搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئىقتىساد ئىلىمى: تىلەمچىلەر بىكارغا سەدىقە ئالمايدۇ
>
ئىقتىساد ئىلىمى: تىلەمچىلەر بىكارغا سەدىقە ئالمايدۇ
Nepkar
2020-10-17
2
导读:كىمنىڭ تۆلىگەن تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن بولسا، شۇ تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ئىجارە ئىزدەش--تىلەمچىلەر بىكارغا سەدىقە ئالمايدۇ
ئىجارە ئۇقۇمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان يەنە بىر ئۇقۇم ئىجارە ئىزدەش (ئىجارىكەشلىك)تۇر. ئىجارە ئىزدەش ئۇقۇمىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، بىز نېمە ئۈچۈن بەزى دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، لېكىن بەزى دۆلەتلەرنىڭ ناھايىتى باي، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىنتايىن نامرات ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز.
ئىجارە ئىزدەش ئۇقۇمىنىڭ پەيدا بولۇشى
ئىقتىسادشۇناس گوردون تۇلوك «تاموژنا بېجى، مونوپول قىلىش ۋە ئوغرىلاشنىڭ پاراۋانلىق تەننەرخى (The Welfare Costs of Tariffs, Monopolies and Theft, 1967)» دېگەن ماقالىنى يازغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە ئۇ ناھايىتى ساددا بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان:
ئوغرىنىڭ جەمئىيەتكە قانداق زىيىنى بار؟
ئوغرىنىڭ نەرسە ئوغرىلىشىنى كۆپچىلىك ئەلۋەتتە توغرا ئەمەس دەپ قارايدۇ، ئەمما ئىقتىسادشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئوغرى بايلىقنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتمىغان، ئۇ پەقەت بايلىقنى بىر ئادەمنىڭ يانچۇقىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ يانچۇقىغا يۆتكىگەن.
ئۇنداقتا ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئوغرىنىڭ زىيىنى قەيەردە؟
تۇلوك مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئوغرىنىڭ زىيىنى شۇكى، ئۇلار كىشىلەرنىڭ قۇلۇپ ياساش تەننەرخىنى ئاشۇرىۋەتكەن. كىشىلەر ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەقىقىي بايلىقنى سەرپ قىلىشى كېرەك. بۇ بايلىقلار جەمئىيەت ئۈستىگە ئالمىسا بولمايدىغان ساپ زىياندۇر.
ئەگەر ئوغرىنىڭ ھەممىسى توۋا قىلىپ، قايتىدىن ئادەم بولسا، ئۇنداقتا جەمئىيەتتە تېجەپ قېلىنغان بايلىقنى باشقا جايلارغا ئىشلىتىپ، ئارتۇقچە ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بولىدۇ.
تۇلوكنىڭ بۇ ماقالىسى 1967-يىلى ئېلان قىلىنغان، گەرچە ئۇ بۇ ماقالىسىدە «ئىجارىكەشلىك» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇ يىل رەسمىي ھالدا «ئىجارىكەشلىك» ئۇقۇمىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەرگەن يىل ئىدى.
«ئىجارىكەشلىك» دېگەن بۇ ئاتالغۇ يەتتە يىلدىن كېيىن، يەنە بىر ئىقتىسادشۇناس ئاننى كرۇگېر ئېلان قىلغان «ئىجارىكەشلىك جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد ئىلمى (The Political Economy of the Rent-Seeking Society, 1974)» دېگەن ماقالىدە، رەسمىي بېكىتىلگەن.
لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسىدىكىلەر «1967-يىلىنى <ئىجارىكەشلىك> ئۇقۇمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، تۇلوكنى <ئىجارىكەشلىك> ئۇقۇمىنىڭ ئاساسچىسىئ» دەپ قارايدۇ.
ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بايلىق سەرپىياتى
تۇلوك نېمىشقا بۇنداق بىر پارچە ماقالە يازىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەينى چاغدا بەزى ئىقتىسادشۇناسلار: «ھۆكۈمەت بەزى كارخانىلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ، ئۇلارغا مونوپول قىلىش ھوقۇقى بېرىدۇ، بۇنىڭ چوڭ زىيىنى يوق.» دېگەن ئىدى.
