搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
كەلگۈسىگە نەزەر: RCEP نىڭ ئارقىسىدىكى تىركىشىش
>
كەلگۈسىگە نەزەر: RCEP نىڭ ئارقىسىدىكى تىركىشىش
Nepkar
2020-11-21
2
导读:تىرامپ گۇرۇھىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ناھايىتى روشەن مۇتەئەسسىپلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
RCEP
نىڭ ئارقىسىدىكى تىركىشىش
بىرىنچى، RCEP نىڭ مەزمۇنى
RCEP نىڭ تولۇق ئىسمى «رايونلۇق ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» بولۇپ، بۇ ئىسىم ئاڭلىماققا سەل قوپالراق، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىدى.
ئەركىن سودا كېلىشىمى دېگىنىمىز، كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مال ۋە مۇلازىمەت سودىسىدا تاموژنا بېجى، سۈنئىي قۇرۇلغان تۈرلۈك سودا قورغىنى يوق، ئادەم ۋە مالنىڭ ئەركىن ئوبوروت قىلىنىشىغا يول قويۇشتىن ئىبارەت.
ئەركىن سودا كېلىشىمى WTO نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى، شۇنداقلا دۇنياۋىلىشىش يۈزلىنىشىنىڭ بىر خىل مۇقەررەرلىكى.
نېمە ئۈچۈن؟
بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، دۇنيا بويىچە زامانىۋى ياسىمىچىلىق كەسپىنى ئىگىلىگەن دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاران نەچچە 10 مىليوندىن 100 مىليونغىچە نوپۇس ئاساسى بار، بۇنداق نوپۇس ئاساسى بويىچە مۇكەممەل سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ.
شۇڭا %99 دۆلەت سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈك پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئاز ساندىكى ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەرشارىلاشقان ئىش تەقسىماتى سىستېمىسىدا ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ئېرىشىدۇ.
پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرىدىكى ئىش تەقسىماتى بارغانسېرى ئىنچىكىلىشىپ، دۇنيا سودىسىدىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.
30 يىل ئىلگىرى خەلقئارا سودىنىڭ %70 ى تەييار مەھسۇلات سودىسى ئىدى، ئارىلىقتىكى مەھسۇلات (زاپچاس، خام ماتېرىيال) سودىسى ئاران %30 نى ئىگىلەيتتى، ئەينى چاغدىكى سودىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بىر دۆلەت بىر تاۋارنى مۇكەممەل ياساپ، ئاندىن يەنە بىر دۆلەتكە سېتىش ئىدى.
2010-يىلى دۇنيا بويىچە تەييار مەھسۇلات سودا ئۈلۈشى %40 كە چۈشتى، 2018-يىلى تەييار مەھسۇلات سودا ئۈلۈشى يەنە %30 كە چۈشتى، خەلقئارا سودىنىڭ %70 ى ئارىلىق مەھسۇلات سودىسى بولدى.
دېمەك، ھازىرقى ئاساسىي ئېقىم بىر دۆلەت بىر تەييار مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن باشقا بىر دۆلەتكە سېتىش بولماستىن، بەلكى بىر نەچچە ھەتتا نەچچە ئون دۆلەت، نەچچە يۈز كارخانا 1000 دىن ئارتۇق زاپچاس ئىشلەپچىقىرىپ، ئاخىرىدا مەلۇم بىر دۆلەتتە قۇراشتۇرۇشنى تاماملاپ، يەنە پۈتۈن دۇنياغا سېتىشتىن ئىبارەت.
بىر قەدەر تىپىك مىسال ئالما يانفونى. ئالما يانفونىنىڭ دۇنيادا نەچچە يۈز تەمىنلىگۈچى سودىگىرى بار، بۇ تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر نەچچە ئون دۆلەتكە تارقالغان، تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ئىشلەپچىقارغان زاپچاسلار جۇڭگوغا كىرگۈزۈلۈپ، ئالما يانفونى قىلىپ قۇراشتۇرۇلۇپ دۇنياغا سېتىلىدۇ.
