搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
مائارىپ، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالاش: ئۈچ چوڭ ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشى
>
مائارىپ، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالاش: ئۈچ چوڭ ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشى
Nepkar
2021-09-03
2
导读:يۇقۇم سەۋەبىدىن، بۇ يىل داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقى مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تۇرالغۇ ئۆي ئىسلاھاتىغا يە
مائارىپ، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالاشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىسلاھاتنىڭ ماس قەدەمدە باشلىنىشى
بۈگۈن (2021-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى)، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشغۇلات يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش ۋە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان [2021] 40-نومۇرلۇق)نى بېسىپ تارقاتتى.
بۇ ھۆججەتتە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا تەستىقلانغان پەن مائارىپ ئاپپاراتلىرى بىرتۇتاش تىزىملىنىپ، پايدا ئالمايدىغان ئاپپارات قىلىنىدۇ، پېيى بازارغا سېلىنغان ئالاقىدار شىركەتلەرنىڭ پاي چېكى بازىرىدىن پايدىلىنىشىغا، چەتئەل مەبلىغىنىڭ پاي قوشۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغانلىرىنى ئېنىقلاش كېرەك.
بۇ كەلگۈسىدە بازاردا بازارلاشقان مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىدىن، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ دەرس يېتەكچىلىكى ئۈچۈن غەم يېيىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ.
مەركەز سۈرئەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يەنە توققۇز شەھەرنى مەكتەپ سىرتىدىكى پەن مائارىپ ئاپپاراتى قاتارىدا ئېنىقلاش سىناق نۇقتىسى قىلىپ تاللاپ، مەسىلىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئىجازەتنامىسىنى قەتئىي بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭ تەسىرىدە، بۈگۈن كەچتىكى ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدا، يېڭى شەرق، يۇقىرى يول (高途)، ياخشى كەلگۈسى (好未来) باشلىنىشىدىلا پاي باھاسى قاتتىق غولاپ كەتتى.
كونىلاردا «ياخشى ئىش جۈپتى بىلەن.» دەيدىغان گەپ بار.
يەنىلا بۈگۈن خەلق گېزىتىنىڭ باش بېتىدە تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن كاپالەتلىك ئىجارە تۇرالغۇ ئۆي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچقانلىقى ئېلان قىلىندى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ھۆججەتنى ناھىيە، تۈەن دەرىجىلىككىچە ئېلان قىلغانلىقىغا ئوخشاش، گوۋۇيۈەننىڭ تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىدا ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ روھىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ بۈگۈنكى ھۆكۈمەت تورىغىمۇ سەككىز مىنىستىرلىق-كومىتېتنىڭ بىرلەشمە ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۈچ يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ تەرتىپىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
سىناق نۇقتىسى ۋە ئاۋانگارت بولغان شاڭخەي تەبىئىي ھالدا ئارقىدا قېلىشنى خالىمايدۇ.
بۈگۈن مەركىزىي بانكا شاڭخەي بانكىسىنى يىغىپ، تۇنجى يۈرۈش ئۆينىڭ قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى 35 ئاساسىي نۇقتا، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆينىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى 45 ئاساسىي نۇقتا قىلىپ بېكىتتى.
شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزىمۇ تولۇقلاپ، سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتتى ھەمدە ئەتىدىن باشلاپ ھەدىيە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۇرالغۇ ئۆينى ئۆتۈنۈپ بېرىلسە، بەش يىل ئىچىدە يەنىلا ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ ئۆي سانىغا خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەگەر يېقىنقى بىر مەزگىللىك خەۋەرگە دىققەت قىلساق، مەركەزنىڭ مائارىپ ۋە تۇرالغۇ ئۆي ساھەسىدە دادىللىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلاھات لوگىكىسىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايمىز.
بىرىنچىدىن، پىشاڭنى تۈگىتىش ۋە مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، مائارىپ گۇرۇھىنى كاپىتال بازىرىدىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە، ئالدىن ھەق تۆلەيدىغان كوللېكتىپ سېتىۋېلىشنى يولغا قويۇشقا ئامالسىز قالدۇردى؛ يەر-مۈلۈك ساھەسىدىكى ئۈچ قىزىل سىزىق ۋە مەركەزلىك سۈرەتكە تارتىش ئورنى ئۆي-مۈلۈك گۇرۇھىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى چەكلەپ، بىرلەشمە مۇھاسىرە نىشانىنىڭ ئېھتىماللىقىنى چەكلىدى.
