搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئالماس كان ئىشچىسىغا تەۋەمۇ ياكى باي پەرىزاتلارغىمۇ
>
ئالماس كان ئىشچىسىغا تەۋەمۇ ياكى باي پەرىزاتلارغىمۇ
Nepkar
2020-10-21
2
导读:قەغەز ئىشلىتىش تېخىمۇ ئەرزان، شۇنداقلا قەغەزنىڭ مۇھىتقا بولغان بۇزغۇنچىلىقىنىڭ تېخىمۇ ئاز ئىكەنلىكىد
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
كىم ياخشى ئىشلىتەلىسە شۇنىڭغا تەۋە بولۇش
كوس بۇلغىنىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش، توسۇپ قويۇش ۋە بۆسۈپ كىرىش قاتارلىق مۈلۈك ھوقۇقىغا ياكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلولىرىنى كىشىلەرنىڭ كەمچىل بايلىقنى باراۋەر تالىشىپ ئىشلىتىشى دەپ قاراپ، كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى بىراقلا يېڭىلىۋەتتى.
ئوخشاشلا نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان ئىقتىسادشۇناس جورج ستىگلېر كوسنىڭ كۆز قارىشىنى بىر قانچە نۇسخىدىكى «كوس قانۇنىيىتى (Coase Theorem)»گە يىغىنچاقلىغان.
كوس قانۇنىيىتىنىڭ ئەڭ مودا نۇسخىسى: «سودا خىراجىتى نۆل ياكى يېتەرلىك تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، بايلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىگىسىنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بايلىق ئوخشاشلا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئىشلىتىش ئورنىغا ئېقىپ بارىدۇ. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، كىم ياخشى ئىشلىتەلىسە، شۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ.» بىز بىر نەچچە مىسال كۆرۈپ باقايلى.
ئالماس كان ئىشچىسىغا تەۋەمۇ ياكى باي پەرىزاتلارغىمۇ؟
مەن دائىم مۇنداق بىر مەسىلىنى ئويلايمەن، ئالماس ئەڭ بۇرۇن كىمگە تەۋە ئىدى. كىشىلەر ئالماسنى ئەڭ بۇرۇن كان ئىشچىلىرىغا تەۋە دەپ قارىشى مۇمكىن، چۈنكى كان ئىشچىلىرى ئالماسنى كولاپ چىقارغان، لېكىن بىز كان ئىشچىلىرىنىڭ بوينىغا ئالماس زەنجىر ئېسىۋالغانلىقىنى كۆرمىدۇق، ئەمما ئالماسنىڭ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي باي پەرىزاتلارنىڭ بوينىغا، ئۇلارنىڭ بارمىقىغا چىققانلىقىنى بايقىدۇق. مانا بۇ كىم ياخشى ئىشلىتەلىسە شۇنىڭغا تەۋە دېگەننىڭ تىپىك مىسالى.
قىز دوست ۋە كوس قانۇنىيىتى
نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، مېنىڭ بىر ئىقتىسادشۇناس بىلەن بولغان ئالاقەم ئىنتايىن قويۇق ئىدى، بىر قېتىم مەن ئۇنىڭغا: «مەن بىر قىزنى تونۇيمەن، ئىنتايىن مۇنەۋۋەر، بىردىنبىر مەسىلە ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى بار.» دېگەن ئىدىم.
مېنىڭ بۇ ئىقتىسادشۇناس دوستۇم يېرىم سېكۇنتقا قالمايلا باھا بېرىپ: «ھە، ئەسلىدە سىز كوس قانۇنىيىتىگە ئىشەنمەيدىكەنسىز.» دەپ جاۋاب قايتۇردى.
كۆپچىلىك ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ ئۇ، ئەگەر سىز كوس قانۇنىيىتىگە راستىنلا ئىشەنسىڭىز، سودا خىراجىتىنىڭ يېتەرلىك تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلىسىز دېمەكچى، ئۇنداقتا بۇ قىز ھازىر كىم بىلەن دوست بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئادەم بىلەن بىللە بولىدۇ.