شۇڭا، ھازىرقى كەسىپ زەنجىرى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ، شۇنداقلا مۇرەككەپ بولغان مال ئوبوروت جەريانىغا چېتىلىدۇ.
مالنىڭ ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە ئوبوروت قىلىنىشى تاموژنا بېجى مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ، ئوبوروت قىلىدىغان دۆلەت قانچە كۆپ بولسا، تېخىمۇ كۆپ تاموژنا بېجى تاپشۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەھسۇلاتنىڭ تەننەرخى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.
ماركسنىڭ مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزى بار: «ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى بەلگىلەيدۇ.»
كەسىپلەرنىڭ ئىش تەقسىماتى بارغانسېرى ئىنچىكىلەشتى، لېكىن ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ تاموژنا بېجى توسۇقى كەسىپلەرنىڭ ئىش تەقسىماتى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالدى، بۇنداق ئەھۋالدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈلۈپ، مال ئوبوروتىدىكى تاموژنا بېجى (شۇنىڭدەك غەيرىي تاموژنا بېجى) توسۇقلىرىنى تازىلاش بىر خىل مۇقەررەرلىك بولۇپ قالدى.
داۋلى مۇشۇ داۋلى، لېكىن ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى بار، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى ناھايىتى كۈچلۈك، تاموژنا بېجى توسۇقىنى تازىلاشنى تەلەپ قىلىش ساداسى ناھايىتى يۇقىرى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئاساسى ناھايىتى ناچار، ئۇلار تاموژنا بېجى توسۇقى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، دۇنيا سودا تەشكىلاتى رامكىسىدا بىر ئەجىر بىلەنلا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاموژنا بېجى توسۇقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋاقتىنچە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇڭا، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن بەزى دۆلەتلەر مۇددەتتىن بۇرۇن كىچىك دائىرىدە ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزىدۇ.
مەسىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەركىن سودىنى ئىشقا ئاشۇرغان؛
شىمالىي ئامېرىكىدىكى كانادا، ئامېرىكا، مېكسىكىلارمۇ ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈشكەن؛
ئاسىيادىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىمۇ جۇڭگو بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزدى، جۇڭگو بىلەن كورېيەمۇ ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزدى، ۋەھاكازا.
لېكىن، بۇنداق كىچىك دائىرىدە تۈزۈلگەن ئەركىن سودا كېلىشىمى مۇرەككەپ كەسىپ زەنجىرىدىكى ئىش تەقسىماتى مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمى ئۆلچىمىدە ئازدۇر-كۆپتۇر پەرق بولىدۇ، ئوخشاش بىر تاۋارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەركىن سودا رايونىدا ئوبوروت قىلىنىشىدا يەنىلا توسالغۇ بولىدۇ.
مىسال ئالساق، بىر ۋيېتنام شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى+ياپونىيە كېلىشىمىدىكى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىشى مۇمكىن، لېكىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى+كورېيە كېلىشىمىدىكى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەسلىكى مۇمكىن، بۇ ئوخشاش تاۋارنى ياپونىيەگە ئېكسپورت قىلىشتا مەسىلە يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، كورېيەگە ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان زاپچاسلارنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.
شۇڭا، ئوخشاش بولمىغان كىچىك دائىرىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمىنى بىرلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرگەندىلا، تاۋارنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەركىن يۆتكىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
بولۇپمۇ جۇڭگودىن ئىبارەت يەر شارى خاراكتېرلىك ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىزدە يەر شارى بويىچە ئەڭ تولۇق بولغان كەسىپ زەنجىرى بار، ئەركىن سودا چەمبىرىكىنى چوڭايتىش ئىنتايىن تەخىرسىز ۋەزىپە.
ۋاھالەنكى، دۇنياۋى ئىقتىسادىي مەسىلە كۆپ ھاللاردا مۇرەككەپ جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەسىلىگە تاقىلىدۇ، ئەگەر جۇڭگو ئەركىن سودا چەمبىرىكىنى زورايتىۋەتسە، جۇڭگونىڭ كەسىپ زەنجىرىنى بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ كۈچەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ھېچ كىم تەۋرىتەلمەيدۇ، بۇنى بەزى دۆلەتلەر كۆرۈشنى خالىمايدۇ.
