搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
دۆلىتىمىز پۇتپولچىلىقى ۋە ئۆي-زېمىن كەسپى
>
دۆلىتىمىز پۇتپولچىلىقى ۋە ئۆي-زېمىن كەسپى
Nepkar
2020-09-27
0
导读:ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىپ، قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئۆي-زېمىننى بوشىتىشقا ئۇرۇنىدىغان ۋە رەھىم قىلىشنى تەلەپ
دۆلىتىمىز پۇتپولچىلىقى ۋە ئۆي-زېمىن كەسپى
1994-يىلى باج ئايرىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو كەسپىي پۇتبولچىلىقىمۇ باشلاندى، پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان ۋاڭ جيەنلىن داليەن ۋەندانى يېتەكلەپ، ئون يىللىق A دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ تاجدارىغا ئايلاندى.
ئون يىلدىن كېيىن، A دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تاجسىز پادىشاھ دالىيەن كوماندىسىمۇ تېزلا چۈشكۈنلىشىپ كەتتى.
سەۋەبى ھەرخىل، لېكىن بىر نۇقتىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى تىجارەت خاراكتېرلىك بارلىق يەرلەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە خېرىدار چاقىرىش، كىمارتۇق قىلىپ سېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى بەلگىلىدى.
A دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىدىن تاشقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يەرگە ئېرىشىش ئۇسۇلىمۇ ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش، كىمارتۇق قىلىپ سېتىش، ۋىۋىسكا ئېسىشقا ئۆزگەردى، تەرەققىيات سودىگەرلىرى پۇتبول ئارقىلىق يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۆلىكىدىكى ئەرزان باھالىق يەرگە ئېرىشىش ئۇسۇلى، سىياسەتنىڭ «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»كە ئەگىشىپ قىيىنلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئاشتى ...
ئىلگىرى ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئاشكارىلاش ئارقىلىق مەبلەغ جەلپ قىلىشقا موھتاج ئىدى، كاپىتالنى چوڭقۇر ئىگىلىگەن ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ۋە چەتئەللىكلەر ياخشى كۆرىدىغان پۇتبول تەبىئىيلا شەھەرنىڭ ئىسىم كارتىسىغا ئايلىناتتى، ھۆكۈمەت بۇ ئىسىم كارتىسىغا تايىنىپ نۇرغۇن قېرىنداش ئورۇنلاردىن ئۈزۈپ چىقىپ، يېتەرلىك كاپىتال جەلپ قىلىشىغا موھتاج ئىدى.
شۇڭا، ھۆكۈمەتمۇ قولىدىكى ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى خالايتتى. مەركەزنىڭ ئۆي-زېمىن كەسپىنى باستۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، ئورنى ياخشى بولغان يەرلەرنى تۆۋەن باھادا بۇ شەھەرگە شەرەپ كەلتۈرۈشنى خالايدىغان تەرەققىيات سودىگەرلىرىنىڭ ئېچىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئەسلىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرەلمىگەن يەرلەرنى بىۋاسىتە ئېچىپ، غايەت زور نىسپىي ئەۋزەللىككە ئىگە قىلدى.
لېكىن كەسپىي پۇتبولنىڭ بارغانسېرى پۇل كۆيدۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆلكە مەركىزى بولمىغان شەھەرلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يەرلىرى كوماندىنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرۈشكە ئەسلا يەتمىدى، كېيىنكى مەزگىلدە خېرىدار چاقىرىش، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش تېخىمۇ زور دەرىجىدە شەھەر مەركىزىدىكى ئەلا سۈپەتلىك يەرلەرنى ئالماشتۇرۇش توسالغۇسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، داليەن، چىڭداۋ، شيامېن، يەنبيەن قاتارلىق كوماندىلارمۇ بەس-بەستە يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدىن چېكىندى.
شۇڭا، ۋاڭ جيەنلىن بىر ئاچچىقىدا پۇتبول ساھەسىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ، ئۇنىڭ پۇتبول ساھەسىگە قايتىپ كېلىشىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەگرى-توقايلىقلارغىچە، ھەقىقەتەن ھەر خىل سەۋەبلەرنى تېپىشقا بولىدۇ، لېكىن ھەقىقىي ئىچكى يادروسى ئۆلكە مەركىزى بولمىغان شەھەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يەر زاپىسى، جۇڭگودىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك كارخانىچىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە يېتىشەلمەيدۇ، ئىككىسىنىڭ زىددىيىتى مۇقەررەر ھالدا ھەر خىل شەكىلدە كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ.
گەرچە ۋاڭ جيەنلىن پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ يەر-مۈلۈك سودىگەرلىرى پۇتبول ساھەسىگە كىرىشكە باشلىدى.
