بۇ ماقالە ئازراق ئىلمىي بولۇپ، بۈگۈن دوستلار بىلەن بولغان بىر مۇھاكىمىدىن كەلگەن.
جۇڭگودا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدە جەمئىي ئۈچ قېتىم چوڭ ئۆزگىرىش بولدى.
بىرىنچى قېتىملىقى، مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى (ئىسلاھات) بولۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە جانلىنىشى (大爆发)نى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئىككىنچى قېتىملىقى، (دېڭ شياۋپىڭ) جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىدە كاپىتال كىرگۈزۈپ دۇنيا بىلەن بىر رېلىسقا كىرىش (ئېچىۋېتىش) بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ موللىشىشى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە جانلىنىشى (大爆发)غا تۈرتكە بولغان.
ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوزغىتىدىغان موتوردا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، باج ئېلىش سىياسىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇقەررەر تەڭشىلىدۇ.
1980-يىلى كوللېكتىپ ئىگىلىكتىكى داشقازان تامىقى تۈزۈلمىسىنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈنۈم يېتەكچى بولدى، مالىيەمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئوچاقنى ئايرىپ تاماق يېيىش» ۋە «مالىيە ھۆددىگەرلىكى»نى يولغا قويۇپ، بىرىنچى قېتىملىق تەقسىماتقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئېلىشقا ئىلھام بېرىلدى.
1992-يىلى، (دېڭ شياۋپىڭ) جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن غەرب كاپىتالى تۈركۈملەپ دۆلىتىمىزگە كىردى، سانائەت كاپىتالى ۋە تېخنىكا (ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى) ئېلىپ كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى شەخسلەرنى جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا مەجبۇرى قىلدى، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ باي-نامراتلىق پەرقى تېز كېڭەيدى، مەركەزنىڭ باج ئېلىش تۈزۈمىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئادىللىققا تەڭشىلىپ، «باج ئايرىش تۈزۈمى» يولغا قويۇلۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق تەقسىماتقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى چەكلەندى.
باج تۈزۈمى بىلەن ئىقتىسادىي مېخانىزمنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىرىنچى قېتىملىق تەقسىماتقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق تەقسىماتقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئىدى.

ئەمدى بىز ئۈچىنچى قېتىملىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىكى چوڭ ئۆزگىرىش بىلەن ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتقا قاراپ باقايلى.
2019-يىلىنىڭ بېشىدىكى «كاپىتال بازىرىنىڭ ئەھمىيىتى» يۈرۈشلۈكى ۋە «يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى (新动能)» يۈرۈشلۈكىدە تەسۋىرلەنگىنىدەك، جۇڭگونىڭ 3-قېتىملىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلىرى زور دەرىجىدە ئۆزگىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تۈرتكىسى يېڭى بىر ئەۋلاد رەقەملىك پۇل مۇئامىلە ۋە رەقەملىك پەن-تېخنىكىغا ئايلاندى.
2019- ۋە 2020-يىلدا، پۇدۇڭ (شاڭخەينىڭ بىر تەرەققىيات رايونى) بىلەن شېنجېننىڭ ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىنىمىزدە، بۇ پايدىدىن بەھرىلىنەلەيدىغانلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.
80-يىللاردىكىدەك، تىرىشىپ كۈرەش قىلسىلا باش كۆتۈرۈپ چىققىلى بولىدىغان، پايدىسى بارلىق كۈرەش قىلىشنى خالايدىغان پۇقرالارغا قارىتىلغان دەۋرگە سېلىشتۇرغاندا، 90-يىللاردىكى بېيىش ئۈچۈن غەربنىڭ كاپىتالىغا تايىنىش، پورت سودىسىغا ئەۋزەللىكىگە ئىگە شەرقىي جەنۇبى دېڭىز ياقىسى رايونلىرى ئەڭ چوڭ پايدا ئالغۇچىغا ئايلانغان ئىدى.
بۇ نۆۋەتلىك ئۈچىنچى قېتىملىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۆزگىرىشى جەريانىدا، ئۈنۈم ھەم ئەمگەكنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىشقا تايانمايدۇ ھەم ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ موللۇقىغا تايانمايدۇ، بەلكى بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارغا ئىگىدار بولغان توپ، سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ كۈرەش قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى (996) ھەمدە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرۈشكە باشلايدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا، رەقەملەشتۈرۈش ئۈنۈمنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان بولسىمۇ، ئەمما تەقسىمات ھالقىسىدا، بۇ نۆۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدە چوڭ مەسىلە كۆرۈلدى.
