگىلىك دۇچ كەلگەن بىر قاتار توسالغۇلاردىن ئاسانلا ھالقىپ كېتەلەيدۇ، تارقاق بىلىملەردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنالايدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھۆكۈمى ۋە ھەرىكىتىگە قارىتا مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش ئېلىپ بارالايدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ماسلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
ئالدى بىلەن، بىز يۇقىرىدا مۇزاكىرە قىلغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئۈنۈمىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالساق، بۇنى باھا ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ. باھا ئارقىلىق كىشىلەر ئورتاق بىر سىزغۇچنى تاپالايدۇ. چۈنكى ھەر قېتىم باھا قويغاندا، كىشىلەر بۇ ئادەمنىڭ قانداق بەدەل تۆلەپ تاۋارغا ئېرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ چاغدا باھا كۆزەتكىلى، ئىستاتىستىكا قىلغىلى، جەملىگىلى بولىدىغان ئومۇمىي سانلىق مەلۇمات بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشكىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنىمۇ باھا ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
(1) باھا كەمچىل بولۇشقا ئائىت ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، قايسى نەرسە كەم بولسا، شۇ مەھسۇلاتنىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ.
(2) باھا كەمچىل ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەندە، ئەڭ تېجەشلىك ئۇسۇلدا يەتكۈزىدۇ.
مەسىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر قىشتا ئۆز ئۆيىدىكى كۈچۈك ئۈچۈن كىچىك ياغاچ ئۆي سېتىۋېلىپ ئىت ئۇۋىسى قىلىدۇ، بۇ چاغدا بازاردا ئەكس ئەتكىنى كىچىك ياغاچ ئۆينىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بولۇپ، پەقەت مۇشۇنداق بىر ئاددىي ئۇچۇردىن ئىبارەت.
باشقىلار بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ كۈچۈكىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيدۇ، بىزنىڭ ئۆيدىكى كۈچۈك ئەركەكمۇ ياكى چىشىمۇ، بۇنىمۇ بىلمەيدۇ، بىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، لېكىن باھاسى ئۆرلىسىلا، كىشىلەر بۇ تاۋارنىڭ كەمچىللىكىنى بىلىدۇ. باھانىڭ كەمچىل ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش ئۇسۇلى ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق، ئىنتايىن تېجەشلىك بولىدۇ.
(3) باھادا يەتكۈزۈلگەن كەمچىل ئۇچۇرلار پەقەت مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر، بۇ ئۇچۇرنى قوبۇل قىلمايدۇ. كىچىك ياغاچ ئۆي ئالمايدىغانلار، باھانىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى بىلمەيدۇ، پەقەت كىچىك ياغاچ ئۆي ئىشلىتىدىغان كىشىلەرلا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم.
(4) بىز يۇقىرىدا ئۇچۇر توپلاشنىڭ قىيىنلىقىنى تىلغا ئالغاندا، «كىشىلەر باشقىلارغا كەمچىل ئۇچۇرلارنى ئېيتىشقا قىزىقمايدۇ، كىشىلەر بەزىدە ئۆزى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇپ قويۇپ، باشقىلارغا ئېيتمايدۇ.» دەپ ئۆتتۇق. لېكىن باھا ئوخشاشلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ. كىشىلەر مەلۇم تاۋارنى سېتىۋېلىشنى خالىسىلا، سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزى كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى جامائەتكە ئاشكارىلايدۇ.
ئۇنىڭدىن قالسا، باھا يەنە ئىشلەپچىقىرىشقا، كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى ئىچىدىن مۇۋاپىق بىرىنى تاللىۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئوخشاش نەرسىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى بار، زادى قايسىسىنى تاللاش كېرەك، باھا بىزگە بۇنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا، باھا سىستېمىسى يەنە مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلالايدۇ. قانداق قىلغاندا كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان مۆلچەرىنى دەل جايىدا مۇكاپاتلىغىلى ۋە جازالىغىلى بولىدۇ؟ باھا ئەسلىدىنلا ئەڭ ياخشى مۇكاپات ۋە جازا. ھەر قانداق ئادەم قارارنى خاتا چىقىرىپ قويسىلا، ئۇ تەكشۈرۈشنامە يازمىسىمۇ، ئاشكارا خاتالىقىنى تونۇمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى باھا ئاللىبۇرۇن ئۇنى جازالاپ بولغان بولىدۇ؛ ھەر قانداق ئادەم قارارنى توغرا چىقارسىلا، ئۇنىڭغا تەقدىرنامە تارقىتىپ، ماختاشنىڭ ھاجىتى يوق، باھا ئۇنىڭغا دەل جايىدا تەقدىرلەش ئېلىپ بارىدۇ.