ئىككىنچى،TPP بىلەن RCEP نىڭ تىركىشىشى
شۇڭا، ئاسىيا ئەركىن سودا كېلىشىمى مەسىلىسىدە جۇڭگو بەزى دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتار مۇرەككەپ رىقابەتنى قانات يايدۇردى.
2005-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى برۇنېي، چىلى، يېڭى زېلاندىيە، سىنگاپور قاتارلىق تۆت دۆلەت كېلىشىم تۈزۈپ تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قوزغىدى، بۇ كېلىشىمنىڭ نىشانى بۇ تۆت دۆلەتنى ئەركىن سودا رايونىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى.
ئەسلىدە بۇ پەقەت بىر قانچە كىچىك دۆلەت تۈزگەن TPP كېلىشىمى بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا WTO رامكىسىنىڭ سىرتىدا مۇستەقىل تۇرىدىغان، باشقا يول تۇتۇپ جۇڭگونى يېتىم قالدۇرىدىغان ۋە چەكلەيدىغان پۇرسەتنى كۆرۈپ يەتتى.
2008-يىلى ئوباما ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغاندىن كېيىن دەرھال TPP سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئامېرىكىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ TPP چەمبىرىكى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشكە باشلىدى، 2013-يىلىغا كەلگەندە ياپونىيە TPP سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، TPP كېلىشىمى تۈزۈشكەن دۆلەتلەر 12 گە يەتكەن بولۇپ، بۇ ئاۋسترالىيە، برۇنېي، كانادا، چىلى، ياپونىيە، مالايسىيا، مېكسىكا، يېڭى زېللاندىيە، پېرۇ، سىنگاپور، ئامېرىكا ۋە ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
TPP تەدرىجىي تەسىرىنى ئاشۇرىۋاتقان پەيتتە، 2012-يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى RCEP كېلىشىمىنى تىغمۇ-تىغ ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى 10 دۆلەتنى ئاساس قىلىپ، جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيەنى بۇ كېلىشىمگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.
بىز TPP كېلىشىمى ۋە RCEP كېلىشىمىگە چېتىلىدىغان دۆلەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.
TPP كېلىشىمى ۋە RCEP كېلىشىمى چېتىلىدىغان دۆلەتلەر
دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تۈزگەن ئەركىن سودا كېلىشىمى دائىرىسى بىر-بىرىگە كاشىلا قىلمايدۇ، پەقەت ئاسىيادىلا ئىككى كېلىشىم (TPP ۋە RCEP)گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا تەكرارلىنىش پەيدا بولدى.
بۇ ئىككى چەمبىرەكنىڭ قاتمۇقات دۆلەتلەردىن باشقا، يەنە بىر چوڭ پەرقى شۇكى، TPP كېلىشىمىدە جۇڭگو يوق، RCEP كېلىشىمىدە ئامېرىكا يوق.
دەپ كەلسەك بۇنىڭدا بىر ئەھۋال مەۋجۇت، TPP نى ئامېرىكا ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا قويمىغان، RCEP نىمۇ جۇڭگو باشلامچىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويمىغان، لېكىن TPP بىلەن RCEP قېرىشقاندەك جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۈچ سىنىشىدىغان قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان، بۇ ھال جاھانكەزدى لوگىكىسىنىڭ پۇرىقىغا ئىگە، چوڭ ئاكىلىرى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، ئۇكىسىنى باش كۆتۈرگۈزىدۇ.
