搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئىگىلىك تىكلەش داۋامىدا يولۇقۇش مۇمكىن بولغان قانۇنى مەسىلىلەر
>
ئىگىلىك تىكلەش داۋامىدا يولۇقۇش مۇمكىن بولغان قانۇنى مەسىلىلەر
Nepkar
2020-10-01
0
导读:ئىگىلىك تىكلەش كىچىك ئىش ئەمەس، قانۇنى مەسىلىلەر ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ مەسىلە. شىركەتتە ساقلىنىپ قالغان كىچ
ئىگىلىك تىكلەش داۋامىدا يولۇقۇش مۇمكىن بولغان قانۇنى مەسىلىلەر
رەيھانگۈل تۇرغۇن
دەسلەپ ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىغانلار بەلكىم قانۇن مەسىلىسىنى ئانچە ئويلىشىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، ھەتتاكى قانۇنى مەسىلە ئۆزىنى ئىزدەپ كەلمىگىچە ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلار ئاز ئەمەس. لېكىن ئىگىلىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ ئويلايمەن. تۆۋەندە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا يولۇقۇش مۇمكىن بولغان قانۇنى مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەل قىلىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز:
بىرىنچى، شىركەت قۇرۇش جەريانىدىكى قانۇنى مەسىلىلەر
شىركەت قۇرۇش جەريانىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ۋە قانۇنى خېيىم-خەتەر دەل شىركەت قۇرۇش ئوڭۇشلۇق بولماي قالغانلىقتىن پايچېكلار ئارىسىدا مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىشتىن كېلىپ چىققان مەسىلە، شۇنداقلا شىركەتنىڭ ئوڭۇشلۇق قۇرۇلمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۈچىنچى بىر تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى مەسىلىلەر. بۇ مەسىلىلەرنى كېيىنرەك تەھلىل قىلىمىز.
ھازىر شىركەت قۇرۇش داۋامىدىكى ھەرخىل ھۆججەت ۋە ھەرىكەتلەردە پەيدا بولۇشى مۇمكىن بولغان خاتالىق ۋە ئېھتىياتسىزلىقلار ئۈستىدە توختىلىمىز. بۇ خاتالىقلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ:
1. يالغان مەبلەغ چىقىرىش ياكى پايچېكلار مەبلەغنى تولۇق چىقارماسلىق
2. ئەنگە ئالدۇرغان مەبلەغنى يالغان مەلۇم قىلىش
3. يالغان ماتېرىياللار ئارقىلىق مۇھىم بولغان ئىشلارنى ياكى مەسىلىلەرنى يوشۇرۇش
4. مۇناسىۋەتلىك قانۇنى ئەھۋال كۆرۈلمىگەن شارائىتتا مەبلەغنى قايتۇرۇپ چىقىرىۋېلىش
5. شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرغان ماتېرىياللاردا ساقلانغان خاتالىقلار.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا شىركەتلەرنىڭ ياكى توردىن چۈشۈرۈۋالغان مۇقىم شەكىل ۋە مەزمۇنغا ئىگە شىركەت نىزامنامىسىنى ئىشلىتىش، ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى شىركەت ئورنىدا ھەرخىل مۇھىم ھۆججەت ۋە پايچېكلار يىغىن قارارىغا ئىمزا قويغۇزۇش، شىركەتنىڭ قانۇنى ۋەكىلىنى خالىغانچە بېكىتىش، قانۇن نىزاملاردىن قېچىپ ئىسمى يوشۇرۇنغان پايچېك تۇرغۇزۇش، باج پاراۋانلىقىدىن بەھرىلىنىش ئۈچۈن سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ياكى باج تارماقلىرىغا شىركەتنىڭ ئەنگە ئالدۇرغان ئىش بېجىرىش ئورنىنى يالغان مەلۇم قىلىش، ياكى ئەڭ باشتىكى تەستىقلاش ئورۇنلىرىغا ساختا مەبلەغ ياكى سالاھىيەت ئىسپاتلىرىنى كۆرسىتىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىركەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى داۋامىدىكى قەرەلسىز يۇشۇرۇن ئاپەتكە ئايلىنالايدۇ.
