搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
بۇ بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر رەسمىي يولغا قويۇلدى
>
بۇ بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر رەسمىي يولغا قويۇلدى
Nepkar
2021-09-01
2
导读:خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ يۈك-تاق ئۆلچىمى، ئېغىرلىقى قاتارلىق بىر تۇتاش بەلگىلىمىلەر بىكار قىلىنىدۇ؛
9-ئايدىن باشلاپ، بۇ بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر رەسمىي يولغا قويۇلدى
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىگە بېرىلىدىغان جازانى ئۆستۈرۈلىدۇ؛
خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ يۈك-تاق ئۆلچىمى، ئېغىرلىقى قاتارلىق بىر تۇتاش بەلگىلىمىلەر بىكار قىلىنىدۇ؛
28 شەھەر ئېلېكترونلۇق پراۋا ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.
تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە، بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:
ئۇلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
1. پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىگە جەرىمانە قويۇش ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ
يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى» 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىرىنچىدىن، جەرىمانە سوممىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. ئىككىنچى، جازالاش ئۇسۇلى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بايقالغان ھامان، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ ھەمدە جەرىمانە قويىدۇ، تۈزىتىشنى رەت قىلغانلار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، ھەمدە كۈن بويىچە ئۇدا جازا بېرىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، جازالاش سالمىقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بىرلىشىپ جازالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئەڭ ئېغىرلىرى كەسىپ ياكى كەسىپكە كىرىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق بىرلەشمە جازالاش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ.
2. ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى، ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى يولغا قويغان پۇقراۋى مەكتەپلەر باراۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ
تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «پۇقراۋى مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«نىزام»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويغان ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنىڭ پۇقراۋى مەكتىپى ئېچىشىغا ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ، پۇقراۋى مەكتەپلىرىگە ئۆزگەرتىلىشىگىمۇ يول قويۇلمايدۇ؛ يەسلى مائارىپى، ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى يولغا قويغان پۇقراۋى مەكتەپلەر شۇ دەرىجىلىك ئوخشاش تۈردىكى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىگە ئوخشاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىگە ئوخشاش ۋاقىتتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ؛ پۇقراۋى مەكتەپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، خىزمەتچىلىرى، تەربىيەلەنگۈچىلىرى ھۆكۈمەت تەسىس قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان ئالاقىدار پەن تەتقىقات تۈرلىرى، تەتقىقات تېمىلىرى قاتارلىقلار تەڭ دەرىجىلىك ئوخشاش تۈردىكى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، خىزمەتچىلىرى، خىزمەتچىلىرى، تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
3. ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى نۇقتىلىق قوغدىلىدۇ
«ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» 1-سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەردىكى مۇھىم تور ئەسلىھەلىرى، ئۇچۇر سىستېمىسى ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسىگە تەۋە، دۆلەت ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نۇقتىلىق قوغداپ، تەدبىر قوللىنىپ، چېگرا ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن تور بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرى ۋە تەھدىتىنى ئۆلچەپ، مۇداپىئەلىنىپ، بىر تەرەپ قىلىپ، ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇم قىلىش، تاجاۋۇز قىلىش، كاشىلا قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماسلىقتىن قوغداپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك.
4. دىققەتنى ئاممىنىڭ «جىددىي، قىيىن، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش
تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي دەۋا نازارەتچىلىكى قائىدىسى» 1-سېنتەبىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.
دېلونىڭ ئۇزۇنغىچە ھەل قىلىنماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى قائىدىدە دېلو بېجىرىش مۇددىتى قاتتىق بەلگىلەندى. پرىنسىپ جەھەتتە، مەمۇرىي دەۋا نازارەتچىلىك دېلولىرىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇش ھەمدە قارار چىقىرىش كېرەك. مەمۇرىي تالاش-تارتىشلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ماھىيەتلىك پەسەيتىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار بولسا، باش تەپتىش تەستىقلىغاندىن كېيىن ئۇزارتىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەكشۈرۈشنى توختىتىپ تۇرۇشنىڭ سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈشنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دېلو بېجىرىش سۈرۈكىنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.
5. بوزەك قىلىش، جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىشقا قەتئىي يول قويماي، بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ
«قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەكتەپتە قوغداش بەلگىلىمىسى» 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«بەلگىلىمە»دە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىنىش، مەكتەپتە جىنسىي دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراش قاتارلىق جەمئىيەت يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا مەخسۇس قوغداش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. مەكتەپ خاراكتېرلىك دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراش، جىنسىي پاراكەندىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بەلگىلىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپلەردىن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش، دوكلات قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇھەببەتلىشىشى قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ «قىزىل سىزىق»ىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىنىدۇ.
