搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
بۇنداق ھەق ئېلىنمايدۇ! جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ جىددىي ئەسكەرتىشى
>
بۇنداق ھەق ئېلىنمايدۇ! جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ جىددىي ئەسكەرتىشى
Nepkar
2020-10-18
2
导读:يېقىندا مەملىكەت بويىچە 7-قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى باھانە قىلغان ئالدامچىلىق دېلولىرى
بۇنداق ھەق ئېلىنمايدۇ! جامائەت خەۋپسىزلىكى جىددىي ئەسكەرتىشى!
نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 7-قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا.
تىنچ ميەنياڭ مىكرو بىلوگ چىقىرىپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى:
يېقىندا، مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مەملىكەت بويىچە 7-قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى باھانە قىلغان ئالدامچىلىق دېلولىرى يۈز بەردى. ج خ تارماقلىرى «نوپۇس تەكشۈرۈشتە ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ.» دەپ ئاگاھلاندۇردى. تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر، تور ئىجتىمائىي ئالاقە قوراللىرى ئارقىلىق ئۆزىنى «نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمەتچىسى» دەپ ئاتىۋالغان، نوپۇس تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ پۇل-مال، مال-مۈلۈك، ھېسابات نومۇرى مەخپىي نومۇرى ئۇچۇرى، قىسقا ئۇچۇر دەلىللەش نومۇرىنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق!
يەنە بەزىلەر «نوپۇس تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئالدامچى دەپ قارىلىپ رەت قىلىنارمۇ؟» دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا تور ساقچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «سىز ھەقىقىي تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئالدامچى ئىكەنلىكىدىن نورمال گۇمانلانسىڭىز بولىدۇ، ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ ھامان سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان ئامالى بار؛ لېكىن سىز ئالدامچىنىڭ ھەقىقىي تەكشۈرۈش خادىمى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەڭ، ئۇلار ھامان سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ!»
يەنە خىزمەتچى خادىملار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرى بىر تۇتاش گۇۋاھنامە بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىدۇ. ھەممىسى ئۆيگە كىرىپ تىزىملاش ئېلىپ بارىدۇ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، كۆپچىلىك ئالدانماڭلار. مەن 7-قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمەتچىسى. كۆپچىلىكنىڭ ئۆيگە كىرىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرىنى قوللىشىنى ۋە چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت.»
نوپۇس تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ بولغان تورداشلار «ھەق ئالمايلا قالماي، يەنە سوۋغات بېرىشى مۇمكىن!»لىكىنى بىلدۈرگەن.
خىزمەتچى خادىملارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىڭلار!
ئىگىلىنىشىچە، نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىكەن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالتە قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان.
نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نوپۇس ئومۇمىي سانىنى ئېنىقلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە نوپۇس قۇرۇلمىسى، جايلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىمۇ ئېنىقلاش، شۇنداقلا مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تەكشۈرۈش خادىمى ئىككى ھالقىدا ئائىلىلەرگە كىرىپ خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاش ۋە تىزىملاش باسقۇچىدۇر.
ئاھالىلەر ئۆز ئالدىغا تولدۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللىسا بولىدىكەن، بۇ ئۇسۇل بۇ يىل تۇنجى قېتىم قوللىنىلىشى ئىكەن.
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408