ئىككىنچى، خادىملارنى باشقۇرۇش جەريانىدا ساقلىنىشى مۇمكىن بولغان قانۇنى مەسىلىلەر
ئادەم ھەر قايسى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ئىچىدىكى ئەڭ ئاكتىپ ۋە ئىجاد قىلىش كۈچىگە ئىگە ئامىل. شۇڭا شىركەتلەر خادىملارنى قوبۇل قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئەمگەك كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش ئاساسلىقى خادىملارنى قوبۇل قىلىش پىلانىنى تۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى قېزىپ چىقىش، ئىش ئورنىنى مۇقىمداش ۋە چۈشەندۈرۈش، يۈز تۇرانە سىناقنى بېكىتىش، ئەمگەك توختامى، ئىش ھەققى ۋە باشقا پاراۋانلىق ئىشلىرى، جەمئىيەت سۇغۇرتىسى، ئىشقا چىقىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، تەربىيەلەش، خىزمەت ئورنىنى تەڭشەش، يىللىق خۇلاسە ئېلىپ بېرىش، شىركەت مەدەنىيىتىنى يارىتىش، خادىملارنىڭ ئىستېپا ۋە ئىشتىن بوشىتىلىش ئەھۋالىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە ساقلىنىشى مۇمكىن بولغان قانۇنى مەسىلىلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن:
1. شىركەت نىزامنامىسىدىكى تۈزۈملەرنىڭ تۈزۈلۈشى قانۇنغا ئۇيغۇن بولماسلىقى. مەسىلەن، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتى، ئىش ھەققى، ئىشتىن بوشىتىلىش شەرتى دېگەندەك؛
2.خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلغاندا خىزمەتچىنىڭ ئەسلىدىكى ئىش ئورنىغا مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىمەسلىك ياكى خادىملارنىڭ ئارخىپىنى تەكشۈرگەندە ئىنچىكە بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەر؛
3. ئەمگەك توختامى، مائاش تارقىتىش، خىزمەت ۋاقتى، سۇغۇرتا قاتارلىق باشقۇرۇش مەسىلىلىرىدە قانۇندىن قېيىپ كېتىش؛
4. خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشاتقاندا مۇھىم بولغان باسقۇچ ۋە ھالقىلار، رەسمىيەتلەر تولۇق بولماسلىق ھەتتاكى قانۇنغا خىلاپ بولۇش؛
5. خىزمەتچىلەر خەتەرلىك خىزمەت شارائىتىدا خىزمەت قىلغاندا كېرەكلىك بولغان بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلەر تولۇق بولماسلىق؛
ئۈچىنچى، بىلىم مۈلۈك باشقۇرۇش خىزمىتىدە ساقلىنىش مۇمكىن بولغان قانۇنى مەسىلىلەر
شىركەتتە ئۆزىنىڭ شەكىلسىز مۈلۈكىنى، يەنى ئەقلى مۈلكىنى باشقۇرۇش جەريانىدا چوقۇم كۈچكە ئىگە بولغان ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇشى كېرەك. شىركەتنىڭ بىلىم مۈلۈكىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئاشكارىلىنىشى، تارقىتىلىشى، كۆپەيتىلىشى ۋە ئوخشاش قىلىپ ياسىلىشىغا قىلچە پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەت قويماسلىق كېرەك.
بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتىكى قانۇنى مەسىلىلەر تۆۋەندىكىدەك بولۇشى مۇمكىن:
1. شىركەتتە بىلىم مۈلكىنى قوغداش جەھەتتىكى بىلىم ۋە ئاڭنىڭ تۆۋەن بولۇشى، بىلىم مۈلكىنى قوغدايدىغان خىزمەت تەرتىپىنىڭ كەمچىل بولۇشى؛
2. شىركەتنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى قوغدايدىغان مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بولماسلىقى؛
3. شىركەتنىڭ بىلىم مۈلكى مەسىلەن تاۋار ماركىسى، پاتېنت ھوقۇقى ۋە ئاپتورلار ھوقۇقى قانۇنغا ئۇيغۇن، قانۇنى كۈچكە ئىگە ۋە پىلانلىق يول ئارقىلىق ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىلمىغانلىقى ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى تاپشۇرمىغانلىقى؛
4. باشقىلارنىڭ شىركەتنىڭ بىلىم مۈلكىنى ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرگەندە ئۈنۈملۈك بولغان باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈمىنىڭ كەمچىل بولۇشى؛
5. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قارىتا كېرەكلىك بولغان جازالاش تەدبىرلىرى ۋە ھەرىكىتى بولماسلىق؛
ئىگىلىك تىكلەش كىچىك ئىش ئەمەس، قانۇنى مەسىلىلەر ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ مەسىلە. شىركەتتە ساقلىنىپ قالغان كىچىككىنە قانۇنى مەسىلىمۇ ۋاقتى كەلگەندە قەرەلسىز يۇشۇرۇن ئاپەتكە ئايلىنىپ شىركەتنىڭ مەنپەئەتىگە ھەرۋاقىت تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر بۇ ئاپەت ئەۋج ئېلىپ كەتسە، مىڭ جاپادا تىكلىگەن ئىگىلىك پارە-پارە بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا كىچىككىنە ئاۋارىچىلىكتىن قېچىپ، ياكى كۆز ئالدىڭىزدىكى ئازغىنە مەنپەئەتنى كۆزلەپ شىركەت ئۇلىغا قەرەلسىز يۇشۇرۇن ئاپەتنى كۆمۈپ قويماڭ. «كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈمۈڭ ئاشكارا.» دېگەن ئاتىلار سۆزى داۋاملىق ئېسىڭىزدە بولسۇن.
بۈگۈنكى تەۋسىيە: مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق 10 قىسىملىق مەخسۇس فىلىمى
مەزكۇر فىلىم سىزنىڭ شىركەتنىڭ ماھىيىتى، شىركەتنىڭ يۈرۈشۈش قانۇنىيىتى، تەرەققىيات باسقۇچلىرى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى فىلىمدۇر.
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ «شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق 10 قىسىملىق فىلىمنى كۆرۈڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ «شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408