بۇ ئىككى چەمبىرەكتە ئىككى ئارمىيە تىركىشىپ تۇرىدىغان ۋەزىيەت مەۋجۇت بولۇپ، يادرولۇق باشلامچى دۆلەت (بىر جۇڭگو، بىر ئامېرىكا)لا ئەمەس، يەنە ئۆزىنىڭ ئاساسىي دائىرىسىمۇ بار ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسى، ئامېرىكا باش لىڭشىتمىغان بولسا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ RCEP غا قاتنىشىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى؛ ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئاساسى تەخسە (基本盘) شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، مەلۇم دۆلەت (بۇ مەلۇم دۆلەت كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىگە ئاياندۇر) باش لىڭشىتمىسا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىمۇ TPP غا ھەرگىز قاتناشمايدۇ.
ئىككى تەرەپنىڭ تىركىشىپ تۇرۇشىدىكى قىزىق نۇقتا ئەمەلىيەتتە كورىيە بىلەن ياپونىيە، ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە بولسا باشقىچە مەنىگە ئىگە ئىدى.
لېكىن، نوقۇل ئىقتىسادىي نۇقتىدىن قارىغاندا، TPP نىڭ RCEP غا قارىغاندا ساپلىقى يېتەرسىز.
نېمە ئۈچۈن؟
بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، ئون نەچچە دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالانغان ھامان، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتلەردە رايون ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى ئايلىنىشى شەكىللىنىدۇ. TPP كېلىشىمىگە نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادنىڭ ئىچكى ئايلىنىشىدىكى ياسىمىچىلىق ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش روشەن كەمتۈكلۈك ھېسابلىنىدۇ.
ياپونىيە بىلەن كورېيە يۇقىرى سەۋىيەلىك ياسىمىچىلىق كەسپىگە ئىگە، ۋىيېتنام پەقەت ئاز ساندىكى تۆۋەن سەۋىيەلىك ياسىمىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىقىمۇ ئاز ساندىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن، ئەگەر TPP رايون ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئىچكى ئايلىنىشىنى بەرپا قىلماقچى بولسا، ھېچكىم خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا، تۆۋەن سەۋىيەلىك ياسىمىچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ.
مانا بۇ جۇڭگونى چەتكە قېقىشنىڭ يامان ئاقىۋىتى!
شۇڭا، ئامېرىكا جۇغراپىيەلىك سىياسىينىڭ جۇڭگونى چەكلەش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۆز ئالدىغا توپ قۇرۇپ، جۇڭگونى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن، TPP غا ئەزا دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي قاتلامدىن پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
بۇ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئامېرىكىنىڭ TPP غا ئەزا دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىنى، يەنى ئەينى چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىستېمال بازىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇڭا، RCEP كېلىشىمىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق (بۇنى بىز كېيىن سۆزلەيمىز)، لېكىن ئەينى چاغدا جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئەمەلىي كۈچى ئامېرىكىنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن بولۇپ، ئاخىر بۇ نۆۋەتلىك TPP بىلەن RCEP رىقابىتىدە پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئوكلاندتا، TPP غا ئەزا 12 دۆلەت ۋەكىللىرى «تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» (TPP)نى رەسمىي ئىمزالىدى.
ئىلاۋە:
ئەسلىدە كورېيەمۇ 2012-يىلى TPP كېلىشىمى سۆھبىتىگە قاتناشقان، لېكىن كورېيەنىڭ ئىقتىسادى جۇڭگوغا ناھايىتى بەك تايىنىدۇ، شۇڭا كورېيە ئەڭ ئاخىرىدا TPP كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا قاتناشمىغان.
ئۈچىنچى، تىرامپنىڭ ئۆچ ئېلىشى
لېكىن، ھامان كۈتۈلمىگەن ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ.
2016-يىللىق ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدا، تىرامپ ئويلىمىغان يەردىن قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ زۇڭتۇڭ بولدى.
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى ئىشى TPP كېلىشىمىدىن چېكىنىش بولدى!
تىرامپنىڭ بۇ قارارى شەرقتىكى مەلۇم بىر چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ھەقىقەتەن خوشاللىق بولدى!
تىرامپ نېمىشقا بۇ TPP كېلىشىمىنى بىكار قىلىدۇ؟ ئىككى سەۋەب بىر.
