大数跨境

يۈ مىنخۇڭ: ئوت-چۆپ بولماي، دەرەخ كەبى ياشاڭ

يۈ مىنخۇڭ: ئوت-چۆپ بولماي، دەرەخ كەبى ياشاڭ Nepkar
2020-10-01
1
导读:جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن داڭلىق ئەربابلار سىز بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان كۆپلىگەن ئىشلارغا دۇچ كېلىدۇ...


يۈ مىنخۇڭ: ياشلىق باھارى ھەققىدە روھنى ئۇرغۇتۇش نۇتۇقى

يۈ مىنخۇڭ

ئاچقۇچلۇق سۆز: نۇتۇق، ياشلىق باھارى، پۇشايمان قىلماسلىق

1. ئۆسۈپ يېتىلىشكە ۋاقىت كېتىدۇ. سىزنىڭ بىردىنبىر قىلىدىغىنىڭىز، نىشاننى توغرا تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، سەۋرچانلىق بىلەن، ئېگىلمەس-سۇنماس روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، مانا بۇ بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمىز.

2. بىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز ئىككى خىل: بىرى، ئوت-چۆپكە ئوخشاش ياشاش، سىز گەرچە ھايات بولسىڭىزمۇ، ھەر يىلى يەنىلا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىسىز، ئەمما سىز قانداقلا بولمىسۇن بىر تۈپ ئوت-چۆپ، سىز شەبنەملىك قۇياش نۇرىنى سۈمۈرىسىز، ئەمما چوڭ بولمايسىز، كىشىلەر سىزنى دەسسەپ باقسا بولىدۇ، لېكىن كىشىلەر سىزنىڭ ئازابىڭىز تۈپەيلىدىن ئۇنىڭدا ئازاب پەيدا بولمايدۇ، كىشىلەر سىزنىڭ دەسسىلىپ كەتكەنلىكىڭىز تۈپەيلىدىن سىزگە ئىچ ئاغرىتمايدۇ، چۈنكى كىشىلەر ئەسلىدىنلا سىزنى كۆرمىگەن!

شۇڭا بىز ھەر بىرىمىز دەرەخكە ئوخشاش ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز كېرەك، گەرچە بىز ھازىر ھېچنېمە بولمىساقمۇ، ئەمما سىزدە دەرەخنىڭ ئۇرۇقى بولسىلا، باشقىلار توپىنىڭ ئارىسىغا دەسسەپ يانچىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، سىز يەنىلا تۇپراقنىڭ ئوزۇقلۇقىنى سۈمۈرۈپ، ئۆزىڭىز ئۆسۈپ يېتىلىسىز، بەلكىم ئىككى-ئۈچ يىلدا چوڭ بولماسلىقىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئون يىل سەككىز-يىگىرمە يىلدا سىز چوقۇم پەلەككە تاقاشقان چوڭ دەرەخكە ئايلىنالايسىز، سىز پەلەككە تاقاشقان چوڭ دەرەخكە ئايلانغاندىن كېيىن، يىراق جايلاردا كىشىلەر سىزنى كۆرەلەيدۇ، سىزگە يېقىنلاشسا، سىز كىشىلەرگە بىر پارچە سالقىن يېشىللىق ئاتا قىلالايسىز، سىز باشقىلارغا ياردەم قىلالايسىز، كىشىلەر سىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىسا، سىز يەنىلا ئۇپۇق سىزىقىدىكى بىر گۈزەل مەنزىرە بولۇپ تۇرالايسىز.
دەرەخنىڭ ياشىشى گۈزەل مەنزىرە، ئۇ ئۆلسىمۇ يەنىلا تايانچ كۈچ بولالايدۇ، ئۆلسىمۇ پايدىسى بار، مانا بۇ ھەر بىرىمىزنىڭ ئادەم بولۇش ئۆلچىمى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش ئۆلچىمى.

3. بىر ئىشنى بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولغان ئادەم، بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئاساسى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ قۇملۇققا سېلىنغان ئۆي بىلەن باراۋەر، ئاخىرىدا چوقۇم ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، پەقەت ئىشنى ئاستا-ئاستا بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ۋۇجۇدقا چىقارغاندىلا، ھەر بىر قەدەم ئۆزىگە پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. ھەر بىر قەدەمدە ئۆزىگە ياخشى نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇرۇپ، يەنە قايتىدىن كەلگۈسىگە قاراپ بىر قەدەم ئالغان ئادەم، ئاندىن ئىشنى ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلالايدۇ.

4. سىز زادى نېمىنى ئەڭ ياخشى كۆرىسىز، نېمە قىلىشىڭىز كېرەك، بىر ئۆمۈر نېمە قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشلىشىڭىز كېرەك، خالىغانچە ئالماشتۇرسىڭىز بولمايدۇ، سىز خۇددى بىر دەرياغا ئوخشاش، قانچە كەڭ ئاقسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ باشقا بىر دەرياغا ياكى ئېگىز تاغقا ئايلىنىمەن دەپ ئويلىماڭ.

5. كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئىقتىدار نومۇسقا چىداپ ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىش ئىقتىدارىدۇر.

جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن داڭلىق ئەربابلار سىز بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان كۆپلىگەن ئىشلارغا دۇچ كېلىدۇ، شۇڭا سىز بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولىسىز، بەرداشلىق بەرمىسىڭىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايسىز، نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى سىز ئاھانەتكە چىدىمىسىڭىز، سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بولمايدۇ، سىزنىڭ بوشلۇقىڭىز بولمايدۇ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش بوشلۇقىڭىزمۇ بولمايدۇ، ئەگەر سىز كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئاخىرىدا تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، تېخىمۇ گۈللىنىشنى ئويلىسىڭىز، چوقۇم ئۆزىڭىزگە يېتەرلىك ۋاقىت ۋە بوشلۇق قالدۇرۇشنى ياخشى قىلىشىڭىز كېرەك، ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىغا بىر ئۇلۇغ نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىش نۆۋىتى كەلگەندە، سىز شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىڭىز، ھاياتىڭىزدىكى بارلىق ئۇششاق-چۈششەك كاشىلىلارنى تۈگىتىشىڭىز كېرەك، شۇڭا ئاھانەتكە چىداپ ئېغىر يۈكنى زىممىڭىزگە ئېلىشىڭىز كېرەك!

شەخسمۇ ئوخشاش، سىز ئۇلۇغ تەرەققىياتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن ۋاقىتنى، بوشلۇقنى، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىز كېرەك، ھالبۇكى ۋاقىتنى، بوشلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش كەلگۈسىنى قولغا كەلتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئالدىنقى شەرت شۇكى، سىز غايىلىك بولۇشڭىز كېرەك!

ئەمما سىز تۇرمۇشتا پەيدا بولغان بارلىق ئىشلارنىڭ سىزگە بولغان ئادالەتسىزلىكىگە، ياكى سىزگە بولغان بارلىق سىز «چىدىغىلى بولمايدۇ.» دەپ قارىغان ئىشلارغا بەرداشلىق بېرىشكە جۈرئەت قىلىشىڭىز كېرەك!

6. مېنىڭ بىر ئوخشىتىشىم بار، ھەر بىر دەريانىڭ ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان ھاياتلىق ئەگرى سىزىقى بولىدۇ، چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئەگرى سىزىقى ھەرگىز ئوخشىمايدۇ، لېكىن ھەر بىر دەريانىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ دېڭىزغا قاراپ ئىلگىرىلەش!

شۇڭا خۇاڭخې دەرياسى مەيلى قانچىلىك ئەگرى-توقاي بولسۇن، قانچىلىك توسالغۇلاردىن ئايلىنىپ ئۆتكەن بولسۇن، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئەگمىسى خۇاڭخې دەرياسىنىڭكىدەك كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ تىك يارنى بۆسۈپ ئۆتتى، قوللىنىش ئۇسۇلى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا دېڭىزغا يېتىپ باردى. بىز قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، مەيلى بۆسۈپ ئۆتەيلى ياكى ئايلىنىپ ماڭايلى، پەقەت ئۆتۈپ كېتەلىسەكلا بولدى، مەن كۆپچىلىكنىڭ ئۆز ھاياتىنى ئارزۇسىغا قاراپ ئېقىتىشىنى، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسىغا ئوخشاش ئۆز ئارزۇسىنىڭ ئاخىرىغا ئېقىپ بېرىشىنى، كەڭ دېڭىزغا كىرىپ، ئۆز ھاياتىنى كېڭەيتىشىنى، ئۆز كەسپىنىمۇ كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ «ئېقىننى ئارزۇ قىلىمەن دەپلا ئاققىلى بولمايدۇ.» دېگەنلىك ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئىچىدە بىر خىل روھ بار، ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ دەل سۇنىڭ روھى! بىزنىڭ ھاياتىمىزدا بەزىدە لاي-لاتقا بولىدۇ. گەرچە سىزمۇ سۇغا ئەگىشىپ ئالدىغا قاراپ ئېقىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، ئەمما سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزدىكى كەمتۈكلۈك، قىيىنچىلىق ئالدىدا چېكىنىش ياكى قورقۇنچاقلىق سەۋەبىدىن ئاستا-ئاستا خۇددى لاي لاتقىغا ئوخشاش چۆكۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، چۆكۈپ كەتكەن ھامان، بەلكىم ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن تىرىشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما سىز مەڭگۈ قۇياش نۇرىنى كۆرەلمەيسىز، چۆكۈپ كەتسىڭىز، ئۈستىدىكى لاي لاتقىلار سىزنى توختىماي بېسىۋالىدۇ. 

ئەڭ ئاخىرىدا سىز قاراڭغۇلۇقتا قالىسىز، شۇڭا كۆپچىلىككە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، ھازىر ھاياتىڭىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم سۇدەك روھلۇق بولۇڭ، بۇلغانغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىڭىزنى پاكىز يۇيۇپ، خۇددى سۇغا ئوخشاش توختىماي كۈچ توپلاپ، توسالغۇلارنى ئۈزلۈكسىز بۆسۈپ ئۆتەلەيدىغان روھ يېتىلدۈرۈڭ. پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى بايقىغىنىڭىزدا، ئاساسىڭىزنى پۇختىلاڭ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇرسەت يېتىپ كەلگەندە، دېڭىزغا ئۆركەشلەپ، ھاياتىڭىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەلەيسىز!

ما يۈننىڭ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياش كارخانىچىلار باشلىقلار يىغىنىدا سۆزلىگەن ئەڭ يېڭى «ھازىر ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىدۇر» ناملىق نۇتۇقىنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئوقۇڭ!

ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408