كىندېل (Kindle) ئوقۇغۇچىدىكى سانلىق مەلۇماتنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى
بىز دائىم كىندېل ئوقۇغۇچنى ئىشلىتىپ كىتاب ئوقۇيمىز، ئوقۇش جەريانىدا، مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ ئاستىغا سىزىپ خاتىرە قالدۇرساق بولىدۇ. بۇ قالدۇرۇلغان خاتىرە ئورنىدىكى سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرى كىمگە تەۋە؟
بىز كىندېلنى ئۆزۈمنىڭ دېيىشىمىز مۇمكىن، كىتابنى مەن پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان، ئاستى سىزىقنىمۇ ئۆز قولۇم بىلەن سىزغان، سانلىق مەلۇماتلار ماڭا تەۋە بولۇشى كېرەك؛ بىز يەنە بەلكىم، بۇ كىتابقا يېزىلغان خاتىرە، سانلىق مەلۇماتلار ئاپتورغا ياكى نەشرىياتقا تەۋە بولۇشى كېرەك دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن؛
ئەلۋەتتە ئامازونمۇ «سانلىق مەلۇماتلار ئۆزىنىڭ سۇپىسىدا بارلىققا كېلىپ، ئۆزىنىڭ سۇپىسىدا ساقلىنىدۇ، شۇڭا ئۆزىگە تەۋە بولۇشى كېرەك.» دەيدۇ.
لىللا گەپ قىلساق، ھەركىمنىڭ سەۋەبى ئۆزىگە توغرا، ئۇنداقتا ئەمەلىيەتتە سانلىق مەلۇماتلار كىمگە تەۋە بولىدۇ؟
ئامازونغا تەۋە. بىز كىندېل سېتىۋېلىپ، تۇنجى قېتىم ئېچىپ ئىشلەتكەندە، ئۇ بىزدىن ئىشلىتىش كېلىشىمىگە قوشۇلىدىغان-قوشۇلمايدىغانلىقىمىزنى سورايدۇ، بىز قوشۇلۇشنى تاللىغاندا، بۇ ھوقۇقنى ئامازونغا بېرىپ بولغان بولىمىز.
ئۇ كېلىشىمنى بىز كۆردۇقمۇ؟ ئەلۋەتتە كۆرمىدۇق. ئۇ كېلىشىم ناھايىتى ئۇزۇن، نەچچە ئون بەت كېلىدۇ.
بۇ چاغدا ئامازوننى «دۇرۇس ئەمەس، ئوغرىلىقچە مۇشۇنداق مۇھىم شەخسىيەت ھوقۇقىنى ئېلىپ كەتتى.» دېيىشىمىز مۇمكىن، لېكىن مېنىڭچە ئامازوننىڭ بۇ ئۇسۇلى مۇۋاپىق.
بۇنىڭ سەۋەبى يەنىلا كوس قانۇنىيىتىدە: كىم ياخشى ئىشلىتەلىسە شۇنىڭغا تەۋە بولۇشى كېرەك.
بىز قالدۇرغان ئاشۇ خاتىرە، بىزگە نىسبەتەن مەخپىيەتلىك. ئۇنى ساقلاپ قويساق، ئۆزىمىزگە نىسبەتەن كىچىككىنە قىممىتى بولىدۇ. ئەمما ئامازون سۇپىسى بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىپ ئىستاتىستىكا قىلىپ، ئاندىن يەنە ھەر بىر كىتاب سېتىۋالغان ئوقۇرمەنگە ئىنكاس قىلىپ بەرسە، تېخىمۇ چوڭ قىممەت يارىتىدۇ: ئوقۇرمەن بىر كىتاب سېتىۋالسا، پەقەت بەش مىنۇتتىلا ئۇنىڭ ئۈستىدىكى نۇرغۇن ئادەم بەلگە قىلغان مۇھىم نۇقتىنى ئوقۇپ بولالايدۇ.
بۇ چاغدا بۇ كىتابنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن قىممىتى يېپيېڭى، ھېچقانداق بەلگىسى يوق كىتابتىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ.
ئامازون بۇ سانلىق مەلۇماتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتەلەيدۇ، شۇڭا مۇھىم دەپ سىزىپ قالدۇرغان مۇھىم نۇقتا بەلگىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئامازونغا بەرسەك ياخشى بولامدۇ قانداق؟
ئەمەلىيەتتە، ئامازون دەسلەپتە بۇ كېلىشىمنى تۈزمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئۇنداق ياكى مۇنداق ئاماللار ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەردىن بۇ ھوقۇقنى قايتىدىن سېتىۋالىدۇ. ئۇنداق قىلغاندا، پەقەت سودا خىراجىتى يۇقىرى بولىدۇ.
