搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
مەبلەغ سېلىشتىكى تاللاش
>
مەبلەغ سېلىشتىكى تاللاش
Nepkar
2020-11-27
1
导读:تىرامپ تەلىيىنى دوغا تىكىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇ چوڭ جەمەتلىك چوڭ سودىگەر، ئۇتتۇرۇپ قويۇشنىڭ
ئىلاۋە:
بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان سالونغا مەزمۇن يېڭىلانماسلىقىدىكى سەۋەب، كاماندىروپكىغا چىقىپ سەپەردە بولۇپ قالغان بولغاچقا، سالوننى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرۇشقا ئىمكان بولمىدى، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۈگۈنكى مەزمۇننىڭ گەرچە ھەجىمى كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇچۇر مىقدارى زىيادە يۇقىرى، يەنە كېلىپ بۇ مەزمۇننى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغانلارنىڭ سانى چەكلىك بولۇشى ئېنىق، ئەمما بۇنى ياخشى ئوقۇپ ھەزىم قىلالىغانلارنىڭ بۇ مەزمۇندىن ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئېرىشىدىغىنىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
ئالدىن ئەسكەرتىش بېرىلدى، مەزكۇر يازما بىر قارىسىڭىز چۈشىنىكسىز تۇيغۇ بېرىشى مۇمكىن، ئەمما ياخشى تەھلىل قىلىپ ئەڭ يۇقىرى چەكتە ھەزىم قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمىز.
مەبلەغ سېلىشتىكى تاللاش
بۈگۈن بىر نەچچە دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، مەبلەغ سېلىش ئىدىيەسى توغرىسىدا ئىككى تەرەپ كەسكىن توقۇنۇشۇپ قالدى، بىر تەرەپ ئىنتايىن تەمكىن بولۇپ، «توشقاننى كۆرمەي، بۈركۈت سالمايدىغان»لاردىن ئىدى، يەنە بىر تەرەپ بولسا ھەر قېتىملىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىر قېتىم جان تىكىپ ئېلىشىپ باقاتتى.
كۈزەتكۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان بۇ زىددىيەتلەرنى كۆرۈپ، بۈگۈنكى يازمىدا كۆپچىلىك بىلەن كىشىلىك ھاياتتىدىكى تاللاشقا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىشنىڭ ئىنتايىن ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
بىز ھاياتىمىزدا مەكتەپ تاللاشتىن ئىشقا ئورۇنلىشىشقىچە، ئۆي سېتىۋېلىشتىن مەبلەغ سېلىشقىچە بولغان ھەر بىر تۆت كوچا ئېغىزىدا بىر قاتار تاللاشلارغا دۇچ كېلىمىز.
ھالبۇكى، بۇ خىل تاللاش جەريانىدا، ھەمىشە نۇرغۇن كەسپىي خادىملار ئوتتۇرىغا چىقىپ كۆپچىلىككە تەكلىپ بېرىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئالاھىدە ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېڭىياچىلارنى تەربىيەلەيدىغان بۇ «پىداكار»لارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ كۆزى ئاشۇ يېڭىياچىلارنىڭ يانچۇقىدىكى «ئانار چېچىكى»گە تىكىلگەن بولىدۇ.
چۈنكى ھەقىقىي پۇل تاپقان بايلارنىڭ ھەممىسى جىمجىتلىقنى ساقلىغان ھالدا بايلىقىنى زورايتىشنى ياخشى بىلىدۇ، ئۆزىنىڭ بۇ مەخپىيەتلىكىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدىغانلار كۆپ ئەمەس.