بەزى كارخانىلار ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە قانات ئاستىغا ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، مونوپول تىجارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، قائىدە بويىچە ئېيتقاندا كۆپ پۇل تېپىشى كېرەك. لېكىن بەزى ئىقتىسادشۇناسلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بۇ كارخانىلارنىڭ كۆپ پۇل تاپالمايدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا «ئۇلار جىق پايدا ئالمىغان ئىكەن، ئۇلارنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنى يوق.» دەپ قارىلىدۇ.
تۇلوك بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ: «بىز ئۇ كارخانىلارنىڭ ئۆزى قانچىلىك پۇل تاپقانلىتېزىكىلا قارىساقلا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ تاپقان پۇلىنى ئەلۋەتتە ئىستېمالچىلار چىقىرىدۇ، لېكىن بىز يەنە باشقا بىر ناھايىتى چوڭ ئىجتىمائىي زىياننىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك، يەنى بۇ كارخانىلار ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا، ئەسلىدىنلا نۇرغۇن بايلىق سەرپ قىلغان.» دەيدۇ.
مەسىلەن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قولىدا بىر تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بار، ئۇ 100 يۈەنگە يارايدۇ. ئەخمەت بۇ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە ئېرىشمەكچى بولۇپ، 50 يۈەن خەجلەپ ئۇنى قولغا كەلتۈرگەن؛ ئەمەتمۇ بۇ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە ئېرىشىشنى ئويلاپ، يەنە 70 يۈەن خەجلىدى؛ ئەڭ ئاخىرىدا سەمەت 90 يۈەن خەجلەپ سىياسەتنى قولغا كەلتۈردى.
سەمەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ قىممىتى بار، ئەمما ساپ تاپىدىغان پايدىسى كۆپ ئەمەس. لېكىن بىز شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، جەمئىيەتتە بۇ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى تالىشىشتىكى رىقابەت تەننەرخى ئەخمەت، ئەمەت ۋە سەمەت تۆلىگەن ئومۇمىي چىقىم بولۇپ، رىقابەت تەننەرخى پەيدا قىلغان ئىچكى سەرپىيات ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ ئۆز قىممىتىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.
قەلەندەر بىكارغا سەدىقە ئالمايدۇ
تۇلوكنىڭ ئىجارە ئىزدەش (ئىجارىكەشلىك) نەزەرىيەسى، ئۇنىڭ تىلەمچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىشىدىن كەلگەن.
يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا، تىلەمچىنىڭ سەدىقە ئېلىشى، ئاسماندىن چۈشكەن پۆرىگە ئوخشايدۇ، بىكارغا ئالىدۇ، ئەمما ئىنچىكە كۆزەتسىلا، تىلەمچىنىڭ سەدىقىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايتېزىكىلى بولىدۇ.
مەسىلەن، ئەتىدىن كەچكىچە ئۇ يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ يەنە بېشىنى لىڭشىتىپ تەزىم قىلىدۇ، ئەگەر پىيادىلەر بېرىدىغان پۇل كۆپ بولسا، يەنە بىر توپ تىلەمچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ، بۇ چاغدا تىلەمچىلەر بىلەن تىلەمچىلەر ئارىسىدا رىقابەت پەيدا بولىدۇ.
ئەگەر كىشىلەر پۇلنى ئۇچراتقان تۇنجى تىلەمچىگە بېرىشكە ئادەتلەنسە، تىلەمچىلەر بۇ قانۇنىيەتنى بايقىغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئەڭ ئەۋزەل ئورۇننى ئىگىلەيدۇ؛ ئەگەر پۇلنى تاشقى قىياپىتى ئەڭ ئېچىنىشلىق تىلەمچىلەرگە بېرىلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولسا، تىلەمچىلەر بۇنى بايقاپ قالغاندىن كېيىن، بىر-بىرىدىن ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، يۈزىنى يۇيماي، يۇيۇنماي، ئۆزىنى مەينەت قىلىۋېتىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق قىلىپمۇ يەنە قارشى تەرەپنى يېڭەلمىسە، ئۇلار ھەتتا ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋالىدۇ.
مانا بۇ تۇلوكنىڭ قالتىس بايقىشى: تىلەمچى قارىماققا قۇرۇقتىن قۇرۇق سەدىقە ئالالايدىغاندەك قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سەدىقە ئېلىش جەريانىدا رىقابەت بولىدۇ، رىقابەتنىڭ ئۆزى بايلىقنى خورىتىدۇ.