بۈگۈنكى كۈندە بار بولغان 16 جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەبلەغ سالغۇچى تەرەپلىرى ئۆي-زېمىن كەسپىگە چېتىشلىق، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ ئۆي-زېمىن كەسپىنى ئاساسىي كەسىپ قىلغان.
بۇنىڭ كەينىدە، 2004-يىلى دۆلەتنىڭ تۆت چوڭ دۆلەت بانكىسىنىڭ ناچار مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ناچارلىشىش نىسبىتى %6 تىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈشى ھەمدە ئۇنىڭ بىر-بىرلەپ بازارغا سېلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، پۇل مۇئامىلە كاپىتالى تەدرىجىي تارىخ سەھنىسىگە چىقتى.
خېرىدار چاقىرىش، كىمارتۇق قىلىپ سېتىش ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ تاپىدىغىنى ئاساسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن باھادا يەر بېرىش باھا پەرقى ھەمدە ئالدىنقى مەزگىلدىلا كېمەيتكىلى بولىدىغان يەر بېجى پۇلى ئىدى، بىراق خېرىدار چاقىرىش، كىمارتۇق قىلىپ سېتىش ئېلىپ كەلگەن بازارلاشتۇرۇش رىقابىتىگە ئەگىشىپ، كىم تېخىمۇ كۆپ كاپىتالنى يۈرۈشتۈرەلىسە، شۇ تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى يەرگە ئېرىشىپ، كۆلەملەشكەن پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.
شۇڭا، ئاتامانلارنىڭ پۇتبول ئوينىشى ھەرگىزمۇ تۆۋەن باھالىق يەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەر ئالغاندا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈندۇر.
كۆپچىلىككە ئايانكى، ھازىر دەۋر ئۆزگەردى.
2004-يىلىدىن بۇرۇن ھۆكۈمەتكە تايىنىپ تېخىمۇ ئەرزان، ياخشى يەرلەرنى، 2004-يىلىدىن كېيىن بانكىغا تايىنىپ تېخىمۇ كۆپ ئەرزان يەرلەرنى ئالىدىغان بولدى.
تارىخىي مۇساپىگە دەسسىمىگەن كارخانىلار بەس-بەستە ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن غايىب بولدى، مەسىلەن، خاڭجۇدا يۇقىرى سۈپەتلىك تۈرلەرنى ئېچىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان يېشىل شەھەر، شۇنداقلا بېيجىڭدا ئىلگىرى ۋەنكې بىلەن جەنۇب-شىمال دەپ ئاتالغان خۇايۈەن، زىيادە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىنى بويلاپ مېڭىپ، يېڭى دەۋردە مۇقەررەر ھالدا بۇرنىنى زىدە قىلىۋالدى.
ئەمما تەرەققىيات مۇساپىسىگە قەدەم قويغان خېڭدا بولسا، بۇ پۇل-مۇئامىلە ئاپاراتلىرىغا تايىنىپ كۆپ سوممىلىق يۈرۈشلەشكەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرىدىغان يۇقىرى ئوبوروت كارخانىلىرىغا تايىنىپ، مەملىكەت بويىچە تېز سۈرەتتە كېڭىيىپ، 2008-يىلىدىن كېيىنكى ئۈچ نۆۋەتلىك ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق، تېزلا مەركەز كارخانىلىرى بىلەن پۇت تېپىشەلەيدىغان پۇقراۋى كارخانىغا ئايلاندى.
ئەلۋەتتە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىدە كۈچلۈك بولغان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىغا تايىنىشچانلىققا ئىگە. مەسىلەن، خېڭدانىڭ شېنشېن ئۆي-مۈلۈكچىلىكىنى قايتا تەشكىللەپ، خوجىلىق كەسپىنى پارچىلاپ پېيىنى بازارغا سېلىش (IPO)تىكى مەقسەت پۇل مۇئامىلە بازىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىش؛ بىراق ھازىر قىلىۋاتقان ئاپبوموبىل كەسپى بولسا ئۇلار ئەينى يىللاردا قىلغان پۇتبول بىلەن ئوخشاش ماھىيەتكە ئىگە بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزان باھالىق يەر بېرىشى ھەمدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى ماسلاشتۇرۇپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر ......
بىراق ، ئالدىنقى ئايدىكى «ئۈچ قىزىل سىزىق»نىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، دەۋر يەنە ئۆزگەردى ......
سىياسەت ناھايىتى ئاددىي، ئىلگىرى ھەممىنى ئېنىق بەلگىلىگەن، يەنى ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يۇقىرى چېكىنى قۇلۇپلاپ قويۇش ئىدى.