يېڭىياچىلار ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسە شۇنى بايقايدۇكى، ئەتراپىدىكى ئۆزىگە سۇغۇرتا ساتىدىغان مال ساتقۇچىلار، مۇقىم مەبلەغ سېلىشنى تەۋسىيە قىلغۇچى خېرىدار دىرېكتورلىرى، قىممەت مەبلەغ سېلىش (价值投资)نى تەۋسىيە قىلغۇچى ئۇستازلارنىڭ ھەممىسى قارىماققا ناھايىتى ھەشەم (باي-باياشات) كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەميانى دائىم دېگۈدەك ئۆزىنىڭ گۈزەل چىرايىدىن پاكىزە ھالىتىنى ساقلايدۇ.
ئەلۋەتتە، بىز بۇ يەردە سۇغۇرتىنىڭ مۇقىم سېلىنما ۋە قىممەت سېلىنمىسىنى ئىنكار قىلمايمىز، بۇلار ئەڭ توغرا بولغان قورالدۇر.
بىراق، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بەيگە يولى ۋە قورالى بولىدۇ، خۇددى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر بېل گايتىس ۋە باففېتنىڭ تەرجىمىھالىنى تەتقىق قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى دورىيالمىغاندەك.
قانداقلا بولمىسۇن، گايتىسنىڭ ئاپىسى پۇل مۇئامىلە كاتتىۋېشى، شۇنداقلا IBM نىڭ باش دىرېكتورىنىڭ يېقىن دوستى، باففېتنىڭ دادىسى پاي چېكى ماگناتى، شۇنداقلا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ پۇل مۇئامىلە كومىتېتىغا مەسئۇل ئەزاسى ئىدى.
گايتىس يۇمشاق دېتالنى بازارغا سالغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ نۇرغۇن ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىق ئۇچۇرلىرى ۋە تەۋسىيەلىرىنى ھەل قىلىپ بەرگەن، باففېت پاي چېكى ئوينىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ، نىيۇيورك بىرژىسىدىكى سودا ئورنىدىكى ئاتامانلار بىلەن تونۇشۇپ چىققان.
ھەر بىر ئادەمگە بېرىلگەن ئەڭ ئادىل نەرسە ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋاقتىدۇر، ئادەتتە ئاتا-بوۋىسىنىڭ جۇغلانمىسى ئەۋلادلارغا نۇرغۇن ۋاقىتنى تېجەپ بېرىدۇ.
بۇ ھەقىقەتەن ئادالەتسىزلىك، لېكىن بۇمۇ يەنە بىر خىل ئادىللىق، ھاياتلىق نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدۇر، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئالدىنقىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ.
بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بەش ئەۋلاد ئائىلىنىڭ ئىگىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ ئۆزى ئورۇنلاش ناھايىتى قىيىن بولغان ۋەزىپىدۇر.
بۇ لوگىكىنى چۈشەنسەك، ئوخشاش بولمىغان توپنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەڭ ياخشى يېشىمى بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز.
جەمەت جۇغلانمىسىغا تايىنىپ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلار كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ماس كېلىدۇ، ئەمما ئۈچ ئەۋلاد نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېپيېڭى بىر بەيگە يولىنى تاللاپ، ئالدىدىكى پەرقنى بىر قېتىمدىلا تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىش ماس كېلىدۇ.
پۇلى قانچە كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، قانچە مۇقىم بولغان دومىلىما ئۆسۈمنىڭ قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ-دە، ئۆزىنىڭ مۈلۈكىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى شۇنچە كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ، ئەكسىچە، قانچە نامرات كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، دومىلىما ئۆسۈمنى قانچە قوغلاشسا، پۇلدارلار تەرىپىدىن شۇنچە يىراققا چۆرىۋېتىلىدۇ.
شۇڭا بازاردىكى ئاشۇ ئىلىم بېجى تۆلەۋاتقان يېڭىياچىلارغا «بىلىم» بېرىۋاتقان ئاشۇ «پىداكار»لارنىڭ گېپىنىڭ ھەممىسى توغرا، لېكىن بۇ يېڭىياچىلار بۇ «پىداكار»لارنىڭ ئۇلارغا بېرىۋاتقان «بىلىمى»نى ئاڭلىغان (كۆرگەن)دىن كېيىن، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان يولىنى توسۇپ قويىدۇ.
شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەيلى مەكتەپ تاللاشتا بولسۇن ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا بولسۇن، ئۆزىنىڭ كاسسىسىنى ياخشى چۈشىنىشى كېرەك.
پۇلى، بايلىقى بارلار بەزى «بار»لىق ئۇسۇللىرى بويىچە تەربىيەلىنىپ، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كەينىدىن قوغلاۋاتقانلاردىن قوغلىغانسېرى يىراقلاپ كېتىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.
پۇلى، بايلىقى يوقلار «يوق»لۇق ئۇسۇلى بىلەن تەربىيەلىنىپ، يېڭى مۇسابىقە يولىدا كۆپچىلىك نۆلدىن باشلاپ رىقابەتلىشىدۇ، كۆپچىلىك تۇغما قابىلىيەت، تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۇتۇپ چىقىشى كېرەك.
بۇ دەل مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كومپىيۇتېر ساھەسىنىڭ نامرات بالىلارنىڭ قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشىدىكى ئەڭ ياخشى بەيگە يولى بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
ھازىرقى دەۋرنىڭ بېل گايتىس دەۋرىگە ئوخشىمايدىغىنى، بېل گايتىسنىڭ دەۋرىدە پەقەت بايلارلا كومپيۇتېر ئىشلىتەلەيتتى، بۈگۈنكى كۈندە كومپيۇتېر كەسپىنىڭ بوسۇغىسى يوققا چىقتى، پىروگراممېرلىق ساھەسىدە ئالدىنقى ئەۋلادلار كېيىنكى ئەۋلادلارغا ھېچقانداق ئەۋزەللىك بېرەلمەيدۇ.
كومپيۇتېر ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، باففېتنىڭ كىچىك دائىرىدىكى پۇل مۇئامىلە سودىسىمۇ بارغانسېرى ئاشكارىلاندى، ئەسلىدە ئۈستەل ئاستىدا مەخپىي سودا قىلىدىغان پۇل مۇئامىلە ساھەسى، بازارلاشقان پاي چېكى باشقۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىغا پىشاڭلىق قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.
شەخسلەردە شۇنداق، كارخانىلاردا شۇنداق، دۆلەتتىمۇ شۇنداق.
مانا بۇ جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرىك ئاپتوموبىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقانلىقىنىڭ سەۋەبى، BMW، بېنز، ئاۋدى شىركىتىگە ئىگە گېرمانىيەنىڭ شۇنچە كۆپ تېخنىكا توپلىغان تۇرۇقلۇق ئېلېكتىرىك ساھەسىدە تېخنىكا ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى خالىمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.
شۇنىڭغا ئوخشاش، ھازىر نۇرغۇن ساختا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرى ياقتۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا زورمۇزور مۇزىكا، سەنئەت، ئات مىنىش، گولف توپ ئويناشنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئەگەر مالىيە كۈچى يېتىشمىسە، تەڭپۇڭلۇق ماشىنىسىنى مىنىپ F1 گە يۈگۈرگەندەك ئىش بولىدۇ-دە، ئەكسىچە ئۆز بالىلىرىغا ئورەك كولايدۇ.
ھالبۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر چوڭ شەھەرنى تاللاش ياكى ئۆز يۇرتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدىمۇ شۇنداق، بۇنىڭدا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش-بولماسلىقىغا قاراش كېرەك.
ئائىلە بايلىقىدىن پايدىلىنالايدىغانلار تەبىئىي بايلىق بار جاينى ئالدىن تاللاش، بايلىقى يوقلار بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرگە بېرىپ كەسكىن بازار رىقابىتىگە ئاتلىنىشى كېرەك.
چوڭ يۆنىلىشتىكى تاللاش، ئەمەلىيەتتە ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس.