ئىجارە ئىزدەش ئۇقۇمىنىڭ ئالاھىدە مەنىسى
ئالدىنقى تېمىمىزدا بىز كىرىم قىلغىلى بولىدىغان بايلىقنىڭ ھەممىسى مۈلۈك دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، مۈلۈككە ھەق تۆلەش بولسا ئىجارە دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۇق. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، كىرىم قىلغىلى بولىدىغان مۈلۈكنى ئىزدەش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ھەرىكىتى.
لېكىن تۇرلوك مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بۇ قىلمىشلارنى روشەن ھالدا ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
بۇنىڭ بىر خىلى، دوختۇرلار تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان راك كېسىلىنى داۋالايدىغان دورا، ناخشا چولپىنى مايكول جېكسوننىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى ياخشىلاش ھەرىكىتى؛ يەنە بىر خىلى، مەلۇم بىر ياشنىڭ 10 يىل ياشلىق باھارىنى سەرپ قىلىپ بيۇروكرات ئاپپاراتتا رەسمىي خىزمەتكە ئېرىشىش قىلمىشى ياكى مەلۇم بىر شىركەتنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق مونوپول تىجارەت ھوقۇقىنى ئېلىۋېلىش قىلمىشىغا ئوخشايدۇ.
بۇ ئىككى خىل ھەرىكەت قارىماققا تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي بايلىققا نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان ئەھمىيىتى بار. ئالدىنقىسى ئىجتىمائىي بايلىقنى كۆپەيتىدۇ، كېيىنكىسى بولسا ئىجتىمائىي بايلىقنى خورىتىۋېتىدۇ.
ئىقتىساد ساھەسىدە، «ئىجارە ئىزدەش» دېگەن سۆز مەخسۇس كېيىنكىسىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ھۆكۈمەتتىن ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى پايدىغا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي ئومۇمىي بايلىقنىڭ خوراپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
نۇرغۇن دۆلەتلەردە تۈزۈم لايىھەسى مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن، ئىجارە ئىزدەش قىلمىشى ئىنتايىن ئاددىي. بۇ نېمە ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەردە كىشىلەر گەرچە ھەر كۈنى ئالدىراش بولسىمۇ، ئەمما پۈتكۈل دۆلەتنىڭ ئىنتايىن نامرات ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
سىزنىڭچە، بىر دۆلەت قانداق قىلغاندا ئىجارە ئىزدەش پائالىيىتىنى ئازايتالايدۇ؟
ئالتىنچى بۆلۈم: كوس قانۇنىيىتى | ئىجتىمائىي تەننەرختىن مەسىلىگە قاراش
ئىجتىمائىي تەننەرخ مەسىلىسى
ئىجتىمائىي تەننەرخ مەسىلىسى ئىقتىسادشۇناسلىقتا ئىنتايىن مۇھىم سىياسەت مەنىسىگە ئىگە. كىشىلەر ئىجتىمائىي تەننەرخ مەسىلىسىنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن جەمئىيەت ۋە بازارنىڭ ئاساسى ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقالايدۇ.
ئەڭ بۇرۇن ئىجتىمائىي تەننەرخ مەسىلىسىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ چىققۇچى، رونالد كوس ئىسىملىك ئىقتىسادشۇناس ئىدى. لېكىن مەن دائىم «كوسنىڭ يامان بولۇشى، نوبېل مۇكاپاتى ئېلىشى، ئۇنىڭ بەك ئەقىللىق بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ھاماقەتلىكىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن.» دەيمەن. مېنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى كۆرگەندىن كېيىن، سىز بەلكىم مېنىڭ كۆز قارىشىمغا قوشۇلىشىڭىز مۇمكىن.
ئىجتىمائىي تەننەرخ مەسىلىسىگە ئالاقىدار دېلو مىسالى
نېمىنىڭ ئىجتىمائىي تەننەرخ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن بەزى ئەمەلىي مىساللارنى ئالايلى:
دېلو مىسالى 1: كالا بىلەن بۇغداي
ئىككى پارچە قوشنا يەر بار، سول تەرەپتىكى يەرگە بۇغداي تېرىلىدۇ، ئوڭ تەرەپتىكى يەردە كالا بېقىلىدۇ.