ئىككىنچىدىن، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى تەكشۈرۈلىدۇ، مەيلى مائارىپ گۇرۇھى ياكى يەر-مۈلۈك گۇرۇھى بولسۇن، پەقەت بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سىزىققا تېگىپ كەتسىلا، باجدىن قاچسىلا، بىۋاسىتە قولغا ئېلىنىپ، تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ھۆكۈمەت مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى يەر-مۈلۈك كۈچلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
ئۈچىنچى، ئاخىرقى ئۇچىنى تولۇقلاش، مائارىپ جەھەتتە يەسلىدىن تارتىپ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىچە ئەرزان باھالىق مائارىپ بىلەن تەمىنلەش، تۇرالغۇ جەھەتتە 1-، 2-سەپتىكى شەھەرلەرنى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي بىلەن تەمىنلەش، شەھەرگە كىرگەن تۆۋەن قاتلام ئاممىنى ئوتتۇراھال ۋە زور مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەندىلا ئاندىن بەھرىمەن بولىدىغان پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ.
بۇ بىر يۈرۈش سىياسەتلەر ئارقىسىدا، مەنپەئەتدار گۇرۇھلارنىڭ مونوپوللۇقى ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇپ تاشلىنىدۇ، تۆۋەن قاتلامدىكى ئامما غايەت زور ئۆرلەش بوشلۇقى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
خەلق ئاممىسىنى بېسىپ تۇرغان «ئۈچ چوڭ تاغ (مائارىپ، داۋالاش، ئۆي-مۈلۈك)»، ئىككىنى كۆچۈرگەن ئىكەنمىز، تەبىئىيلا داۋالاش كەم بولسا بولمايدۇ.
ئۈچ كۈن ئىلگىرى، مەملىكەتلىك داۋالاش، دورا، سەھىيە ئىسلاھاتى خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، سەنمىڭ تەجرىبىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ پۈتۈن مەملىكەتتە دورا خورىما ماتېرىياللىرىنىڭ بىرلەشمە باھاسىغا چەك قويۇپ سېتىۋېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يۇقۇم سەۋەبىدىن، بۇ يىل داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقى مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تۇرالغۇ ئۆي ئىسلاھاتىغا يەتمەيدۇ، ئەمما يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھات چوقۇم كەم بولمايدۇ.
ھەتتا كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا، بىز ئۆي-مۈلۈك مائارىپى ساھەسىدىكى ھەرىكەت ۋە لوگىكىنىمۇ داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ساھەسىگە كىرگۈزىمىز.
يېڭى شەرق، يۇقىرى يول، ياخشى كەلگۈسى، خېڭدانىڭ پاي باھاسىنى كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدا، 40 يىلدىن بۇيان قەد كۆتۈرگەن داۋالاش ۋە دورا خورىما ماتېرىياللىرى مەنپەئەت گۇرۇھىنىڭ، كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىق ئېھتىماللىقىمۇ ناھايىتى چوڭ.
يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ۋە مونوپول ماگناتنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى كۈندە مەركەز پۈتۈن كۈچى بىلەن تۇرالغۇ، داۋالىنىش، مائارىپتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان گۇرۇھلارنى كۆچۈرۈۋاتىدۇ (ئەدىپىنى بېرىۋاتىدۇ).
«پۇل بىلەن سەن مۇھىم ئەمەس، سېنىڭ بولماسلىقىڭ ئەڭ مۇھىم.»
بۇ بىزنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىمىز، شۇنداقلا ئەينى يىللاردىكى ئىنقىلابنىڭ ئەسلىي مەقسىتى.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
ئەگەر داڭلىق ئىقتىساشۇناس شۆ جاۋفېڭنىڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ كۆرۈش داۋامىدا خەنزۇچە كىتاب بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىش ئىستىكىڭىز بولسا نەپدان سالونى (nepdan ياكى napdan دەپ ئىزدەپ ئەگەشسىڭىز بولىدۇ.)غا ئەگىشىپ، سالونغا
jjx
ۋەياكى
20210901
ياكى
xzf
دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆزنىڭ خالىغان بىرىنى قايتۇرۇپ ھەقسىز ئېرىشىپ، سېلىشتۇرۇپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
نەپدان سالونىنىڭ ئىككىلىك كودى (سىكاننېرلاپ ئەگىشىۋالسىڭىز بولىدۇ):
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408