大数跨境

قارىغۇنى ياردا قىستاپ بېيىش قىلمىشىغا باشقا نۇقتىدىن قاراش

قارىغۇنى ياردا قىستاپ بېيىش قىلمىشىغا باشقا نۇقتىدىن قاراش Nepkar
2020-11-22
1
导读:شۇڭا، ئوخشىمىغان قائىدىنى تاللىغاندا، تالانتى ئوخشاش بولمىغان ئادەمنىڭ پۇرسىتى ئوخشاش بولمايدۇ.
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!

قارىغۇنى ياردا قىستاپ بېيىش قىلمىشىغا باشقا نۇقتىدىن قاراش
بۇ تېمىمىزدا بىز ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر كۆز قاراشنى چۈشەندۈرىمىز، ئۇ بولسىمۇ بىز ئاشۇ قارىغۇنى ياردا قىستاپ بېيىغان كىشىلەرنى ماختىشىمىز كېرەك.

قارىغۇنى ياردا قىستاپ بېيىش يولدا توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىشتىن پەرقلىنىدۇ
ئالدى بىلەن ئىككى مىسال كەلتۈرۈپ، بۇ ئىككى مىسالنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
بىرىنچى مىسال: بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىش يولۇمدا، قاراڭغۇ دوقمۇشتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمدا، تۇيۇقسىز بىرسى ئېتىلىپ چىقىپ، قولىغا پىچاق ئېلىپ: «پۇلۇڭغا تۇرامسەن ياكى جېنىڭغىمۇ؟» دەپ سورىسا، مەن ئەلۋەتتە «جانغا تۇرىمەن.» دەيمەن. ئۇ: «بولىدۇ، ئۇنداقتا ماڭا 10 مىڭ يۈەن بەر!» دېسە، مەن ئۇنىڭغا: « يېنىمدا 10 مىڭ يۈەن يوق، ئۆيۈم مۇشۇ ئەتراپتا، سىز مەن بىلەن بېرىپ ئېلىۋېلىڭ.» دېسەم، قاراقچى ماقۇل بولغاندىن كېيىن، نەتىجىدە، ئادەم كۆپ يەرگە كەلگەندە مەن قېچىپ كەتسەم. بۇ چاغدا قاراقچى قوغلاپ كېلىپ: «سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلدىڭ!» دېدى.  ئەگەر سىز سوتچى بولسىڭىز، قانداق ھۆكۈم قىلىسىز؟
ئىككىنچى مىسال: مەن قۇملۇقتا ئۇسساپ ئۆلەي دېدىم، بۇ چاغدا بىرەيلەن ماڭا: «مەندە بىر بوتۇلكا سۇ بار، 10 مىڭ يۈەنگە سېتىپ بېرەي، ئالامسىز؟» دېسە، مەن: «بولىدۇ! لېكىن 10 مىڭ يۈەن يېنىمدا يوق، مەن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، سىزگە 10 مىڭ يۈەن بېرەي.» دېسەم، ئۇ ئادەممۇ ماقۇل بولسا، مەن ئۇ سۇنى ئىچىپ، ھاياتىمنى ساقلاپ قالدىم. نەتىجىدە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، مەن بۇ كىشىگە 10 مىڭ يۈەن پۇل بەرمىدىم، چۈنكى مېنىڭچە بىر بوتۇلكا سۇ 10 مىڭ يۈەنگە بەك قىممەت، بۇ قارىغۇنى ياردا قىستىغانلىق ئەمەسمۇ؟ شۇڭا مەن پۇل تۆلەشنى رەت قىلدىم. ئۇ ئادەم شۇنىڭ بىلەن مېنى ئەرز قىلىپ: «سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلدىڭ!» دېدى. ئەگەر سىز سوتچى بولسىڭىز، قانداق ھۆكۈم قىلىسىز؟
بىرى يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىش، يەنە بىرى قارىغۇنى ياردا قىستاپ بېيىش، ئىككىسىنىڭ قانداق پەرقى بار؟ بۇنىڭ پەرقى شۇ يەردىكى، بىرىنچى دېلودا، بىر ئادەم دۇچ كەلگەن پۇل ياكى جاننى تاللاشنى قاراقچىلار پەيدا قىلغان؛ ئىككىنچى دېلودا بولسا، ئۇسسىغان ئادەم دۇچ كېلىدىغان پۇل ياكى جاننى تاللاشنى سۇ بىلەن تەمىنلىگۈچى پەيدا قىلمىغان. سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئادەم، پەقەت باشقىلارغا كۆپرەك تاللاش پۇرسىتى تەمىنلىگەن خالاس.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئاپەتكە يولۇققاندا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باي بولۇش قىلمىشىنى تەنقىدلەيدۇ. لېكىن بىز ئويلاپ باقايلى، دۆلەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشۈشنى ھېلىقى باي ئادەم پەيدا قىلغانمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئۇنداقتا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باي بولغان ئادەم، ئەمەلىيەتتە باشقىلارغا كۆپرەك تاللاش پۇرسىتى تەمىنلىگەن بولىدۇ، خالاس. دۆلەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە پۇرسەتتىن پايدىلانماقچى بولغان كىشىلەر بەلكىم باشقىلاردىن پايدىلانغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ خىل پايدىلىنىش يەنە بىر تەرەپكە نىسبەتەنمۇ پايدىلىق.
ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشتا باشقىلار قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پايدىلىنىش ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، دوختۇر بىمارنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدىن پايدىلىنىدۇ ئەمەسمۇ؟ مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلىنىدۇ ئەمەسمۇ؟ لېكىن دوختۇرنىڭ بىمارغا نىسبەتەن ياردىمى بار، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەنمۇ ياردىمى بار. ئەمما بۇ قائىدىنى مەيلى جۇڭگولۇق بولسۇن ياكى چەتئەللىك بولسۇن نۇرغۇن كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ.

باشقىلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بېيىشىنى توسۇش، پەقەت ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىۋېتىدۇ
نەچچە يىل ئىلگىرى، ئامېرىكىدىكى «كاتېرىنا» ناملىق قارا بوران ئاپىتىدە مىسسىسىپى دەرياسى ئەتراپىدا كەڭ كۆلەمدە توك توختاپ قالغان ئىدى. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ خەۋەرنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، بىر ئادەم بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئازراق پۇل تاپماقچى بولۇپ، ئۆزى يىغقان پۇلىنى چىقىرىپ، 19 گېنېراتور سېتىۋالىدۇ، يەنە بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىنى ئىجارىگە ئېلىپ، 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، كىنتاكىسىدىن مىسسىسىپىغا بارىدۇ. 
شۇ چاغدا نۇرغۇن ئاھالە گېنېراتورغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىدى، بۇ كىشى يېتىپ بارغاندىن كېيىن، گېنېراتورنى ئىككى ھەسسە باھادا ساتقان. لېكىن دەل شۇ چاغدا، ساقچىلار ئۇنى ئىزدىگەن. ساقچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ كىشى شۇ جاينىڭ باھا ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش نىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، زور پايدا ئالغان، شۇڭا ئۇنى قولغا ئېلىپ، ئۇنىڭ 19 گېنېراتورىمۇ مۇسادىرە قىلىنغان. بۇ ئادەم تۈرمىدە تۆت كۈن تۇرغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن، ھېلىقى 19 گېنېراتور بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئامبىرىدا ساقلانغان.
ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ بىر پروگراممىسى بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلىدۇ، پىروگراممىنىڭ رىياسەتچىسى مۇنداق بىر سوئالنى سورايدۇ: «زادى دۆلەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە بېيىماقچى بولغانلار ئاھالىلەرگە ياردەم قىلامدۇ ياكى گېنېراتورنى ھۆكۈمەت ئىسكىلاتىدا تۇتۇپ تۇرغان ساقچىلار ئاھالىلەرگە ياردەم قىلامدۇ؟ زادى كىم ئاھالىلەرگە زىيان يەتكۈزگەن؟» ئۇ ئاشۇ ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلغاندا، ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى: «بىزگە گېنېراتور كېرەك، بىزگە توك كېرەك، بىزگە يېمەكلىك كېرەك.» دېگەن.
بۇ پروگراممىنىڭ رىياسەتچىسى يەنە كوچىغا چىقىپ كۆپچىلىكتىن: «دۆلەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باي بولۇش توغرىمۇ-خاتا؟» دەپ سورىغاندا، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا: « دۆلەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باي بولۇش توغرا ئەمەس، سىزنىڭ قانداق ئويلىغىنىڭىزنى بىلمىدىم.» دېگەن.
بىز تەبئىي ھالدا «دۆلەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باي بولۇش خاتا!» دەپ قارايمىز، لېكىن باي بولغىلى بولمىسا، بىز باشقىلارنى 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول ماڭدۇرۇپ، ئۆزى يىغقان پۇللارنى چىقىرىپ، شۇنچە كۆپ گېنېراتور سېتىۋېلىپ، كىشىلەر ئېھتىياجلىق جايغا يەتكۈزۈپ بەرگۈزەلەيمىز؟ تىنچلىق دەۋرىدە، كىشىلەر «ھەممىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ.» دەپ قارايدۇ، كونكرېت مىساللاردا بولسا، باھانىڭ رولىغا سەل قارىلىدۇ.
ئارقىدىنلا، ھېلىقى رىياسەتچى يەنە ئۈچ نەپەر نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن دۆلەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باي بولۇش توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى سورىغان.
بۇ ئۈچ ئىقتىسادشۇناسنىڭ بىرى 1992-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن گارىي بېكېر (Gary Becker) بولۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باي بولۇش تەمىنلەشنى كۆپەيتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئىكەنلىكىنى، ئەلۋەتتە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئىككىنچى ئىقتىسادشۇناس 2002-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ۋېرنون سىمىز (Vernon Smith) بولۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باي بولۇش ياخشى ئىش دېگەن. ئۈچىنچى ئىقتىسادشۇناس كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان 1976-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى مىلتون فرېدمان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ دۆلەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باي بولماقچى بولغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ جېنىنى قۇتقۇزىۋاتىدۇ، ئۇلار جازاغا ئەمەس، بىر مېدالغا ئېرىشىشى كېرەك.» 
مانا بۇ خايېك ئېيتقان بىلىم. بۇ ئىلىم-پەن بىلىملىرىدىكى بىلىم ئەمەس، بەلكى كىمنىڭ قەيەردە، قانداق بەدەل تۆلەشنى خالايدىغانلىقى، قانداق تاۋارلارنى سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى كونكرېت ئۇچۇرلاردۇر. ئەگەر كىشىلەر باشقىلارنىڭ دۆلەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باي بولۇشىنى، باشقىلارنىڭ قىس تاۋارلارنى يۇقىرى باھادا سېتىشىنى توسسا، ئۇنداقتا بۇ كىشىلەر بۇ بىلىملەردىن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پايدىلانمايدۇ. دۆلەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باي بولۇشنى توسۇشنىڭ بىۋاسىتە ئاقىۋىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنى تاللاشتىن مەھرۇم قىلغانلىق.