ئەگەر كالا رىشاتكىنى بۇزۇپ ئۆتۈپ، بۇغداينى يەپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇ كالىنى توسۇش كېرەكمۇ؟
دېلو مىسالى 2: سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى قۇياش نۇرى ۋە مېھمانخانىنىڭ قوشۇمچە بىناسى (FontaineBleau Hotel v.Forty-Five Twenty-Five, 1959)
ئىككى قوشنا مېھمانخانا بولۇپ، سول تەرەپتىكى مېھمانخانىنىڭ چىرايلىق بىر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار؛ ئوڭ تەرەپتىكى مېھمانخانا، ئۆز يېرىگە 14 قەۋەتلىك قوشۇمچە بىنا سالماقچى. ئەگەر بۇ قوشۇمچە بىنا سېلىنسا، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى قۇياش نۇرىنى توسۇۋالىدۇ. سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە قۇياش نۇرى چۈشمىسە، ساياھەتچىلەر ئازىيىپ كېتىشى مۇمكىن، مېھمانخانىنىڭ كىرىمى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن، سول تەرەپتىكى مېھمانخانا سوت مەھكىمىسىدىن پەرمان چىقىرىپ، ئوڭ تەرەپتىكى مېھمانخانىغا قوشۇمچە بىنا سېلىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.
ئەگەر سىز سوتچى بولسىڭىز، قانداق ھۆكۈم قىلىسىز؟
دېلو مىسالى 3: تۇرخۇن ۋە قوشنا (Bryant v.Leftover, 1878-1879)
ئىككى ئائىلە قوشنا بولۇپ، تىنچ-ئامان ياشاۋاتقىلى خېلى يىللار بولغان. سول تەرەپتىكى ئۆيدە بىر تۇرخۇن بار. تۇرخۇننىڭ چىقىرىش ئېغىزى دەل ئوڭ تەرەپتىكى ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، تۇرخۇن قارشى تەرەپنىڭ ئۆگزىسىدىن ئېگىز بولغاچقا، تۇرخۇندىن چىققان ئىس ئوڭ تەرەپتىكى كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
ئەمما كېيىن ئوڭ تەرەپتىكى كىشىلەر ئۆينى ئېگىزلىتىپ سالغانلىقى ئۈچۈن، سول تەرەپتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرخۇنىنى توسۇۋالغان. شۇنداق قىلىپ، سول تەرەپتىكى كىشىلەر ئوت قالىغاندا ئىس ماڭماي، ئۆيگە ئىس توشۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، سول تەرەپتىكى كىشىلەر سوت مەھكىمىسىگە ئوڭ تەرەپتىكى ئۆيدىكىلەرنى ئەرز قىلغان.
ئەگەر سىز سوتچى بولسىڭىز، قانداق ھۆكۈم قىلىسىز؟
دېلو مىسالى 4: پويىز بىلەن زىغىر (LeRoy Fibre Co. v.Chicago, Milwaukee and St.Paul Ry., 1914)
ئىلگىرىكى پويىزلارنىڭ ھەممىسى كۆمۈر قالايتتى، كۆمۈر كۆيدۈرگەندە ئوت ئۇچقۇنى ئېتىلىپ چىقىدۇ. بىر دېھقان تۆمۈر يول بويىدىكى ئۆزىنىڭ ئېتىزىغا 700 توننا زىغىرنى دۆۋىلەپ قويغان بولۇپ، بىر پويىز زىغىر ئېتىزلىقىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، پويىز ئۆتكەندە چاچراپ چىققان ئۇچقۇن 700 توننا زىغىرنى كۆيدۈرىۋەتكەن.