شۇڭا ئۇنداق قىلغاندىن كۆرە، ئىشلىتىش كېلىشىمىگە بىر ئېغىز گەپنى يوشۇرۇپ قويغان ياخشى.
شەخسىيەت ھوقۇقى بىلەن جامائەت بىخەتەرلىكىنى دەڭسەش
چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىشلىتىلىشى دائىم شەخسىيەت ھوقۇقىنىڭ كىمگە تەۋە بولۇشى كېرەكلىكى مەسىلىسىنى پەيدا قىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر «شەخسىيەت ھوقۇقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، شەخسىيەت ھوقۇقىنى ئازراقمۇ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.» دەپ قارايدۇ.
ئەلۋەتتە، بىز بۇ خىل ھېسسىياتنى چۈشىنىمىز.
بىز بۈگۈن كەچتە كىم بىلەن بىرگە شام يورۇقىدا كەچلىك تاماق يەيمىز، كىم بىلەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ساياھەتكە چىقىمىز؟ بۇ سانلىق مەلۇماتلار باشقىلار ئۈچۈن بولسىمۇ، بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ، لېكىن ئۆزىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا مەخپىيەتلىكنى قوغداش ھەقىقەتەن ئىنتايىن مۇھىم.
ئەمما شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بەزى سانلىق مەلۇماتلار ئاۋام ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. مەسىلەن، بەزى جىنايەتچىلىك سانلىق مەلۇماتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، زور بىھۇدە زىياندىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
بۇ چاغدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئازراق ھوقۇقى بولۇشى، شەخسنىڭ شەخسىيەت ھوقۇقىنى ئېلىپ ئىشلىتىشى كېرەكمۇ؟
مېنىڭچە بولۇشى كېرەك.
كوس قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا، شەخسىيەت ھوقۇقى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشتا، ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش لايىھەسى ھەرگىزمۇ بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتمەيدۇ ھەم ھۆكۈمەتنىڭ تەپ تارتماي شەخسىيەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويمايدۇ.
شەخسنىڭ بارلىق مەخپىيەتلىك ھوقۇقىنى مۇتلەق ساقلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئەڭ ئاخىرىدا چوقۇم بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
ئۇنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى يەنىلا كوس قانۇنىيىتى: كىم ياخشى ئىشلىتەلىسە شۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ.
بىر تۈرلۈك قىممىتى بار بايلىق دەسلەپتە ئۇنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى كىمگە تەۋە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ بايلىق ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئەڭ ماھىر، قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرالايدىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. بۇ كوس قانۇنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر مەنىسىدۇر.
تۈزۈم لايىھەسىدە بولسا، بىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇ خىل بايلىقنىڭ يۆتكىلىشى ۋە تەقسىملىنىشىنى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ ئاسان قىلىپ، شۇ ئارقىلىق تۈرلۈك ئىقتىسادىي بايلىقلارنىڭ قايتىدىن تەقسىملىنىش ۋە ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.
سىز ئەتراپىڭىزدىكى مىسالدىن بىرنى كەلتۈرۈپ، كوس قانۇنىيىتىنىڭ نېمە مەنىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە كوس قانۇنىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟
ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي مۇھىتنى قوغداش كېرەكمۇ-يوق؟
بىز كوس قانۇنىيىتىنىڭ قوللىنىلىشىنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلايلى.
ھازىر كۆپچىلىك مۇھىت ئاسراش مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، ھەممىسى مۇھىت ئاسراشنى قوللاۋاتىدۇ، ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر «ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي مۇھىتنى ئاسراش كېرەك.» دەپ قارايدۇ.
مۇھىت ئاسراش مەسىلىسىنى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ بىز كوس قانۇنىيىتىنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئاپتوموبىل بىلەن ئات ھارۋىسىدىن قايسىسى مۇھىتنى تېخىمۇ ئاسرايدۇ؟
بۈگۈنكى كۈندە چوڭ شەھەرلەردە ياشايدىغان كىشىلەر دائىم تۇمان-تۈتەكنىڭ دەردىنى تارتىدۇ، تۇمان-تۈتەكنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر مەنبەسى ئاپتوموبىلدىن چىققان كېرەكسىز گاز.
