大数跨境

ئوپتىكىلىق خاتا تۇيغۇ ۋە ئىجدىمائى تۇرمۇش

ئوپتىكىلىق خاتا تۇيغۇ ۋە ئىجدىمائى تۇرمۇش Nepkar
2020-11-22
2
导读:پۇلى بارىغىمۇ قاقشايدۇ، يوقىغىمۇ قاقشايدۇ. قاقشاش ۋە ئاغرىنىش ھاياتىنىڭ زۆرۈر بىر قىسمىغا ئايلىنىپ ك
ئوپتىكىلىق خاتا تۇيغۇ ۋە ئىجدىمائى تۇرمۇش

مۇستافا ئوغۇز

بىز ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت ۋە كىشىلەردىن داۋاملىق ئاغرىنىپ يۈرىدىغان ئادەملەرنى ئىنتايىن كۆپ ئۇچرىتىمىز. بۇ خىل ئاغرىنىشلار ئوبېيكتىپ مەسىلىنى ھەل قىلالماسلىق بىلەن بىرگە، سىز بىلەن مېنى دۈشمەن قىلىپ قويىدۇ. بىزدىكى نۇرغۇن تۈگىمەس ئاغرىنىشلارنىڭ بىر ئۇچى سەۋىرسىزلىكىمىزدە بولسا، يەنە بىر ئۇچى ئوپتىكىلىق خاتا تۇيغۇمىزدا بولىدۇ. يەنى بىز كۆپىنچە شۇ شەخىسنى ياكى مەسىلىنى ئوپتىكىلىق خاتا تۇيغۇ ئىچىدە كۆزىتىمىز ۋە باھالايمىز، ھەرگىزمۇ مەسىلىنىڭ باشقا بۇلۇڭلىرىدىن، باشقا گىرادۇسلىرىدىن كۆزىتىشكە ئۇرۇنمايمىز ياكى ئۇرۇنۇشقا ئەقلىمىز يەتمەيدۇ. گەرچە بارلىق ئاغرىنىشنىڭ سەۋەبىنى ئوپتىكىلىق خاتا تۇيغۇدىن كۆرۈشكە بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سەۋەبىدىن يۈز بىرىۋاتقان ئىشلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.


ئۇنداقتا ئوپتىكىلىق خاتا تۇيغۇ دىگەن نېمە؟


بىز بۇ توغۇرلۇق ئېنىقلىمىغا ئېرىشىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال تۆۋەندىكى ئوپتىكىلىق تەسۋىرلەر ئارقىلىق كۆزىمىزنى باغلاپ، ئوپتىكىلىق خاتا تۇيغۇنىڭ تەمىنى بىر تېتىپ كۆرەيلى، بەلكىم بىۋاستە چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىڭىزغا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن


دېمەك، ئوپتىكىلىق خاتا تۇيغۇ دېگىنىمىز: كۆرۈش سىستېمىسى تەرىپىدىن ھاسىل بولىدىغان، رىئال ئوبېيكتىپ شەيئىدىن پەرقلىنىدىغان كۆرگىلى بولىدىغان تەسۋىرلەر ئارقىلىق خاراكتېرلىنىدىغان خاتا تۇيغۇدىن ئىبارەتتۇر. 
ئادەتتە، ئۇ يورۇقلۇق، رەڭ، ئۆلچەم، شەكىل، ئورۇن، ھەرىكەت، ئېلىكتىر قاتارلىق قوزغىغۇچى ئېلمىنتلارنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كېلىدۇ.


ئىنساننىڭ كۆرۈش سىستېمىسىدىكى بۇ خىل خاتا تەسۋىر ئاسانلا مېڭىدە پىسخىكىلىق خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ، مانا بۇ كىشىلەرنىڭ مەلۇم شەيئىنىڭ رەڭگى، شەكلى ۋە ھەرىكىتى ئۈستىدە كۆپىنچە خاتا ھۆكۈم چېقىرىپ قىلىشىدىكى سەۋەبتۇر.

ھازىر ئوپتىكىلىق خاتا تۇيغۇ سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۈچ ۋە بەش ئۆلچەملىك ئوپتىكىلىق تەسۋىرلەر كۈندىن كۈنگە كۆپەيدى، بۇلارنى ھەتتا ياۋرۇپا ئەللىرىدە كوچا  يوللىرىغا ھەم تاملىرىغا سىزىغان ئەھۋاللار بار، تۆۋەندە ھوزۇرلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئۈچ ئۆلچەملىك ئوپتىكىلىق خاتا تەسۋىر رەسىملىرىنى سۇناي.