باھا مېھمان قىلىش ئەمەس، باھا مەڭگۈ تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ
بىز ئىقتىسادشۇناسلىقتا ئۆگەنگەن ئەڭ مۇھىم ساۋاقلارنىڭ بىرى ئارزۇ بىلەن نەتىجىنى ئايرىپ قاراش. ئارزۇ بىر ئىش، لېكىن ئارزۇدىن كېلىپ چىققان نەتىجە باشقا بىر ئىش.
بىر ئادەم ئەڭ ئەرزان ئالمىنى سېتىۋالماقچى بولۇپ، بازارغا كىرىپ ئەڭ ئەرزان ئالمىنى ئىزدىگەندە، ئۇنىڭ ئىزدەش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىلا ئالمىنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. بىر ئادەم ئەڭ قىممەت ئالمىنى ساتماقچى بولۇپ، بازارغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئالمىسىنى ئەڭ يۇقىرى باھادا ساتماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىلا ئالمىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ بولغان بولىدۇ.
دۆلەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باي بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئۆز ھەرىكىتى تەمىناتنى كۆپەيتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاۋارلارنىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ، تەمىنلەش-ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت پەسىيىدۇ.
بەزى دوستلار: «سىز نېمىشقا ھەمىشە باھانى ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بېرىسىز؟ باھا ئۆستۈرۈش ماھىيەتتىن تۈزەش ئەمەس، پەقەت ھادىسىدىن تۈزەش خالاس، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلغىلى بولىدىغىنى تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش.» دەيدۇ.
بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىم مۇنداق: تەمىنلەش مەڭگۈ كۇپايە قىلمايدۇ، تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋالدا، باھا مەڭگۈ تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. باھا زىننەت بۇيۇمى ئەمەس، مېھمان قىلىش ئەمەس.
 

