مېڭە پارالىچ بولۇپ قالغان قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىلار ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى، ئۇنىڭ كەينىدە بۇ ئايال قالتىس ئۈنسىز جاپالىق تىرىشماقتا!
يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىسى يۆشى ناھىيەسى تيەنتاڭ بازىرىدىكى بىر جۈپ قوشكېزەك ئاكا-ئۇكا ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى.
بىر ئاز ئالاھىدە بولغىنى، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردۇر. ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننىڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بۇ نەتىجىسى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ 20 يىل قەتئىي چىڭ تۇرغان ئانىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.
مېڭە پارالىچ بولۇپ قالغان بۇ قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيالمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى، ئانا جاھىللىق بىلەن ئۇلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدى
2001-يىلى تۇغۇلغان قوشكېزەك ئاكا-ئۇكا جىنخۇا دۇڭ ۋە جىنخۇا لياڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغانلىقتىن مېڭىسىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي، مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. ئانىسى ۋۇ چۈنشياڭ ئېرى بىلەن ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ جاپالىق داۋالىنىش سەپىرىگە ئاتلانغان، كېيىن ئەھۋالى سەل ياخشىلانغاندا، ئېرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئۆزى ئۆيىدە قېلىپ بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان.

مەكتەپكە ئاز قالغاندا دوختۇر ۋۇ چۈنشياڭغا بۇنداق بالىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ۋۇ چۈنشياڭ ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننىڭ نورمال ئوقۇشىغا يول قويۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، يەسلى ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ، ۋۇ چۈنشياڭنىڭ يۇمشاق، قاتتىق چىڭ تۇرۇشى بىلەن ئاخىرى بىر يەسلى ئۇلارنى قوبۇل قىلىدۇ.
كۆپ يىللاردىن بۇيان يايما يېيىپ ناشتىلىق سېتىپ بالىلىرىنى ئوقۇتۇش
ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى
يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ۋۇ چۈنشياڭ مەكتەپ يېنىدىن بىر ئېغىز ئۆي ئىجارە ئېلىپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇش قوراللىرى، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك سېتىپ ئازتولا كىرىم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. «قەيسەر بولمىسا قانداق قىلغىلى بولىدۇ؟» ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن، ۋۇ چۈنشياڭ يەنە ناشتىلىق سېتىپ ئائىلىسىنى بېقىشقا باشلىدى.
ۋۇ چۈنشياڭ ھەر كۈنى ناشتىلىق سېتىپ ئائىلىسىنى باقىدۇ
ھەر كۈنى سەھەر سائەت 3 تە ۋۇ چۈنشياڭ ئورنىدىن تۇرۇپ تەييارلىقنى باشلايدۇ، چوڭ ئوغلى جىنخۇا دۇڭ سائەت 5 تە ئورنىدىن تۇرۇپ ئانىسىغا ياردەملىشىپ پۇرچاق سۈتى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئوراپ بېرىدۇ. سائەت 7 دە، ۋۇ چۈنشياڭ دەل ۋاقتىدا ئۆيىگە قايتىپ ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت بىلەن بالىسىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىدۇ.
«ئېسىمدە قېلىشىچە، ئاپامنىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك جاپالىق ئىشلەپ، بىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالاتتى.» ئانىسىنىڭ جاپا-مۇشەققىتىنى تىلغا ئالغان ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.
گەرچە ئائىلە شارائىتى جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى بالا ئەزەلدىن ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچمىدى. بۇ يىل ئاكا-ئۇكا ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى ئالىي تېخنىكومىغا قوبۇل قىلىندى. چوڭ ئوغلى كارتون فىلىم لايىھىلەشنى ئۆگەنمەكچى بولدى، كىچىك ئوغلى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنى تاللىدى. ۋۇ چۈنشياڭ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندا ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئوقۇش پۇلى يەنە قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر 40 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى
ئەمما بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككىسىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئوقۇش پۇلى بۇ ئائىلىنىڭ يەنە بىر قېتىم بېشىنى قاتۇردى. جەمئىيەتتىكى مېھرىبان كىشىلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بەس-بەستە ياردەم قولىنى سۇندى.

9-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە مېھرى-شەپقەت يەتكۈزگۈچىلەر ئىككى بالىغا 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلىپ، ئوقۇش پۇلىنى ھەل قىلىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن ۋۇ چۈنشياڭ ۋاقتىنچە خاتىرجەم بولدى. نەچچە كۈندىن بۇيان، چوڭ ئوغلى ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئالايىتەن ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر زاۋۇتقا بېرىپ قوشۇمچە خىزمەت قىلدى.

جىنخۇا دۇڭ (سول) ئىنىسى جىنخۇال ياڭ بىلەن كىتاب كۆرۈۋاتىدۇ
ئوقۇش باشلىناي دەپ قالدى، بالىلار يېڭى مۇھىتقا بارغاندىن كېيىن يەنە نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ، ۋۇ چۈنشياڭ يەنە ئەندىشىگە چۈشۈشكە باشلىدى. كىچىك ئوغلى جىنخۇا لياڭ تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمىغاچقا، مەكتەپ ئەتراپىدىن بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ بىللە تۇرماقچى بولدى، بۇ كۈنلەردە ئۇ يەنە چوڭ ئوغلىغا ئۆزىنىڭ ھالىدىن قانداق خەۋەر ئېلىش، باشقىلار بىلەن قانداق بىللە ئۆتۈشنى قايتا-قايتا تاپىلىدى.
بالىلار: «ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن كەسپىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە قابىلىيىتىگە تايىنىپ خىزمەت تېپىپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتا-ئانامغا جاۋاب قايتۇرىمەن.» دېيىشتى.
بۇ ئائىلىنىڭ قەيسەرلىكى ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى نۇرغۇن تورداشلارنى «ئانا قەيسەر بولسا، بالىلارنىڭ غەيرەت-شىجائىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ!» دېگۈزدى.

بۇ ئائىلىگە بەخت تىلەيمەن، ھەر بىر ئۇلۇغ ئانىغا ھۆرمەت بىلدۈرەيلى!
مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى، ئەنچىڭ كەچلىك گېزىتى، كۈندىلىك ئاكتىپ كۈچ، توققۇز ئېقىمدىكى خەۋەرلەر
تەرجىمىدە: نەپكار
يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم (بۇ يەرنى چېكىڭ)» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى ئۆلمەس كىتاب «باي دادام، نامرات دادام (قايتا تەرجىمىسى، بۇ يەرنى چېكىڭ)» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، «تىلدىكى بۆسۈش (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، «ناتىقلىق سەنئىتى (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ (بۇ يەرنى چېكىڭ)» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسىمى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى (بۇ يەرنى چېكىڭ)» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى (بۇ يەرنى چېكىڭ)» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى (بۇ يەرنى چېكىڭ) كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
نەپدان ئىلىم سۇپىسىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن بۇ يازمىنى كۆرۈڭ (بۇ يەرنى چېكىڭ).