بىراق، ھەر قېتىملىق سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئەڭ ئېغىر يارىلىنىدىغىنى ئالدىنقى قېتىملىق سىياسەتتىكى ئەڭ ماسلىشىپ كەتكەنلەر بولىدۇ، چۈنكى ئۇلاردا غايەت زور يولغا تايىنىش ۋە ئەقىدە بولۇپلا قالماي، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش يۆنىلىشىگە ئەڭ كۆپ پىشاڭ قوشىدۇ.
بۇمۇ ۋاڭ خوجايىن، سۇڭ خوجايىن، جيا خوجايىندىن جاڭ خوجايىن ۋە شۈ خوجايىنغىچە، تەنتەربىيە ساھەسىدە زور مەبلەغ سالغان بۇ كاتتا ئەربابلارنىڭ شامال ئوڭدىن كەلگەندە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، شامالغا قارشى ماڭغاندا بىلىكى ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.
ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى نىسپىي سىرتقى قاتلامنىڭ سەۋەبى، ھەقىقىي ئارقا كۆرۈنۈش يەنىلا ماكرولۇق سىياسەتنىڭ لوگىكىسىدۇر.
1994-يىلىدىكى باج ئايرىش تۈزۈمىگە ئەگىشىپ، زور مىقداردىكى يەرلىك كاپىتال ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىن مەركەزگە توپلاندى ھەمدە ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ زىيادە قىزىپ كېتىشى تىزگىنلەندى. شۇ يىلى 100 پروفېسسورنىڭ بىردەك ماقۇللىشى بىلەن، جۇڭگو زور مەبلەغ سېلىپ ئالاقە تورىنى ئاچتى، قۇرۇلغان بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى كەڭ كۆلەملىك ئاساسى ئۇل-ئەسلىھە ياتقۇزۇشنى باشلاپ، جۇڭگونى ئامېرىكىدىن كېيىنكى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئالاقە تورى ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا ئىگە قىلدى.
2004-يىلىدىكى خېرىدار چاقىرىش، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا ئەگىشىپ، ھەر قايسى ئۆلكىلەر يەر مالىيەسىنى قايتىدىن باشلىدى، نۇرغۇن كاپىتال مەركەزدىن يەرلىككە قايتۇرۇپ كېلىنىپ، ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى باشلاندى، جۇڭگونىڭ WTO غا كىرىشى ھەمدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ 911 ھەمدە ئىككىلەمچى قەرز كىرزىسىدىن باشلاپ ئۇدا ئىككى قېتىم شېرىن ئاي مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو يەر شارىلىشىش ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن مۇكەممەل بەھرىمەن بولدى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىرى پەسەيسە، بىرى بوشاپ، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ۋە يەر شارىلىشىش تارىخىي مۇساپىسىگە مۇكەممەل يېتىشىۋالدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئۆي-زېمىننى قايتا تەشكىللەپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى توختىتىشتىن بۈگۈنكى «ئۈچ قىزىل سىزىق»قىچە، 94-يىلى باج ئايرىش تۈزۈمىگە ئوخشاش، يامراپ كەتكەن ئۆي-زېمىن يەرلىك كاپىتالىنىڭ قايتىدىن مەركەزدىن قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، ئومۇمىي كىرېدىت كۆلىمى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، زور مىقداردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن كاپىتال مۇقەررەر ھالدا يەنە قايتىدىن يېڭى بىر ئەۋلاد ئالاقە تورى ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدۇ. خۇددى 94-يىلىدىكى بەش يىلدىن كېيىن،BAT (بەيدۇ، ئەلى بابا، تېڭشۈن) ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭ، خاڭجۇ، شېنجېندا بارلىققا كەلگەندەك، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشنىڭ كەڭ كۆلەمدە سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىزمۇ يېڭى دەۋردىكى BAT نى كۈتۈۋالىمىز.
ماھىيەتتە، بۇ كۆرگىلى بولىدىغان قولنىڭ تەڭشەپ تىزگىنلىشى ئاستىدا، دۆلەت قاتلىمىدىكى كىرېدىت كۆلىمىنىڭ يۆتكىلىشىدۇر.
بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخىي مۇساپىدىكى مۇقەررەر تەدبىرلەر، شۇڭا ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىپ، قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئۆي-زېمىننى بوشىتىشقا ئۇرۇنىدىغان ۋە رەھىم قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە تارىخىي مۇساپىدىكى بىر خىل نالە قىلىشقا ئوخشايدۇ.
مەنبە: جېڭشىتاڭ
تەرجىمىدە: ئىلقۇت
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408