تەمىنلەش ئەركىن بولمىسا، باھانىڭ يەنە ئەھمىيىتى بارمۇ؟ 

11-بۆلۈم: رىقابەت لوگىكىسى | جەمئىيەتنىڭ تەننەرخى سۈپەتلىك-سۈپەتسىزنى بەلگىلەيدۇ
رىقابەت قائىدىسى
شەخس نۇقتىسىدىن دۇنياغا نەزەر سالساق، كەمچىل، تاللاش، تەننەرخ ۋە ئېھتىياجدىن ئىبارەت بۇ بىر قانچە ئاچقۇچلۇق سۆز كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ؛ ئەگەر كۆرۈش نۇقتىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە فوكۇسلاشتۇرساق، ئۇنداقتا رىقابەت ۋە ھەمكارلىق ئەڭ ياخشى يىغىنچاقلاش بولىدۇ. بىز ئىشنى ئاۋۋال رىقابەتتىن باشلايلى، سەل تۇرۇپ يەنە زور ھەجىمدە ھەمكارلىق ئۈستىدە توختىلىمىز.

زوراۋانلىق يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ۋە كۆپ ئۇچرايدىغان رىقابەت قائىدىسىدۇر
ئادەم دۇچ كېلىدىغان ئەڭ ئاساسى چەكلىمە كەمچىل بولۇش، يەنى نەرسە يېتەرلىك بولماسلىق. ئۇنداقتا نەرسىلەر يېتىشمىگەندە، كىشىلەر قانداق تەقسىم قىلىدۇ؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى: بىر ئارالدا بىر توپ ئادەم بار، لېكىن پەقەت بىرلا پارچە بولكا بار. 
بىز قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ بولكىنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بېكىتىشىمىز كېرەك؟
ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان بىر ئۇسۇل زوراۋانلىق، كىمنىڭ باشقىلارنى يېقىتالىشىغا قاراش كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا ئادەم دۆۋىسىدىن ئۆمىلەپ چىققان ھېلىقى ئادەم، بۇ بولكىغا ئېرىشەلەيدۇ.
بىر ئادەم بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، قاتىل دەپ ئاتىلىدۇ. بىر ئادەم 10 ئادەمنى ئۆلتۈرسە، زەنجىرسىمان قاتىللىق دەپ ئاتىلىدۇ. بىر ئادەم 100 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرسىچۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ بىر گېنېرال بولىدۇ.
زوراۋانلىق، پەقەت ئۇ مەغلۇب بولغان چاغدىلا، كىشىلەر ئاندىن ئۇنى ئەيىبلەيدۇ؛ ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا، كىشىلەر ھەمىشە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ.
زوراۋانلىق قەدىمىي ھەم كۆپ ئۇچرايدىغان رىقابەت ئۇسۇلى بولۇپ، مەدەنىيەت خېلى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا شۇنداق.

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408