بولۇپمۇ نۇرغۇن كىچىك تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى قىمار ئويناشقا ئوخشايدۇ، شۇڭا قىمار سورۇنىدىكى مىساللاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
قانچە پىشقان بولسا، دېجۇ (
德州
) ياكى 21 گە ئوخشاش كاللا ئىشلىتىش ئويۇنىنى ئويناشقا شۇنچە ماس كېلىدۇ، قانچە يېڭى بولسا، چوڭ-كىچىكلىكىنى پەرەز قىلىش، دوغا تىكىش دېگەندەك ھېچقانداق تېخنىكا قىيىنلىق دەرىجىسى يوق ئويۇنلارنى ئويناشقا شۇنچە ماس كېلىدۇ.
مەسىلەن، كاپىتال بازىرىدىكى ئاتامانلارنى ئىلغار يۇمشاق دېتال ۋە كەڭ دائىرىلىك كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن يۈرۈشلۈك يول لوگىكىسى بار، شۇڭا ئۇلار نىسبەتەن پۇختا مەشغۇلاتنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، خۇددى ئۇرۇش قىلىشقا ئوخشاش، كىچىك غەلىبىلەرنى چوڭ غەلىبىلەرگە ئايلاندۇرىدۇ، ھە دېسىلا قۇرۇق گەپ قىلىپ يۈرمەيدۇ.
ئەكسىچە، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر كېچىكىپ قالغان خەۋەرگە تايىنىپ مەيدانغا كىرگەندە، دائىم دېگۈدەك يېڭىلىپ قالىدۇ. ئۇلار قوللىنىشقا بولىدىغان ئەڭ ياخشى تاكتىكا نوپۇزغا ئىشەنمەي، ئۆزىنىڭ سەزگۈسى ۋە لوگىكىسىغا ئەگىشىپ تەلىيىنى دوغا تىكىشتىن ئىبارەت بولۇپ، تەخمىنەن %50 لىك نىشانغا تېگىش نىسبىتىگە ئىگە بولالايدۇ.
چۈنكى بۇ دۇنيادا ئەڭ ئادىل بولغىنى تەلەي (ئېھتىماللىق) بولۇپ، ئاتا-ئانا قانچە قالتىس بولسا، بالىغا شۇنچە كۆپ مەبلەغ سالىدۇ، ياردەم قىلالايدىغان بايلىق شۇنچە كۆپ بولىدۇ-دە، ئەقلىي ئىقتىدارى قانچە يۇقىرى بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەڭگە تاشلاش ئېھتىماللىقى يەنىلا %50 بولىدۇ.
شۇڭا، مەبلەغ سېلىش جەھەتتە، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئارقىدا قالغان كىشىلەر ئەگەر ئايلانما يولدا يانداپ ئۆتمەكچى بولسا، ھەقىقەتەن بىر ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بار، ئۇ بولسىمۇ مۇسابىقە يولىنى ئالماشتۇرۇپ، تەلەي سىناشتىن ئىبارەت.
تەمكىنلىك ۋە رادىكاللىقنىڭ ھېچقايسىسى خاتا ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆزىگە توغرا تاللاش ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ لوگىكا يەنە نېمە ئۈچۈن جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدا تىرامپنىڭ «قورال تاپشۇرۇشى»غا نارازى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، بەس-بەستە «ۋەزىرلىرى جان تىكىپ جەڭ قىلماقچى بولىۋاتسا، ئالىيلىرى نېمىشقا ئاۋۋال تەسلىم بولىدىلا؟» دەپ ئىپادە بىلدۈرۈشتى.
تىرامپ تەلىيىنى دوغا تىكىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇ چوڭ جەمەتلىك چوڭ سودىگەر، ئۇتتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىشىشى كېرەك.
تىرامپنى يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم قىلىش، ئەرشنى مالىمان قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھازىرقى ھالەتتىن نارازى بولۇپ، قالايمىقان شوتىنى تۇتۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئويۇنچىلاردۇر.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونى
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408