بۇ زىغىر دېھقاننىڭ، تۆمۈر يول بويىدىكى دېھقانچىلىق يېرىمۇ دېھقاننىڭ. زىغىرنى ئېتىزغا قويۇپ قويساق، ھېچكىمگە دەخلى قىلمايدۇ، لېكىن پويىز ئۆتكەندە چاچراپ چىققان ئۇچقۇن 700 توننا زىغىرنى كۆيدۈرىۋەتكەن، بۇنىڭغا تۆمۈر يول شىركىتى تۆلەم بېرەمدۇ؟
دېلو مىسالى 5: قەنت-گېزەك سودىگىرى بىلەن دوختۇر (Sturge v.Bridgman, 1879)
بىر كوچىدا ئىككى ئائىلىلىك بار. بىر ئائىلە قەنت-گېزەك سودىگىرى، بىر ئائىلە دوختۇر. قەنت-گېزەك سودىگىرىنىڭ قەنت-گېزەك ياسايدىغان بىر دۇكىنى بولۇپ، شاۋقۇنى ناھايىتى كۈچلۈك، ئىككى ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تام، يەنە بىر گۈللۈك بولغاچقا، ئۇلار تىنچ-ئامان ياشاۋاتقىلى كۆپ يىل بولغان.
ئەمما بىر يىلى دوختۇر ئۆز ھويلىسىغا يېڭىدىن بىر شىپاخانا سالدۇرغان بولۇپ، بۇ شىپاخانا قەنت-گېزەك سودىگىرىنىڭ ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىغا يېقىن بولۇپ، ئۇلار بىر تامنى ئورتاق ئىشلىتەتتى.
شىپاخانىنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، دوختۇر قەنت-گېزەك كارخانىسى چىقارغان شاۋقۇننىڭ ئۇنىڭ كېسەل كۆرۈشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى بايقايدۇ، چۈنكى تىڭشىغۇچ ئېنىق ئاڭلىيالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن دوختۇر سوت مەھكىمىسىگە بۇ قەنت-گېزەك سودىگىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ئۇنىڭ شاۋقۇن بۇلغىنىشىنى پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىشنى توختىتىشىنى ئېيتقان.
ئەگەر سىز سوتچى بولسىڭىز، قانداق ھۆكۈم قىلىسىز؟
دېلو مىسالى 6: توخۇ فېرمىسى ۋە يېڭى ئاھالە (Spur Industries Inc. v.Del E.Webb Development Co., 1972)
بىر توخۇ فېرمىسى بولۇپ، فىرمىچى توخۇ فېرمىسىنىڭ سېسىق پۇراق چىقىرىپ، بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئورۇن تاللىغاندا توخۇ فېرمىسىنى شەھەرگە يىراق، چەت جايدىن تاللىغان. بۇ توخۇ فېرمىسى شەھەر ئەتراپىدا نۇرغۇن يىل تىجارەت قىلغان. ئەمما شەھەر ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كېڭىيىپ، مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئېچىش سودىگەرلىرى بۇ توخۇ فېرمىسىنىڭ يېنىغا ئاھالىلەر رايونى سالغان. ئاھالىلەر كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن توخۇ فېرمىسىنىڭ سېسىق پۇراق چىقىرىدىغانلىقىنى بايقاپ، بۇ توخۇ فېرمىسىنى ئەرز قىلىپ، «توخۇ فېرمىسى مۇھىتنى بۇلغاپ، ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزدى.» دەيدۇ. ئەگەر سىز سوتچى بولسىڭىز، قانداق ھۆكۈم قىلىسىز؟
دېلو مىسالى 7: سېمونت زاۋۇتى بىلەن كونا ئاھالىلەر (Boomer v.Atlantic Cement Company, 1970)
بىر سېمونت زاۋۇتى يىل بويى ھەر خىل چاڭ-توزانلارنى قويۇپ بېرىپ، سېسىق پۇراق تارقىتىدۇ، بەزىدە ھەتتا تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ، ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاھالىلەر سېمونت زاۋۇتىنى ئەرز قىلىپ، تۆلەم تەلەپ قىلىدۇ.
ئاھالىلەرنىڭ شىكايەت قىلىشى بىر-ئىككى قېتىملا بولماستىن، ئۇلار پات-پات سېمونت زاۋۇتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدۇ، ھەم پات-پات تولۇقلىما ئالىدۇ. ئەگەر سىز سوتچى بولسىڭىز، قانداق ھۆكۈم قىلىسىز؟
.....
بۇنچە كۆپ مىساللارنى سۆزلەشتىكى سەۋەب شۇكى، بۇ مىساللاردا بىر ئورتاقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە زىيانكەشلىك قىلغان. بىزنىڭ مەسىلىمىز شۇكى، زىيانكەشلىك قىلغۇچىنى تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىش كېرەكمۇ؟
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408