80-يىللاردا، ئەمگەك ئاكتىپلىقى ئېلىپ كەلگەن پايدا بىر قېتىملىق بولۇپ (X = Y) ئىدى، ھۆكۈمەت بىرىنچى قېتىملىق تەقسىماتقا ئارىلاشمىسىمۇ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسىلا بولاتتى؛
90-يىللاردا ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى ئېلىپ كەلگەن پايدا سىزىقلىق (X=a*Y) بولۇپ، ھۆكۈمەت ئىككىنچى قېتىملىق تەقسىمات ئارقىلىق مۇۋاپىق پەلەمپەيسىمان باج ۋە مىراس بېجى تۈزۈمى (X=a*Y/b/c)نى بېكىتىپ، كەمبەغەللەرنىڭ كاپىتال تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىشى (X=Y+a*Y-a*Y/b/c)نىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
لېكىن رەقەملىك پەن-تېخنىكا (ئەلى، دى دى، مېيتۈەن، بېيكې، دوۋيىن) بىلەن رەقەملىك پۇل مۇئامىلە (چۈمۈلە، تېڭشۈن، گاۋلىڭ، رۈەنيىن) ئېلىپ كەلگەن پايدا كۆرسەتكۈچ دەرىجىسى (指数级)دە جۇغلانغان (X = Y^N) بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم تەقسىماتتا بۆلۈش بېجى بويىچە، كۆرسەتكۈچ دەرىجىسىدىكى چەكسىز كېڭىيىشنى تۈپتىن توسقىلى بولمايدۇ.
بۇنداق پايدا تەقسىماتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى ھازىرقى تەرتىپ سىستېمىسىغا ئېغىر زەربە بېرىپ، سىستېمىلىق خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلىدۇ.
شۇڭا، 90-يىللاردا (دېڭ شياۋپىڭ) جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جانلانغىنىغا (爆炸) ئوخشاش، جۇڭگو ئىككىنچى قېتىملىق تەقسىماتنىڭ باج ئايرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا ماسلىشىشى كېرەك، بۈگۈنكى كۈندە بىز يېڭى پۇل مۇئامىلە پەن-تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ جانلىنىشىغا (大爆发) قارىتا، ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىمات تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا ماسلىشىشىمىز كېرەك.
ھەر بىر ئۆلچەمدە شۇ ئۆلچەمنىڭ بۇرچى بار، شۇنى ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىرىنچى ئەۋلاد «مالىيە ھۆددىگەرلىكى»نىڭ مۇقىم قىممىتى ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد «باج ئايرىش تۈزۈمى»نىڭ سىزىقلىق ئېشىشىغا سېلىشتۇرغاندا، كەلگۈسىدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتى كۆرسەتكۈچ تىپىلىق (指数型) بولۇشى مۇمكىن ھەمدە ئاساسلىقى كۆرسەتكۈچ دەرىجىلىك (指数级) پايدىغا ئېرىشكەن ئاز ساندىكى توپ ۋە كارخانىلارغا مەركەزلىشىدۇ.
بىراق نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتتا ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك، بىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي كۆلىمىمىزگە ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدىكى مۇھىم نۇقتا يەنىلا ئىككىنچى قېتىملىق تەقسىماتنى پۇختىلاشتۇر.
ئەلۋەتتە، بۇ خاڭجۇغا نىسبەتەن يەنىلا غايەت زور پايدا، چۈنكى (خاڭجۇ) ئورتاق بېيىش سىناق نۇقتىسى، شۇنداقلا ئۈچىنچى ئەۋلاد دۆلەت باج ئىدارىسى قۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد باج ئايرىش تۈزۈمىنى مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇپ، كۆپچىلىكنىڭ كۆزىنى قىزارتىدىغان ئوبيېكتقا ئايلاندى.
يېڭى بىر ئەۋلاد كارخانىلارمۇ بەك ئالاقزادە بولۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، ئەينى يىلى باج ئايرىش تۈزۈمى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەندىمۇ بەك كۆپ ئۈستەل تارتىلمىغان ئىدى، كۆپچىلىك بېيجىڭ شېۋىسىنى ياخشى سۆزلىيەلىسىلا (مەركەزنىڭ سىياسەت روھىنى ياخشى چۈشىنىپ، توغرا ھەرىكەتكە ئۆتسىلا دېمەكچى--تەرجىماندىن)، كېيىنكى ئىستىقبالى يەنىلا پارلاق بولىدۇ.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە قىلغان ئاساستا ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلاندى.
تەرجىمىدە: نەپكار
يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىت»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى ئۆلمەس كىتاب «باي دادام، نامرات دادام (قايتا تەرجىمىسى)» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسىمى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
ئەگەر يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئۈندىدار 345760552 نى قوشۇپ ئېرىشىڭ!