نۇرغۇن كىشىلەر «ئىلگىرى ئاپتوموبىل بولمىغاچقا، چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن ساپ ئىدى.» دەپ قارايدۇ.
ھەقىقەتەن شۇنداق، ئىلگىرى ئاپتوموبىلدىن چىققان كېرەكسىز گازنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى يوق ئىدى، ئۇ چاغدىكى قاتناش قورالى ئات ھارۋىسى ئىدى.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نيۇيوركتىلا 100-200 مىڭ ئات بولۇپ، ھەر بىر ئات كۈنىگە نەچچە ئون قاداق ئات تېزىكى چىقىراتتى. بۇ ئات تېزەكلىرى يولغا دۆۋىلەپ قويۇلغان بولۇپ، ئاپتاپقا قاقلانسىلا قۇرۇپ، ھارۋا چاقى مىجىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئات تېزىكى ھاۋاغا تارقىلىپ، كىشىلەرنىڭ كۆزى، تېرىسى ۋە كىيىملىرىنى چىرىتەتتى.
ئات بىلەن ھارۋا سۆرەشتە يەنە باشقا بۇلغىنىشلارمۇ بار، مەسىلەن، ئاتنىڭ تۆمۈر تۇيىقى يولدىكى تاشلار بىلەن سوقۇلسا، غايەت زور شاۋقۇن چىقىرىدۇ؛ ئات يەنە كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ئېغىر قاتناش مەسىلىسىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىل كەشىپ قىلىنغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر تەنتەنە قىلىشىپ، ئاخىرى ئات تېزىكىنىڭ بۇلغىشىدىن قۇتۇلۇپ، ئات تېزىكى يوق ھاۋادا ئەركىن نەپەس ئالالايدىغان بولغان ئىدى.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىز ئەمەلىيەتتە ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، پەقەت ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمىز.
«ئۆتمۈشتىكى گۈزەل چاغلاردا، ئۇلار شۇنچە ئۇساللاشتى (The Good Old Days, They Were Terrible, 1974)» ناملىق بىر كىتاب بولۇپ، ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نەقەدەر ناچار ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە يېشى چوڭراق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن، كىچىك ۋاقتىمىزدا ناشتىدا يەيدىغان پىلتە قۇيماق گېزىت بىلەن ئورىلاتتى.
گېزىتتە باسما مېيى بولۇپ، باسما مېيىدا قوغۇشۇن بار، قوغۇشۇن سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق، لېكىن ئۇ چاغدا كىشىلەردە ھازىرقىدەك قاراش يوق ئىدى. بەلكى «پىلتە قۇيماق يېيەلىگىنىنىڭ ئۆزىلا چوڭ ئىش.» ئىدى. شۇڭا بۈگۈنكى زامانىۋىلاشتۇرۇش تېخىمۇ يېشىل، تېخىمۇ مۇھىت ئاسرايدىغان ۋە تېخىمۇ ساغلام تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى.
مانا بۇ كوس قانۇنىيىتىنىڭ ئاساسى مەنىسى: بىز بۇلغىنىش مەسىلىسىگە چوقۇم باراۋەر نەزەر بىلەن قارىشىمىز كېرەك.
چۈنكى بۇ بىر تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپنى بۇلغىشى ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپنىڭ كەمچىل بايلىقنى تالىشىش مەسىلىسى، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز زامانىۋى تۇرمۇش بىلەن مۇھىت بۇلغىنىش ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش.
كوس باھا سېلىشتۇرمىسى-- بۆرە توپى ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشنى پەسەيتىش
بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئېكولوگىيە ئالىملىرى ئامېرىكا سېرىق تاش باغچىسىنىڭ پۈتكۈل ئېكولوگىيە زەنجىرىدە بۆرە كەم ئىكەنلىكىنى، شۇڭا سېرىق تاش باغچىسىغا بۆرە توپى كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان. مەسىلە شۇكى، قانچىلىك بۆرە كىرگۈزسە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىدا ئىدى.
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0