خوش، بۇنىڭدىنمۇ ھوزۇرلانغان بولدۇڭلار. يۇقىرىقىلار بولسا سەنئەت خاراكتېرىدىكى ئوپتىكىلىق خاتا تەسۋىرلەر ھەم خاتا تۇيغۇلاردۇر. 
ئۇنداقتا، ئوپتىكىلىق خاتا تۇيغۇ بىلەن ئىجدىمائىي تۇرمۇشنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار؟


ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، بىز كىشىلىك ھاياتتا مەلۇم شەخس ياكى مەسىلىنى رىئال ماھىيىتى بىلەن كۆزەتمەستىن، تېشىدىن كۆرۈنگەن شەكلى ياكى ھەرىكىتىگە قاراپلا باشقا بىر ئۆلچەمدە باھا بېرىپ سالىمىز، مانا بۇ دەل ئىجدىمائى تۇرمۇشتىكى ئوپتىكىلىق خاتا تەسۋىرنىڭ ئىنسان مېڭىسىدە ئوپتىكىلىق ھەم پىسخىكىلىق خاتا تۇيغۇ ھاسىل قىلىشىدۇر.


كۆرۈنۈشىدە (تەقى-تۇرقىدا، ھەرىكىتىدە، گەپ-سۆزىدە، ئىجدىمائى ئورنىدا، ئائىلە كېلىپ چىقىشىدا) ياخشى بىر كىشىنىڭ ماھىيەتتە ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، شۇنداقلا كۆرۈنۈشىدە ناچار بولغان بىرەيلەننىڭ نۇقۇل ناچار بولۇپ كېتىشى ھەم ناتايىن. دېمەك، مەلۇم شەخسنىڭ رىئال ماھىيىتىنى بىلىشتە كىشىدىن ئەقىل، تەجرىبە، سەۋىرچانلىق، پەزىلەت ۋە مۇھىمى بىلىم-ساپا بولۇشى مۇئەييەن تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىلمىي ئىلىم ئومۇملاشمىغان جەمئىيەتتە مەسىلىنىڭ رىئال ماھىيىتىگە چۆكۈنۈش كەم بولىدۇ، مانا بۇ سەۋەبتىن ئىجدىمائى تۇرمۇشتىكى ئوپتىكىلىق خاتا تۇيغۇ شۇ خىل جەمئىيەتتە ئۆسەك سۆز ۋە غەيۋەتنىڭ چەكتىن ئوشۇق ئەۋج ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


بىز بەزىدە كىشىلەرنىڭ بىزنى خاتا ئەقلىي گىرادۇستا كۆزۈتۈشى نەتىجىسىدە، ئۆزىمىز بىلىپ-بىلمەي، ئەقىلسىز ۋە نادان، ئىشەنچىسىز ۋە ۋاپاسىز، ئوغرى ياكى قويمىچى، ۋە ھەتتا سۇيۇق ياكى بۇزۇق بولۇپ قالىمىز. ئەزەلدىن ئوپتىكىلىق خاتا تۇيغۇغا ئەگىشىپ، پىسخىكىلىق خاتا ئانالىز يۈرگۈزگۈچىلەر ياپىلاق ھۆكۈم قاينىمىدىن چىقالمايدۇ، يەنى مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن بىر ئۆمۈر چەتنەپ ياشاشقا رازىكى، قوبۇل كۆرمەيدۇ.


شۇ ۋەجىدىن، بۇ تۈر كىشىلەر جىنازىنىڭ ئالدىدا ماڭساڭمۇ قاقشايدۇ، كەينىدە ماڭساڭمۇ قاقشىيالايدۇ. پۇلى بارىغىمۇ قاقشايدۇ، يوقىغىمۇ قاقشايدۇ. قاقشاش ۋە ئاغرىنىش ھاياتىنىڭ زۆرۈر بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولىدۇ.


يۇقىرىقى تۈرلۈك ئوپتىكىلىق خاتا تۇيغۇلارنىڭ ئىجدىمائى تۇرمۇش بىلەن باغلىنىشىنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى ئىككى قىسقا فىلىمنى بىر تەرەپتىن كۆرۈپ ھوزۇرلانغاچ بىر تەرەپتىن تەپەككۇر قىلىپ بېقىشىڭلارغا سۇندۇم. بۇ ماقالىنى تارقىتىپ قويساڭلار بەلكىم بىزدىكى ئۆسەك سۆزلەرنىڭ ئازىيىشىغا قوشقان تۆھپىڭىز بولۇپ قىلىشى ھەم مۇمكىن، ئوقۇغىنىڭلارغا رەھمەت.


بىرىنجىسى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن فىلىم:


ئىككىنجىسى تايلانتتا ئىشلەنگەن ئېلان فىلىم:


مەنبە: بىلباي سالونىدىن ئېلىندى.
ئىلقۇت تەرىپىدىن ئىملاغا ئازتولا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى!

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!

ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408