بىرى، تىرامپنىڭ ئوباماغا بولغان ئۆچمەنلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، بۇ خىل ئۆچمەنلىكنى «پەلەككە يەتكەن غەزەپ» بىلەن تەسۋىرلەشكە تامامەن بولىدۇ.
تىرامپ بىلەن ئوبامانىڭ بەزى قاملاشمىغان ئىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتسەك:
ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تىرامپ ئادەتتىكى بىر ئاسانلا ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك چەمبىرىكىگە بۆسۈپ كىرگەن چاقىرىلمىغان مېھماندۇر.
2011-يىلى تىرامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ قارار ئامېرىكىدىكى سەرخىللار قاتلىمىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر كۈلكىلىك ئىش ئىدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق ئورۇن، بۇ ئورۇنمۇ ئۇزاقتىن بۇيان ئامېرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي جەمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ كەلگەن.
تىرامپ قانچىلىك نېمە ئىدى؟ تىرامپ جەمەتىنىڭ نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلىغى بولسىمۇ، ئامېرىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك جەمەتنىڭ نەزىرىدە، ئادەتتىكى پۇلدارلا خالاس، سىزنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنى رىقابەتلىشىشكە قانداق سالاھىيىتىڭىز بار؟
2011-يىلى بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى يىغىلىشتا، شۇ چاغدىكى پىرېزىدېنت ئوباما بىلەن رىياسەتچى مېيېس ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى داڭلىق ئەربابلارنىڭ ئالدىدا تىرامپنى ئۈچ مىنۇتقا يېقىن ھاقارەتلىگەن. ئوباما نەق مەيداندا ئالايىتەن PS دىن ئۆتكەن «تىرامپنىڭ ئاقسارايدىكى دەم ئالىدىغان جايى ۋە قىمارخانىلارنىڭ سۈرىتى»نى قويىدۇ.
ئوباما قويغان رەسىم
ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن تۇۋرۈك تىرامپنىڭ ئىستېتىك تۇيغۇسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى مازاق قىلىدۇ، گۈزەل قىز بىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئەگەر تىرامپ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانسا ئاق سارايدا شەھۋانىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
بۇ ئېنىقلا: تىرامپ، سىزمۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇشقا لايىقمۇ؟ دەپ سورىغانلىقتۇر.
ئەينى ۋاقىتتا، ھەممە ئادەم قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، تىرامپ ئۇ يەردە جىمجىت ئولتۇرۇپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان ئىدى، لېكىن قىزىرىپ كەتكەن چىرايى ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى ھەقىقىي ھېسسىياتىنى تامامەن سېتىۋەتكەن ئىدى.
تىرامپنىڭ چىراي ئىپادىسى
كېيىن ئامېرىكىدىكى سەرخىللار تەبىقىسىنىڭ يىغىلىشىدا، ئوباما يەنە تىرامپنى كۆپ قېتىم ئاشكارا ھاقارەتلىگەن.
ئوبامانىڭ تىرامپنى ھاقارەتلىگەن نۇتۇقى
ھازىر بىز تىرامپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاپ باقايلى، ئەگەر سىز تىرامپنىڭ ئورنىدا بولسىڭىز، ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئامېرىكىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەر بولۇپ، نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىققا ئىگە بولغان بولاتتىڭىز، ئەمما پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشماقچى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا ئوباما تەرىپىدىن ئاشكارا ھاقارەتلەنگەن بولسىڭىز، كۆڭلىڭىزدە قانداق ئويلايسىز؟
«كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەن چوقۇم ئىنتىقام ئالىمەن.» دېگەن خىيال قەلبىڭىزگە مۆھۈر بولۇپ بېسىلىشى تۇرغانلا گەپ.
توغرا، تىرامپنىڭ مەيدانىدا تۇرغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ كەيپىياتى مۇشۇنداق بولىدۇ.
ئۇنداقتا، تىرامپ ئوبامادىن قانداق ئۆچ ئالىدۇ؟
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408