6. ئەر-خوتۇنلار نامىنى ئۆزگەرتكەن، پەرزەنتلىرى ۋارىسلىق قىلغان ئۆي مۈلۈككە يەر خېتى بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ
9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر خېتى بېجى قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلدى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر خېتى بېجى ۋاقىتلىق نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىندى.
«يەر خېتى بېجى قانۇنى»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: توي مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى يەر، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشتە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق يەر، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى قوبۇل قىلسا، يەر خېتى بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. پايدا ئالمايدىغان مەكتەپ، داۋالاش ئاپپاراتى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ يەر، ئۆينى ئىشخانا، ئوقۇتۇش، داۋالاش، پەن تەتقىقات، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ياردەم بېرىشتە يەر خېتى بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق بەلگىلىمىلەر كۆپەيتىلدى.
7. يولۇچىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرمىسا، بېلەتنى قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش ھەققى ئالسا بولمايدۇ
قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان «ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت يولۇچىلار مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«بەلگىلىمە»دە يۈك-تاق ئۆلچىمى، ئېغىرلىقى، ھەقسىز يۈك-تاق سوممىسى، ئېشىپ كەتكەن يۈك-تاق ھەققى قاتارلىق بىر تۇتاش بەلگىلىمىلەر چىقىرىۋېتىلدى، توشۇغۇچى كارخانىنىڭ تىجارەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئالاقىدار ئۆلچەملەرنى ئۆزى بېكىتسە ھەمدە سىرتقا ئېلان قىلسا بولىدۇ.
ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇش، ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىگە قارىتا، «بەلگىلىمە»دە يولۇچىلارنىڭ «ئۆزى ئىختىيار قىلىش» ۋە «ئۆزى ئىختىيار قىلماسلىق»تىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەھۋالغا ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدىكى يولۇچىلار بېلىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە قايتۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يولۇچىلارنىڭ بېلەتنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتۇرماسلىقى ۋە توشۇغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن يولۇچىلارنىڭ بېلەتنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆزگەرتمەسلىكى بېكىتىلسە، بېلەت قايتۇرۇش ھەققى ۋە ئۆزگەرتىش ھەققى ئېلىشقا بولمايدۇ.
8. پراۋىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ج خ قاتناش باشقۇرۇش قولايلىق تەدبىرى مەملىكەت بويىچە تۈركۈمگە بۆلۈپ يولغا قويۇلىدۇ
9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش، نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ باشقا جايدا سودىلىشىشىنى تىزىملاش، «قاتناش باشقۇرۇش 12123» App دا تەكشۈرۈپ تارقاتقان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق يول يۈرۈش كودى، قاتناش ھادىسىلىرىگە دائىر دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى توردا كۆرۈش قاتارلىق تۆت تۈرلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش قولايلىق تەدبىرى مەملىكەت بويىچە تۈركۈمگە بۆلۈپ يولغا قويۇلىدۇ.
بېيجىڭ، چاڭچۈن قاتارلىق 28 شەھەردە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش يولغا قويۇلدى؛ شىجياجۇاڭ، جىنەن قاتارلىق 218 شەھەردە نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ باشقا جايدا سودىلىشىشىنى تىزىملاش يولغا قويۇلدى؛ تيەنجىن، جىنەن قاتارلىق 70 شەھەردە توردا يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق يول يۈرۈش كودى تارقىتىش يولغا قويۇلدى؛ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، سەنشى قاتارلىق 14 ئۆلكە (شەھەر)دە قاتناش ھادىسىسىنىڭ دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى توردا كۆرۈش يولغا قويۇلدى.
مەنبە: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات قانىلى تورى
ئەگەر داڭلىق ئىقتىساشۇناس شۆ جاۋفېڭنىڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ كۆرۈش داۋامىدا خەنزۇچە كىتاب بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىش ئىستىكىڭىز بولسا نەپدان سالونى (nepdan ياكى napdan دەپ ئىزدەپ ئەگەشسىڭىز بولىدۇ.)غا ئەگىشىپ، سالونغا
jjx
ۋەياكى
20210901
ياكى
xzf
دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆزنىڭ خالىغان بىرىنى قايتۇرۇپ ھەقسىز ئېرىشىپ، سېلىشتۇرۇپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
نەپدان سالونىنىڭ ئىككىلىك كودى (سىكاننېرلاپ ئەگىشىۋالسىڭىز بولىدۇ):
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408