搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
قاتناش تولۇقلىمىسى: پۇلنى شىركەتكە بېرىش كېرەكمۇ ياكى شەخسكىمۇ
>
قاتناش تولۇقلىمىسى: پۇلنى شىركەتكە بېرىش كېرەكمۇ ياكى شەخسكىمۇ
Nepkar
2020-12-05
1
导读:بىرى، پۇلنى ئاتا-ئانىلارغا تارقىتىپ بېرىش، يەنە بىرى، پۇلنى مائارىپ ئاپپاراتلىرىغا، مەكتەپلەرگە بېرى
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
ئەمەلىي بۇيۇم ياردىمى ۋە پۇل ياردەمىنىڭ سېلىشتۇرمىسى
بىز ئالدىنقى تېمىمىزدا رىقابەت ئۇسۇلىنى سۆزلىگەندە «باھا رىقابىتىنى باشقا ئۇسۇلدىكى رىقابەتكە سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ ئۈنۈملۈك بىر خىل رىقابەت بولۇپ، ئۇ پەيدا قىلىدىغان ئورۇنسىز زىيانمۇ ئەڭ كىچىك بولىدۇ.» دېگەنىدۇق. لېكىن بۇ چاغدا كىشىلەر «ئەگەر ھەممىسى باھاغا ئاساسەن تەقسىم قىلىنسا، ئۇنداقتا نامراتلار قانداق قىلىشى كېرەك؟» دەپ سورايدۇ. بۇ مەسىلىگە ئالدىنقى تېمىمىزدا ئازراق جاۋاب بېرىپ ئۆتكەن ئىدۇق، يەنى ئەگەر بايلار مۇئەييەن ئۈستۈنلۈكتىن بەھرىمەن بولالمىسا، ئۇ ھالدا باھا مېخانىزمىنىڭ رول ئوينىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ تېمىمىزدا بىز مەركەزلىك ھالدا نامراتلارغا قارىتىلغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىمىز.
ساندېل جۇڭگودا
خارۋارد داشۆسىنىڭ ئىككى ئوچۇق دەرسى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن. بىرى، ئەخلاق پەيلاسوپى مايكېل ساندېل (Michael Sandel) سۆزلىگەن «ئەخلاق ئادىللىقى» دەرسى، يەنە بىرى ئىقتىسادشۇناس مانكىۋ (N. Gregorg Mankiw) سۆزلىگەن «ئاساس ئىقتىسادشۇناسلىقى» دەرسى. ئۇ ئىككىسىنىڭ تەپەككۇر نۇقتىسى ئوخشىمايدۇ، مەكتەپتە ئۇچرىشىپ قالغاندا، ئىككىسى بەزىدە تاكاللىشىپ قالىدۇ.
ساندېل «پۇلغا نېمە سېتىۋالغىلى بولمايدۇ (What Money Can Not Buy, 2012)» ناملىق بىر كىتاب چىقارغان. «جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»نىڭ «مۇز نۇقتىسى» مەخسۇس سەھىپىسىدە ئۇنىڭ بۇ كىتابى مەخسۇس خەۋەر قىلىنغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ئادىللىق بىلەن نام چىقارغان خارۋارد پىروفېسسورى ساندېل جۇڭگوغا كېلىپ، بۇ يەردىكى بىدىكلەرنى ئېسىدە چىڭ ساقىلىۋالدى: پۇل بولسىلا بىدىك بېلىتى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، كېسەل كۆرسەتكەندە ئۆچرەتتە تۇرمىسىمۇ بولىدۇ، چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا قىينالمايدۇ؛ پۇل بولسىلا ھامىلىدار ئاياللار پىلاندىن ئارتۇق تۇغالايدۇ، بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان كارخانىلارنى بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. بۇ پۇل دەۋرىدە، بىز پۇلنى جەمئىيەتتە تولۇق غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەكمۇ؟ بازارنىڭ ئېتىكا چېگراسى نېمە؟ پۇلغا نېمە سېتىۋالغىلى بولمايدۇ؟»
بۇ ساندېل ئوتتۇرىغا قويغان سوئال بولۇپ، ئاڭلىماققا ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ قىلغاندەك قىلىدۇ. لېكىن مەن ساندېل پروفېسسورنىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلۇپ كەتمەيمەن.
ساندېلنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا پۇل كېتەمدۇ-كەتمەمدۇ؟
مەن مۇنداق ئىككى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم: بىرىنچى، پروفېسسور ساندېلنىڭ شەخسىي بەھرىمەن بولۇشىغا ئاساسلىقى ئادىل ئۆچرەتتە تۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشكەنمۇ ياكى پۇلغا سېتىۋالغانمۇ؟
پروفېسسور ساندېل جۇڭگوغا كېلىپ ئۆزىنىڭ كىتابىنى تەشۋىق قىلغان بولۇپ، كۈنتەرتىپى ئىنتايىن زىچ ئىدى، بىرىنچى كۈنى بېيجىڭغا، ئىككىنچى كۈنى شاڭخەيگە، ئۈچىنچى كۈنى ۋۇخەنگە كەلگەن. بۇنداق زىچ كۈنتەرتىپ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك؟ ئايروپىلانغا، مېھمانسارايغا تايىنىش كېرەك. لېكىن ئايروپىلان بىلەن مېھمانخانىنى تالىشىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ، ئۆچرەتتە تۇرسا، ئۇ ئۆچرەتتە تۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ تايىنىدىغىنى پۇل بىلەن ئېھتىياجى بىر قەدەر تۆۋەن كىشىلەرنى قوغلىۋېتىش.
پروفېسسور ساندېل قوبۇل قىلغان داۋالاش مۇلازىمىتىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، خارۋارد داشۆ جايلاشقان كامبرىج رايونىدا دوختۇرخانا ئىنتايىن ياخشى، دوختۇرلارنىڭ سەۋىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇ يەردىكى دوختۇرخانا ۋە دوختۇرلار شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىكى، پۇلنىڭ رولى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر دۇنيادىكى بارلىق بىمارلار پۇل تۆلىمەي، پەقەت ئۆچرەتتە تۇرىدىغان بولسا، مېنىڭچە پروفېسسور ساندېل نۇرغۇن ئافرىقىلىق بالىلارنىڭ كەينىدە تۇرۇشى كېرەك.
ساندېلنىڭ ھەل قىلىش لايىھەسى نېمە؟
مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىككىنچى مەسىلە: پروفېسسور ساندېلنىڭ بىر تاكتىكىسى، توختىماي سوئال سوراش، لېكىن ئەزەلدىن جاۋاب بەرمەسلىك. ئۇ ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئادەم چوقۇم بىۋاسىتە يۈزلىنىشى زۆرۈر بولغان سوئالغا جاۋاب بەرمىدى، ئۇ بولسىمۇ ئەگەر پۇل ئارقىلىق قارار چىقارغىلى بولمىسا، كىشىلەر بىر خىل كەمچىل بايلىقنى تالىشىشتا، نېمىگە ئاساسلىنىشى كېرەك؟
پۇل ئىشلەتمىگەندە، پەقەت باشقا رىقابەت ئۇسۇلىغا تايىنىش كېرەك، باشقا رىقابەت ئۇسۇلى پەيدا قىلغان مەسىلىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.
نامراتلارغا ياردەم بېرىش: ماددىي بۇيۇم تولۇقلىمىسى بېرىش كېرەكمۇ ياكى پۇل تولۇقلىمىسىمۇ؟
ئەمەلىيەتتە، ئىقتىسادشۇناسلار ئارا بۇرۇنلا بىر ئورتاق تونۇش شەكىللەنگەن، مەيلى سولچىل ئىقتىسادشۇناسلار بولسۇن، مەسىلەن جامېس توبىن (James Tobin) ياكى ئوڭچىل ئىقتىسادشۇناسلار بولسۇن، مەسىلەن فرېدمان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نامراتلارغا قانداق ياردەم بېرىش ئورتاق تونۇشى بار.
ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «نامراتلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى نامراتلارغا پۇل ئارقىلىق تولۇقلىما بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بازارنىڭ ئۆزىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش، تاۋارنىڭ باھاسىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىش ئەمەس.»