بىز خايېكنىڭ «بىلىمنىڭ جەمئىيەتتە قوللىنىلىشى»نى ئالدىنقى تېمىمىزدا تونۇشتۇرغان «مەن، قېرىنداش»نىڭ ئىلمىي نۇسخىسى دەپ قارايمىز. بۇ ماقالە ئىنسانلارنىڭ باھا سىستېمىسى ئارقىلىق تارقاق بىلىملەرنى قوللىنىپ، كەڭ كۆلەمدە ھەمكارلىشىدىغان ئۆزگىچە مېخانىزمىنى ئېچىپ بەرگەن.
بۈگۈنكى كۈندە «سۈنئىي ئەقلىي ئىداراك ئارقىلىق كەلگۈسىنى مۆلچەرلىگىلى بولامدۇ-يوق؟»، «كومپيۇتېرنى ئاساس قىلغان پىلانلىق ئىگىلىكنى يولغا قويۇشقا بولامدۇ-يوق؟» قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، بۇ ئىلمىي ماقالىنى قايتا-قايتا ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ.
قايتا ئويلىنىپ بېقىڭ، باھانىڭ بۇ ئۈچ رولى ئىچىدە، سىزنىڭچە قايسىنىڭ رول ئەڭ مۇھىم؟
قاتلىمىنى قانداق تەقسىملەش قاتلىمىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقتا بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ
ئالدىنقى قېتىمدا بىز باھانىڭ مۇنداق ئۈچ رولىنى تونۇشتۇرغان: (1) كەمچىل ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش؛ (2) ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىش؛ (3) مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش، تاۋار تەقسىماتىنى بەلگىلەش.
نۇرغۇن كىشىلەر باھانىڭ ئالدىنقى ئىككى رولىنى قوبۇل قىلالايدۇ، لېكىن ئۈچىنچى رولى «پۇلى بارلار ئالدى بىلەن كۆپرەك ئالىدۇ، پۇلى يوقلار ئازراق ئالىدۇ.» دېگەنگە قارىتا ئوخشىمىغان قاراشتا بولىدۇ. «پۇلدارلارغا ئالدىن ئېتىبار بېرىلىدۇ.» بۇنى كىشىلەر ئاسان قوبۇل قىلالمايدۇ.
باھا پەقەت كونكرېت سودىدا شەكىللىنىدۇ
مەن ئاۋۋال بىر ھېكايە سۆزلەپ، باھانىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى ھەقىقىي چۈشىنىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
مەن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقاندا، بىر ئوقۇتقۇچى مۇنداق بىر مىسالنى سۆزلەپ بەرگەن، ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: «بىز بىر دەرسخانىدىكى ساۋاقداشلارنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ يېرىمىغا بىر مارك لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىپ، يەنە بىر يېرىمىغا لوڭقا تارقىتىپ بەرمەستىن، ئۇلارنى ئالدىنقى گۇرۇپپىدىن مارك لوڭقىسى سېتىۋېلىشقا بۇيرۇساق، ئۇلار بىر-بىرلەپ كېڭىشىپ سودا قىلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان جۈپلەشتۈرۈش، ئوخشاش بولمىغان باھا تالىشىش جەريانى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق مارك لوڭقىسى سېتىلىپ بولىدۇ. ھەر بىر مارك لوڭقىسىنىڭ بىر پۈتۈشۈش باھاسى بولۇپ، ساۋاقداشلار بۇ پۈتۈشۈش باھاسىنى دوسكىغا يېزىپ قويغاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا مارك لوڭقىسىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ھەر بىر كونكرېت سودىنى كۆرەلەيمىزكى، ئۇنىڭ پۈتۈشۈش باھاسى بۇ ئوتتۇرىچە باھانى چۆرىدەپ يۇقىرى-تۆۋەن تەۋرىنىپ تۇرىدۇ.»
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408