بىز نامراتلارغا بىر بوتۇلكا سۈت بەرسەك، ئۇ پەقەت مۇشۇ بىر بوتۇلكا سۈتكىلا ئېرىشەلەيدۇ؛ نامراتلارغا كالا سۈتى بېلىتى تارقىتىپ بەرسەك، ئۇ ئوخشىمىغان ماركىدىكى سۈتتىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ماركىنى تاللىيالايدۇ؛ ئەمما نامراتلارغا پۇل بېرىلسە، ئۇ سۈتنى تاللاپلا قالماي، يەنە تۇخۇم، كۆكتات، گۆش تۈرىدىكىلەرنى تاللىيالايدۇ، ھەتتا يېمەكلىك ئالماي، تېخىمۇ ياخشى تۇرالغۇ مۇھىتى ياكى تېخىمۇ ياخشى مائارىپ شارائىتىنى تاللىيالايدۇ.
كۆپ قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار ھەمىشە، نامراتلارغا پۇل بېرىشنىڭ نامراتلارغا يېمەكلىك بەرگەنگە قارىغاندا، ئۇلارغا بولغان ياردىمىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بىز بارلىق جەمئىيەتتە، ھۆكۈمەتنىڭ دائىم نامراتلارغا پۇل بەرمەي، ئۇلارغا ماددىي بۇيۇم بېرىدىغانلىقىنى بايقايمىز؛ ياكى ئۇلارغا ماددىي بۇيۇم بەرمەستىن، پەقەت شۇ ماددىي بۇيۇملار، مەسىلەن، تۇرالغۇ، بولكا، سۈت قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنى تىزگىنلەشتۇر.
بۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق نامراتلارغا ياردەم بېرىشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ. بىرىنچى، ئەگەر نامراتلارغا پۇل بېرىلسە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىدە چوقۇم ئالدى بىلەن پۇل بولۇشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ پۇل تېپىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس، پەقەت پۇل بېسىش ياكى باج ئېلىشقا تايىنىدۇ، لېكىن بۇ ئىككىلا ئىشنى قىلىش ئاسان ئەمەس. باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى يولغا قويۇشنىڭ پايدىسى شۇكى، ئۆزى پۇل چىقارمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت بىر بۇيرۇق چۈشۈرسىلا بولىدۇ، ياخشى ئىش قىلغان ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئاسان ئىشلارنى ئەمەلدارلار بىر قەدەر خۇشاللىق بىلەن قىلىدۇ.
ئىككىنچى، ھۆكۈمەتتە ئاتىچىلىق بار. ئۇلار نامراتلارغا ئىشەنمەيدۇ، پۇل نامراتلارغا بېرىلسە، نامراتلارنىڭ قالايمىقان خەجلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا ئۇلار نامراتلارغا ماددىي بۇيۇم بېرىدۇ. ھۆكۈمەت نامراتلارغا بولكا، سۈت، مائارىپنىڭ يېتىشمىگەنلىكىنى بىلگەچكە، ماددىي بۇيۇملارنى نامراتلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ. ماددىي بۇيۇم بەرگەندىلا، ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. نامراتلارنىڭ نىگىزلىك نامراتلىق ۋە قىيىن مەسىلىسىگە كەلسەك، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چوڭقۇر كۆزىتىشى ۋە قۇتقۇزۇشى ناھايىتى تەس.
ئۈچىنچى، ماددىي بۇيۇم تولۇقلىمىسى بەرگەندە، (ئەمەلدارلار) ھۆكۈمەت نامىدىن پايدا ئالالايدۇ. ماددىي ياردەم تولۇقلىمىسىنى يولغا قويغاندا، ئەمەلدارلار ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى تەمىنلىگۈچىلەرنى ئالدى بىلەن نامراتلارغا ماددىي بۇيۇم تەمىنلىتىدۇ. مەسىلەن، نامراتلارغا سۈت بەرسە، سۈتنى كىم بېرىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئەمەلدارلار بىلەن مۇناسىۋىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان سۈت بىلەن تەمىنلەش سودىگەرلىرى بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ زاكاز تالونىغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئاممىۋى قاتناش تولۇقلىمىسى: پۇلنى شىركەتكە بېرىش كېرەكمۇ ياكى شەھەر ئاھالىسىگە تارقىتىپ بېرىش كېرەكمۇ؟
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408